-
2010-09-19
يامغۇر ياغسىچۇ ...يامغۇر .. - [ئەسەرلىرىم]
يامغۇر ياغسىچۇ ...يامغۇر ..
شۇتاپ سەن ئۇيقۇغا كەتتىڭ جەزمەن ، مەن تۇيغۇمدا سىنى كىزىۋاتىمەن ... مەن ساڭا ئىستىلا بولغان شۇدەقىق ، لىۋىڭدىن باشلانغان نامەلۇم ئاپەت ، مەۋجۇتلۇقۇمنى يالماپ يۈتمەكتە بۇدەم .
ئازاب ماڭا ناتۇنۇش ئەمەس ، بەلكى ئۇ مەن ئىجاد قىلغان كۈي . بەلكىم سىنىڭ روھ شەھرىڭنىڭ ئەڭ ئاۋات دوقمۇشىدىمۇ ،ئەشۇ پەرىشتە سىياقىدىكى تاتلىق جىنايەت مەڭگۈلۈك بىر ئابىدە تىكلەپ قويدى ..شۇنداق ، مەن ئۇيەردە يۇمشاققىنە چاچلىرىڭ ئارىسىدا مەغرۇرلۇقۇمنى راستىنلا ئۆلتۇرۇدم !
كەچكۈزنىڭ بۇ سوغۇق ئاخشىمى ،ئاسماندىن مۇزدەك قاراڭغۇلۇق تامچىماقتا ،ئىچىمدىكى مەخپى پىلانىتىغا . ئىسىڭدىمۇ مەن ئۇيەردە تۇنجى يارالغان ئادەم ئىدىم،ئىككىنچى كۈنى سەن مېنى تىپىۋالدىڭ ! ..سەن زادى نەدىن كەلدىڭ ؟؟
...
رىئاللىق بىلەن رىئاللىقنىڭ دۈشمىنى ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن چاندۇرماي ،ئەمما چۈشلىرىمدە بىر دەھشەتتىن ۋەھى كەلمەكتە ..سەمىڭدە بولسۇن ئىككىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن قەلب سىرلىرىمىزنى تالان-تاراج قىلىۋاتقان ئامراق دۈشمەنلەر بولساقمۇ ، لەۋلىرىمىز بىرلىشىپ ، ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ قىلمىشىغا شىرىك بولدى !!
ئەتە سەھەردە كۈن غەرپتىن چىقسىكەن دەيمەن ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانىيەت بىلگەن ۋە بىلمىگەن بارلىق مۆجىزىلەرنىمۇ بىسىپ چۈشىدىغان بىر مۆجىزىنى تىلەۋاتىمەن ....
تالادا ، مۇزلاپ كەتكەن كۈز شامىلى ،قوينۇمدا ئىسسىنىۋىلىش ئۈچۈن دىرىزەمنى چەكمەكتە ،ئۇنىڭ يۇمشاق ئەمما مۇزدەك قوللىرى سىنىڭكىگە ئوخشايدۇ ،ئىيتقىنە ئۇ ياكى سىنىڭ تىنىقلىرىڭمۇ ؟!
....
تۈن ، ئۈن-تۈنسىز ۋە راھەت -بەخىش ھالدا كۈندۇزگە يەم بولماقتا . مەن قىززىپ -تولغۇنۇپ ،ئىسمڭنى جۆيلۇۋاتقان خىيالىمنىڭ بىشىدا ،ئۇنىڭ ئىپادىسىز كۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ،رىئاللىق ئەزرائىلىنىڭ ئۇنى قايسى شەكىلدە تىنىچلاندۇرىغانلىقىنى ساقلاۋاتىمەن .
....
كېچىنىڭ ئۆلىمى داۋاملاشماقتا ،سەن شۇتاپ يەنىلا چۈش مەملىكىتىڭدىمۇ ؟
....
بىرتامچە يامغۇر ئىدىم ،ئاللاھ قۇدرىتى بىلەن بىر تامچە ھۇجۇدۇمغا ئالەمچە ئىزتىرابلارنى سىغدۇردى ،راھەت بىلەن ئوتلۇق نەپەس ئىلىۋاتىمەن ،چۈنكى پەرۋاردىگارىمنىڭ مىنى -ئەشۇنداق مەن قىلىپ ياراتقانلىقىدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن ..
بىرتامچە يامغۇر مەن ،شۇتاپتا قارايامغۇر يىغىشىنى تىلەۋاتىمەن !شۇندىلا سەن مىنى تاپالمايتىڭ ئەمەسمۇ ؟!
ئىھ ........يامغۇر ياغسىچۇ !!......يامغۇر ............!!1999.9.9
评论
تال شاخلىرى ئېگىلىدۇ،ئەمما تاشلار جىم
............................