8-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ-جۇغراپىيسىگە ئائىت قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە قوليازمىلار
گېزا ئۇراي (ۋىنگىرىيە)
گىزا ئۇراي ۋىنگىرىيىلىك مەشھۇر تىبەتشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتچىسى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى «تىبەت ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان كېيىنكى گەنسۇ ۋە خۇتەن ئوردىلىرىدا تىبەت تىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى» دىگەن ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ب د ت پەن- مائارىپ مەدەنىيەت ئوگىنىنىڭ ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش كومتىتىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ ماقالە ھارماتتا تۈزگەن «ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدى.
تىبەت ئېگىزلىكى جۇڭگۇ، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن جۇغراپىيىلىك مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن دۇنيا بىلەن ئايرىۋېتىلگەن، تاكى مىلادىيە 7- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاۋالقىدەكلەر قەبىلە تۈزۈمى ۋە كىچىكرەك قەبىلە ئىتتىپاقى تۈزۈمى ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ ئەمدىلىكتە ئاستا- ئاستا بىرلىشىپ بۈيۈك ئېمپىرىيىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. مىلادى 6- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 670- يىللارغىچە تىبەت ئىگىزلىكىدە مۇھىم سىياسىي ۋەقە مەيدانغا كەلدى. 670- يىلى تىبەت مەركىزىنىڭ سەل شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى يارلۇن (yar-lun)يىلىدىكى بەگ تۆرىلەر تەدرىجى ھالدا يارلۇڭزاڭبۇ (Gsan-90، بىرھمانپوترا دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىمى) ۋادىللىرىدىكى تىبەت قەبىللىرىنى بويسۇندۇردى، كېيىنچە يەنە تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى تىبەتلەردىن بولمىغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقنى بويسۇندۇردى، مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىرىم ئەسىردە تىبەت ئېمپىرىيىسى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلاندى ھەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا مۆلچەرلىگىلى بولمىغان مۇھىم رول ئوينىدى، ئېمپىرىيىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرجىدە كۆپلىگەن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆكۈمەت ئارخىپى، تارىخى ھۆججەتلەر ۋەردىنى ئەسىر قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللار مۇخىلى كۆپ.
(2)بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى قەدىمكى تىبەت ماتىرىياللىرىنى تۈنجى بولۇپ بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك رەتلەش ۋە تەپسىلى ئىزاھلاپ خاتىرە قالدۇرۇش خىزمىتىنى يېرىم ئەسىر ئېلگىرى تۇماس (Thomas. W.F.) ئىشلىگەن.
ئەڭ باشقا ئۇ «جۇڭگۇ شىنجاڭ قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر» (Tidetam Documents concernin9 chinese) دىگەن نامىدا بىر تۈركۈم ماقالىلارنى ئېلان قىلدى («ئاسىيا ژورنىلى» 1927،1928، 1930،1931،1933،1934- يىللىرى)، كېيىن يەنە بۇلارنى كېڭەيتىپ تۆت توملۇق قىلىپ «جۇڭگۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ۋەسىقە ۋە ھۆججەتلەر» دېگەن نامدا ئېلان قىلدى.
Tidetam Litarary texts and Docments concerning chinese Turkestan, london, 1935, 1951, 1955, 1963)
بۇ ئىككى ئەسەردە تۇماس تۇنجى بوۇپ مازارتاغ (Mazar- tagh) خارالىق (khadalik)، مىرەن (Miran)، ۋەدۇنخۇاڭ مىڭئۆيدىن تېپىلغان كۆپ قىسىم قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ ئىزاھلاپ چىقتى ھەن مورفولوگىيە نوقتىسىدىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتى، بۇلاردن باشقا بۇددا نوملىرى ۋە 14- ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە بولغان تىبەت يېزىقىدىكى تارىخ ئەسەرلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك نورغۇن ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلدى ۋە ئىزاھلاپ چىقتى.
تۇماسنىڭ ئەسىرى بىر پارچە بۈيۈك ماتېرىياللار توپلىمى ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ ئەسەرنى تىبەت تىلشۇناسلىقى ۋە تىبەت تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى بىر قېتىملىق زور ئىسلاھات دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ گەرچە ھەرقانداق «يول ئاچقۇچىلار» ساقىلىنالمايدىغان ئاشۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۇسۇل نەزىرسىدىمۇ ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى توغرا ئوقوپ يەشكەن. ئۇ تارىخشۇناسلىق ۋە جۇغراپىيشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئوتتۇرغا قويغان بىر بۆلۈك قاراشلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئەسىرى يەنىلا تىبەتشۇناس ئالىملار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قورال كىتاب بولالايدۇ.
بىراق، يېڭىۋاشتىن پىلان بويىچە ئوتتۇرا ماتېرىياللىرىنى توپلىغان، بىز پەقەت قىسمەن ھالدا تۇماسنىڭ قەدىمىكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللاردىن ئالغان نەقلى ۋە شەرھىلەرگە تايىنىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
(1) تۇماس ئېلان قىلغان ماتېرىياللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا يېڭىدىن تۆزۈلگەن ماتېرىياللار توپلىمىدىن چېقىرىۋېتىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ چېتىشلىق بولغان ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك دائىرسى ناھايىتى چوڭ ئىدى.
(2) ئوخشاش ۋاقىتتا بىز يېڭىدىن تۈزگەن ماتېرىياللار توپلمىغا نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلارنى قوشىشىمىز زۆرۈر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللار بىلەن تۇماس ئەزەلدىن ئۇچىشىپ باقمىغان، بەزى ماتېرىياللارنى تۇماس دەۋرىدە كىشىلەر پەقەتلار بىلمىگەن
(2) پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا بارلىق ماتېرىياللارنى چۇقۇم تەنىقدى يوسۇندا بايان قىلىشىمىز لازىم. بۇنى بۈگۈنكى كۈندە قىلغىلى بولسىمۇ بىراق تۇماس دەۋرىدە قىلغىلى بولمايتتى.
يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمى بىلەن تۇماسنىڭ ئەسىرىنى سىلىشتۇرغاندا ھەرقايسى جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى نامايەن بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا بارلىق قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ۋە ماتېرىياللار بارچىسىگە قاراپ چىقىش كەينىدىنلا بۇ ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىش، ئوقۇپ يېشىش، تەتقىقلەش قاتارلىق مەسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ ماقالىنىڭ بىر سانى چەكلىك بولغاچقا يۇقارقى خىزمەتلەرنى قىلىغىلى بولمايدۇ. پەقەت مىلادى 7- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى سۆزلەش، يېزىش بىلەنلا چەكلىنىمىز. شۇنداقتىمۇ يەنە يۈزەكى ھالدا مۇھىم تارىخى ماتېرىياللارنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقىمىز، قالغانلىرىنى مۇنداقلا سىزىپ كېتىمىز خالاس. ئەلۋەتتە، بەزى چاغلاردا مەلۇم مەسىللەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىچىك ھالقىلارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
(3)ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن مىلادى 7- ئەسردىن 9- ئەسىرگىچە بولغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ۋەسقىلەردە مەمۇرى ۋە شەخسى ھۆججەتلەر ئەڭ ئىشەنچىلىك چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى چاغدىكى ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى دوكلات قىلغان.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل خاراكتىرگە ئېگە ھۆججەتلەر يېڭىدىن تۈزۈش پىلانلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمىغا ئاساسەن كىرگۈزۈلمىدى ئۇلار تىبەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمى، تارىم ئويمانلىقى ۋە دۇنخۇاڭدىن بايقالغان قانۇن ھۆججەتلەر خان جەمەت يارلىقلىرى تاشقا ئويۇلغان بېغىشلىملار قاتارلىقلارنى يەنە تارىم ئويمانلىقى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ھەرخىل ۋەسقىلەر قەزىر ھۆججەتلىرى، سالام خەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەمەلدارلا تۈزگەن ئۇمۇمىي تارىخ باشقارمىسى بۇ قارىقىغا تەۋە ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى تەۋە بولۇپ تېخىمۇ بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ۋەقەلەر بىلەن قىلچىمۇ چېتىشلىقى يوق.
بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا بىر قانچە ھۆججەتنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمىز. ئۇزۇن تىبەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى يەنىلا يەرلىكلەر ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلگەچكە قەدىمكى بىر قىسىم ئۆرپ ئادەت ۋە تۈزۈملەرنى ساقلاپ قالغان، بىز ھازىز تاغدىن تېپىلغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردىن بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى ئۇرۇن دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئالاقىدار قىممەتلىك ماتىرىياللارنى تاپالايمىز. ھازىر تاغ، خادالىق ۋە مىرەن قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان باشقا بىر قىسىم ھۆججەتلەر قەدىمكى خوتەن رايونى ۋە كىرورەن رايونىنىڭ تارىخ جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىياللاردۇر، ۋەسقىلەردە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىران تىلىدىكى يەر ناملىرى ساقلىنىپ قالغان. خىرى سرون
- لىېدئو بىرسان (khri sronlde- brcan- 755- 779- يىللار (؟) دا تەخىتتە ئولتۇرغان) زەنپونىڭ بىر پارچە خېتىدىن ھېندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ گەرچە بۇ خەلقنىڭ يېزىلغان ۋاقتى تالاش ئۇرۇشىدىن 20، 30 يىل كېيىن يېزىلغان بولسىمۇ، 751- يىلىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ياردىمى زور، (يۇقارقى ماتېرىيال ئۈچۈن: «جۇڭگۇ شىنجاڭ توغرىسىدىكى قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ۋەسقىلەر» دېگەن ئەسىرگە قاراڭ.
(4)قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ئوردا تۈزگەن ئومۇمىي تارىختا بىر گۇرۇپتا ئالاھىدە ۋەسقىلەر ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تارىخ جۇغراپىيە ھۆججەتلىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا تىبەت ئېمپىرىيىسى ۋە ئېمپىريىسى ۋە ئېمپېرىيىدىكى بىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ كۈندىلىك سىياسىي پائالىيتى يىلمۇ- يىل خاتىرىلەنگە. بۇ نەرسىلەرنى خاتىرلەش سىياسىي ياكى ئىدىلوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماستىن بەلكى ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى مەمۇرىي ئورگانلار ئۈچۈن ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن بوۇپ تارىخ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇچۇن بىر تارىخى باسقۇچنى تەتقىق قىلىشتىكى ھەقىقى ئىشەنچىلىك ماتېرىيالدۇر.
دۇنخۇاڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان ئىككى پارچە سالنامىنىڭ كەمتۈك قىسمى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە تىبەتلەر ھۆكۈنرانلىق قىلغان دەۋردە يېزىلغان «A-za khaganate سالنامىسى»
(84. stein collection. Val. 69, fol) بوزلۇشى ناھايىتى ئېغىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدا ھېچقانداق ماتېرىيال خاتىرلەنمىگەن، شۇڭلاشقا يېڭىدىن تۈزمەكچى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرىدا بۇنىڭغا ئورۇن قالدۇرلمىدى.
بىر قەدەر مۇھىم بولغىنى تىبەتلەرنىڭ «خان جەمەت سالنامىسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا خاتىرلەنگەن مەزمۇنلار 7- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن ئېلگىرىكى، ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى تىبەت ھاكىمىيىتىنىڭ قورۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مىلادى 649- 650- يىلدىن ئېلگىرىكى تىبەت تارىخى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يېتىپ كەلگەن ئاغزاكى ماتېرىياللار ئاساسىدا ئادىيلا يېزىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئەك كېيىنكى تارىخى يەنىلا ئەسلىمە ئارقىلىق يېزىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن khri Manlson Man- rcan زەنپو (650- 651- يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن خەت چەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ خىل يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللار ھەريىل ئارتىلىپ بارغان.
ھازىر ساقلىنىپ قالغان «خان جەمەتى سالنامىسى» نىڭ كەمتۈك قىسملىرى ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم تاللاش ئارقىلىق كېيىنچە قىسقارتىلغان نوسغا قىلىپ تۈزۈلگەن يەنى ئەمىلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاللاپ تۈزۈپ چىققان. بىراق مىنىڭ تەكشۈرۈشىمچە بۇخىل مايىلىققا ئىگە تېلغا نوسغا تۈزۈتىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭدا مىلادى 629- يىلىدىن 747- 748- يىللارغىچە، 755- 756- يىلىدىن 763- 764- يىلىغىچە بولغان خەتچەكلەر دوكلاتى ساقلىنىپ قالغان. تۆت يىللىق (743- 744- يىلىدىن 747- 748- يىلىغىچە بولغان) خاتىرىلەر ئىككىنچى قېسقارتىلما نوسخىسىدا كۆرۈلىدۇ. (قىسقارتىلغان 1- نوسخا: پېللئوت. تىبەتچە 1288- نومۇرلۇق ھۆججەت، سىستەيىن 79- viii, ch 7- نومۇرلۇق ھۆججەت، قىسقارتىلغان 2- نوسخا: بۈيۈك بىرتانىسيە موزىيىدا ساقلانغان [187] 8212. or نومۇرلۇق ھۆججەت)، يوقىرىدا بايان قىلىنغان «خان جەمەتى سالنامىسى» نىڭ قىسقارتىلغان نوسخىسىدىن مىلادى 675- يىلىدىن 760- يىلىغىچە بولغان تىبەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى ئالاقە ۋە ئۇرۇش ئىشىلىرى بىلەن ئالاقىلدار بىر قانچە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ چىقىلايمىز.
7- ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كېيىنكى ماتېرىياللاردىن Dru-gu-yui (تۈرك خانلىقى) ۋە تونبانجۇقاغان (Ton ya-bgo kha- gan) ئىسىملىك بىر تۈرك (Dru- gu) ھۆكۈمدارىغا ئائىت خاتىرىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز مەسىلەن، 675- يىلى يازنىڭ ئاخىرى «ۋەزىر ( بۈيۈك مىگار)…(bcan- asn (idam-bu تۈرك (Dru-gu-yui) لەرنىڭ ltan yo غا باردى» ؛ 676- 677- يىلى قىشتا «ۋەزىر bcan- sha (تارماق قوشۇننى باشلاپ) تۈرك (Dru-gu-yui) لەرگە ئاتلاندى» ؛ 686- يىلى يازدا «بىر قوشۇنغا ۋەزىر khri-brin (bcan- brod) قوماقدانلىق قىلىپ Dru-gu-yui (تۈركلەر) گە ئاتلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن (ئۇ) (تىبەتلەرنىڭ) سىرتنى قوغداشقا قولدۇدى»؛ 687- يىلى يازادا «(بىر قوشۇن) ۋەزىر khri- brin قوماندانلىغىدا Dru-gu-yui غا يۈرۈش قىلدى»؛ 689- يىلى يازاغا قەدەر. «ۋەزىر khri- brin Dru-gu-yu (تۈركلەر) دىن نوسرەت قوچۇپ قايتتى». 694- 695- يىلى قىش ۋە 699- 700 يىلى قىشتا، «Ton ya- bgo kho- gan (تىبەت زەنپوسىغا) ئىسھتىرام بىلدۇردى.»، بۇنىڭدىن كېيىن 700- يىلى يازادا «Dhu-gu- yui, Tohya bgo kha- gan» غا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى».
خەنزۇ يېزىقىدىكى يارىخى ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ دەۋىر (626- يىلىدىن 705- يىلىغىچە) دەل تىبەتلەر غەربىي تۈركلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن چاغ بولۇپ تىبەتلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقچى قوشۇنلىرى ئېلگىرى تارىم ئويمانلىقى ۋە پەرغانە (Fergana) گە يۈرۈش قىلغان. بۇ يەردە مەن توماسنىڭ پىكرىنى كېڭىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ Dru-gu-yul نى قوچۇ (ku-cheng, Gucheng) بىلەن تۇرپاننىڭ يېقىن ئەتراپى دەپ تەستىقلىگەن، بىزلە، لىسگېت (L.LiGet) نىڭ قارىشىنى قوللىشىمىز كېرەك، ئۇ Dru-gu-yul نى غەربىي تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان جاي دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە Dru-gu-yul دېگەن سۆز تەڭرى يېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىدىكى «ئون ئوقلا» نىڭ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئكز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە تارىم ئويمانلىقى ۋە پەرغانە، ھەتتا توخارىستان (Toxaristan) ۋە قەندىھار (gan dhara) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن Dru-gu-Gu- zan yul (تۈرك گوزان دۆلىتى) قوچۇ ۋە تۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغاندەكمۇ قىلدۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى كۆسەن (kuca، تۈرك تىلىدا kusanدىيىلدۇ) نى كۆرسەتكەن ياكى تۈرك شاھى سۇلالىسى the turk sahi dynasty)) ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەدىمكى زىمنلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھە، ساتو H. sato)) بىلەن ج. ھارماتتا (J.Harmatta) لارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىياش قىلىشقان. ئەڭ ئاخىرىدا بىز ل. پېتېچ (L.petech) نىڭ تەلىماتىدىن Ton-ya-bgo khagan غەربىي تۈركلەرنىڭ قوتلۇق ئۇرۇقنىڭ ئاتامانى ئاشنا توزى (A-shih-na tui- tzu) نى كۆرسىتىدۇ. دەپ ھېسابلىدۇ. ئۇ تىبەتلەر ئۇن ئوق قاغانى دەپ نام بەرگەن قاغان بولۇپ 674- يىلى جۇڭگۇ ( تاڭ سۇلالىسى) قوشۇنى تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 700- يىلىدىن كېيىن ئاشنا توزى تىبەتلەرنىڭ يۆلىنىشى بىلەن بىر مەزگىل پەرغانىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان Dru-gu-yul پەرغانىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ( «خان جەمەتى سالنامىسى» قىسقاتىلغان بىرىنچى نۇسخا.)
7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى خاتىرىلەردە يەنە سۇغدى (sag-dag) لارمۇ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، 694- يىلى يازادا Ri- zun) Mgar sta- gu سوغداق (sog- dog) لار تەرپىدىن ئەسىر ئېلىنغان» دېگەندەكلەردىن ئىبارەت. بۇ يەردە بىز sog-dag (سوغداق) لارنىڭ زادى شىنجاڭدىكى سوغدى كۆچمەنلىرى ياكى سوغدىيانىدىكى يەرلىك سوغدىلارنى كۆرسىتەمدۇ بۇنى تېخى ئېنىق مۇئەييەنەشتۈرەلمەيمىز. مىنىڭ قاشىمچە بۇ خاتىرە خوففمانىن H.H.R. Hffmann)) نىڭ قارىغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئۈشىنكسىز ئەمەس ئىدى. مىنىڭ قارىشىم ئەمەلىيەتتە خواامانىن بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەن «شىنجاڭدىكى ئازغىنە سوغدى كۆچمەنلىرى تەۋەككۈلچىلىك قلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى قۇدرەتلىك تىبەت ئەمەلدارلىرى» نى تۇتقۇن قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن. 692- يىلى تىبەتلەر تارىم ئويمانلىقىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى. تىبەت ھۆكۈمرانى جۇڭگۇدىن بو رايوننى قايتا تارتىۋېلىش نىيىتىدە قىلغان ھەركەتلىرىدىمۇ 694- يىلى باھاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. خۇددى كىلياشتورنى (klyashtornx) قىياش قىلغاندەك شىنجاڭدىكى سوغدىلار ئەينى چاغدا جۇڭگۇ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا زېمىنى پەرغانە نىڭچە يەتكەن تىبەت ئېمپىرىيىسى ھەتتا سوغدىيانىدىكى سوغدىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللىرى بىلەن بىۋاستە جەڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىن. («خان جەمەتى سالنامىسى» قىستارتىلغان بىرىنچى نوسخا).
«قان جەمەتى سالنامىسى» 8- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى خاتىرىلەر بىلەن «يۇقارقى رايون» (upper Region) نىڭ مۇناسىۋېتىگە دائىر بىر قانچە مەزمۇنلار بار. يۇقارقى رايون دېگىنىمىز ئەينى چاغدىكى تىبەتنىڭ غەربىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنى بولۇپمۇ پامىر ئەتراپىدا قورۇلغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتەتتى. 731- يىلى يازدا يۇقارقى رايوندىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەر (تىبەت زەنپوسىدىن) ئامانلىق سوردى. 737- 738- يىلى «ۋەزىر skyes- bzan (بىر قوشۇنغا بېشچىلىق قىلىپBru- za لارنى زېمىنىنى بويسۇندۇردى، قىشتا (تىبەت زەنپوسى) شىن، bra- za, brog- mar خانلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، (ئۇ يەردە) تىبەت زەنپوسىدىن ئامانلىق تىلىدى.»؛ 740- يىلى يازادا مەلىكە khri- ma- lod پادىشا بىروزا (Bru-za) غا ياتلىق قىلىندى. 745- يىلى يازدا «كوڭيول (kog- yol)دىكى ئاتلىق لەشكەرلەر، خەنزۇلاردىن ماجاڭجۈن (Ba can- kun، خەنزۇ تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى 夫蒙灵? نى كۆرسىتىشى مۇمكىن) قوشۇن تارتىپ يىراققا يۈرۈش قىلغان». 747- يىلى يازادا، «جۇڭگۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى Bru- sa, Gog- yol (byim-po) ۋە Gog دا پەيدا بولۇپ يۇقاپ كەتتى»، بىراق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تىز بولدى. 756- 757-يىل «يوقارقى رايوندىكى ئەلچىلەر، (يەنى) قارا Gog, Ban- Jog ۋە sig- nig قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن ئەلچىلەر،(تىبەت زەنپوسنى) تاۋاپ قىلىپ قايتتى. pa- gor- na- don ۋە ce snan- rcan ئىككى كىشى ئۆز ئارا ئارا ئەلچى ئەۋەتىپ تۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چۈشۈردى» 760- يىلى «يۇقارقى رايوننىڭ ئەلچىللىرى (تىبەت زەنپوسىغا) ھۆرمەت بىلدۈردى.
بۇ ۋەقە خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخ كىتابلاردا خاتىلەنگەن شۇڭلاشقا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈش تەھىققلەشتىمۇ ناھايىتى قىيىن ئىش. مەسىلەن، Bur- za كېيىنكى تارىخچىلار ئۇچۈن ئېيتقاندا ناتۇنۇش دۆلەتنى لائوخېر (B.laofer) خەنزۇ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەن كىچىك بۇلۇر ۋە ئەرەپ يازما ۋەسقىلىرىدە خاتىرىلەنگەن Belur يەنى بۈگۈنكى گىلگىت (Gilgit) قەدىمكى Buruso دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەھىققىلەپ چىقتى. لائوخېرنىڭ تەكشۈرۈپ تەھىقلىشى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى. چۈنكى «خان جەمەتى سالنامىسى» بىلەن خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بىلەن ماس كېلىدۇ. يەنە مەسىلەن. Sig- nig نى توماس پامىرغا جايلاشقان سىغناق (sugnan) ئىكەنلىكىنى تەھىققلەپ چىقتى. خەنزۇ تارىخ ئەسەلىرىدە ؟؟؟ياكى ؟؟؟ دەپ ئاتالغان بۇلۇپ خەنزۇ تىبەت نامىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ ئوخشاشلىقىمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. Ban- jag بەلكىم ھازىرىقى بۇنجى (Bun ji) رايونىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە پۇترا دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسى ئۆز ئارا قوشۇلغان يەرگە جايلاشقان. پەقەت Gog- yul- kog- gol نى بېكىتىش بىر قەدەر قېيىن بۇ يەردە تەپسىلى مۇھاكمىە قىلىپ ئولتۇرمايمىز.
«خان جەمەتى سالنامىسى» دا تىبەتلەر بىلەن ئەرەبلەر
(Ta- chig. 大?) ھەمدە تىبەتلەر بىلەن غەربى تۈركلەرنىڭ باشقا بىر قەبىلىسى تۈزگەش (turgis, Dur- gyis) بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار خاتىرگە ئاساسلانغاندا، 732- يىلى يازدا، «جۇڭگۇ ئەلچىسى Li khen ۋە ئەرەپ، تۈزگەشلەنىڭ ئەلچىسى Bcan- yul دا (تىبەت زەنپوسىنى) تاۋاپ قىلدى.» 734- يىلى مەلىكە Dron- ma lod تۈرگەش قاغان (Turgis qavax) غا ياتلىق قىلىندى». 744- يىلى يازدا «جۇڭگۇ ئەلچىسى can, cvan- ge بىلەن تۈزگەشلەرنىڭ بىر ئەلچىسى (تىبەت زەنپوسىنى) زىيارەت قىلىغىلى كەلدى. بۇ ماتېرىياللار بىلەن خەنزۇ تارىخ ماتېرىياللىرى ئۆز ئارا ماس كىلىدۇ. خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا خاتىرلىنىشچە تىبەتلەر ئېلگىرى تۈزگەش، ئەرەبلەر بىلەن ئۇزۇنغىچە ئىتتىپاق تۈزگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركەشلەرنىڭ قاغانى سۇلۇ su-Lo) 717- يىلىدىن 737- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) تىبەت مەلىكىسىدىن بىرنى خوتۇنلۇققا ئالغان.
726- يىلىدىن تارتىپ 750- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تىبەت قوشۇنى ئىككى قېتىم Dru-gu-yul (تۈرك دۆلىتى) گە يۈرۈش قىلغان، «خان سالنامىسى» دە بۇ توغرىسدا خاتىرلەرمۇ بار: 729- 730- يىلىنىڭ ئاخىرىدا«Dru-gu-yul نىڭ ئاتلىق قوشۇنىغا زەربە بىرىلدى»؛ 736- يىلى يازادا، «khxi-chun, cog- roman- po- rje» قوشۇن تارتىپ Dur-gu-yul غا قارشى ئاتلاندى»؛ بۇ يەردىكى Dru-gu-yul زادى قەيەرنى كۆرسىتىدۇ بۇنى يەنە تەكشۈرۈش تەھىققلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەلكىم تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، بىراق خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرىياللاردا مىلادى 717- يىلى ۋە 727- يىلى تىبەت تۈركەش بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ ئىككىسىدىكى مەزمۇنلار بىر- بىرىگە زىت ئىدى. بىراق قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر Dru-gu-yul غەربىي تۈركلەرنىڭ يېرىنى كۆرسەتكەن، چۈنكى بىزنىڭ بىلىشىمىزچە تىبەتلەر ئەزەلدىن شەرقىي تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ باقمىغان.
(5)
بۇ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككى خىل سالنامە ئەسىرىدىن باشقا دۇنخۇاڭدىنمۇ بىر قىسىم تىبەت يېزىقىدىكى تارىخى ئەسەرلەر بايقالغان بولۇپ بەزىللىرى ناھايىتى تۇلۇق ساقلانغان بەزىللىرى بولسا پۈتۈنلەي بوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تىبەت سالنامىسى» (پېئېللىئوت تىبەتچە ھۆججەت 1287- نومۇر. peLLiot tidetqin NO 1287 ) شەكشۈبھىسىزكى ئەڭ قىممەتلىك ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ كۆپ قىسىمى خېلى ياخشى ساقلانغان. بايان قىلىنغان تارىخنىڭ بېشى Dri- gum bcan- po نىڭ ئۆلىشىدىن باشلىنىپ ئاخىرى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈگىگەن، بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى مەزمۇنى مۇرەككەپ بولۇپ ئۇنىڭدا رىۋايەت، باياننامە، ئېيتىشىش سۆزلىرى، مەلۇم زەنپونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۆھپىللىرىنىڭ باياز، دۆلەت مۇراسىم ناخشىلىرى، يەنە مۇنازىرە سۆزلىرى قاتارلىقلار بار،
«تىبەت سالنامىسى» مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنخۇاڭدا يېزىلغان. مۇئەللىپنىڭ ئەسەر تۈزۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ماھاتىنى ئىنىق ئىپادىلەنگەن. بىز بىر كىتابنىڭ ئىچىكى تەرتىۋى ۋە مۇئەللىپ بىۋاستە نەقىل ئالغان باشقا بىر كەمتۈك تارىخ ئەسىرىدىمۇ بۇ نوقتىنى كورىۋىلالايمىز. مۇئەللىپ ئالدى بىلەن زەنپولارنىڭ تەرتىۋى بويىچە كونكىرت تارىخى ۋەقەلەرنى تېرىپ چىققان. بىراق ھەمىشە ھەرقايسى زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرنىڭ يىل تەرتىۋىگە سەل قارىغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككى زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئىككى بۈلەككە بۆلۈپ خاتىرلىمىسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلانغان جۈملە يېڭى تېكىستنىڭ باش ئاخىرىلىق مۇناسىۋىتىگە ماس كېلىشى كېرەك. «ۋەزىرلەر جەدىۋېلى) دە مىسال كەلتۈرگەن ئەك ئاخىرىقى بىر قانچە نام بەلكىم بۇ خىل ئەسنى بېلىشتىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. باشقا تەرەپلەر توغرىسىدا. «تىبەتلەر سالنامىسى» بۇرۇنقى چاغدىكى قىسمەن تارىخى ئەسەرلەرنى سادىقلىق بىلەن كۆچۈرۈپ چىققاندەكمۇ قىلىدۇ. بىراق ھەربىر قىسمى قاچان تۈزۈلگەن. قانداق مايىللىق بار، قانداق ماتېرىيال قىممىتى بار، بۇنى كونكىرىت تەھىلىل قىلىش كېرەك.
«تىبەت سالنامىسى» دىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت بۆلەكلەر توغرىسىدا مەن ئالدى بىلەن «zin- po- rje خاتىرىسى» دە تىلغا ئېلىنغان Dru-gu-yul (تۈرك دۆلىتى) دېگەن ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن بۇ خاتىرە ئاخىرقى مەزگىلدىكى قەدىمكى تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان مايىللىق خاراكتىرگە ئىگە لىدىكلىق نەسرى ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭدا Nas-po (لاسانىڭ شىمالىغا جايلاشقان) بېگى zin-po-rje khri pan- sum (يەنە Dgu-gri zin- po- rje دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قانداق مەغلۇپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ زىمىننىڭ 6-،7- ئەسىرلەردە قانداقلارچە تىبەت خانلىقىغا قوشۋىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايىلەر بايان قىلىنغان، zin- po- rje نى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى بايان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر كوپىلىت بېيت قىستۇرۇلغان بۇلۇپ ئىنقىلاب بۇرۇنقى تارىخ كىتاب ياكى خەلق رىۋايەتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان. بېيت:
دەرياسۇي كۆتۈرلۇپ گۆركىرەپ ئاقتى،
سىپىل ئۆرۈلۇپ ھەممە يەرنى سۇ باستى.
yu- san قورغىنى ئىشغال قىلىندى،
Dru- gri- zin-po- rje يوقۇلدى،
Dru-gu-yul Man- rje-sum- bu تەرەپكە قاراپ قاچتى».
بېيتتىكى Man-po rje sum-bu بەگنىڭ Dru-gu-yul غا قاچتى ئىشى مۇئەييەن دەرىجىدىن ئالغاندا تارىخى ئەمىلىيەت ئۆز- ئارا ماس كىلىپ قىلىشقا بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىكى Dru-gu-yul ھەقىقى تۈرك دۆلىتىنى كۆرسەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، ئۇ كىشىلەر ناتۇنۇش يىراق جاي دەپ قارايدىغان شىمالغا سىموۋۇل قىلىنغان ئىدى.
«تىبەت سالنامىسى» تىبەت ئېمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە Dus-sron (676- يىلىدىن 704- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان)، khrilde –gcug -brcan (755- يىلىدىن 779- (؟) يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) دىن ئىبارەت ئۈچ زەنپونىڭ ھەربىي مۇۋاپىقىيەتلىرىنى بايان قىلغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئائىت ئاز بولمىغان خەۋەرلەرنى خاتىرلىگەن، كۆرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشۇ زەنپۇ ۋەتىبەت قوشۇنلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى مەدھىلەيدىغان سۆزلەر بولسىمۇ بىراق بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىدە ئاساسەن ھېچقانداق مەسىلەن يوق چۈنكى بىز بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا بىر قىسىم قوشۇمچە پاكىت ماتېرىياللىرىنى تېپىپ چىقالايمىز.
بۇ يەردە مەن پەقەت مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتىلا تەرجىمە قىلماقچى، خاتىرلىنىشچە khridus- sron زونپۇ تەخىتتە ئولتۇرغاندا «ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسىلەن، Dru-gu (غەربىي تۈركلەر) قاتارلىق (مىللەتلەر) لار ئەل بوۇپ ئولپان تاپشۇردى». شۇ زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا «يۇقارقى رايوندىن كەلگەن يەنى (Bru- za ۋە) kog قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشالىرى، چەنۇپتىكى رايون (ھىمالايا تېغىدىكى ھەرقايسى ئەللەر) لاردىن كەلگەن پادىشالار ئوردىغا كىرىپ ئەل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.» 727-يىل جۇڭگۇنىڭ گۇاجۇ (kva-cu) شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى توغرىسدا مەلۇمات بەرگەن بىر پارچە ئىسپاتنامىدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقئارا سۇدىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىپ بەرگەن: «ئەينى چاغدا، جۇڭگۇدا كۈچلۈك ئىدى. بارلىق تۈركلەر ئۇنىڭغا قارام بولغان كەرەپ زىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇغا تەۋە ئىدى. يۇقارقى رايون (upper Region) لارغا توشۇلدىغان جۇڭگۇنىڭ نورغۇن ئۈنچە مەرۋايىتلىرىنىڭ ھەممىسى تىبەتلەر تەرىپىدىن ئولجا ئېلىندى، ھەتتا قارا باشلىق قاللار (قارا بۇرۇن- بوسيۇندۇرۇلغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ) مۇ نۇرغۇنلىغان چىرايلىق جۇڭگۇ يىپەكلىرىگە ئىگە بولۇشى.» تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ماتېرىيال قەدىمىكى جۇغراپىيە ۋە «يۇقارقى رايون» ئوقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گەرچە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر 8- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ۋە 790- يىللىرىدىن كېيىن بولسىمۇ شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ: «sbran-Rgyal-sgra-leg zigs» (بىر تارماق قوشۇننى) باشلاپ يۇقارقى رايوننى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلاندى. Mu-yuns غا يەتكەندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ جەڭ بولدى تاكى nun-kog دەريا جىلغىسىدىكى ھەرقايسى پادىشالار مەغلۇپ بولۇپ ئىتائەت قىلغىچە ئۇرۇشتى… Bro khri-gzu-ram-sags (بىر قوشۇننى) باشلا يۇقارقى رايونغا يۈرۈش قىلدى. Li (ئۇرۇن) بويسۇندۇرغاندىن ھەريىلى تاپشۇرىدىغان بولدى.
«تىبەت سالنا» دىن باشقا، يەنە بەش پارچە ھۆججەت (پىللىئوتنىڭ تىبەتچە 996- نومۇرلۇق ھۆججىتى،
(peulot tidelqian 996 No) نى ئادىيلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇدىيانا مەزھىپىدىكى بەش نەپەر پىركالانىنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئەسەر بولۇپ تىبەتلەرنىڭ ئەڭ بورۇنقى دىن تارىخى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇئەللىپ نامسىز بىر تىبەت بولۇپ يېزىلغان جاي خۇاڭخى دەرياسىنىڭ يۇقارقى ئېقىمىدىكى رايونلار ئىدى. ئۇنىڭغا تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ئىدى. بىراق ئالدى ئۈچ نەپەر پىركالان رىۋايىتىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىىدا خەنزۇچە ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسمى خەنزۇچىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بىر يېرىمىدا ھىندىستاننىڭ upadhyaya دىگەن يەردىن كەلگەن Arten- hvyer ئىسىملىك بىرسىنىڭ كۇچا (kuca) دىكى پائالىيىتى، ئىستقامەت كەچۈرمىشلىرى سۆزلەنگەن، ئۇنىڭدا كۇچا An-se (خەنزۇتىلىدا 安西 دېيىلگەن)، ئۇ يەرنىڭ يادىشاسى kva-ci-,van (خەنزۇتىلىدىكى ؟؟؟؟ نى كۆرسىتىدۇ) دەپ ئاتالغان.
باشقا تارىخ ئەسەرلىرى، مەسىلەن ئاتالمىش «دۇنخۇاڭ شەجەرسى» (Genealogy of Tun huam, pelliot tide tain 1286 No)
(the chronicle Fragments of Funhuang, pelliot tidetain 1144No stein ch, xv112 No
ۋە «تىبەتلەرنىڭ تارىخدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى»
)the sketch on tidetan prehistory, pelliot tidetain 1038-No)
قاتارلىقلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسدا ھېچقانداق ماتېرىيال يوق.
(6)
يوقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىىدىكى ئەسەر ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئاندا ساندا ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن. بىز بۇ پاراگراپتا تىبەتچە بولمىغان تىللاردىن تەرجىمە قىلنغان 6 پارچە ئەسەرنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز (ياكى ھېچبولمىغاندا سىرتتىن كەلگەن ئەسەرگە ئاساسەن يېزىلغان ئەسەرلەر) بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى Li (ئۇدۇن) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە دىن تارىخىنى مەرگەزلىك بايان قىلىمىز ئالتە چوڭ ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى بەش پارچىسى ساكيامۇنى ۋە بۇددا دىنىدىكى ئەۋلىيالارنىڭ بىشارىتى بولغاچقا بۇ كىتابلار «خەنجۇ»،«دەنجۇر» نومىلىرىغا كىرگۈزۈلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇلار بولسا:
(1) ۋىسمالاپرابھا پارىپرچچھا (vimalapradha-pariprccha)، تىبەت تىلىدا، Dri-ma med-pai od-kyis zus-pa, دېيىلگەن)
(2) «گوسزاناگا تەلىماتى» (Gosrnga-vxakrarana، تىبەتچە Ri-glan-ru- lun- bstan-pa دىيىلگەن)
(3) «ئارفات سامغاۋاردىھانا سۆزلىگەن تەلىمات»
(سانسكىرتىچە، Arhat samghavardhana- vyakarana دېيىلگەن)
(4) «ئۇدۇن ئافاتلىرىنىڭ تەلىماتى»
(تىبەتچە liyul –gyidgra-dgra-dcom-pas lum bstan-po دېيىلگەن)
(5) «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» (سانسكرىتىچە Gatana- vyakarana تىبەتچە Liyul- lun-bstan-pa دېيىلگەن)
يۇقارقى بەش ئەسەرنىڭ ھەممىسى پەت تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى تەرجىمىسى ئىدى. بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئەسەرنى تىبەتلەر ئەڭ ئاخىرىدا تۈزگەن بولىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ئۈچ كىتابنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى مىلادىيە 800- يىلىدىكى ياكى 812- يىللىرى ئاللىقاچان بارلىققا كېلىپ بولغان، چۈنكى Dpal- brcegs ۋە nam khai shin- po تۈزگەن «stod- than دىكى ldan-dlkar خان سارىيىدا ساقلانغان نوملار تەرجىمىسىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگ» دا ئەسكەرتمە بىرىلگەن. تۆتىنچى كىتاپ «ئۇدۇن ئارخاتلىرىنىڭ تەرلىماتى» (تۇماس ھاكا ھالدا «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» دەپ ئاتىغان ھەم تىبەتتە تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ. بىراق پائول ئېللىئوت خوتەن ساك [khotanese saka] تىلىدىكى ئەسلى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغان دەپ قارايدۇ) نىڭ بۇددا نوملىرىدا ساقلىنىپ قالغان تەرجىمە نوسخسىدىن باشقا بىر يەنە 3 دانە تىبەتچە نوسخىسىنى بايقىدۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنخۇڭدىن تېپىلغان (سىتەيىن ch.08 نومۇرلۇق، ch,09 I 3 نومۇرلۇق، ch73 vii3-2 نومۇرلۇق ھۆججەت) ھەتتا دۇنخۇڭدىن تېپىلغان خەنزۇيېزىقىدىكى بىر نوسخىسىمۇ بار (p.2139 نومۇرلۇق) بولۇپ تاڭ دەۋرىدىكى فاچىڭ (法成 770- يىلىدىن 858- يىلىغىچە) قەدىمكى تىبەت تىلىدىن تەرجىمە قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاپنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى ھەرگىزمۇ 858- يىلىدىن كېيىن ئەمەس. ئەڭ ئاخىرىدا «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» (تۇماس خاتا ھالدا «ئۇدۇن (لىيال) دۆلىتى تارىخى» [The Annals of thr Li country] دەپ ئاتايدۇ. تۇماسنىڭ قىياسىچە بۇ ئەسەر (1046- يىلى ئوتۇندا تىبەت يېزىقىدا يېزىلغانمىش، بىراق ئېممېرىك (Emmerick) بۇ كىتابنى 890- يىلى ياكى 892- يىلى يېزىلغان دەپ بېكىتكەن. مىنىڭ قارشىمچە بىزنىڭ بۇ كىتاب خوتەن تىلىدىكى ئەسلى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئېھتىماللىقنى يوققا چىقىرىشىمىزغا تولۇپ ئاساسمىز يوق. ئۇنىڭدىكى ھىندىچە سۆزلۇق بىلەن خوتەن ساك تىلىنىڭ تەلەپپۇز شەكلى ھېچبولمىغاندا قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى نوسخىنىڭ بىۋاستە خوتەن ساك يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەردىكى ماتىرىياللاردىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى كىچېكەندىمۇ 11- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن.
بەش پارچە بىشارەت ئەسىردىن باشقا، «ئۇدۇن (لىيال) دىن تارىخى» (Li-yul-chos-kyi lo-rgyus) دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىننى ئەسەر بولسىمۇ بىراق بۇددا نومىلىرىىغاا كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ دۇنخۇاڭدىكى كەمتۈك ھۆججەتلەر ئارىسىدىن تېپىلغان. (pelliot tidetain 960 No) بۇ كىتابنى ئۇرۇنلۇق راھىپ كالان Morgubdesi يازغان بولۇپ ئاساسلىغى ھەرخىل تەلىمات ماتېرىياللىرىدىن ئاساسلانغان ھەم بىر قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن،
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەش خىل بىشارەت ئەسىرى ۋە «ئۇدۇن (لىيال) دىن تارىخى» نىڭ مەزمۇنى ھەم ئۇچتىلىدىغان تىلشۇناسلىق تارىخشۇناسلىق مەسىللىرى توغرىسىدا بۇ يەردە تەخمىنەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىنى ئويلىغان بولساقمۇ مۇمكىن بولمىدى ھەم مۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بۇ مەسىلىلەرنى بس مۇنازىرە بىلەن تەتقىق قىلىنغان ئېلمىي ئەسەرلەرنى تىلغا ئىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر توماسنىڭ بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى تۇنۇشتۇرشى ۋە تەرجىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. گەرچە تۇماسنىڭ نورغۇن كۆز قاراشلىرى توغرا بولغان تەنىقىدلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا مۇئەييەن بىر تەسىرلەرنى قالدۇرالايدۇ.
بەخىتكە يارىشا بىز E.R ئېممېرك ((E.R.Emmenck نىڭ يىڭى ئەسىرى «تىبەت مەنبەرلىرىدە كۈرۈلگەن خوتەن»
(Tibetan texts concerning khota) دىن خوتەن تارىخى ھەققىدىكى پۈتۈن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئېممېرىك ئەپەندى «خوتەن دۆلىتىنىڭ تەلىماتلىرى» نىڭ يېڭى تەرجىمىسى ئىزاھات ۋە قوشۇمچە مەخسۇس ئىسملارنىڭ ئىندىكىسى، سۆزلەرنىڭ ئىندىكىسى بار «خوتەن (لىيال) دىن تارىخى» نىڭ يېڭى نوسخىسىنى ئېلان قىلدى، يەنە باشقا ئىككى خىل ھۆججەتنىڭ ئىزاھلىق نوسخىسنى ئېلان قىلدى. بۈگۈنگە قەدەر ئېلان بارلىق ئىزاھلىق ۋە سۆزلۈكلەردە ئېممېرىكىنىڭ ئەسىرى ئەڭ كاتتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تېكىستنىڭ دەلىللەپ تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگىمۇ زور تۆھىپلەرنى قوشتى. بىراق بىر قىسىم بۆلەكلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىشگە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم يەرناملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ئەمىلىي يەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن باغلىنىشى كېرەك.
مەسىلەن، ئۇنىڭ بىرككەن سۆز sel-chu- sel-cu ۋە ھۆر مەن سۆزى شەكلى sel-chad نى چۈشەندۈرسى فىرانسىيىلىك .A .R سىتېن (R.A. stein) نىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. سىتېن :«ئېممېرىك دوكتۇر ھەممە يەردە sel-chu نى «دەريا» دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ «خىرۇستال» دېگەن مەنىدىكى سۈپەت سۆزىگە پۈتۈنلەي سەل قارىغان… «seL» دېگەن بۇ سۆزنىڭ «قاشتېشى» نى كۆرسىتىدىغانلىغىدا شەك يوق» دەپ قارايدۇ.
سىستېن (stein) نىڭ چۈشەندۈرۈشى توغرا بولغان بىراق ئۇ نورغۇنلىغان تىبەتچە بولمىغان ھۆججەتلەردە ھەمدە بۇگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىلدا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانى «قاش دەرياسى» «قاراقاش دەرياسى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن، ئېلگىرىكى كىلاستىك دەۋىر ۋە كىلاستىك دەرىدىكى سانسىكىرىت تىلىدىكى ھۆججەتلەردە sailada [ئۈنچە (يىنجۇ) دەرياسى] دېگەن بىر دەريا بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. Vayupurana نىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ دەريا ۋاكسۇ (oxus-caksus= vaksu ئامۇ دەياسىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن sita (قارىمىنى كۆرسىتىدۇ) ئارىسىدىن ئېقىن ئۆتىدۇ. خۇي لىن (8-9- ئەسىر) خوتەندىكى گوسرنگا (Gosirsa-cosrnga تېغىنىڭ ئۆستىدە قاش دەرياسى بار، دەيدۇ. بۈيۈك بىر تانىسىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان (or.8212 نومۇرلۇق خوتەن ساك يېزىقىدىكى ھۆججەتتىمۇ ranijai taja («گۆھەر دەيا») دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەيا ئېقىنىنىڭ بارلىغى خاتىرىلەنگەن. 983- يىلىدىن 943- يىللاردا خوتەن ئېلىگە ئەلچىلىككە كەلگەن گاۋجۇخەي (高居浿 ئۆزى يازغان ساياھەتنامىسى («خوتەنگە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى») دە خوتەننىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى ناھايىتى توغرا بايان قىلىپ بەرگەن ئۇ يۈرۈڭقاش دەياسى (yurung qax) نى «白玉河¿يېڭى دەريا (yangi Darya) نى «录玉河»ؿقاراقاش دەياسى (qara aas) نى «乌玉河¿دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى نام تۈرك تىلىدىكى يۈرۈڭقاش غول (yrunk qas)، قاراقاش غول (xara qas vol) دىگەنلەر بىلەن پۈتۈنلەر ئوخشايدۇ، شۇڭاشقا تىبەت تىلىدا يېزىلغان ھۆججەتلەردىكى sel-chu-sel-cu ھەمدە ئۇنىڭ ھۆرمەت سۆزى شەكلى بولغان sel-chab نىڭ «قاشتېشى (قاش) دەرياسى» دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە نامى ھېچ بولمىغاندا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانىڭ چىرايلىق نامى بولۇشى كېرەك ئىدى.بىراق خوتەن جۇغراپىيىسى توغرىسىدىكى بىلەملەرنى تېخىمۇ كۆپ بېلىش ئۈچۈن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەت ۋەسقىلەرگە باش چۆكۈرمەي بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەن كۆرەلەيدىغان قەدىكمى تىبەت يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەرلەر دىن پەقەت ئېممېرىك ئىزاھلىغان «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» «خوتەن (لىيان) دىن تارىخى» ۋە توماس تۇماس ئېلان قىلىنغان مازار تاش ھۆججەتلىرى بار. بۇلاردىن باشقا ئېممېرىك لىخاسا ۋە بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان« گەنجۇر» دىن تاپقان ھەم ماڭا دەپ بەرگەن «سۇرياگاربھا- سۇترا» (suryagarbha-sutara) دىن ئېلىنغان بىر قانچە ئابزاس ماتېرىياللاردىنمۇ پايدىلانغىلى بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى كۆرۈۋالالايمىز:
(1) ئەڭ بۇرۇنقى ھۆججەتلەردە قاراقاش دەرياسى Ga-ma-ti (سانىسكىرىتچە Gamati دېيىلگەن) ، Ga-ma دېيىلگەن. خوتەن ئىلىدە ئانچە ئومۇملاشمىغان «سورياگرابھا- سوترا» دا: «Go- ma- sa- la- gan- bha» دىگەن سىستۇپا كا-شا (kha-sa) دۆلىتىدىكى (يەر ئەمچىكى) (stana= sai- nu- ma
Go-) يەنى khotan (خوتەن) نى كۆرسىتىدۇ) گە بارىدىغان Glan- ru (كالا بېشى) تېغىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى Go-ma-ti دەريا قىرغىقى (chu-bo Go-ma-ti) غا جايلاشقان». ئوخشاشلا بىز «گوسرناگا تەلىماتى» دىنمۇ chu-bo Go \- mai- gram (گۇما Go- ma) دەريا بۇي) دېگەن بىر سۆز بىرىكمىسىنى تېپىپ چىقتۇق بۇ دەل Go-ma- sa-la- gan- sa دېگەن ستۇپانىڭ جايلاشقان ئونى ئىدى.
«كوسرنافا تەلىماتى» دا يەنە so)so- rcan-po دەرياسى) دېگەن باشقا بىر دەيانىڭ بارلىقىنى خاتىرىلگەن بولۇپ بۇددا ئېلگىرى خوتەننى بېسىۋالغان كۆپ سۈيىنى مۇشۇ دەرياغا باشلىغانمىش، تۇماس بۇنى يۇرۈڭقاش دەياسى دەپ تەكشۈرۈپ دەللەيدۇ. بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ،
(2) Go-ma بىر قەدەر كېيىنكى ھۆججەتلەردە پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈلگەن. يەنى «خوتەن (لىيان) دۆلىتى تەلىماتلىرى» دا Mgo-ma سۆزى بولۇپلا قالماستىن يەنە sel-cha دېگەن ماس سۆزىدىن بىرى بار ئىدى. ئەسلىدىكى جۈملە تۆۋەندىكىچە ئىدى: chu- bo sel- chab Mgo- maigram- na (قاش سۈيى Mgo- ma دەريا قىرغىقى).
(3) بۇ ماتېرىياللاردىن باشقا «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» ۋە «خوتەن دىن تارىخى» دا ئايرىم- ئايرىم ھالدا sel- chu ۋەsel- shab دېگەن ئىككى نام كۆرۈلىدۇ. مۇبادا بىز دىققەت بىلەن كۈزەتسەك بۇ ئىككى ئېسمىنى تۆۋەندىكى سۆز بىرىكمىللىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ:
lu- then- gyi sel- chu- chab- gon- ma خوتەن (u-then) يۇقارقى قاش سۇ (دەرياسى) دىگەن مەنىدە)، u-thenl u-then)- gyi sel- chabog-ma تۆۋەندىكى قان سۈي (دەرياسى) دېگەم مەنىدە) sel- chu- chab- gon- ma («يۇقارقى قاش سۈر دەياسى» دېگەن مەنىدە) sel- cultog og ma («تۆۋەندىكى قاش سۇ (دەرياسى)» دېگەم مەنىدە) sel-cu ltag- og- gngs, («يۇقارقى، تۆۋەندىكى قاش سۇ (دەياسى» دېگەن مەنىدە) sel- chu- dbus («قاش دەريانىڭ ئوتتۇرسى» دېگەن مەنىدە) sel- chu chu-nu («كىچىك قاش سۇ (دەريا)» دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىچىدىكى sel- chu- chu- nu ھېچقايسىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ. روشەنكى ئۇ باشقا بىر دەريا ئېقىنى كۆرسەتكەن. يۇقۇرى ۋە تۆۋەنكى مەزمۇنلارغا ئاساسلىنىپ sel- chu/ sel-cu/ sel- chab ۋە u- then- gyi- sel- chab نى باشقا يەرنىڭ نامى ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز، شۇڭاشقا، قېلىپ قالغان مەسىلە دەپ «يۇقارقى قاش سۇ (دەريا)» «تۆۋەندىكى قاش سۇ» «قاش سۇ ئوتتۇرسى» دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىشتىلا قالدى. تۇماس «شەرقىي دەريا» «غەربىي دەريا» «ئىككى دەريا ئوتتۇرسىدىكى جايلار» نى كۆرسىتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. سىتېن بولسا «قاش سۇ (دەريا) ئوتتۇرسى» «مەركىزى دەريا» (riviere centrale) نى كۆرسىتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، dbus دېگەن سۆزنىڭ «ئارىدىكى يەر» «ئۇتتۇرىدىكى جاي» دېگەن مەنىسى يوق، يەنە كېلىپ سۈپەتمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىز sel- chu-dbus پەقەت «قاش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى» دەپ ئىزاھلايمىز. ئەسلى تېكىستتە sel- chu-chu-dbus دېگەن سۆز u- then- gyi sel- chab og ma ۋە sel- chu- gon-ma دېگەن ئىككى ئىسىمغا قارىمۇ- قارشى ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇڭاشقا كېيىنكى ئىككىنچىسى پەقەت «u-then قاش دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى» ۋە «قاش دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى» دەپ ئىزاھلايمىز. بۇ ئىككى خىل ھۆججەتتە جەمئى ئىككى «قارشتېشى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدىغان دەريا ئىقىمى ئوتتۇرغا قويۇلغان، ئۇنىڭ بىرى sel- chu chu- nu (كىچىك قاشتېشى دەرياسى) دېيىلسە باشما بىرىسى sel- chu/ sel-chab (قاشتېشى دەرياسى) دەپ ئاتالغان ياكى u- then-gyi- sel- chu u-then) u-then gyi sel- chab/ ‹خوتەن‿قاشتېشى دەرياسى) دەپ ئاتىلاتتى. قەدىمكى تىبەت تىلىدا، u- then دېگەن خوتەن دۆلىتىنى كۆرسەتمەستىن خوتەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپنىلا كۆرسىتەتتى بۇ نوقتا ساك تىلىدىكى Hwam(4) 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بىرسىدا تىبەتلەر خوتەننى ئىشغال قىلغان چاغدىكى بىر پارچە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتتىمۇ sel- chab- og- ma sel- chab-gon- ma دېگەندەك سۆز بىرىكمىللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بولسا تىبەت قوشۇنلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسى ۋە باشلىقلارنىڭ نامى كۆرسىتىلگەن، شۇڭلاشقا، شۇنداق مۇئەييەنلۈشتۈرۈشكە بولدۇكى sel- chab بۇ يەردە يوشۇرۇن ئىسىم بولماستىن ئېنىق بولغا مەخسۇس ئىسىم ئىدى، باشقا ئىككى پارچە ھۆججەتتە يەنە so- rcan- gram بىر جاينىڭ نامى خاتىرىلەنگەن. بۇ بىرككەن سۆز بولۇپ دەريا نامى so-rcan- po («گوسىرناگا تەلىماتى» غا قاراڭ) بىلەن ئادەتتىكى ئىسىم gram (قىرغاق) دىن تۈزۈلگەن (مازار تاغ، تىبەتچە 0048، 0036-، 0052، نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ)
تۆۋەندە يۇقارقى مەزمۇنلارنى خۇلاسىلەيمىز، قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ۋە تىبەت يېزىقىدا بولمىغان ماتېرىياللاردا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانىڭ ئاتىلىشى ئۇنىڭ پەيدا بولغان ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىۋىنىڭ تىزلىشى تۆۋەندىكىچە: قاراش دەرياسى ئەڭ دەسلەپ Gamati (قەدىمكى تىبەت تىلى: Go-ma- ti) ياكى Go-ma (بۇنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتى Mao-ma) دېيىلگەن، يۈرۈڭقاش دەياسى so دەريا (قەدىمكى تىبەت تىلىدا so-rcan-po) دېيىلگەن، 7-8- ئەسرلەردىن كېيىن Go-ma دېگەن نام يەنە قوشۇمچە «گۆھەر دەريا/ قاش سۇ / قاشتېشى دەرياسى (خوتەن ساك تىلىدا ranija ttaji قەدىمكى تىبەت تىلىدا، sel-chab/sel-chu خەنزۇتىلىدا 玉河دېيىلگەن.) دېگەن مەنىلەردە ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكنى بىلدۈردىغان مەزمۇن بەلكىم بۇ دەريانىڭ سانسىكېرىنچە نامى sailoda («گۆھەر (دەريا») دىن كېلىپ چىققان بولشى مۇمكىن، كېچىككەندىمۇ 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «گۆھەر دەريا/ قاشتىشى سۈيى/ قاشتېشى دەريا» دېگەنلەر پۈتۈنلەي قاراقاش دېگەن كونا نامغا ئۇرۇن بوشاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراقاش دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان يېڭى دەريامۇ «كىچىك قاشتېشى دەرياسى» (قەدىمكى تىبەت تىلىدا sel chu chu- nu, دەپ ئاتالغان) دېگەن تامغىمۇ ئىگە بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا تەخىمەن 9- 10- ئەسىرلەردە «قاشتىشى دەرياسى /قاشتېشى سۈي» دېگەن ناملار يۈرۈڭقاش دەرياسى دەپمۇ ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاققىتتا ئۈچ «قاشتېشى (قاش) دەرياسى» ئىسمىنىڭ ئالدىنقى قىسمى «قارا» ، «يېشىل»، «ئاق» دىن ئىبارەت ئۈچ خىلرېەڭ ئارقىلىق پەرقلەندۈرلگەن،خەنزۇتىلىدىكى «乌玉河¿تۈرك تىلىدىكى قاراقاش (qara qas) نى، خەنزۇتىلىدىكى «白玉河¿تۈرك تىلىدىكى يۈرۈڭقاش (yurug qas) دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كىرەككى قاشتېشى خوتەن رايونىنىڭ مۇھىم ئېكىسپورت تاۋىرى بولۇپ 10- ئەسىردە دەريا ئېقىنلارغا نام بىرىشتىلا ئەمەس خوتەن دۆلىتىگە نام بىرىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان، ھەتتا جۇڭگۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنى ئاتىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بايلېي (H.w.Bailey) ئەپەندى ئاللىقاچان بۇ نوقتىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن. مەسىلەن: خوتەن ساك تىلىدا Gaustama-desa ranijajinave نىڭ مەنىسى «Gostana (قوستانا) دۆلىتى گۈھەرلەرنىڭ دۆلىتى» دېگەنلىك بۇلاتتى. خەنزۇتىلىدىكى «大宝于圎国¿نىڭ مەنىسى «بۈيۈك گۈھەر خوتەن دۆلىتى» دىگەنلىك بۇلاتتى، (بۇ خوتەن تىلىدا، (ttayi-pu yuttyeni kuhi: Jingve دىيىلگەن) سانىسكېرىت تىلىدا Ratnapadajana دېيىلگەن بولۇپ بۇنىڭ مەنىسى «گۇھەرزىمىن» دىگەنلىك بۇلاتتى.
بىراۋنىڭ سۇئالى: خوتەندىكى دەيا ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇرايۇن ئالاھىدە نامىنىڭ پەيدا بولىشىنى شۇنداقلا جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ خوتەن دۆلىتى ئاتاش ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنمۇ ياكى بولمىسا 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرغىچە بولغان دەۋىردىمۇ خوتەن قاشتېشى ئېكىسپورتنىڭ ئالتۇن دەۋىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردىمۇ يوق؟
(7)
خوتەن تارىخى توغرىسىدىكى ئەسەرلەردىن باشقا جۇغراپىيسىگە ئائىت بىر كىتاپقا كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم، بۇ كىتابنىڭ ئەسلى تۈزگۈچىسىمۇ ياقا يۇرتتىن كەلگەن، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان كىتاپ ئىسمى «شىمالدىكى كۆپلىگەن دۆلەت پادىشا لىرىنىڭ خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ بايانى» (پىللىئوت، تىبەتچە ھۆججەتلەر، 1283- نومۇر) بولۇپ قوليازما نوسخىسى دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان. ئەسەردە 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى يايلاقتىكى نۇرغۇنلىغان چارۋىچى قەبىللەر ۋە قەبىللەر ئىتتىپاقى بايان قىلىنغان بىلەن بىر قەدەر بۇرۇنقى تارىخى ۋەقەلەر ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللارمۇ تىلغا ئېلىنغان. بايان قىلىش دائىرسى چاۋشىيەن ۋە جەنۇبىي سىبىرىيىدىن تارتىپ تاكى تەڭرى تاغ تىزمىللىرىغىچە چىتىلغان بولغاچقا يېڭىدىن تۈزۈش پىلانلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىما پەقەت مۇشۇ كىتاپنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
بۇ كىتاپ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتىرىيالدۇر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئىنتايىن مۇھىم شۇنداق ناھايىتى تەستە چۈشەنگەنلىكى بولىدىغانبۇ ماتىرىيالغا قارىتا تىلشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتىكى تەتقىقات تېخى ئەمدىلا باشلاندى.
(8)
ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىبەتچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىن ۋە پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بوددا نوملىرى بولۇپ تاش ئابىدە، ھۆججەت ياكى تارىخ، جۇغراپىيە ئەسەرلىرى ئەسەس ئىدى. بۇۋەسقىلەرنىڭ تەرجىمىللىرىنى ھەمىشە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ ئۇنىڭ تىبەتچە ئەسلى نوسخىسىنى تاپماق بۇددا نوملىرى ئىپتىدائى تارىخ ماتېرىيال دەپ قاراشقا بولدىغان بىر قانچە ماتېرىيال بار. مەسىلەن. 823- يىلى يېىزلغان «De- ga- G, yu- chal (ۋە) يۆشى ئىبادەتخانىسى دۇئا- تىلاۋەت توپلىمى» (پائون پىللىئوت تىبەتچە ھۆججەتلەر 16- نومۇر، سىتەيىن 9137 .ch نومۇرلۇق ھۆججەت) ۋە زەنپۇ khri-sron-lde-dca (756- 779- (؟) يىللارغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ بىرلوگىكا كىتاپ ئۈچۈن يازغان كىرىش سۆزى (G-tucci: Minor Buddsit Texts II 122-125) قاتارلىقلار بار بولۇپ زەنپونىڭ كىرىش سۆزىدە تىبەتنىڭ دۆلەت دىنى بولغان بۇددا دىنى ۋە خان جەمەت تەسىرىدىكى كونا دىنى كۆز قاراش خوتەنگە ئائىت ھەرقايسى خاتىرىلەر ھەمدە «سۇرپاگاربھا –سذترا¿(suryagarha- sutra)، «گاندرا گاربھا- سۇترا» دىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەردىن باشقا، نۆۋەتتە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى نوملاردىنمۇ 751- يىلىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت بىر پارچە ماتېرىيال تاپالايمىز. بۇ ماتېرىيال دۇنخۇڭدىن تېپىلغان «ئابىھىدھارما- سۇترا» (Abhidharma- sutro) نىڭ قىسقارتىلغان نوسخىسىدا ساقلىنىپ قالغان. ئون يىل ئىلگىتى ماكدۇ نالىد خانىم (Mme Macdonald) بىر قىسىم نوملانى شەھرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ؟؟ سىندۇ، ؟؟؟، شتو قاتارلىق تۆت چوڭ دەريانىڭ ئانا ۋاكاپتا كۆلى (laka Anava tapta، قەدىمكى تىبەتچىدە Mcho- Ma- dros- pa دېيىلگەن) دىن باشلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.
بۇ مەزمۇنلار يەنە ئاتالمىش «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى»
Catalogue of the kings of the Four Regions of) the world
نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تىبەتچە تەرجىمىسىدىمۇ بار. تۆۋەندە بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن: «شەرق زېمىنى ۋە «ئادەم گۆھىرى» (Jewel of Men) گە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى تەڭرىقۇت جۇڭگۇ تەڭرىقۇتى… جە تۈپتىكى ماگادىغا (Magadha) دۆلىتىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە« يىل گۆھىرى» (jewel of Elephants) تەڭرىقۇت ─ ھىندىستان تەڭرىقۇتى؛ … غەرىپتىكى شىر زىمىنى (thr lion land) دىكى سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىقۇتى- phrom-Ge-sar ؛ … شىمالدىكى مەلۇم جايدا ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى تەڭرىقۇتلار. پۈتۈن دۇلدۇللارنىڭ ئېگىسى «ئات گۆھىرى» (jewel of Horses) ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى Ta- zig (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرەپلەر)، Dru- gu (غەربىي تۈركلەر) ۋە Bug- cor (شەرقىي تۈركلەر) قەبىللىرىنىڭ تەڭرىقۇتى.» بۇ «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى» نىڭ قەيەردىن تېپىلغانلىقىنى تېخى تەكشۈرۈپ بىكىتىلمىدى. بىراق شەكشۈبھىسىزكى تالاس ئۇرۇشىدىن ئېلگىرىكى ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك ئەندىزسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. (paul pelliot tibetain 958 No)
بۇ ماتېرىيال ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا تالاش- تارتىشتا قالغان phrom- Ge-sar دېگەن نام بىرىنچى قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىر تارىخى شەخىس بولۇپ خوتەن پادىشاسى ۋىجاياساڭراما (viJaya sangrama، 8- ئەسىرنىڭ ئوتۇرلىرى) نىڭ قىيىن ئاتىسى ئىدى. تېخىمۇ كېيىن بولغان «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى» نىڭ تىبەتچە تەرجىمىسىدە كۆپ ھاللاردا شىمالنىڭ تەڭرىقۇتى بۇ نام بىلەن ئاتىغان. كېيىنرەك تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئۇنى khram- ge- sar دىيىشكە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىداGru- (يېقىنراق بىرىنچى مەسىلە ھەل قىلىندى. ھ. ھۇمباسىك (H.Humbch) بىلەن ج . ھارماتتا (j.Harmatta) ئۆز ئارا ئالاقە قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىرلا ۋاقىتتا شۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەدىمكى پۇللار توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ۋە جەنزۇ مەنبەلىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ قەندىھار ئىككىنچى تۈرك ساھى خانلىقى (theIInd turk sahi Dynynasty of Gandhara) نىڭ بىر ھۆكۈمدارى (738- يىلىدىن 745- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ ئىسمى Fromo kesaro (باكتىرىيە تىلىدا opoMo kHEApo، خەنزۇ تىلىدا؟؟؟؟؟؟ دېيىلگەن) بولۇپ تۇغۇلغاندا ئائىلىسىدىكىلەر شەرقىي رىم ئىمپىېراتورىنىڭ 718- يىلى ئەرەپلەرنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئوغۇللىرىغا قويغان، ئىسىم يىلنامىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قەندىھارلىق Fromo kesaro دەل «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» دىكى phrom- Ge- sar نى كۆرسىتدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئىككىنچى مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا كەلسەك «ئابدىدھارما سوتدا» نىڭ قىسقارتىلغا نوسخىسىدىكى دەسلەپكى مەزگلىدىكى «تۈت تەڭرى تەلىماتى» بىزنى مۇھىم قارار قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەھىلىندى
Phrom- Ge-sar. دەل «غەرىپتىكى شىرلار ماكانى سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىقۇتى ئىدى» ئەلىۋەتتە بىز بونى ۋىزانىتيە ئېمپىراتورى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى سودىگەرلەر مىلادى 1- ئەسىردىن6- ئەسىرگىچە پايدا قوغلىشىپ يىراقتا ھىندىستان پورتلىرىغىچە بارغان. قەندىھار ھۆكۈمرانى شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغىنىز ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭلاشقا ئىلگىرىكى شىمالدىكى phrom-Ge-sar ئەمەلىيەتتە غەرىپتىكى رىم (ۋىزانىتيە) ئىمپرا تورى ئىدى دىگەن پەرەز پۇت تىرەپ تورالايدۇ ھەتتا ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
(9)
تىبەتتىكى بۇددا دىنى راھىبلىرى دەرۋەقە كۆپلىگەن بۇددا نوملىرى ۋە سىرتتىن كىرگەن ئەسلى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. لېكىن بۇددا دىنىدىن ئېلگىرىكى دىن (the Rre-Buddhist religion) مۇخلىسلىرىمۇ نورغۇنلىغان نوم دەستۇۋە پالنامىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇ يەردە بۇددا دىنىدىن ئىلگىرىكى دىن بىلەن كېيىنكى بىن (苿 دىنى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ياكى باغلىنىشلارنى سۆزلەش بىئەپرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداقلا يېزىپ قويىغىلى بولمايدۇ. بىراق شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كېرەككى؛ يېقىدا نورغۇنلىغان ئالاھىدە بۇددا دىنىدىن ئېلگىرىكى دىن بىن (苿 دىنى بىلەن ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، بىن دىنىنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى دىندىن كىلىپ چىققان دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى. بۇ تىبەت رىۋايەتلىرى ھەمدە تىبەتشۇناسلارنىڭ دەسلەپكى كۆر قارشى بىلەن ئاساسەن چوڭ پەرقلەنمەيدۇ.
بۇددا دىنىدىن ئىلگىرىكى دىن ھۆججەتلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس، دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدىغاندا ئوقۇلدىغان گىرەلەشمە ناخشا ياكى پالنامىلەردىكى نەزمىلەردە تاسادىبى Dru-gu (تۈرك ياكى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ) نى تىلغا ئالغان، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق تارىخى كۆرۈنىشى يوق، مۇبادا مەن ئۇلارنى مالىتلىسام پەقەت ئىككى پارچە ماتېرىيالنى تېپىپ چىقالىدىم.
دۇنيانىڭ چېگرا پاسللىرىنى بايان قىلغان بىر پارچە تولۇق بولمىغان دىننى دەستۇردا Drug- chen(بۈيۈك تۈركلەر) نى تىلغا ئالغان ھەم ئۇلار شەرقىي تۈركلەر ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان دېيىلگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى تىكىستلەر كەمتۈك ئىدى. بۇ بىر جۈملە سۆزدە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانى ئازراقلا تىلغا ئالغان. مۇبادا ئۇنى تەپسىلى بايان قىلىدىغان بولساق بەكلا يىراققا كېتىپ قالدىغاندەك قىلىمىز شۇڭا «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» (catalogue of the principalities) دىنمۇ قىممىتى بار ماتېرىياللارنى تاپقىلى بولىدۇ. «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» دە ئاساسەن تارىختىن ئالگىرىكى تىبەت مەزگىلىدىكى دۆلەت، قورغان- قەلئە، ھۆكۈمرانلار قارتارلىقلار مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ تارقىلىشچانلىقى دىنى دەستۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ ئۇ بىردەم يىغىنچاق بولسا بىردەم چىچىلاڭغۇ ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە پالنامىدە «بەگلەر تىزىملىكى» ساقلىنىپ قالغان ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن 12 دۆلەتتە مۇنداق دىيىلگەن:»
Byan- ka, snam-brgyad دۆلىتىدە، su-ba,-ba leg قەلئەسىدە، Drugu نىڭ خوداسى بولسا yol tam (t[e]n)ri پادىشاسى Hir-kim ۋە Dar-kan، ۋەزىرى Dur-rgyus ۋە A-ma- ca قۇراللىرى Nag-drug ۋە A-ma-ca، ئاتلىرى بولسا Hal-cun ۋە Thog-bya- rmad دۇر.» (پائۇل پېللىئوت تىبەتچە ھۆججەتلەر. 1060- نومۇر)
ئەمدى بۇ ماتېرىيالنىڭ تۆۋەندىكى ئىنچىگە تەھلىلگە قاراپ باقايلى:
(1) دۆلەت نامى ساپ تىبەتچە بولۇپ ئۇنىڭ شەكلى Byan-ka snam-brgyad/ sham-brgyod)Byad/ byan-ka-snam- gynd ئەسلىي تىكىستتە شۇنداق) ھەمدە Byan-ka snam- biz نىڭ مەنىسى «شىمالدىكى سەككىز (ياكى رايون» دېگەنلىك بولۇپ باشقا ھۆججەتلەردىمۇ بولۇپمۇ مىيت ئۇزۇتۇش ۋە پىرخونلارنىڭ ھېكايىلىرى ھەمدە، ئەڭ يوقىرى ئىلاھنىڭ بەلگىسى بولغان ياۋا قاتازلارنىڭ تورۇشلۇق ئونى شۇنداقلا قوتاز، تىكە ۋە كىيك ئوۋلاش سورۇنلىرىدىمۇ كۈزۈلىدۇ، شۇڭاشقا، داستاندىكى تىبەتنىڭ شىمالدىكى ئېگىزلىك نامى بىلەن بىرلىشىشىمىز لازىم، بىراق «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» دىكى «شىمالدىكى سەككىز رايون» مۇقىم يەرنى كۆرسەتمەيدىغادەكمۇ قىلىدۇ.
(2) قەلئە نامىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى تۈرك تىلىدىكى 1.9- ba (بالىق، شەھەر) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى. قەلئە نا مىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئەسلى شەكلى بويىچە بولغاندا چۈشەندۈرۈش بىر قەدەر تەس، بىراق ھۆججەتتە ھەمىشە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مۇبادا بىز su-ba ba-leg نى su-ba-leg غا تۈزەتسەك su شەھىرى دەپ ئىنىق بېكىتەلەيمىز، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «دىۋانولۇتاتتىن تۈرك) گە ئاساسلانغاندا، su (شۇ) بالىق بالا ساغۇننىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ ئەينى چاغدىلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
(3) دۆلەت ئىلاھى Drugu نىڭ ئىلاھى (تۈرك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھىنى كۆرسىتىدۇ) دۇ، ئىلاھ ئىسمى yol tan-er (ياكى t[e]n-er) شىمالدىكى تۈرك تىلى yol ton ru نىڭ ئاھال تەرجىمىسى ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە پال كىتاۋىدىمۇ بۇ ئىلاھ نامى تۈرۈلگەن.
(4) بەگ- تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى hir-kin دەپ ئاتالغان بۇ ناممۇ «شىمالدىكى كۆپلىگەن دۆلەت پادىشالىرىنىڭ خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ بايانى» دىگەن ھۆججەتتىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ Bas-smel (تۈركىي تىلىدىكى قەبىلە باسمىللار (Basmil) نى كۆرسىتىدۇ) زىمىندىكى ئىككى قەبىلە ئاتامانىنىڭ نامى ئىدى. بۇ نام تۈرك تىلىدىكى irkan/irkin- hirkin (ئىركىت) نى كۆرسىتىدۇ.
(5) باشقا بىر خانىنىڭ نامى بولغان dar-kan تۈرك تىلىدىكى يۇقىرى ئەمەل نامى tar qan نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى.
(6) تىلىغا ئېلىنغان بىرىنچى ۋەزىرنىڭ ئىسىمى Dur –rgyus باشقا بىر نەتىبەتچە ھۆججەتتىكى قەبىلە نامى Dur- gyis/Du-rgyus نى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك تىلىدىكى Turgis/turgis دىن كەلگەن. مىللەت تانى ۋەزىر نامىغا ئىشلىتىش «بەگلەر تىزىملىكى» نىڭ تۈزۈلۈش ئەھۋالىغا بەكلا مەس كىلدۇ. «بەگلەر تىزىملىكى» دە ئاساسەن قەبىلە نامى بىلەن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئاتىغان.
(7) باشىر بىر ۋەزىر بىلەن بىرگە ئىككىنچى قولمۇ «A-ma-ca) دەپ ئاتالغان بولۇپ باشقا قەدىمكى تىبەت ھۆججەتلىرىدىكى mcha/a-ma-cha/a-ma-ca ۋە خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى «阿?支¿غا يەنە خوتەن ساك تىلىدىكى ama ca- سانسىكىرىت تىلىدىك amatya پالى تىلىدىكى amacca غا توغرا كىلىدۇ. شىنجاڭدىكى نورغۇن بەڭلىكلەر (مەسىلەن خوتەن، قوچۇ) تىبەتلەر ئىگەللىۋېلىشتىن ئېلگىرى ياكى ئىگەللىۋالغاندا بۇلارنىڭ ۋەزىرلىرى شۇنداق ئاتالغان. ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگۇ تەڭرىقۇتى ھەتتا خوتەن ۋە كۇچا ناخلىرىغىمۇ (阿?政 دىگەن ئاتاقنى بەرگەن.
(8) بىرىنچى قول Nag- drug دەپ ئاتالغان. بۇ قەدىمكى تىبەتچىدىكى بىر بىرككەن سۆز بولۇپ «قارا Dru-gu» (تۈرك ياكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى كۆرسىتىدۇ) دىگەن مەنىدە ئىدى. بۇ بىرككەن سۆزنىڭ شەكلىنىشى تۈرۈك تىلىدىكى qara budun (پوقرا دىگەن مەنىدە) دىگەن سۆزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن، بىراق بىر خىل قىياس ئۇنچە پوت تىرەپ تورالمايدۇ، چۈنكى قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى Nag-po نىڭ قوشۇنى بار ئىدى يەنى «قارا» ۋە «ئادەتتىكى» دېگەنگە ئوخشاش.
(9) ئات ئىسمى بولغان Tohg-bya-rmad ۋە Hal-cun نى ئىزاھلاشقا ئامالىم يوق. Hal-cun دېگەن سۆزدىكى Hal تۈرك مۇڭغۇل تىلىدىكى Hala-ala (ئالا ئات) دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق سۆز ئارقىسىدىكى cnn نى دەلىللەش بىر قەدەر قىيىن.
ئەمدى تۆۋەندىكىدەك خولاسىگە كېلىمىز، پالنامە ئاپتورى ئىلگىرىكى داستانلاردىكى تىبەتنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەرنىڭ نامى بولغان «شىمالدىكى سەككىز رايون» ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۈرك دۆلەتلىرىنى ئاتىغان. بو قاراشنى ئىسپاتلايدىغان يەنە ئىككى نوقتا بار. ئۇنىڭ بىرى تىبەتلەر (بولۇپمۇ دۇنخۇاڭدىكى تىبەتلەر) نىڭ شىمالىدىكى رايونلار 8-9- ئەسىرلەدە تۈرك تىلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلىتىنى كۆرسىتەتتى، ھەرگىزمۇ تىبەتنىڭ شىمالدىكى ئىگىزلىكىنى كۆرسەتى، بۇنىڭ ئىككىنچىسى پال ئات بىلەن موناسىۋەتلىك ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان ئات بېقىش كىتاۋى تۈرك قەبىلىلرىنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىن چىقىرىدىغان ئاتلىرنىڭ تىبەتلەرنىڭ قارىش ئىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ئۇنداقتا، «شىمالدىكى سەككىز رايون» تۈرك قەبىللىرىنىڭ ئىنىق قورۇلمىسىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ- يوق؟ يەنىلا بىر مەسىلە. «بەگلەر تىزىملىكى» نىڭ مۇئەللىپى ئەنئەنىۋى ماددىلار ئاساسىدا ئاددىيلا تۈركلەر ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەرخىل ناملىرى، ئەمەل- مەنسەپ ناملىرىنى تىلغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
(10)
قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى ھۆججەتلەردە يەنە بەزى مەخسۇس پەنلەرگە ئائىت ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان. تارىخى ماتېرىياللار نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئالدى بىلەن بىر قىسىم كىتابلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. مەسىلەن، 802- يىلى ياكى 814- يىلى تۈزۈلگەن «ئىسىم مەنىللىرىنى تەرجىمە قىلىش لوغىتى» (Mahavyutpatti) دا قەدىمكى تىبەت تىلىدا شەرھىلەنگەن بىر قىسىم سانسىكىرىت تىلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائى تەرەپلەردىكى سۆزلۈكلەر ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشق 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا ئائىت بىر دانە سانسىكىرتچە- تىبەتچە لوغەتتە خان- تۈركلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان 10- ئەسردىكى تىبەت خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تىبەتەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەگ- تۆرىلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى ماتېرىيال ئىدى، باشقا بىر قىسىم مەخسۇس ئەسەرلەر. مەسىلەن تىبابەتچىلىك، ئات دوختۇرلىقى، ئات بېقىش ئىلمى قاتارلىق جەھەتتىكى كىتاپلار ۋە كالىندارچىلىق ۋە جەدىۋەل قاتارلىقلار تىبەت مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممىتى بار. ماتېرىيالدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بىلەن موناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللار ئىچىدە ئەڭ قىممىتى بار بولغىنى بىر ئاز قىسقارتىلغان تىبەتچە- خەنزۇچە سۆزلۈك (pelliot tobetain) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەلۇم مىللەتنىڭ تىبەتچە تەرجىمە نامىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ سۆزلۈكنىڭ ناھايىتى پايدىلىنىش قىممىتى بار. مەسىلەن: A-za= تويۈۇن Dru-gu= ئۇيغۇر Drugu-rgyal-po= ئۇيغۇر قاغانى A-za-rje- تويغۇن پادىشاسى قاتارلقىلار ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرى Dru-gu نى تويغۇنلار دەپ قاراشنىڭ پۈت تىرەپ تورالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى Dru-gu بىۋاستە ياكى ۋەستىلىك ھالدا «تۈرك» دېگەن مىللەت نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. يەنە مەسىلەن. Sog-po (ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، سۇغدىلارنى كۆرسىتىدۇ) دىگەن سۆز يېقىنقى يىللاردا مۇڭغۇللارمۇ sug-po دەپ ئاتاشقا ئۆزگەركەن بولۇپ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىران تىلىدىكى خەلقلەر بەزى سوغدىلارنى ياكى خوخمان دېگەندەك ساكلارنى كۆرسەتكەنلىگىنى ياخشى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە ئاتقا قاراشقا ئائىت كەمتۈك ھۆججەت (pelliDt tibetani 1066No) بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتقا قاراش ئىلمىي توغرىسىدىكى بىلىمىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتتى، ئات باقمىچىلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېقتىسادى ۋە ھەربىي ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئىلمى ئىدى. كەمتۈك ھۆججەتتە بىر قاچە تۇياق تىبەت ئېتى بىر تاق تىبەت ئېتى ۋە بىر توياق A-za (تويغۇن) ئېتى باھالانغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا: «قارلۇق (qar luq,gar-log) ئات كۈرۈش ئۇسۇلى: ئۈچ چوڭ ئۈچ كىچىك بولسا ئەڭ ياخشى، ئۈچ چوڭ قايسىدۇ؟ دەپ سورالسا: كۆزى چوڭ، بۇرۇن تۇمشۇقى چوڭ، تۆشى چوڭ، ئۈچ كىچىك قايسىدۇ؟ دەپ سورالسا: قۇلىقى كىچىك، جىنسى ئەزاسى، توياق بۇغىمى كىچك دىگەنلىكتۇر» دىيىلگەن. بۇ بۆلەكتىكى ماتېرىياللار 8-10-ئەسىرلەردىكى يايلاق ئاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ بۈگۈنكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئاتنىڭ سىرتىغا قاراش ئۆلچىمىنىڭمۇ بۈگۈنكى ئۆلچىمى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
«دونخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1986- يىللىق 1- سان (خەنزۇچە) دىن ئېلىندى.
مەنبە: باس باس مۇنبىرى.
يېقىنقى ئىنكاسلار