• 2010-10-17

    ئىلمىي مۇدىرنىڭ پاراشۇت بىلەن سەكرىشى - [ئۈجمە سايىسى]

    ئىلمىي مۇدىرنىڭ پاراشۇت بىلەن سەكرىشى
    (مەكتەپ يۇمۇرلىرى)

     

    ئوقۇتقۇچى : سەن بۇ ماقالىنى كۆچۆرۇپسەنغۇ ؟
    ئوقۇغۇچى : كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ،ئەمدى بۇنداق قىلمايمەن ..
    ئوقۇتقۇچى : بۇ مېىنىڭ 6يىل بۇرۇن يازغان ماقالەم ئىدى ..
    ئوقۇغۇچى : ھە!؟ ئاپلا ئەجەپ سەت ئىش قىلىپتىمەن ..
    ئوقۇتقۇچى : ھىچقىسى يوق مەن ساڭا يەنىلا «ئەلا» باھا بىرىمەن !
    ئوقۇغۇچى :رەھمەت مۇئەللىم . بىراق بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟
    ئوقۇتقۇچى : ئەينى ۋاقىتتا يىتەكچىم بۇ ماقالىنى ئاران «لاياقەتلىك» دەپ باھالىغان ،لىكىن بىلەمسەن مەن تاھازىرغىچە بۇ ماقالەمنى «ئەلا » باھالىنىشى كېرەك دەپ كەلدىم .


    .........

    ئوقۇتقۇچى : ئەگەر سەن كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرغان چىقىغىڭدا ،يىنىڭدا بىر ياشانغان ئايال ئۆرە تۇرغان بولسا ،قانداق قىلىسەن؟
    ئوقۇغۇچى : مەن ئۇنىڭغا پۇل تىجەيمەن كوچا ئاپتۇبۇسىدا بۇنداق قىينالغۇچە ،يىشىڭىز چوڭ بولغاندىن كېيىن تاكسغا ئولتۇرسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن .

    .............

    ئوقۇتقۇچى : « ئاكام مەكتەپكە كەتتى» دېگەن جۈملىنى كىلىدىغان زامان شەكلىدە ئۆزگەرتىپ باققىنە ؟
    ئوقۇغۇچى : ئاكامنىڭ بالىسى مەكتەپكە كەتتى ..

    .................

    بىر ئوقۇتقۇچى دەرسكە 10مېنۇت كىچىكىپ قاپتۇ ،ئۇ ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سىنىپلارنى ئارىلاپ يۈرگىنىنى بايقاپ قىلىپ ،ئۆزىنىڭ كىچىكىپ قالغىنىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ،سىنىپقا كىرىپلا ئوقۇغۇچىلارغا :
    - كەچۈرۈڭلار ساۋاقداشلار ، ۋىلىسپىتىم يىرىم يولدا بۇزۇلۇپ قىلىپ كىچىكىپ قالدىم ،نېمىلا بولمىسۇن  كىچىككىنىم  بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولدى ، بۈگۈن ماڭا ھۆرمەت بىلدۈرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ -دەپتۇ ئالدىراپ -تىنەپ .
    لىكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ سەمىمىيلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئوقۇغۇچىلار دەس ئورنىدىن  تۇرۇپ ،ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىراپتۇ :
    - ياق مۇئەللىم ،سىزنى ھۆرمەتلەيمىز ،ھىلىغۇ 10مېنۇت كىچىكىپسىز يەنە 10 مېنۇت كىچىكسىڭىزمۇ سىزگە سالام بىرىمىز !!
    دەپ شۇۋاقىتتا مۇدىرنىڭ كارنىيىنى قىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ ..

    .................

    مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز دەرىسىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرھال سىىنىپقا يۇگۇرۇپ كىرىپتۇدە ،ئوقۇغۇچىلارغا ،ھەممەيلەننىڭ ئوقۇتقۇچىنڭ سۇئالىغا بەس-بەستە قول كۆتۇرۇشىنى ،قىزغىن بولىشىنى ئۇقتۇردى .
    بۇگەپنى ئاڭلىغان بىر ئوقۇغۇچى :« مۇئەللىم ،ئەگەر ھەممىمىز قول كۆتۇرسەك ،سىز قايسىمىزنىڭ ھەقىقى دەرس ئوقۇپ كەلگىنىمىزنى قانداق بلىسىز؟» دەپ سورىدى .
    ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن شۇنداق مەسلىھەت كۆرسەتتى :
    -ئۇنداقتا ھەقىقى دەرس بىلدىغانلار ئو قولۇڭلارنى ، بىلمەيدىغانلار سول قولۇڭلارنى كۆتۇرۇڭلار .

    .............
    مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمىي مۇدىر ، سىنىپ مۇدىرى ۋە بىر ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن مەلۇم مەكتەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدە ئىچىلماقچى بولغان يىغىنغا قاراپ ئۇچۇپتۇ ..
    بەخىتكە قارىشى يىرىم يولدا ئايرۇپىلاندىن كاشىلا كۆرۆلۇپ ،ئۇچقۇچى : جىنىڭلارنى ئۆزۇڭلار قۇتقۇزۇڭلار دېگىنىچە پاراشۇت بىلەن سەكرىۋاپتۇ ..
    قالغانلار قارىسا ئايرۇپىلاندا پەقەت ئۈچلا پاراشۇت قالغان ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن مۇدىر : بىلىسىلەر مەن بولمىسام مەكتەپنىڭ ئىشلىرى نېمە بولۇپ كىتەر ،شۇڭا مەن ئاۋال چۈشەي دەپلا پاراشۇت بىلەن سەكرەپتۇ..
    مۇدىرنىڭ سەكرىگىنى كۆرۆپلا ئىلمي مۇدىرمۇ : مۇدىردىن قالسلا مەكتەپ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئادەم مەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگۇنلۇككە «ئىككى ئاساسەن» نىڭ تەكشۇرۇشى كەلسە مەن بولمىسام قانداق بولىدۇ ..دەپلا پاراشۇتتىن بىرنى ئىلىپ سەكرەپتۇ .
    ئاخىرىدا بىرتاللا پاراشۇت قالغىنىنى كۆرگەن سىنىپ مۇدىرى ،ئوقۇغۇچىغا قاراپ : بولدى بۇنى سەن ئالغىن ،سەن تىخى ئۆسمۇرسەن ،سەن كىلەچەكنىڭ ئۈمىدى ..دەپ سۆزلىگىلى باشلاپتىكەن ، ھىلىقى ئوقۇغۇچى سىنىپ مۇدىرىغا قاراپ كۇلۇمسىرەپ شۇنداق دەپتۇ:
    -ياق مۇئەللىم پاراشۇتتىن يەنە ئىككىسى بار ..
    - نېمە ؟بۇ قانداق بولغىنى ؟
    - سىزمۇ بىلىسىز ،ئىلمىي مۇدىر دائىم جىددىيشلىپلا يۇرىدۇ ، باياممۇ ئۇ پاراشۇتنى ئالدىم دەپ مىنىڭ بوغچامنى ئىلىپلا سەكرىدى !!

     

    分享到:

    评论

  • قىززىق يۇمۇرلاركەن
  • بۇ يۇمۇرلار يۇمۇرلارنىڭ قاتىلىكەن
  • توك توك توك...ئادەم بارمۇ؟ھەزرىتىمنى يوقلاپ كېلەي دەپ ئاتايىن ئېمپېراتورلۇقۇمدىن خۇپىيانە چىقىپ كەلدىم!...
  • ياخشىكەن
  • ياخشىكەن . ھەقىقەتەن ياخشىكەن . بۇنى سىلى تەييارلىدىلىمۇ ؟