-
2010-10-07
2010-يىللىق «10چوڭ ئۇيغۇربلوگ »نى باھالاش - [تەشۋىقات]
2010-يىللىق «10چوڭ ئۇيغۇربلوگ »نى باھالاش
ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق بولغان بلوگلارنىڭ بىرى «يۈكسەل» بلوگى 2008-يىلى تۇنجى قېتىم باش بولۇپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10چوڭ بلوگ»نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ئىدى .2009-يىلى رايونىمىزدا تور تاقىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن يىل ئاخىرىدىراق ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەت ھۇجۇدقا چىقماي قالغان . بۇ قېتىم يەنە يۈكسەل بىلوگىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2010-يىللىق«ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10چوڭ بىلوگ» باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا . نۆۋەتتە يۈكسەل بلوگىدىن ئىگىلەپ تۇرۇشۇمچە ،بۇ پائالىيەت بىر قىسم بلوگىرلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىئارقىسىدا دەسلەپكى پىكىر ئېلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا . ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ .
ئارىمىزدا بىلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقانلار خىلى بار بولسىمۇ ،ئەمما ئۇيغۇر تور ئەھلى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بلوگ ۋە بلوگ يېزىش يەنىلا يېڭىياچە بىر ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ ،ھەتتا بىر قىسىم تورداشلار بلوگ ھەققىدە ھېچقانداق تونۇشقىمۇ ئىگە ئەمەس .
ئەمدى نۆۋەتتىكى بلوگ ۋە بلوگىرلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك ، شىنجاڭدا بۇيىل 5-ئايدا تور ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ توپقا قىتىلغانلار خىلى ئاۋۇپ قالدى ھەم كۈندىن -كۈنگە ئۇلغايماقتا .. ئەمما بىر رىئاللىقنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى بۇ توپتا سان ئاشقان بىلەن سۈپەت جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، كۆپىنچە بلوگلار يەنىلا «توردىكى يىغىپ ساقلىغۇچى» لىقتىن نېرىغا بارالمايۋاتىدۇ .
لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بلوگ بىلەن ھەپىلىشىش رايىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە قارىغاندا يېقىن كەلگۈسىدە بلوگ يېزىش تورداشلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق تور پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى .
مۇشۇنداق شارائىتتا يۈكسەل بلوگىنىڭ باش بولىشى بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك نادىر بلوگلارنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولغۇسى .بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئىلغار ئىدىيىلىك دوستلارنىڭ تۈرلۈك-تەكلىپ پىكىرلىرى تۈرتكىسىدە كۆپلىگەن بلوگېرلار توغرا بولغان بلوگ يېزىش قارىشى شەكىللەندۇرىشى مۇمكىن .
ئاخىرىدا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ،ئەھمىيەتلىك ئېلىپ بىرىلىشىگە بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى» نى كېلەر نۆۋەتلىك باھالاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقۇدەك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىرادەمنى جاكارلايمەن .---------------------
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەيدانى بۇيەردە :
评论