تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2008-11-21

    ئادەملەر ساغلاملىقنىڭ خەلقارالىق ئۆلچىمى - [ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش]

            ساغلاملىق ھەرگىز كېسەلگە گىرىپتار بولماسلىقنىلاكۆرسەتمەيدۇ.ئۇ يەنە پىسىخىكا ۋە ئىجتىمائى ئالاقە جەھەتتىكى ساغلاملىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كىشىلەر ساغلاملىق ئۇقۇمىنى يەنىمۇ تولۇق ۋە توغرا چۈشۈنۈشى ئۈچۈن ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)بىر ئادەمنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشنىڭ ئون چوڭ ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىققان.ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
          1.كۈچ-قۇۋۋىتى تولۇق،كۈندۈلۈك تۇرمۇش ۋە ئېغىر خىزمەتنىڭ ھۆدىسىدىن بىمالال چىقالايدىغان،ھەمدە جىددىلىك،ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش
          2.ھەممە ئىشقا ئۈمۈتۋار ،ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇش،مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈگە ئېلىشنى خالاش،ئىشلارنى چوڭ-كىچىك دەپ تاللىماسلىق.
          3.ئارام ئېلىشقا ماھىر ئۇيقىسى ياخشى بولۇش.
         4.ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك،سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشالايدىغان بولۇش.
         5.ئادەتتىكى زۇكام ۋە تارقۇلىچان زۇكامغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش.
         6.بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق،بەدەن قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش،تىك تۇرغاندا باش،دولا ۋە بىلەكلىرىنىڭئورنى ئۆز ئار ماس كەلگەن بولۇش.
         7.كۆزلىرى نۇرلۇق،ئىنكاسى تېز،كۆز قاپاقلىرى ئاسان ياللۇغلانمايدىغان بولۇش.
         8.چىشى پاكىزىە،قۇرۇت يىمىگەن،ئاغرىمايدىغان،چىشىنىڭ رەڭگى نورمال،چىشى قانىمايدىغان بولۇش.
         9.چسچلىرى پارقىراق،كېپەك بولمىغان بولۇش.
        10.مۇسكۇللىرى تولغان،تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇش.


    收藏到:Del.icio.us




1234