جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى
( چۇقان ۋەلىخانوف)
ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ زىمىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغان بىر سىر. گەرچە بۇ يەر روسىيە ۋە ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك دۆلەتكە خوشنا بولسىمۇ، ئەمما ھەممە جەھەتتىن ياۋروپا ئىلىم ساھەسىگە نامەلۇمدۇر. ئىلمىي جەمىيىتىمىزنىڭ ئالىمى پ . پ . سېمېنوف(سېمېنوف تىيانشانىسكىي، 1827—-1914-يىللاردا ياشىغان، تۇنجى قېتىم تەڭرى تاغلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان رۇس ئالىمى) ئەپەندى رىتتېر ئەپەندى(كارل رىتتېر، 1779—-1859-يىللاردا ياشىغان،گېرمانىيىلىك جۇغراپىيە ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلغۇچى) يازغان <<ئاسىيانىڭ تەبىئى جۇغراپىيىسى>> ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىمىز ، ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەتقىق قىلىشىمىزغا يەتمەيدىكەن ، دېگەن خۇلاسىغا كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ جۇغراپىيە كىتابلىرىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتىرىياللارنىڭ بىر-بىرىگە زىت ھەم كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان مەلۇماتلىرىغا قاراپ بۇ رايوننى سىرلىق ھەم قەدىمىي ھېس قىلىمىز. بۇ مەلۇماتلار ئىلىم ساھەسى ئالدىدا يەشمەك قىيىن بولغان بىر تېپىشماقتەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ئىجتىمائى تۈزۈمى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇ تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر خىل كېسەللىك كىرىزىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەيرانە مەھەللە، تاشلاندۇق ئېرىق-ئۆستەڭ، كونا قۇدۇقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پايانسىز كەتكەن بۇ ۋادىدا سۆكسۆكلەر ئۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ياۋا ئاتلار بىلەن كىيىكلەر توپ-توپ يۈرىشىدۇ، دەريا ساھىللىرىدا ئۈجمە دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان كۆجۈم –كۆجۈم مەھەللىلەر بار. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ھورۇن دېھقانلار پەرۋىشسىز تاشلاپ قويغانلىقتىن ئانچە ئوخشىمىغان شاللىقلار، تولۇق ئېچىلماي تۇرۇپلا پاختىلىرى يىغىۋېلىنغان ئېتىزلىقلار، ئۈزۈم ۋە ھەر خىل مېۋىلەر يېتىشتۈرۈلگەن باغلارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ بوستانلىقلاردىكى كونا شەھەر قەلئەلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىر كۆرۈمسىز ئولتۇراق ئۆيلەر سېلىنغان. مانا بۇ مەھەللىلەردە خۇراپاتلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان بىچارە خەلق نادانلارچە ياشاۋاتىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىنقى ئىنكاسلار