مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
نۆۋەتتە مۇئەللىم بىلوگى ئىشلىتىۋاتقان مۇزىكا قويغۇچ قىستۇرمىسىنى بىر قىسىم بىلوگگىرلار تەمىنلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى . مۇئەللىم بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كەڭ بىلوگگىرلارنى نۇرغۇن ئۇسلۇب ۋە تېخنىكىلار بىلەن تەمىن ئەتكەن ، شەخسەن مەن مۇئەللىممۇ نۇرغۇن ۋاقىتلىرىمنى بىلوگ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان بىلوگخۇمارلارغا خالىس ئاتىغان بولساممۇ ، ئەمما ، مېنىڭ سەميمىيتىم بىر قىسىملارنىڭ نەزىرىدە مەجبۇرىيەت ۋە مەنپەئەت تالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . سالامەتلىك مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولۋاتقان ، ئۆز كەسىپىم ۋە ، ماڭا نان بېرىۋاتقان بۇ كەسىپ ماڭا بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك تەلەپ قويىۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ، مەن يەنىلا خالىس ياردىمىمنى توختاتمىغان بولساممۇ ، بىر قىسىملارنىڭ قىلغان يۈزسىزلىكى مېنىڭ مىڭ جاپادا قۇرغان تېخنىكا توپىنى ئاچچىق دەردىدە تارقىتىۋىتىشكە مەجبۇر قىلدى .
ئەمدىكى مەقسەتكە كەلسەم ، بۇ قىستۇرمىنى بۇرۇنقىدەك ھەقسىز تارقاتساممۇ بولاتتى ، ئەمما مېنىڭ بۇرۇنقىدەك يەنە ئاچچىق يۈتكۈممۇ ، خالىس ئەمگەكتىن كېيىن ، سەرپ قىلغان ۋاقتىم ۋە زېھنىم ئۈچۈن ئىچىنغۇدەك ھالىممۇ يوق . شۇڭا ، بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ ، تەڭشەپ بېرىش ۋە تارقىتىشنى ھەقلىق قىلىشنى ئويلاشتىم . ئەگەر زۈرۈر ئىدى دېگۈچىلەر بولسا ، بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ ، تەڭشەپ بېرىمەن .
قىستۇرما ۋە تەڭشەش ھەققى : 20يۇئەن .
لازىم دېگۈچىلەر بولسا ، مۇ يازما ئاستىدىكى «قوللاش»كۈنۈپكىسى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ھەق تۆلىگەندىن كېيىن ، ئالىي ۋاڭ ۋاڭ سۆزلىشىش قورالى ئارقىلىق سۆز قالدۇرسا ، مەن قاچىلاپ ، تەڭشەپ بېرىمەن .
قىستۇرما رەسىملىرى
قىستۇرمىغا مۇناسىۋەتلىك يازما ئادرېسى
تۇرسۇنجان ئۆمەرنىڭ بىر يۈرۈش ناخشىلىرى
ھەق تۆلەش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ
تېخنىكىلىق مەسىلىھەت سوراش ئۈچۈن بۇ توپقا قوشۇلۇڭ
سىز بۇندىن بۇرۇن مۇئەللىمدىن ھەقلىق مۇلازىمەتكە ئېرىشكەن بولسىڭىز بۇ توپقا قاتنىشالايسىز ۋە ھەر ۋاقىت ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز . ئەگەر ئېرشكەن ياردەمدىن مىنەتدار بولسىڭىز قوللاش يۈزىسىدىن يۇقارىقى ھەق تۆلەش شەكلى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرسىڭىزمۇ ، بۇ بىر قوللاش ، مۇئەللىم بىلوگنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇئەللىمنىڭ يەنىمۇ نادىر تېخنىكارنى تەمىن ئېتىشىگە تۈرتكە بولغان بولىسىز ، ئۇنىڭغىمۇ بولالمىسىڭىز ، باھايىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .
توپ نومۇرى :246910166
توپ نامى : wordpress技术
2016-يىلى05-ئاينىڭ05-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەخت
بۇمۇ بوپتۇ بىكارلىق ئىش قىلىپ بىزگە ياخىشى بولمىغاندىكىن ، ھەقلىق قىلىپ بەرسىلە مىننەتدار بولمىز .
بۇ تىمىنى ئۇقۇپ مەن بەكمۆ خىجىل بولدۇم .چۈنكى مىنىڭمۇ مۇئەللىمنىڭ كۈڭلىنى رەنجىتكەن يىرىممۇ بار ئىدى مىنى ئەپۇ قىلسىلا …
ئامان بولسىلا …
2016-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن كىرسلۇ
ياخشى ئىشتىن بىرىنى قىلىپسىز. دىمىسىمۇ بىلوگگېر دوستلار ئۈچۈن ئاز بولمىغا جاپالارنى تارتىۋاتىسىز. ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.
يەنە بىرگەپ، مۇشۇ قىستۇرمىغا ناخشا يوللىغاندا، ناخشىلارنى ئۆز بوشلۇقىمىزغا يوللامدۇق؟ ياكى ئايرىم ناخشا يوللاش مۇقىم بوشلۇقى بارمۇ؟
2016-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن 1قەۋەت
@گۈلخان مېنىڭ ناخشا-مۇزىكا يوللىغۇدەك بوشلۇقۇممۇ يوق ، باشقا ناخشا-مۇزىكا بېكەتلىرىدىن ئۇلاپ قويدۇم شۇ . ئۆز بوشلۇقىڭىز بولسىمۇ ياكى باشقا بوشلۇقلار بولسىمۇ بولىدۇ ….
2016-يىلى05-ئاينىڭ04-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
مەنچە بۇ ئۇيىڭىزمۇ ياخشى بوپتۇ ، باھاسىمۇ ئەرزان بوپتۇ .