web 2.0

بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»

بىر ئەسىر كۆمۈكتە ياتقان «شاھنامە»
ئالىمجان تىلىۋالدى
يېقىندا م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاقيىگىت ئەلىبىكوۋ بۆلىمىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئىنستىتۇت نامىدىن بىر كىتاپقا تەقرىز يېزىش لازىملىغىنى تاپشۇرۇپ، شۇ توغرىلىق قىسقىچە ئۇچۇر يېزىلغان بىر پارچە ۋاراقنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. دەسلەپ مەن بۇنى ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ چۈشەندىم. ئەمما ئاخبارات ۋارىغىنى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا، خەلقىمىزنى يەنە بىر يېڭىلىق كۈتۈپ تۇرغانلىغىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق نامايەندىلىرىنىڭ بىرى قەلەندەرنىڭ «شاھنامە» داستانى توغرىلىق تەقرىز يېزىشى ھەققىدە بولۇۋېتىپتۇ. 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇق ۋەكىلى قەلەندەر 11-ئەسىردىكى پارس-تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن… ئەمما بۇ نەق تەرجىمە ئەسەرمۇ ياكى يېڭىچە بىر شەرھىمۇ، بۇ توغرىلىق ھازىرچە بىر نېمە ئېيتىش قىيىن، ئۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا قول يازمىلارنى كۆچۈرۈشتە ياكى تەرجىمە قىلىشتا ئەركىن ۋە ئىجادىي ياندىشىش ئەنئەنىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھېساپقا ئالساق، ئۇ چاغدا ماڭا ئالاھىدە بىر داستان توغرىلىق تەقرىز يېزىش ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. قىسقىسى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ئىلكىدە سالمىغى 7 كىلوگرامغا يېقىن بولغان 1042 بەتلىك چوڭ كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم.

ئۇمۇمەن، ئۇيغۇر شائىرىنىڭ بۇ داستانىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا خېلى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. مەزكۈر ئەسەرنى 1921- يىلى بايئوغلى ئىسىملىق كىشى قازاقستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي كىتاپخانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. دېمەك، بۇ مەشھۇر ئەسەر كىتاپخانىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكەن يۈز يىلنى ھېساپقا ئالغاندا، ئۈچ ئەسىر داۋامىدا كۆمۈكتە ياتتى دېگەن سۆز. ئېچىنارلىق يېرى، مەزكۈر داستان بىزنىڭ ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دىققەت-نەزىرىدىن سىرت قالغان. ئەگەر بىز داستاننىڭ مىللىي كىتاپخانىغا تاپشۇرۇلغان ۋاقتىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇ چاغدا 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋاقىئەلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ خەلقىمىزنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ۋە مىللىي تەئەللۇقلۇغىنى ئېنىقلاپ، يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم تاشلىغان پەيتى ئېدى. نەق موشۇ دەۋىردە قەلەندەرنىڭ «شاھنامىسى» تېپىلغان ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللىي دۇردانىلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تېپىلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى تۇۋا تەۋەسىدە تېپىلغان پورباجىن. ئۇ خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاشۇردى. ئۆز ۋاقتىدا مەن تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىررىتورىيەسىدە قەدىمىي ئۇيغۇر خاقانلىغىغا ئائىت يەنە بەش شەھەرنىڭ توپا ئاستىدا ياتقانلىغىنى روسىيە دۆلىتىنىڭ شۇ چاغدىكى پەۋقۇلادە ۋەزىيەتلەر مىنىسترى سىرگەي شويگۇنىڭ لەۋزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. دىمەك، كېلەچەكتە خەلقىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇ كۆتىرىلىدىغانلىقىغا ئۈمۈت ئارتىمىز. ئەڭ مۇھىمى، بۈيۈك تارىخىمىزغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلىرىمىزنىڭ، يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئاممىۋىي ئۈگىنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئىنتىلساقلا بولغىنى.

ئەندى «شاھنامىنىڭ» ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئۇنى قازاق خەلقىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرنەكلىك شەرىقشۇناس ئالىم، ھەلى مەرھۇم مۇھەمەدرەھىم يارمۇھەمەدوۋ ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغان ئىكەن. ئامما نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئالىمنىڭ ماقالىلىرى نەشىر قىلىنمىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ ئەسەر تاجىك ئالىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بىردىن جەلىپ قىلغان. نەتىجىدە قازاقستان مىللىي كىتاپخانىسىنىڭ باش مۇدىرى گۇلىسا بالابەكوۋا قەلەندەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى «شاھنامىسى»نى تەۋەررۈك ئەسەرلەر قاتارىدا يۇنىسكو(ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى )نىڭ «دۇنىيا خاتىرىسى»تىزىمىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. مانا شۇ قارارنى مەن م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى نامىدىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ، پىكىر يوللىدىم. بۇنى ئالاھىدە قەيت قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى كۆمۈكتە ياتقان نادىر ئەسەرنىڭ ئاممىۋىيلىشىشى ئۈچۈن مىسقالدەك بولسىمۇ ئۈلۈش قوشقانلىغىمنى ۋە ۋۇجۇدۇمدا پارتىلىغان مىللىي ھىسسىياتىمنى يوشۇرالمىدىم.

خۇللەس، قەلەندەر دېگەن كىم؟ ئۇ ھەققىدە بىز نىمە بىلىمىز؟

يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان قول يازمىدىن قەلەندەرنىڭ شاخ ھىجران نىزامىددىن غوجا ئوغلى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇ مەزكۈر «شاھنامىنى» دانىيال غوجىنىڭ ئوغلى ياقۇپ غوجا جاھاننىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن يازغانلىغىنى بىلىمىز. نەق موشۇنداق مەلۇمات 18-ئەسىر ئۇيغۇر نامايەندىسى مۇھەممەت سادىق قەشقەرىينىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ئەسىرىدىمۇ بار.

ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتنىئاتاقلىق شائىرىمىز تىيىپجان ئىلىيوۋ ئېلان قىلغان ئىكەن. ئەندى ئۇنى كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىغا دەسلەپكى قېتىم تونۇشتۇرغان بولسا ئاتاقلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، مەرھۇم ساۋۇت موللاۋۇدوۋدۇر. ئەمما، ئالىمنىڭ «18- ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» كىتاۋىنى قولغا ئالغاندا، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزدۈم. شائىرنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە تامامەن ئاخبارات يوق. ئەمما س.موللاۋۇدوۋ قەلەندەر شېئىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغانلىغىنى تەخمىن قىلغان. ئەندى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، ئالىم غەيرەتجان ئوسمان قەلەندەرنىڭ شېئىرلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، شائىرنىڭ يۇرتى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى قۇندۇز دېگەن يەر دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەمما كېيىنرەك ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ، شائىرنىڭ يۇرتى ئاۋغانستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز شەھىرى دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن دەرھال 2005-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان بەش توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»نى قولغا ئېلىپ، قەلەندەر توغرىلىق مەلۇماتلارنى ئىزدىدىم. بىراق، نېمىشقىدۇ، ئۇلۇق ئەدىپنىڭ ئىجادىيىتى مەزكۈر چوڭ توپلامدىنمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز 1908-يىلى تاشكەنت شەھىرىدە بېسىلغان «شاھنامەئى تۈركىي» توغرىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى ئۇچۇرلاردىن، يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلارنى ئالدۇق. بۇ خەۋەرلەرنى ھېساپقا ئالغاندا، بىز شائىر قەلەندەرنىڭ ئاتىسى شاھ-ھىجراننىڭ تولۇق ئىسمى شاھ مۇھەممەد ئىمىناخۇن ئىبن غوجا نىزامىددىن ئىكەنلىگىگە كۆز يەتكۈزىمىز. دېمەك، ش ئۇ ئا ر ئالىملىرى ئىمىنجان ئەھمىدى ئۇتۇق بىلەن غەيرەتجان ئوسماننىڭ تەكىتلىشىچە، «شاھنامەئى تۈركىينىڭ» نۇرغۇنلىغان تەرجىمىلىرى مەۋجۇت. «شاھنامە»نىڭ تاشكەنتتىكى نۇسخىسىنى ئېيتمىغاننىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ ئالمۇتىدىكى نۇسخىسى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى كىتاۋىنىڭ نەق يېرىمى، يەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چوڭ بىر تومى. ش ئۇ ا ر ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانساق، ئىككىنچى تومىنى شاھ-ھىجراننىڭ دوستى خامۇخۇن ئىسىملىق شائىر يەكەندە 16 يىل ماباينىدا يېزىپ تۈگەتكەن. مەزكۈر كىتاپنىڭ قول يازمىسىنى يەكەنلىك ھەمىتاخۇن دېگەن كىشى ش ئۇ ا ر نىڭ مىراسگاھىغا ھەدىيە قىلغان. دېمەك، 18-ئەسىردە پۈتۈلگەن «شاھنامە تۈركىي» ئىككى نەپەر ئۇلۇق ۋە تالانتلىق ئەدىپلەرنىڭ ئۇزاق يىللىق مىھنىتىنىڭ مېۋىسى. تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، قەلەندەر يەكەندە ياشىغان شۇ بۈيۈك زات شاھ ھىجراننىڭ ئوغلى. دېمەك، ئاتا-بالا ئىككىسى تەڭدىشى يوق مىللىي غەزنىنى خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلغان ئىكەن. بۇنىڭغا قاراپ، قەلەندەرمۇ يەكەنلىك بولۇشى ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس دەپ ئويلىدۇق. ئەمما بىز ھازىرچە ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇماتلارنى تاپالمىدۇق. ئەندى قەلەندەر ئاتالغۇسىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، 18- ئەسىردە نەقىشبەندى سوپى-دەرۋىشلەر ئوردەنىنىڭ (جامائىتىنىڭ) چېچىلىپ كېتىشىگە باغلىق، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاپپاق غوجا رەھبەرلىگىدىكى «ئىشقىيە» ۋە دانىيال غوجا باشچىلىغىدىكى «ئىسھاقىيە» ئوخشاش ئىككى چوڭ گورۇھ پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئىدىيەۋىي جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن كۈرەشكەن. كېيىنرەك، ئۇ تارىختا ئاق تاغلىقلار ۋە قارا تاغلىقلار دەپ نام ئالغان. قەلەندەرگە كېلىدىغان بولساق، ئۇ دانىيال غوجىلار ئەۋلادى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئىسھاقىيە» جامائىتىگە ئەگەشكەن. مەزكۈر جامائەتنىڭمۇ بىر قانچە دەرۋىشلەر ئوردەنىدىن تەركىپ تاپقانلىغى مەلۇم. ئەينە شۇنداق سوپىلار جامائىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئۆزى تەشكىل قىلغان قەلەندەر ئوردەنى بولۇشى ئېھتىمال ھەم بۇ ھەقىقەتتىن يىراق ئەمەس. ئۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ، بۈگۈنكى كۈندە پارس-تاجىك ۋە ئۆزبەك ئەدەبىياتىدا قەلەندەر ئىسىملىق ئەدىپلەر مەۋجۇت. بۇ ئوردەندىكى دەرۋىشلەر رېئال ھايات ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇغى بىلەن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كېچە-كۈندۈز ئىجات قىلىش، قول يازمىلارنى كۆچىرىش ھەم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بەنت بولغان. ئۇلار بايلىق توپلىمىغان. مەنىۋىي بايلىق – زور بەخىت دەپ چۈشەنگەن. بىزنىڭ ئويىمىزچە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ «ئىسھاقىيە» گورۇھىغا توپلىنىشى ئۇتتۇر دانىيال غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ياقۇب غوجا شاھ جاھان ۋە فۇتۇھىيلارنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ھەم چوڭقۇر بىلىم-پاراسەت ئىگىلىرىدىن بولۇپ، زور ئىجتىمائىي-سىياسىي سالماققا ئېرىشكەنلىگىدىن بولسا كېرەك.

يەنە بىر ھەيران بولارلىق يىرى، دانىيال غوجا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى شاھ جاھان (ئەرشىي) دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رىۋاجلانغان. بۇ دەۋىردە زەلىلىي، نوبىتىي، خاراباتى، خامۇشاخۇن، شاھ ھىجران، مەشھۇرىي، شائىراخۇن، مۇھەممەت سىدىق قەشقەرىي، گۇمنام ئوخشاش نامايەندىلەر ئىجات قىلىپ، زور شۆھرەت قازانغان. ئەمما ئاپپاق غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇرھانىدىن غوجا «ئىسھاقىيە» دەرۋىشلەر جامائىتىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بولغان مەشھۇر شائىرلار ئەرشىي، ئۇنىڭ ئوغلى فۇتۇھىينى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇ تۈپەيلى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك بىر گۈللىنىش دەۋرىگە چوڭ دەخىل يەتكۈزۈلگەن.ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا قەلەندەر، ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ ھىجران بىلەن دوستى خامۇشاخۇننىڭ تەغدىرى توغرىلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىشى تەبىئىي! بەلكىم، ئۇلارمۇ ئاپپاق غوجا ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پاجىئەلىك ۋاقىئەلەرنىڭ زەرداۋىغا ئۇچرىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ھەر ھالدا، غوجىلار دەۋرى تەپرىقىچىلىككە ۋە جاھالەتكە تولغاندەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ دەۋىردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە بىر ئۇلۇغ باسقۇچقا قەدەم قويغانلىغىنى ئۇنتىماي، بۈيۈك ئەدەبىياتىمىز بىلەن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.

بۇ ئەسەردىن باشقا قەلەندەرنىڭ قەلىمىگە 150كە يېقىن غەزەل، 20دىن ئوشۇق مۇخەممەس مەنسۈپ. قەلەندەرنىڭ دۇنىيا مىقىياسىدىكى ئەللامە ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىنى قولغا ئېلىشى، ئۇنى، سۆزسىز، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇق شائىرلىرىنىڭ قاتارىغا قويىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، ۋاقىت ئۆتۈپ، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئېگىلەيدۇ.

ئاپتور: م.ئاۋىزوۋ نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەنمۇ ئىنكاس يوللايمەن