• 2010-10-05

    گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە ئىيتقانلىرى - [تەرجىمىلەر]

    گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە ئىيتقانلىرى


     زۈمەر تەرجىمىسى
    (بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى)

    گېرمانىيە مېيونخىن دۆلەتلىك تەييارلىق مائارىپى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى  پىرافىسسۇر  فېرناندس ،25يىل مائارىپ، ئىنسانىيەت ئىلمى ،ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە  تەتقىقات
    ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى.
    ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ

    :
    ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدا پەرق بار.


    ئائىلىدە، ئاتا ئانا ئىككى تەرەپ دائىم " زادى كىم بالىنى كۆپرەك باشقۇرىدۇ"،"ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ قايسىسىنىڭ ئورنى ئەۋزەل"،دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ.
    پىرۇفىسسورنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئەمەلىيەتتە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتىكى رولى بىر بىرىدىن قىلىشمايدۇ. ئوخشاشلىققا ئىگە.دەرۋەقە ئەمىلى  تۇرمۇشتا ،ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بالا تەربىيىلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى يوقۇرى تۆۋەنلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي ،ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى  بالىغا بولغان رولىدىمۇ پەرق مەۋجۇت. بالىنىڭ ئۆزلۈك قىممەت قارىشى،تەربىيىلىنىش دەرىجىسى بىلەن پىسخىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئاتىنىڭ تەسىرى ئانىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە ، ئانىنىڭ تەسىرى ئاتىنىڭ تەسىرىدىن كۆپ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ

     ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.


    پىرافىسسورنىڭ ئېيتىشىچە.نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق  ئاتا – ئاننىڭ بالىنى ئىقتىسادى شارائىت بىلەن تەمىنلىشى، ئاتا –ئانىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگەتەسىر كۆرسىتىدۇ ،بولۇپمۇ ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ناھايتى زور بولىدۇ.
    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا،ئائىلىسى مۇقىم،بالا خوشال – خۇرام ئۆتىدۇ.پىسخكىلىق مەسلىلەرمۇ ئاز يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسا ،بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.تەكشۈرۈشتىن مەلۈم بولىشىچە،ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئىچىدە 24   پىرسەنتى ئا  تا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدەك بۇ رىئاللىقنى  زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ ، پىسخىكا مەسلىھەتكە مۇھتاج ئىكەن.ئەگەر ئاتا-ئانىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا،ئۇندا  قتا پىسخىك مەسلىھەتكە مۇھتاج بولىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ  47 پىرسەنىتكە يېتىدىكەن

    .
    يېقىنچىلىق مۇۋاپىق پەيىتكە مۇھتاج.


    ھازىرقى جەمىيەتتە، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ،بولۇپمۇ ئاتىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن دائىم   بالىلىرى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى ناھايتى ئاز بولىدۇ.كۆپ ساندىكى جىمغۇر مىجەزلىك ئاتا-ئانىلار مۈمكۈن قەدەر كۆپرەك  ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە بولسىلا  ،بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس.
    پىرافىسسۇرنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانا ۋە بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى،بالىلار      بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئەمەس،بەلكى مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشىدا.مۇۋاپىق پەيىتتە  يېقىنلېشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.شۇڭا،ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىسى بىلەن قانداق بىللە بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىشى كېرەك.بالىسىنىڭ پىسخكىسىنى چۈشىنىشى كېرەك.بولۇپمۇ خىزمىتى ئالدىراش ئاتىلار تىخىمۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىشى كېرەك.ئايال ئاكتىپلىق بىلەن ئېرىنىڭ   بالا تەربىيلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا. ئېرىنىڭ  ئىمكان قەدەر تېزراق بالا تەربىيلەش رولىنى ئېلىشىنى ئۈگىنىۋىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك

    .
    50پىرسەنت مەبلەغنى ئائىلە تەربىيەسىگە سېلىش كېرەك.


    بۇ يەردىكى مەبلەغ ئائىلىنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە ئىشلىتىدىغان ئادەم كۈچى، ماددى   كۈچ ،ئىقتىسادى كۈچ ھەتتا ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ ئومومى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.پىرافىسسور مۇنداق دەيدۇ: "مەن جوڭگونىڭ بالىلار باغچىلىرىنى،مەكتەپلىرىنى  زىيارەت قىلغان.ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بالىلىرىنى ئاشۇنداق ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىدىكەن.بۇ يەردىكى بالىلارغا ھەقىقەتەن مەسلىكىم كېلىدۇ." لېكىن كۆپ قىسىم جوڭگولۇق ئاتا-ئانىلار ،بالا مەكتەپكە كىردى ئەمدى بالا تەربىيلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ قارايدىكەن.ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. بالا ئۆسۈپ يېتىلىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئائىلە تەربىيىسىگە كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. پىرافىسسور يەنە كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق     
    دەيدۇ:ئەگەر بىر ئائىلە بىر بالا ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغنى <1>بىرلىك بويىچە        ھىساپلىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار 50پىرسەنىت مەبلەغنى ئائىلە تەربىيىسىگە سېلىشى كېرەك. چۈنكى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ،ئائىلە تەربىيەسى ناھايتى موھىم ئورۇنغا ئىگە.

    خەن تىلىدىكى «قاش تېشى» مائارىپ مۇنبىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

    分享到:

    评论

  • ئائىلەتەربىسدەئاتا -ئانىلارنىڭ رۇلى ئەڭ مۇھىم .بۇنۇقتىغائاتا-ئانىلارئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك
  • بىزدە كۆپ ساندىكى ئائىلە باشلىقلىرى بىقىش بىلەن تەربىيىلەشنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ