-
2010-09-24
دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغانلارنىڭ - بەدەن تىلى - [ئۈجمە سايىسى]
دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغانلارنىڭ - بەدەن تىلى
شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن دەرس سۆزلەۋاتقاندا كۆزىڭىز توساتتىن ئارقا رەتتە دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاۋاتقان بىرەيلەنگە چۈشۈپ قالىدۇدە - ئەرۋايىڭىز ئۇچۇپ كىتىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىشقا دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
ھازىرغىچە دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغانلارنىڭ تۆۋەندىكىچە ئۇخلاش ھالەتلىرى ئىنىقلانغان بولۇپ ،بىز بۇخىل ئۇخلاش ھالەتلىرىدىكى بەدەن تىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا دىئاگنۇز قويوپ باقايلى :نىقابلىق ئۇخلاش
بۇ خىل ئۇخلىغۇچىلارنى دەماللىققا بايقىيالمايسىز ،مۇنداقچە قارىماققا خۇددى بىرىلىپ كىتاب كۆرىۋاتقانداق تەسىر بىرىدۇ .دەرس ۋاقتىدا بۇنداق ئۇخلاشنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولوپ ،نۆۋەتتە دەرس خۇشياقمايدىغانلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئىرىشمەكتە .كىلاسسىك شەكىلدىكى ئۇخلاش
بۇ بىر خىل ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان دەرسخانىدا ئۇخلاش ئۇسۇلى بولوپ ، جوڭگۇدا ۋە چەتئەللەردە كەڭ تارقالغان . شۇنىسى ئىنىقكى ئۇنىڭغا دەرس پەقەتلا خۇش ياقمىدى . بۇخىل ئۇخلىغۇچىلار دا سىزنىڭ تەنقىدىڭىزگە نىسبەتەن ئاللا قاچان تولۇق تەييارلىق بار ئەلۋەتتە
.
رومانتىك ئۇخلاش
بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى قىزلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتىدۇ ،ئەگەر سىزبۇخىل ھالەتتە ئۇخلاپ قالغان قىز ئوقۇغۇچىنى بايقىسىڭىز ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىڭ .چۈنكى ئۇ ھازىر دەل كورىيە مۇھەببەت فىلىملىرىغا مەستانە بولۇپ قالدى
.
«ئاكاڭ قارىغاي» چە ئۇخلاش
ناۋادا سىز تۇنجى قېتىم دەرسكە كىرگەن سىنىپتا مۇشۇ ھالەتتە ئۇخلاۋاتقان بىرىنى كۆرسىىڭىز ،چوقۇم ئىھتىيات قىلىڭ ،بۇ كىسپۇرۇش چوقۇم سىنىپ ھەتتا مەكتەپنىڭ خوجا ئاكىسى بولىشى مۈمكىن . ئۇنىڭ ئۇخلىغۇسى كەلسە ئۇخلايدۇ ،ئۇنىڭ شۇ ھالىتىدىن «نېمە قىلالايتىڭ» دەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
«تالانت ئىگىسى» چە ئۇخلاش
بۇ بىرخىل ئاز ئۇچرايدىغان ئۇخلاش ھالىتى بولۇپ ،ئادەتتە ئۆزىنى سىزدىنمۇ «ئەقللىق» ھېسابلايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئۇخلاش ھالىتىدۇر . بۇخىل ئۇخلاپ قالغۇچى بايقالسا سىز جەزمەن ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىڭىز ھەققىدە ئوبدان ئىزدىنىڭ ،چۈنكى ئۇنىڭ ئۇخلاش ھالىتى سىزگە :«دەرىسىڭىزگە قىلچىمۇ قىزىقمىدىم ،بولدى قىلسىڭىز بولاتتى ..» دەۋاتىدۇ .
ئازاب ئىچىدە ئۇخلاش
بۇخىل ئۇخلاپ قالغۇچىنى بايقاپ قالسىڭىز ،دەرستىن كېيىن دوستلارچە سىردىششنى ئۇنۇتماڭ ،چۈنكى ئۇ ھازىر ھىچانداق دەرسكە قىزىقمايدۇ ، كەيپىياتى ناچار ،ھەتتا پىسخىكىلىق توسالغۇلارنىڭ بىسىمىدا بولىشى مۈمكىن ،ئەمما ئۇ چىداپ ئولتۇرۇپ ،دەرس ئاڭلاۋاتىدۇ ، بۇ بەك ئازابلىق ئۇخلاش ھالىتى بولۇپ ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بىر توپ ھەرە غوڭولدىغاندەك ئاڭلىنىپ تۇرماقتا
..
ئۆتۇنۇش ھالىتىدە ئۇخلاش
ئۇنىڭ خىيالى دەرسخانىدىن ئاللاقاچان چىقىپ بولغان بولۇپ ،دەرىزە سىرتىدا تۇرۇپ ئۆز تىنىنى قانداق قىلىپ سىرتقا ئىلىپ چىقىش ھەققىدە باش قاتتۇرىۋاتدۇ، لىكىن قىرىشقاندەك سىزنىڭ دەرىسىڭىز خۇددى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك داۋام قىلماقتا ... ئۇنىڭ «مۇھىم ئىش»لىرى غا زور تەسىر يەتكۈزىغان بولدىڭىز دەپۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن ئۇخلاش
بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىگە دەرىجە بىكىتكىلىمۇ بولمايدۇ ، ئۇلار شۇنداق ئۇخلايدۇكى چۈشىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ . ئاچچىقىڭىزدا ئۇنىڭدىن دەرس سورىماقچى بولۇپ ، «ئامېرىكىنىڭ پىرىزدىنتى كېم؟» دەپ سۇئال قويسىڭىز ،ئۇ كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپلا « بۇندىن كېيىن بۇنداق قىلمايمەن»دەپ جاۋاب بىرىدۇ
.
ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش مەنسىدىكى ئۇخلاش
بۇ بىرخىل سىنىپ ئىچىدىكى ئىجدىمائى مەسىلە بولۇپ گەۋدىلەنمەكتە ، دەل ۋاقتىدا بايقاپ مەسىلىنى كېڭىشش ئارقىلىق ھەل قىلىشىڭىز كېرەك . بۇنداق ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش ھالىتىدە ئۇخلىغۇچىلار نىڭ سىزگە چوقۇم نارازىلىقى بار ،دەل ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلمىسىڭىز ،بۇلارنىڭ سىپى كۈنسىرى ئۇلغىيىدۇ ،ھەتتا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خورەك تارتىشىدىمۇ گەپ يوق
(مەزكۇر يازما قىزىقچىلىق ئۈچۈن تەييارلاندى ،ئەمما تەتقىق قىلىپ بىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ) .
评论
خىزمەتكە چىققاندا ئاندىن قەدىرىگە يېتىمىزدە ئۇنىڭ....