• 2010-07-31

    تونۇشايلى - [خاتىرىلەر]

    كەمىنە ،ئوغۇز ئېيىنىڭ 10- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا تۇغۇلغان . 2002-يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئنىستۇتىنىڭ سىياسى-مائارىپ كەسپىنى تاماملىغان .نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىشى بىلەن مەشغۇل  بولۇپ تارىخ ،سىياسەت دەرسلىرى بېرىش ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە دائىر ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئارتقان .
    ---------------------------------------------------------------
    كەسپى جەھەتتىكى مۇھىم ئۇتۇقلىرى :
    2010-يىلى 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرس يۇمشاق دېتالى لايىھىلەش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئىرىشكەن .
    2010-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئىرىشكەن .

    ----------------------------------------------------------------

    تور دۇنياسىدا
    2006،2007-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولوپ شەبنەم ۋە دىيارىم مۇنبەتلىكىدە «خەنجەربەگ»،«ئاتا» ناملىرىدا بىرقىسىم يازمىلارنى ئېلان قىلغان .
    2008-يىلى «روجەك مەرىپەت كۇلۇبى» نامىدا تور مۇنبىرى قۇرغان ۋە 2009-يىلى «قاراق مەرىپەت مۇنبىرى»گە ئۆزگەرتىپ قايتىدىن قۇرغان ،بىراق شۇ يىلى 7-ئايدا رايونىمىزدا تور تاقىلىش سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان ،كېيىن ئېچىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىدى ...

    --------------------------------------------------------------

    ئىنسان قولىدىن كىلىدىغان ئەبەدىيلىك نەرسە بولمايدۇ . بىز ۋاقت سەرپ قىلىۋاتقان بۇ مەۋھۇم ماكان توربېكەت ،بلوگ دېگەنلەر تېخمۇ شۇنداق ،ئەلۋەتتە بۇ تېخى يېقىن ئۆتمۇشتىلا ئىسپاتلاندى . لېكىن جاھان تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى  بولغان بۇ ئۇچۇر مەۋھۇم يولىدا باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا چاڭ-توزانغا كۆمۈلۈپ قالساقمۇ  تېرمىشپ مېڭىپ باققىنىمىز ئەۋزەل .
    شۇنىڭ بىلەن 2010-يىلى سەپەر ئىينىڭ بېشىدا بىلوگ باس سۇپىسىدىن بۇ «مۇئەللىم تورخاتىرىلىرى» نى ئىچىپ قويدۇم ،گەرچە تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بلوگ ئوقۇرمەنلىرى شالاڭ بولسىمۇ ،ئەيتاۋۇر باشقىلار ئۈچۈن ئاز-تولا نەپ بېرىپ قالىسۇن دېگەن نىيەتتە ،بۇ بلوگنى داۋاملاشتۇرالاغىنىمىچە يېزىپ بېقىش ئىرادىسىگە كەلدىم .
    بلوگىمنى زىيارەت قىلغان دوستلارنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى ئايىماي يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .تەشەككۇر .

    分享到:

    评论

  • تۇنۇشايلى دىگەن ئۇلىنىشنىڭ ئاخىرىدىكى / بەلگىنى ئېلىۋېتىڭ !
    logs71121651.html/
    بۇنداق بولسا ئېچىمايدىكەن !
  • ئاۋالقى ئىنكاسىمدا خاتا دەپتىمەن،تەكلىپلىك ئەزا ئىدىم دېمەكچى. كيۇ كيۇ نومۇرۇم: 272125961
  • گېنېرال ،ئالاقىلىشش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟كىيۇ-كىيۇ:1428585420
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تاشپولات ئەپەندى.
    مەن ئىلگىرى قاراق مۇنبىرىگە باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان گېنېرال بولىمەن.
  • ئوخشاش ئارزۇلاردا ئىكەنمىز . تىرىشايلى . خۇدا تىرىشقىنىمىزنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ .
    سىز بېلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن ..
  • بۇ ئۇسلۇبىڭىزنى يوللاپ بىرەلەمسىز ؟
  • تىرىشچانلىق ھامان مېۋە بېرىدۇ،ئەجر يەردە قالمايدۇ...تۈمەنلىگەن كۆزلەر يەنىلا سىزنىڭ غەلىبە يولىڭىزغا تىكىلىگلىك!...
    http://ozkan.blogbus.com
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复ئۆزقان说:
    رەھمەت سىزگە ،ئۆزقان .
    2010-08-15 02:42:47
  • يەنىمۇ تېرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.[defFace:0]
    مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى回复1231说:
    رەھمەت سىزگە .
    2010-08-15 02:44:43