• 2010-11-04

    شىيامىن خاتىرىلىرى - [خاتىرىلەر]

    2010-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە فۇجىيەن ئۆلكىىسنىڭ شىيامىن شەھىرىدە «2010-يىللىق مەملىكەتلىك ئىدىيە-ئەخلاق ،ئىدىيە-سىياسى پەنلىرىدىن دەرسخانا ئوقۇتۇشى مۇسابىقىسى ۋە مۇھاكىمە پائالىيىتى» قاتناشتىم .بۇقېتىملىق بۇ پائالىيىتكە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن دەرس ئۆتۆش ماھىرلىرى ۋە مۇتەخەسسلەر ھەمدە باشقا ئىشتىراكچىلار بولوپ 1600ئەتىراپىدا ئادەم قاتناشقان بولوپ ،پائالىيەت تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن تولۇقسىز يىللىقلار ۋە تولۇق ئوتتۇرا يىللىقلار ئايرىمىسى بويىچە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە -رايۇنلىرىغا ۋاكالەتەن قاتناشقان دەرس ئۆتۇش ماھىرلىرى دەرس ئۆتتى ،ئۈچىنچى كۈنى دەرسلەر باھالاندى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى .
    شىنجاڭدىن مائارىپ ساھەسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن 20نەپەر ۋەكىل بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇق ،بۇ جەرياندا باشقا ئۆلكىلەردىكى كەسىپداشلارنڭ ئوقۇتۇش جەھەتتىكى تەجىرىبىسىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە دېڭىز ياقىسىدىكى بۇ ئىچىۋىتىلگەن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىدىن زور تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇق .
    ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى تەسىرات تەپسىلاتلىرىنى ئايرىم يوللىماقچىمەن .
    تۆۋەندىكىلەر شىيامىن زىيارىتىدىن قالدۇرۇلغان بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلەر :

    دېڭىز!!دېڭىز!!! دېڭىز!!!!!

    مەن كىم ؟

    بو يوللار نېمانچە ئازادە؟

    بۇلار مەن بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋالدى

     

    ئۇھ....................ھ ...ھ

     

    مەن شىيامىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ھويلىسىدا

    بىز تاشقى پىلانېتتا

    分享到:

    评论

  • مائارىپ تەرەققىيات ئەھۋالى توغۇرسىدا كۆپرەك سىلىشتۇرما ئىلىپ بارايلى ،
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كەمىنە ئۇيغۇربەگ ھېيت پەتىسىگە كەلدى:ئولۇغ قۇربان ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن!
  • تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگىنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، قولىڭىز بوشىغاندا باشقا تەسىراتلارنى تىڭشارمىز
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复تەدبىركار说:
    رەھمەت سىزگە ،تەسىراتنى ۋورد پىرەسكەكۆچكەندىلا يازاي
    2010-11-15 13:47:05
  • شىيامىندا مىنىڭ بىر ئۇكام تۇلۇق ئوتتىرا مەكتەپنى ئۇقۇۋاتىدۇ 10 ئوتتىرا مەكتەپتە بار ھازىرمۇ
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复پادىشاھ 说:
    بالدۇرراق ،ئىيىتسىڭىز بولمامدۇ
    2010-11-15 13:47:52
  • بو يوللار نېمانچە ئازادە؟ ئاۋۇ يارىيارنى نەدىن تاپتىڭىز ھەزرەتلىرى؟
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复ئۇيغۇربەگ说:
    10كويغا ئالدىم
    2010-11-15 13:48:31
  • كىم ئەڭ دېققەت بىلەن ئاڭلاۋاتىدۇ؟ئېنىقكى سىزدىن باشقىلىرى~!
    دېڭىز!!دېڭىز!!! دېڭىز!!!!!بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئىچىدە دېڭىزدىگەن بىرى بار~!
  • بۇلار مەن بىلەن سۈرەتكە چۈشۈۋالدى ؟ ھۇھۇھۇ...سىز بىلەن ئەمەس،بېشىڭىزدىكى قالپاق بىلەن چۈشۈپتۇ ھەي؟~!
  • بولىدۇ ، مەن ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،بۇ ھەقتىكى تەسىراتلارنى خۇدايىم بۇيرىسا يېزىپ چىقىمەن
  • 4 پارچە رەسىم بىلەن گەپنى تۈگەتمەي ، سەپەر تەسىراتلىرىنى، ئويلىغانلرىڭىزنى ، شىيامىن بىلەن دىيارىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ مائارىپى بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ پەرقىنى قەلەمگە ئوبدانراق ئالىلى ...
  • ۋاھ ،بەك قالتىس جۇمۇ سىز.سىزنىڭ بانىڭىزدا دېڭىزنى تازا كۆرىۋالدىم