مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7429|ئىنكاس: 102
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەنئەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتىشىمىز كىرەك؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-5-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 04:02:38 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
مۇنبەرگە كۆپ چىقىپ كەتمەيمەن ھەم كۆپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ كەتمەيمەن . چۈنكى ھەر قېتىم كومپىيوتىر ئالدىغا كەلسەملا ئېلھام قۇشلۇرۇم رادىيەتسىيەدىن قوقتىمۇ بىلمىدىم يوق بولۇپ كىتىدۇ ، شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ تىمىدا ئازراق كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ باقسام  .
نەخ گەپكە كەلسەك ئۇيغۇر مېللىتى بىلەن سەنئەت بىر گەۋدىدەك ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەكلا ، ئەلۋەتتە سەنئەت ئېنسان ۋۇجۇدىنى خۇشاللىققا باشلايدۇ، خۇشاللىق ئىنسانغا ئېشەنچ ئاتا قىلدۇ ، ئېشەنچ بولغاندا مۇۋاپىقىيەت بولدۇ. ئەلۋەتتە زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس . قارىسام مۇنبەردە سەنئەت توغرىستا گەپ بولسىلا تالاش تارتىش ھەتتا ئۇرۇش جىدەلدىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدىكەن ، بۇ سەۋەپ ھەر بىرىمىز نەزىردىكى سەنئەتكە بولغان قارشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىدىندۇر .
بەزىلەر دىننى چىقىش قىلىپ سەنئەتكە قارشى تۇرسا ، بەزىلەر مېللەت كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ قارشى تۇرىدىكەن ، ئەلۋەتتە قوللايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، چۈنكى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن سەنئەت ئېڭى ۋە جەمئىيەتنىڭ سەنئەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى بىزنى تەبىيلا سەنئەتكە قىزىقىدىغان قىلىپ قويماقتا .
سەنئەتكە بىز سەل ئارتۇق بېرىلىپ كەتتۇق دەپ ئويلايمەن ، چۈنكى بىز نېمىنى چوڭ بىلسەك بىزنىڭ ئارزۇيىمىز شۇنىڭغا ماس بولدۇ . مەسىلەن : بۇرۇن مەن چوڭ بولسام مەن ھەربى بولىمەن دەيتۇق ، سەۋەپ نىمە؟ چۈنكى شۇ زاماندىكى تىلۋۇزۇرلاردا قويلىۋاتقان فېلىملەردىكى ھەربى ساقچى ئوبرازى ھەمىمىزنى ھەۋەس قىلدۇغان . ھازىرقى جەمئىيەتتە  بالىلار داڭلىق چولپان بولۇشنى كۆپرەك ئارزۇ قىلدۇ ، چۈنكى بىز نەگە قارساق شۇ سەنئەتچىلەرنىڭ گىپىنى قېلىپ ماختاپ ، چوڭ بىلىپ ئەۋلادلىرىمىز قەلبىگە خاتا ھالدا سەنئەتچى بولسىلا ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان بىر خاتا تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈپ قويغان . قارىسا نەچچە ناخشىچى ئۇسۇلچىنى بىلسەن دىسە ساناپ كېتىمىز پەخىرلىنىپ ، نەچچە دوكتۇر ئالىملىرىمىز بار؟ ئۇلارنىڭ  ئېرىشكەن تۆھپىسى نىمە ؟ دىسە خۇددى بۇلار بىز بىلەن مۇناسىۋتى يوقتەك قاراپ تۇرمىز . تېخى بەزىلەر بار ئېنكاس يېزىپ سەن ساناپ بېقىپ ئۆزۈڭ قېپ بېقىپ بىزگە دە ؟ خەق بىلەن كارىڭ نىمە؟ بىر مىللەت دىگەندىن سەنئەت خۇمارلارمۇ چىقىدۇ دەيدىغان . . .
ئويلاپ باقايلى بىزگە كېرەك بولغىنى ۋە بىزدىكى قىزىقىش سەنئەتما؟    ئەلۋەتتە مەن سەنئەتنى چەتكە قاقمايمەن ، بىراق قوللاپ كەتمەيمەن . ھەربىرىمىزنىڭ ئۆيىدە كامىدە 40،50 تال پېلاستىنكا بار ،  مەيلى ساختا نەشىر ، راست نەشر بولسۇن 3يۇەندىن بولسا 5 دانە كىتاپنىڭ پۇلى دىگەن گەپ . ئەمما ئۆيمىزدە كېتابتىن  بارمۇ  دىسە بار دىيەلەيدىغان دوسلار ساناقلىق . بۇنداق دىسەم كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت يوق دەيسىلە ، ئەمسە سوراپ باقاي شۇ بىرمۇنچە پېلاستىنكىنى كۆرىشكە چىققان ۋاقىت بىر كىتاپ ئوقۇشقا چىقمامدۇ؟ شۇ سەنئەتنى ھىمايە قىلۋاتقانلاردىن سوراپ باقسام ساختا پىلاستىنكىنى سېتىۋىلىپ شۇ ساختا پېلاستىنكا ياسايدىغانلارنىڭ بازىرنى كۆپەيتىپ ، قوللاپ ئۇلارنى جىقايىتقان سىز سەنئەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭىزمۇ قانداق؟ ياكى شۇ پىلاستىنكا ئالىدىغان پۇلنى يىغىپ كىتاپ ئېلىپ ساختا پىلاستىنكىچىلارنىڭ بازىرىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىگە ياردىمى بولىۋاتقان سەنئەتكە ۋاي دىمەيۋەتقانلار ھۆرمەت قىلىۋاتامدۇ ؟
بۇ يەردە كىتاب ئال دىمەكچى ئەمەسمەن ، ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ سەنئەتچى بولشىنى خالىسىڭىز سەنئەتنى توختىماي سۆزلەڭ ، داڭلاڭ ،  ئۆيدە كۆرۈڭ گېپىنى قىلىڭ ، سەنئەت قاناللىرىنى ئېچىپ قويۇپ بىرىڭ ، ئۆزىڭىزمۇ سەنئەتنى ، ناخشا - ئۇسۇلنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈڭ بۇ ئىختىيار ، ئەمما پەرزەنتىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە پەن - مائارىپنىمۇ قوبۇل قىلدۇرۇڭ  .
بالىلىرىمىزغا تەسىر قىلۋاتقان ئامىللاردىن جەمئيەت ئامىلى ھەقىقەتەن بىزنى ئويلاندۇردۇ ، تېلۋۇزۇرلاردا سەنئەت پىروگىراممىسىدىن بىرمۇنچە بار ، قارىساق چوڭ كېچىك  ، قېرى ياش ، ناخشا ئوقۇيمەن ، ناخشا ئىجاد قېلىپ تونۇلىمەن ،  دەپ يۈرگەن ... نېمە ئۈچۈن بالىلار ئېلىم پەن ئۈگۈنۈپ تونۇلىمەن دىمەيدۇ ؟ بۇ سەۋەپ دەل بىزدىكى ۋە پەرزەنتلەردىكى سەنئەتكە بولغان قېزىقىشنىڭ ھەددىدىن زىيادا يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكى . ھەممە ئىش مۇۋاپىق بولسۇن ، سەنئەتنىمۇ سۆيەيلى ، ئۇمۇ ئۆز يولىدا تەرەققى قىلسۇن ، بىراق  بەك بىرىلىپ كەتمىسەكمۇ بولدۇ . بولسا تېلۋۇزۇرلاردا پەن - مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر ۋە بىزدىن چىققان ياكى باشقا ئەلدىن چىققان مەخسۇس داڭلىق ئالىملارىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان پىروگېراممىلار بولسۇن سەنئەت پىروگراممىلىرىنى قويۇش بىلەن تەڭ يەنە شۇنداق ئادەمنى بىلىم ئېلىشقا ، ئالغا بېسىشقا يىتەكلەيدىغان پىروگىراممىلار قويۇلسا بىزگە ۋە بالىلارغا چوڭ ئۈنۈمى بولاتتى .
بولسا ئۆيدە كىتاپتا  سەنئەتچىلەرنى ئۈنچە داڭلاپ ئۇچۇرۇپ كەتمەيلى بولۇپمۇ باللىرىمىز ئالدىدا .  بۇرۇنقىلار بىزگە دائىم قەھرىمانلار توغرىسدا چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى ، شۇ سەۋەپتىن بىز ئاشۇنداق باتۇرلاردىن بولساق دەپ ئويلايتۇق ، شۇڭا تارىختا نى ئەزمەتلىرىمىز بولۇپ ئۆتكەن .
دادامنىڭ مۇنداق بىر ئېشى ئىسىمدىن كەتمەيدۇ . كىچكىمىزدە ئۇ دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشقا ئالامەت ئۇستا ، ئىشقى بار ئىدى ، بىز مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ دۇتتارنى چېقىپ تاشلىغان ، ئۇنىڭ دىيشىچە دۇتتارنى تولا چالغان كىشى نامراتلىقتا قالارمىش ، كىيىن چۈشەنسەم ئۇ ئەسلى ، بىزنى ياخشى بىلىم ئالدۇرۇش ، ياراملىق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويۇپتىكەن .
شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۆيمىزدە ھەمىمىز ئالى مەكتەپلەردە ئوقىدۇق ، ياراملىق بولۇپ چىقمىغان بولساقمۇ يارامسىزلاردىن بولۇپ قالمۇدۇق .
  بولسا قېرىنداشلار بۇ تېما ئۇستىدە ئارتۇق دە تالاش قېلماڭلار ، ياقمىغان بولسا چىرايلىق قارىشىڭلارنى يېزىپ قويساڭلار بولدۇ ، ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلغۇدەك مەسىلە ئەمەس .
ئاخىردا دىمەكچى بولغىنىم : ھەر ساھە ، ھەر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئادەملىرى ، قىزىققۇچىلىرى بولىدۇ ، بۇ تىمىدا مەن سەنئەتكە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇت ، ياكى سەنئەتچى بولما دىمەيمەن ، مەن پەقەت ئۆزىمىزنى ۋە پەرزەنتىمىزنى پەن - مائارىپ بىلەن ئالغا باستۇرۇپ ، سەنئەتنى ئالدىنقى تاللاش قىلىۋالمىساق دىمەكچىمەن .
جەمئىيتىمىز كەڭ دائىردە سەنئەتكە قىزىققاندەك كىتاپ ئوقۇشقا ، كەسپى ماھارەت مەكتەپ - كۇرۇسلىرىدا تەربىيلىنىشكە ، بالىلار مەكتەپكە ... قىزىقسا ئۇ ۋاقىتتا بىزدە ساپا ۋە مەدەنىيەت تېخىمۇ ئىلگىرى باسقان بولاتتى ھەمدە سەنئەتكە بولغان توغرا قارىشىمىزمۇ يىتىلگەن بولاتتى .

مەنبەسى : ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 09:18 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zumrettash + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
2#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 08:35:43 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن ھەممە زىيالىلاھ سىزدەك ئويلىيالىغان بولسا بۇچاققىچە مىللىتمىز قانداق تەرەققىياتلارغا ئىرشىپ كىتەتتى!
مىنىڭچە بۇناخشىچى سەنەتكارلار بىزنىڭ مىللىتمىزدىكى
زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلىنىپ قېلۋاتدۇ.
بىز يەنە ھۇشمىزنى تاپماي مۇشۇ بويچە كىتىۋىردىغان بولساق
سىگانلاردىن پەرقىمىز قالماسلىقى مۇمكىن؟

ئەسكەرتىش ئنكاسىمدىن سەلبى نەقىل ئالمەن دەپ ئاۋارە بۇلۇۇشمىسلا مەن باشقىلارنىڭ ....ئىديسى بۇيچە ياشمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89954
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
3#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:00:03 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ماۋۇ ئىككەيلەن سەنئەتخۇمارلار مەھەللىسىدىن ئوخشىمامسىلەر،سەنئەت مۇھىتىدا ياشاۋېرىپ زېرىكىپ سەنئەتنى ئەيىبلەپ كېتىپسىلەر، سىلەرچە مىللەتنى ئارقىدا قالدۇرۇۋاتقىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋاتقىنى سەنئەت ئوخشىمامدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3443
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
4#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:14:38 AM |ئايرىم كۆرۈش |
راس بەك ئىزدىنىپسىز قايىلمەن!!
بەك ياخشى تىما بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89954
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:17:01 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
گازا يوللىغان ۋاقتى  2014-3-20 08:35 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە  ...

قېرىندىشىم مىللىتىمىزنى سىگانلارغا سېلىشتۇرۇش سەل بالدۇر كېلەرمىكىن، سىگانلارغا ئائىت يازمىلارنى ئوقۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە سېلىشتۇرۇپ ئاندىن  ھۆكۈم چىقارسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز
سەنئەتنى يوقاتقانغا  تەرەققىي قىلىدىغان ئىش بولسا تارىختا تارىختا ئەدەبىيات سەنئىتىمىز بىر قانچە قېتىم  يوقىتىشقا ئۇچرىدى شۇ چاغدا نېمىشقا تەرەققىي قىلىپ كەتمىدۇق؟  «زەھەرلىك ئۆسمە»نىڭ نېمىلىكىنى تېخى ئاڭقىرالمىغان ئوخشايسىز
سىزگە  ئابدۇقادىر داموللامنىڭ«ئاممىغا نەسىھەت» ناملىق ماقالىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:18:29 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
تۇغىرا دەيسىز بۇلۇپمۇ بىىزنىڭ بۇ يەردە ئەسلى پىلاستىنكنى تاپماق تەس ھەممىسى ئاساسەن ساختا پىلاستىنكا.شۇ ڭىغىمۇ ھازىر ناخشىچى
لارمۇ ئازداپ كەتتى.ھەرقانداق  بىر مىللەت ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنياغا تۇنۇلمايدۇ.ئەلشىر نەۋايى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپ .مەخمۇت قەشقەرى بۇلار مۇشۇلا قانداق قىلىپ جاھانغا تۇنۇلدى ھەممىزنىڭ بىر ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:36:42 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئزدەپسىز. سىزدەك ئويلايدىغانلار قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولاتتى. بىز مۇشۇنداق تىمىلارغا مۇھتاج.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 537
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-24
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:46:00 AM |ئايرىم كۆرۈش |
قېرىندىشىمىز ۋەخپىنىڭ تىمىسىدا ياخشى ھەربىر ئۇيغۇرئويلۇنۇشقاتېگىشلىك مەسلىلەر
ئوتتۇرغا قويلۇپتۇ   رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102467
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2014-5-21
9#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:47:41 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ناخشا-مۇزىكاقەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ،ئىماننى سۇسلاشتۇرىدۇ.بىرناخشىنى ئون20قېتىم ھەتتا2-3كۈن ئاڭلايمىز،ئاندىن ھەپتە10كۈن نەدەبولساق شۇمۇزىكىغاغىڭشىپ يۈرىيمىز.شۇنىڭ بىلەن شاھادەت تەسبىھ ئېيتىشقاقەلىبتەئورۇن قالمايدۇ. دىنغاباغلىۋالماي ئويلىساقمۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjahan0997 + 20 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9719
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-5-26
10#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 09:52:11 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز! ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىلەر، سەنئەتنىلا تەشۋىق قىلىپ ماختاپ كۆككە كۆتىرۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ ھەم پۈتۈنلەي ئىنكار قىلۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ! قىسقىسى بىز كەلگۈسىمىزنى پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان پەن تەتقىقات كەسىپلىرىگىمۇ تېخىمۇ زور نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز كېرەك!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش