web 2.0

ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش رىقابىتى

ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش رىقابىتى

ئوتتۇرا ئاسىيا دىگەندە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىپايان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ رايۇن ئافغانىستاننى ۋە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىرىستان، تاجىكىستان، ئىبارەت سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بەش ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر ئازەربەيجان، ئىران ۋە جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايۇنىنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدە ھىسابلايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئەڭ يىغىنچاق ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ غەربى ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بىللە ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم بەش بۆلەكنى ھاسىل قىلغان.

ئافغانىستاندا ئىسلام غازاتچىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن 14 يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، كابۇل ھۆكۈمىتىنى قوللىغان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى قوشۇن چىكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى پارتىزانلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان بىر-بىردىن دەھشەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، لىڭشىپ قالدى. 1992-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كىيىن، كابۇل ھۆكۈمىتى ئاخىرى بىتچىت بۇلۇپ تەخىتتىن چۈشتى. زۇڭتۇڭ نەجىبۇللا ئالاقىزادىلىك ئىچىدە قاچقاندا، قوزغىلاڭ قىلغان ئارمىيە تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنىپ، پەلەمپەي ئاستىدىكى مەھبۇسقا ئايلاندى (كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى). ئاي ئاخىرىدا ھەر قايسى تەرەپ پارتىزانلىرى كېڭىشىپ قۇرغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتۇمۇبىل كالوننىلىرى كابۇلغا كىرىپ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ چاغدا ئافغانىستان يىڭى «ئىسلامىيەت دەۋرى»گە قەدەم قويدى. بۇرۇنقى «ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتى» «ئافغانىستان ئىسلام دۆلىتى»گە ئۆزگەرتىلدى. يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بىلەنلا «ئىسلام جەمىيىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلدى. كابۇلدىكى بىر نەچچە ئون كىنوخانا پىچەتلەندى. تىلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ پروگراممىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. ئاياللاردىن ئاممىۋى سورونلاردا چۈمبەل تارتىش تەلەپ قىلدى ھەمدە دىنى پائالىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا زەربە بىرىدىغان ئىسلام ئاممىۋىي تەرتىپ ھەيئىتى قۇرۇلدى.

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىش ۋە زىمىن تالىشىش كۈرىشىمۇ ئۆتكۈرلىشىشكە باشلىدى. ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ھېكمەتيار بىلەن بىر قەدەر مۆتىدىل بولغان ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىدىكى مەسئۇدلارنىڭ قولىدا ئەسكەر كۆپ بولۇپ، ھوقۇقنى تەقسىم قىلىش ۋە دىنى ئەقىدىلەرنى شەرھىلەش جەھەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇلار بىر-بىرىگە يول قويماي ئاخىرى ئەسكىرى كۈچ ئىشلىتىپ تۇتۇشۇپ قالدى. كېيىن باشقا گورۇھلارمۇ بۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.

يۇقىرىقى ئىككى گورۇھ ئىچىدىن 1993-يىلى جەڭگىۋارلىقى ناھايتى كۈچلۈك بولغان بىر يىڭى گورۇھ-ئۆزبىك قۇراللىق كۈچلىرى باش كۈتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئاشكارا نامى «ئىسلام مىللى ھەرىكىتى» ئىدى. ئۇنىڭ رەھبىرى رۇستەم مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تەقسىماتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. «تالىبان» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر قۇشۇن 1994-يىلى ئافغانىستاننىڭ سىياسى سەھنىسىدە تېز باش كۈتۈرۈپ چىقتى. 30مىڭغا يىقىن قۇراللىق قۇشۇنى، بىر نەچچە ئايروپىلانى، 200تانكىسى بولغان بۇ كۈچ مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زىمىنىنى ناھايىتى تېزلا ئىگەللىۋالدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قۇشۇن ياش تالىبلاردىن تەشكىل تاپقان. «تالىپ» دىگەن سۆز پارىسچە ئوقۇغۇچى دىگەنلىك بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسىي رەھبىرى ياش موللا ئۆمەر. تالىبانلار ئوتتۇرىغا قويغان سىياسى تەلەپلەر ئىچىدە «تەقۋادار مۇسۇلمان» ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ دەپ بىر تەلەپ بار. تالىبان 1996-يىلى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى ئىشخال قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىن يىڭى قۇتۇلغان ئافغانىستان يەنە ئۇرۇش قاينىمىغا چۈشۈپ قالدى.

لېكىن كىشلەر شۇنداق دەپ قارىدىكى، ھازىرقى ۋەزىيەت ھەر قانچە قالايمىقان بولسىمۇ، ئۇ ئىسلام گورۇھلىرى ئىچىدىكى تالاش-تارتىش،خالاس. ئافغانىستاننىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىسلام دۆلىتى بۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتتىن گومانلىنىشقا بولمايدۇ. دۆلەت ئىچى مۇقۇملاشقان ھامان، ئافغانىستاننىڭ ئىسلام تۈزۈمى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئىنتيىن زور تەسىر كۆرسەتتى.

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا بەش يېڭى ئىسلام دۆلىتى بارلىققا كەلدى. بۇ بەش دۆلەتتىكى 60مىليۇن نۇپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇسۇلمان. ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا ئۇزۇن تارىخقا ۋە چوڭقۇر ئەنئەنىگە ئىگە. مىلادى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل رايۇندا ئىسلاملىشىش ئۇرۇندىلىپ بولغان. سوۋىت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كىيىن، 70يىل ئىچىدە سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى دىنى كۈچلەرگە زەربە بىرىش، دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى بېسىمغا ئۇچرىدى. ئىسلام دىنىنىڭ كىشلەر ئارىسىدىكى تەسىرى ئاجىزلىدى. سىياسى ۋە دىنى جەھەتتىكى ئەركىنلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش بىلەن ئىزچىل بېسىلىپ كەلگەن مەدەنىيىتى ۋە دىنى پىكىر ئېقىمى تېز ئويغۇنۇشقا باشلاپ، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى «ۋاكۇئۇم» ھالەتنى تولدۇردى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۇرغۇن ئىشخانىلاردا بۇرۇن لېنىنىڭ ئەسەرلىرى تىزىلغان جايغا «قۇرئان كەرىم»تىزىپ قۇيۇلغان. ھەر يىلى نەچچە مىڭ ئادەم  مەككىگە بىرىپ ھەج تاۋاپ قىلغان. 1989-يىلىدىن ئىلگىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا 160مەسچىت بولغان بولسا 1992-يىلى 5مىڭغا يەتكەن.

نۇپۇسى كۆپ بولمىغان تاجىكىستاندا دۆلەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى 17مەسچىت بار ئىدى. ھازىر 2000دىن ئاشىدۇ. پايتەخىت دۈشەنبىدە ئىنتايىن كۆركەم جامە سېلىندى. ئاق قۇببە ئاپتاپتا پارقىراپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى بەش قىتىم ئەزان ئېيتىلىدۇ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە قىلىپ ناماز ئۇقۇيدۇ. قازاقىستاندىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتى بىردىن توققۇزغا كۆپەيدى. ھەر كۈنى يىڭى مەسچىتلەردە ئادەم قايناپ كىتىدۇ. موللىلار رىياسەتچىلىك قىلغان نىكاھ مۇراسىمى ۋە مىيىت نامىزى بارغانسىرى كۆپ كىشلەر تەرىپىدىن قارشى ئىلىندى. ئاياللار چۈمپەل تارتىشقا باشلىدى. سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا «رۇسلاشتۇرۇش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ،كىشلەردىن رۇس تىلىنى ئۆگۈنۈشنى تەلەپ قىلغان. روس مەدەنىيىتىنى كېڭەيىتكەن، بۈگۈن ئىسلام دۆلەتلىرىدە روس تىلى ئىككىلەمچى مەدەنىيەت بۇلۇپ قالدى. بۇ دۆلەتلەر خەلق ئىچىدە ئۆز مىللەتلىرىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كېڭەيتتى. ھەتتا كۆپ يىللاردىن بۇيان يولغا قۇيۇلغان «چوڭ رۇسچىلىق»تىن ئۆچ ئىلىش ۋە ئۇنىڭغا غەزىپىنى بىلدۇرۇش سۈپىتىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ھازىرمۇ شۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان روسلارغا ئىنىق كەمسىتىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىۋاتىدۇ. نۇرغۇن روسلار ۋە خرىستىئانلار يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارىشىغا چىدىماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنى ئەسلىگە كىلىش دولقۇنىدا، ئەسلىيەتچى ئىدىيىلەرمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەرىكىتىگە نىيەت قىلغان «ئىسلام گۈللەندۈرۈش پارتىيسى» ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستاندا بارلىققا كەلدى. ئۆزبېكىستاندا بۇرۇن ئىسلامىيەتنىڭ دىنى ۋە ئىلىم مەركىزى بولغان سەمەرقەند،بۇخارا قاتارلىق شەھەرلەر بار. «ئىسلام گۈللىنىش پارتىيىسى» ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنى تەستىقلىىمىدى. 1990-يىلى تاجىكىستاندا ئىتراپ قىلىندى. بۇ پارتىيە ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە تەرەققى قىلدى. بۇ پارتىيە «سوۋىت ئىتتىپاقى سوتسىيالىزىمى يۇقىلىپ، خەلق ئىچىدە مەنىۋى بوشلۇق شەكىللەندى»، پەقەت «ئىسلام دىنى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ» دېدى. نۇرغۇن جايلاردا ئىسلام گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ نىشانى «سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ خارابىسىدا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت. بۇ پارتىيە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەسلىيەتچىلىكنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلدى. ھۆكۈمەتكە ئاشكارا رىقابەت ئېلان قىلدى. تاجىكىستاندىكى ئىسلام گۈللىنىش پارتىيىسى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەزاسىنى 100مىڭغا يەتكۈزۈپ،«دىموكراتلار» بىلەن بىرلىشىپ، ھۆكۈمەتنى زوراۋانلىق كۈچ بلىەن ئاغدۇرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. ئۆزبكىستاندا «بىرلىككە كەلگەن ئىرادىكى خەلق ھەرىكىتى»، قازاقىستاندا «سىنتەبىر پارتىيىسى»،  قىرغىزىستاندا«قىزغىزلار ھەرىكىتى»قۇرۇلدى. بۇ سىياسى پارتىيىلەر ئىسلام دىنىنى بايراق ۋە شۇئار قىلدى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈردى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئاتىئىزىم(خۇداسىزلىق)تەربىيىسى تۈپەيلىدىنمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئىسلام گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تۇلۇق قۇبۇل قىلشنى خالىمىدى. لىكىن ۋەزىيەت مۇقىم بولماي، ئىقتىساد ناچارلاشقاندا، ئەسلىيەتچى كۈچلەر تېز تەرەققى قىلىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ رايۇندىكى كەسكىن رىقابىتى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلىپ قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم ۋە تەبىئى بايلىقى مول بولغاچقا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مۇشۇ رايۇندىكى تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىسلامىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا گۈللنىشىگە ياردەم بىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلامىيەت تۈسىنى تىخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلدى.

ئېران ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنى ئاساس قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ھەممىدىن بۇرۇن ھۇجۇمغا ئۈتۈپ، ئۇلارنى «ئىرانچە ئىسلام تەرەققىيات يۇلى»غا ماڭدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئېران بىلەن تۈركمەنىستان، ئەزەربايجان ئوتتۇرىسىدا ناھايتى ئۇزۇن ئورتاق چىگرا بار. ئىران 1991-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنى زىيارەتكە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى ھەمدە چىگرىنى ئېچىۋىتىپ، ئاۋىئاتسىيە، تاشيول، تۆمۈر يول قاتنىشىنى باشلىدى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلار ئىچىدە دىنى بىلىملەرنىڭ كەملىگىنى، «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئازلىقىنى، ئىسلام مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىغىر دەرىجىدە يىتىشمەيدىغانلىقىنى نەزەرگە ئىلىپ، ئىران پۇل ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىشىغا، مەسچىت سېلىۋىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىنى ئىراندا ئۇقۇتتى ۋە تەربىيلىدى.

تۈركىيە بلەن ئوتتۇرا ئاسيادىكى دۆلەت خەلقلىرى ئەسلى بىر قان سىستىمىسىغا مەنسۇپ بۇلۇپ، مىللى قانداشلىق، تىل، دىن جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ سانلىق مىللەتلەر تۈركىيە بىلەن ئورتاق تۈركى تىللار ئائىلىسىدە. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرنى دەرھال ئىتراپ قىلدى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى تاشقى سىياسەتتە «ئاۋۋال ئويلىشىلىدىغان رايون»قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارغا نۇرغۇن ئىقتىسادى ياردەملەرنى بەردى ۋە مەدەنىيەت تۈرلىرىدە ئۇلار بلىەن ھەمكارلاشتى. دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېراننىڭ ياردىمىدىن سەل گۇمانلىنىدۇ، ئېراننىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت شەكلى ئوتتۇرا ئاىسيا دۆلەتلىرىگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئېراننىڭ كۈچلۈك ئەسلىيەتچىلىك ئىدىئولوگىيىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ. دىندىن خالىيلاشتۇرۇلغان تۈركىيىدىن بولسا ھىچقانداق ئەنسىرىمەيدۇ. ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، قىزغىزىستانلار تۈركىيىنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈردى. تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرىشىنى ئامىرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى قوللىدى، ئۇلار شۇنداق بولسا، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنى توسقىلى بۇلىدۇ دەپ قارىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالىشىش جېڭىدە پاكىستانمۇ ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى. پاكىستاننىڭ قارىشىچە،پاكىستان بىلەن بۇ رايۇن بۇرۇن بىرلىككەكەلگەن «ئىسلام مەدەنىيىتى رايۇنى»غا مەنسۇپ بۇلۇپ، كىيىن سۈنئى يوللار بلىەن ئايرىۋېتىلگەن. ئەمدى ئۇ كاسپى دىڭىزىدىن ئەرەپ دىڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئىسلام ھىلال ئاي رايۇنى»نى قايتىدىن قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادى سودا كىلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، قەرز پۇل بەردى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياسىدى. كاراچىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش پورتى قىلىشنى تەكلىپ قىلدى.

دىڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرىمۇ كىيىن قالمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى 1992-يىلى 2-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت ئىسلام دۆلىتىنى زىيارەت قىلىپ، ھەر بىر دۆلەتكە بارغاندا ياردەم بىرىش توغرۇلۇق بىردىن كىلىشىم ئىمزالىدى. ياردەمنىڭ ئومۇمى سوممىسى بىر مىليارد500مىليۇن دوللار بولدى. كىيىن يەنە بۇنىڭغا 750مىليۇن دوللار قوشتى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ «ئىتتىپاق باشلىقى» بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسچىت، مەدرىس سىلىشىغا ياردەم بەردى. نۇرغۇن «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەر خىل دىنى كىتابلارنى تەقدىم قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەككىگە بىرىپ ھەج قىلىشىغا ئىقتىسادى ياردەم بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۇۋەيت بىر مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى. مىسىر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دىنى ئالىملىرىنى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتېتىغا كىلىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىياغا ئادەم ئەۋەتىپ «مىسىر ئەندىزىسى»نى تەشۋىق قىلىپ، ئىراننىڭ بۇ رايۇندىكى تەسىرىنى تۈگەتمەكچى بولدى.

ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىنتايىن قىزىقتى. لىكىن ئۇلار ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنڭ بۇ يەردە تەرەققى قىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلار سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قۇراللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن سىرىتقا تارقىلىپ كىتىشىدىنمۇ ئىنتايىن ئەنسىرىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى يادرو قۇراللىرىغا ئىگە بولۇۋالسا، غەرپ دۇنياسىغا ئاپەت بۇلىدۇ. ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىدىن ئامىرىكا ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئۇنى «ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ئىنقىلابىغا ئىلىپ بارىدۇ» دەپ قارىدى، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بۇ رايۇندا «ئىسلام تەلۋىلىكى»نىڭ پەيدا بۇلۇشىدىن قانداق مۇداپىئە كۆرۈش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئىران، تۈركىيە، پاكىستانلار قۇرغان «ئىسلام ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 1992-يىلى 2-ئايدا تېھراندا ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبىكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستاندىن ئىباەت بەش دۆلەتنى يىڭى ئەزالىققا قۇبۇل قىلدى، قازاقىستان يىغىن پائالىيەتلىرىگە كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. يىغىن: بۇ، ياۋروپا ئورتاق بازىرى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولىدىغان، 300مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە ئىسلام ئورتاق بازىرىنىڭ باشلىنىشى دىدى.

زىمىنى كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى ھەر تەرەپنىڭ تالىشىشى پەسەيمىدى. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇكى، كەلگۈسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلرىنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتىدا ئىسلام دىنى مۇھىم رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدىكى ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەسىرىمۇ كۈنسايىن گەۋدىلىك بۇلىدۇ.

مەنبە:سابىق ئاققۇش تورى

مەنمۇ ئىنكاس يوللايمەن