• بلوگىمىزنىڭ بلوگچىلىق قارىشى شۇكى بلوگ يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ يازمىسى بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ،بلوگدا ئۆز ئوي -پىكىرلىرى ، ئۆزئىجادىيەتلىرى ۋە ئۆز ئەمگەك نەتىجسىىدە روياپقا چىققان ھاسىلاتلار بولشىى ئەقەللى تەلەپتۇر

  • باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىرىغا ياردەم بىرىپ مەمنۇنىيىتىنى كۆرۇشمۇ بىرخىل ھۇزۇرلۇق ئىش . مەنمۇ بۇ خىل تۇيغۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن ،ئەلۋەتتە بۇ كۆز-كۆز قىلىش ئەمەس . مەلۇم بىر مەنىدىن ئىيتقاندا ئۆز ئىقتىدارىنى سىناش پۇرسىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ

  • كەمىنە ،ئوغۇز ئېيىنىڭ 10- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا تۇغۇلغان . 2002-يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئنىستۇتىنىڭ سىياسى-مائارىپ كەسپىنى تاماملىغان .نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىشى بىلەن مەشغۇل  بولۇپ تارىخ ،سىياسەت دەرسلىر...

  • تېبابەتكە دائىر بىر ماتىريالدا  بىريىلدا بىرەر قېتىممۇ زۇكام بولمايدىغان ئادەملەرنىڭ راك كىسىلىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنىڭ دائىم زۇكام بولىدىغانلارغا قارىغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .بۇ ئاڭلىماققا سەل غەلىتە بىلىنىدۇ ،بىراق بۇ بىر ئەمەلىيەت . بىئۇلۇگلارنىڭ كۈزىتىشىچە ، بىرتال ئالتۇن بىلىقنى بىلىق ئىدىشىدا باققاندا نەچچە كۈنگە بارمايلا ئۆلۇپ قالغان ،ئەمما ئۈچتال ئالتۇن بىلىقنى بىر بىلىق ئىدىشىدا باققاندا ئۇلار بىريىلدىن ئۇزاق مەزگىل ياشىيالىغان .بۇنىڭ يەكۈنى شۇ بولغانكى ئۇلار ئۈچى بىللە ياشاش جەريانىدا رىقابەتلىشش .كەيپىياتى شەكىللەنگەچكە ئۇلاررىقابەت داۋامىدا كۈنسىرى «ھاياتى كۈچ»كە تولغان ئىكەن

  • باشقۇرغۇچى شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ دوسكىغا يۈزلەندىدە ئاۋال سىزىغان ھىلىقى چەمبەر سىرتىغا يەنىمۇ چوڭراق بىر چەمبەرنى قاپلاپ سىزىدى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسى ئىچىگە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ،تېخمۇ كۆپ ئادەملەر (دوست -يارەنلەر)نى،بىر يۇرۇش چوڭ سىزىپ قويوپ سۆزىنى داۋام ئەتتى :« ئەگەر سەن دائىم ئۆزەڭنىڭ ئاۋالقى ئارامگاھىڭدا پاي-پىتەك بولۇپ ئۆتسەڭ ،نەزەر دائىرەڭنى مەڭگۈ كېڭەيتەلمەيسەن ، مەڭگۈ يېڭى -يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلمەيسەن .پەقەت  بۇ كىچىك چەمبەر ئىچىدىن تىشىغا چىقالىساڭلا ئاندىن ئۆزھاياتلىق چەمبىرىكىڭنى تېخمۇ چوڭ قىلىپ سىزىيالايسەن ،ئەلۋەتتە بۇئىلگىرىلەش جەريانىدا سەن بىر ئىلغار ئادەم بولوپ يىتىلىسەن ».

  • سەكسەن سەككىز يىشىدا ،ئۇ ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىدۇ ، ئۇنىڭ نامى پۇتكۇل دۇنياغا تارقىلىدۇ .

    بۇكىشى دەل ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كېندىچى ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى Harland Sanders ئىدى .ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ :« كىشىلەر دائىم ھاۋارايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ھاۋارايى ناچار ئەمەس ، ئادەم پەقەت ئۆزىگە تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغاندىلا ھارارايى كۈندە ياخشى بولىدۇ »

  • - ئەپەندىم ، ئاۋىستىرىيىدە پەقەت ھۆكىمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن چىملىق ياكى گۈلخانىلاردىلا مۇشۇنداق مەنزىرە چىراقلىرىنى ئورنىتىشقا بولىدۇ ،باشقىلىرىغا مۈمكىن ئەمەس . چۈنكى بۇ گۈل-گىياھلارنىڭ كىچىسى ئەڭ ئىھتىياجىلق بولغىنى قاراڭغۇلۇق ،ئۇلارمۇ ئارام ئالىدۇ .ئەگەر چىراق يىقىپ قويسىڭىز ئۇلارنىڭ ياشاش قانۇنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىسىز !ھەتتا بىز بايام دېگەن ھۆكىمەت ئۆزى بەلگىلىگەن ئورۇنلاردىمۇ كەچلىكى سائەت 10دىن كېيىن بارلىق چىراقلار ئۆچۇرىلىدۇ ، چۈنكى كىم بولىشىىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ بۇخىل ياشاش قانۇنىيىتگە دەخلى قىلىش ھوقۇقى يوقتە ؟!

  • نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشتا سۆرەلمىلىك قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ ،چۈنكى ۋاقت ئۇزارغانسىرى سىز بۇخىل تۇرمۇشقا كۆنۇپ قالىسىز ،نامراتلىققا ئادەتلىنىپ قالسىڭىز ،كېيىن ياخشى پۇرسەتلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بۇخىل ھالىتىڭىزدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيسىز ،بارلىق ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز كۆپۇككە ئايلانغان ھالدا بىرئۆمۇر مۇھتاجىلىق ئىلكىدە ياشاپ ئۆتۇپ كىتىسىز

  • مېنىڭ ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن  كېيىن  مەسىلە تېخمۇ مۇرەككەپلەشتى ، قائىدە بويىچە مېنىڭ ئوغلۇم دادامنىڭ ئىنىسى بولىدۇ ،شۇڭا ئۇ مېنىڭ تاغامغا ئايلاندى .
    مەسىلىنىڭ ئەڭ يامىنى ، دادام يىقىندا بىر ئوغول پەرزەنتلىك بولدى ،ھازىر مېنىڭ دادامنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئىنىم شۇنداقلا مېنىڭ نەۋرەم بولىدۇ ،ئەڭ ئاخىر مەن ئۆزەمنىڭ بۇۋىسى ،شۇنداقلا ئۆزۇمنىڭ نەۋرىسى بولوپ قاپتىمەن !؟
    قىنى سەن ئىيتىپ باققىنە ،بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر باش قىتىنچىلىق بولارمۇ ؟ سىنىڭ باش قىتىنچىلىقىڭنى مېنىڭكى بىلەن سىلىشتۇرۇش مۈمكىنمۇ ؟


  • بلوگ بولسا e-mail ، bbs ،تۈرلۈك تورمۇڭداشقۇسى قاتارلىقلاردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بىرخىل ئېنتېرنت ئالاقە ۋاستىسى blog تولۇق يېزىلىشى weblog بولۇپ ،توردىكى كۈندىلىك خاتىرە دېگەن مەنىدە ،كېيىنچە ئۇنىڭ يېزىلىشى blogبولۇپ قىلىپشىلىپ قالغان . blogger...