-
2010-10-08
ئەڭ ئاخىرقى ئەسەر - [تەرجىمىلەر]
ئەڭ ئاخىرقى ئەسەر
زۇمەر تەرجىمىسى(بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازارمىنى)
پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرۇلۇش لايىھىلەش خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ياشانغان قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بالدۇرراق قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى خوتۇن،بالا-چاقىلىرى بىلەن خاتىرجەم ياشاش ئارزۇسىدا پېنسىيىگە چىقىشقا تەييارلىنىپتۇ.
خوجايىن ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىپ،ئۇنى تۇتۇپ قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،لېكىن ئىنژېنېر پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. خوجايىننىڭ شۇنچە سەمىمىي نىيىتىدىمۇ ئىنژېنېرنى تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ.ئاخىرى خوجايىن ئامالسىز ئۇنىڭ پېنسىيىگە چىقىشىغا قوشۇلۇپتۇ.بىراق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرۈش ئۆينى لايىھىلەپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ،ئىنژېنېر ماقۇل بوپتۇ.
ئۆينى ياساش جەريانىدا،ھەممىلا ئادەم بۇ ئىنژېنېرنىڭ تازا كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ.ئۆي پۈتكەن بولسىمۇ،بىراق بۇرۇنقى ئۆيلەردەك سۈپەتلىك چىقماپتۇ.ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغان خوجايىنمۇ ھېچنېمە دىمەپتۇ.پەقەت ئۆي پۈتكەندىن كىيىن بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئىنژېنېرغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ۋە بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ. ئىنژىنىربىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ قاپتۇ.
كۆپچىلىك ئىنژېنېرنىڭ ناھايىتى پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىجىل بولىۋاتقانلىقىنى سېزىشىپتۇ.
ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەلا سۈپەتلىك ئۆيلەرنى ياسىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن بۇنداق قاملاشمىغان بىر ئۆي ياسىننى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن.
تۇرمۇشمۇ ئوخشاش.ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەم ھەرۋاقىت ئۆزى ئۈچۈن ھاياتلىق خانىسىنى ياسايدۇ. بۈگۈنكى ھەرقانداق بىرمەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى ،ھامان ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ.شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەمگە ،ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساق،تۇمۇشىمىزدا ئەپسۇسلىنىش ۋە نادامەتلەر ئازراق بولۇپ ،گۈزەللىك ۋە شاد-خوراملىقلار كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.
评论