web 2.0

بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»

بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»
ئالىمجان تىلىۋالدى
يېقىندا م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاقيىگىت ئەلىبىكوۋ بۆلىمىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئىنستىتۇت نامىدىن بىر كىتاپقا تەقرىز يېزىش لازىملىغىنى تاپشۇرۇپ، شۇ توغرىلىق قىسقىچە ئۇچۇر يېزىلغان بىر پارچە ۋاراقنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. دەسلەپ مەن بۇنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ چۈشەندىم. ئەمما ئاخبارات ۋارىغىنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا، خەلقىمىزنى يەنە بىر يېڭىلىق كۈتۈپ تۇرغانلىغىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» داستانى توغرىلىق تەقرىز يېزىشى ھەققىدە بولۇۋېتىپتۇ. 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇق ۋەكىلى قەلەندەر 11-ئەسىردىكى پارس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن… ئەمما بۇ نەق تەرجىمە ئەسەرمۇ ياكى يېڭىچە بىر شەرھىمۇ، بۇ توغرىلىق ھازىرچە بىر نېمە ئېيتىش قىيىن، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قول يازمىلارنى كۆچۈرۈشتە ياكى تەرجىمە قىلىشتا ئەركىن ۋە ئىجادىي ياندىشىش ئەنئەنىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھېساپقا ئالساق، ئۇ چاغدا ماڭا ئالاھىدە بىر داستان توغرىلىق تەقرىز يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلكىدە سالمىغى 7 كىلوگرامغا يېقىن بولغان 1042 بەتلىك چوڭ كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم. داۋامىنى ئوقۇش »

بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى(1)

بۇخارا ياكى ماۋەرائۇننەھر تارىخى
ھېرمان ۋامبىرى
نەشرگە تەييارلىغۇچى: باۋۇدۇن نىياز
ئىستىقبال يول كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بىرى
«ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالىمۇ زۇلمەت پەردىسىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ.»
ماجار (ۋېنگرىيە) ئالىمى ھېرمان ۋامبىرىنىڭ ئۆتمۈشى ئۇنتۇلغان مىللەت ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى بۈگۈن پۇقرا ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى تارىخىمىز ھەققىدە ناھايىتى يۈزەكى تەسەۋۋۇرغا ئىگە بىر دەۋردە ئەسلەش ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىشتۇر. ئۆتمۈشتىن خەۋەرسىزلىك تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادنى مەنىۋى جەھەتتىن قاششاق، روھسىز، يۇرتىغا، مىللىتىگە، ئىستىقبالىغا بىپەرۋا قارايدىغان قىلىپ قويغانىدى. ۋەھالەنكى، ئېلىمىز بۈگۈنكى كۈندە، باشقىلارغا بېقىنىدىغان قورقۇنچلۇق روھى مۇھىتتىن قۇتۇلۇشقا ئېرىشتى. ياش – قېرى ھەممىسى بىردەك سىياسەتكە، ئىقتىسادقا، مەدەنىيەتكە زوقمەن كىشىلەرگە ئايلاندى. مىللىي ئۆرپ – ئادەت، بايلىق توغرىسىدا قىزىقىپ ئويلاشقا باشلىدى. بەزىلەر بولسا كېلەچەككە زۇلمەت پەردىسى قاپلىغان تۈن كەبى مەجھۇل بىر بوشلۇققا قامىلىپ تىكىلگىنىچە ھازىرمۇ كارامەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەپسۇسكى ئېنىق ۋە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولماستىن تۇرۇپ ئىستىقبالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. داۋامىنى ئوقۇش »

جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى

جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى

( چۇقان ۋەلىخانوف)

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ زىمىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغان بىر سىر. گەرچە بۇ يەر روسىيە ۋە ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك دۆلەتكە خوشنا بولسىمۇ، ئەمما ھەممە جەھەتتىن ياۋروپا ئىلىم ساھەسىگە نامەلۇمدۇر. ئىلمىي جەمىيىتىمىزنىڭ ئالىمى پ . پ . سېمېنوف(سېمېنوف تىيانشانىسكىي، 1827—-1914-يىللاردا ياشىغان، تۇنجى قېتىم تەڭرى تاغلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان رۇس ئالىمى) ئەپەندى رىتتېر ئەپەندى(كارل رىتتېر، 1779—-1859-يىللاردا ياشىغان،گېرمانىيىلىك جۇغراپىيە ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلغۇچى)  يازغان <<ئاسىيانىڭ تەبىئى جۇغراپىيىسى>> ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىمىز ، ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەتقىق قىلىشىمىزغا يەتمەيدىكەن ، دېگەن خۇلاسىغا كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ جۇغراپىيە كىتابلىرىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتىرىياللارنىڭ بىر-بىرىگە زىت ھەم كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان مەلۇماتلىرىغا قاراپ بۇ رايوننى سىرلىق ھەم قەدىمىي ھېس قىلىمىز. بۇ مەلۇماتلار ئىلىم ساھەسى ئالدىدا يەشمەك قىيىن بولغان  بىر تېپىشماقتەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ئىجتىمائى تۈزۈمى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇ تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر خىل كېسەللىك كىرىزىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەيرانە مەھەللە، تاشلاندۇق ئېرىق-ئۆستەڭ، كونا قۇدۇقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پايانسىز كەتكەن بۇ ۋادىدا سۆكسۆكلەر ئۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ياۋا ئاتلار بىلەن كىيىكلەر توپ-توپ يۈرىشىدۇ، دەريا ساھىللىرىدا ئۈجمە دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان كۆجۈم –كۆجۈم مەھەللىلەر بار. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ھورۇن دېھقانلار پەرۋىشسىز تاشلاپ قويغانلىقتىن ئانچە ئوخشىمىغان شاللىقلار، تولۇق ئېچىلماي تۇرۇپلا پاختىلىرى يىغىۋېلىنغان ئېتىزلىقلار، ئۈزۈم ۋە ھەر خىل مېۋىلەر يېتىشتۈرۈلگەن باغلارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ بوستانلىقلاردىكى كونا شەھەر قەلئەلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىر كۆرۈمسىز ئولتۇراق ئۆيلەر سېلىنغان. مانا بۇ مەھەللىلەردە خۇراپاتلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان بىچارە خەلق نادانلارچە ياشاۋاتىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »

«ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

«ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ: ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ «ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 东岸 ﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻓﻮﻧﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، «ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ»ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
«ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ» ﺳﯚﺯﻯ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە «ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ» ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭ «ﺧﯘﻳﺰﯗ»(ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼىﻳﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ «ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ»ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ، «ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. داۋامىنى ئوقۇش »

8-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ-جۇغراپىيسىگە ئائىت قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە قوليازمىلار

8-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ-جۇغراپىيسىگە ئائىت قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە قوليازمىلار

                             گېزا ئۇراي (ۋىنگىرىيە)
گىزا ئۇراي ۋىنگىرىيىلىك مەشھۇر تىبەتشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتچىسى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى «تىبەت ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان كېيىنكى گەنسۇ ۋە خۇتەن ئوردىلىرىدا تىبەت تىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى» دىگەن ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ب د ت پەن- مائارىپ مەدەنىيەت ئوگىنىنىڭ ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش كومتىتىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ ماقالە ھارماتتا تۈزگەن «ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدى. داۋامىنى ئوقۇش »

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئەسىرلىك نوپۇس ئۆزگىرىشى

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئەسىرلىك نوپۇس ئۆزگىرىشى

لى چى 李琪))

تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىختىكى نوپۇس ئۆزگىرىشى خاتىرىلىرىنىڭ بىر ئەسىر دائىرىسىدىلا چەكلىنىشى ئالاھىدە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخى باسقۇچلاردا نوپۇس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش ۋە كېمىيىش ھالىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ) تارىخى تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي شارائىتى، سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىقتىسادىي ئاساسىي ۋە ئەتراپتىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان.     داۋامىنى ئوقۇش »

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا دائىر كىتابلار تىزىملىكى

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا دائىر كىتابلار تىزىملىكى

ئابدۇمىجىت ئابدۇللا

ئۇيغۇرچە كىتابلار:

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى- گاۋىن ھامبلى (ئامىرىكا)

ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى- ۋاڭ جىلەي داۋامىنى ئوقۇش »

سوۋېت مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىل مەسىلىسى

سوۋېت مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىل مەسىلىسى

دېڭ خاۋ

تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، تىل مەسىلىسى-مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش-مىللىي مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك تەجرىبىلەر توپلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېلى كۆپ سەۋەنلىكلەرمۇ سادىر بولغان ئىدى. مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل خۇلاسە چىقىرىش-پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللەتلەر تىل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە رېئال ئەھىيەتكە ئىگە. داۋامىنى ئوقۇش »

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى

ۋاڭ شاڭدا   ۋاڭ ۋېن

ئۆتمۈشكە نەزەر : چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تىل سىياسىتى
16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى مىللەتلەر ئاساسى جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان ۋاقىت ئىدى، شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان تىللارمۇ شۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۆلۈنۈشكە ۋە پەرقلىنىشكە باشلىغانىدى. 16-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى چوڭ مىللەتلەرنى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلگىلى بولىدۇ. بىرى تەلەپپۇز ۋە سۆزلۈكلەردە تۈرك تىلى بىلەن ئوخشىشىدىغان تۈركى تىللار. مەسىلەن قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، قارا قالپاق. يەنە بىرخىلى ئىران پارس تىلى بىلەن ئوخشىشىدىغان تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن، ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرىمۇ بار. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياۋروپا تىللىرىنىڭ (سىلاۋيان تىلى، لاتىن تىلى قاتارلىقلار) تەسىرى يوق دىيەرلىك. داۋامىنى ئوقۇش »

ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش رىقابىتى

ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش رىقابىتى

ئوتتۇرا ئاسىيا دىگەندە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىپايان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ رايۇن ئافغانىستاننى ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىرىستان، تاجىكىستان، ئىبارەت سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بەش ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر ئازەربەيجان، ئىران ۋە جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايۇنىنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدە ھىسابلايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ يىغىنچاق ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ غەربى ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بىللە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم بەش بۆلەكنى ھاسىل قىلغان. داۋامىنى ئوقۇش »

كىيىنكى بەت