مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3156|ئىنكاس: 27

ۋاستىچى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئېككى كەلىمە سۆز. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 02:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ۋاستىچى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىردىكى بەزى ئېنسانداشلار،مېنىڭ سىلەرنى دېنداش ياكى مېللەتداش دىيشىمگە ھەر بىرسىڭلىنىڭ ئاشۇ كالا تېرىسىدەك قېلىن تېرەڭلا چىدىغان بىىلەن مېنىڭ چېدىمايدىكەن.
مەن سېلەرگە شۇنداق ھەيران،سېلەر ئاشۇ پۇل يوق خېزمەتكە ئېھتىياج كېشىلەرگە خىېزمەت تېپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇلىنى قاراپ تۇرۇپ ئالداپ ئېلىۋالساڭلا ،بۇ خۇددى ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك ئېش بولمامدۇ؟بۇنىڭغا قانداق بىر يۈركىڭلا چېدىغاندۇ؟ تېلەمچى جېنىدا خەق بەرسە ئالىدۇ،بەرمىسە پۇل يوقلارغا ئېسىلمايدۇ.بېردۇ سىلەر نەدە پۇلغا مۇھتاج كېشىلەرنى قاختا سوختا قېلىدىكەنسىلە،مۇنداقچە ئېيتقاندا سېلەردىن تېلەمچى مېڭ ياخشىكەن. يەنە سېلەردىن شۇنداق سورغۇم كېلىۋاتىدۇ،سېلەرگە .ئېش ئورنى بېلەن تەمىنلەيدىغان مېللى كارخانىلار خېلى كۆپ ساننى ئېگەللەيدىكەن،شۇ مېللى كارخانا بېز بولغاچ پۇت تېرەپ تۇرىدۇ،شۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن شۇ كارخانىلار بېزنى سېلەرنىڭ ئالدىشىڭلار ئۈچۈن يول ئېچېپ بېرىدۇ؟ ۋېجدان دەيدىغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر؟ئۈرۈمچىدە ئالى مەكتەپ ئوقۇغچىللىرى بېر تەرەپتىن ئېشلىگەچ ئوقۇپ ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەي دەپ ئويلاپ بېلىپ بېلمەي ئالدىڭلارغا قۇرغان توزۇقۇڭلارغا چۈشۈپ قېلىپ بېراپ قالىدىكەن،نەتىجىدە سېلەر ئۇلاردىن شۇ ئازغىنە پۇلىنى ئېلىپ ھەتتا خېزمەتمۇ تېپىپ بەرمەي ئۆكتەملىك قېلىپ شۇ بېچچارىلارنى ئالدايدىكەنسىلە،مەنچە سېلەردەك ناچار نېمىلەرنى دۇنيادا ئايرىم بىر قەۋىم دىيىشكە تامامەن بولىدۇ،سېلەردە بار ۋجدان ھېچكىمدە يوق،سېلەردە بار ئەخلاق ھېچكىشىدە يوق.
ئۈرۈمچىدە سېلەردىن جاق تويۇپ قەشقەرگە كەلسەم قەشقەردە كۆپ ئەمەسكەنسىلە ،لېىكىن قەشقەردىكى ئۇچۇر ۋاستىچىللىرنىڭ تېخنىكىسى ئېش ئۈنىمى سېلەردىن ئېشىپ چۈشىدكەن.
قايسى كۈنى ئۇچۇر تورىدىن بىر ئورۇن ئادەم ئالىدىكەن دەپ تېلفۇن قېلسام مەن ۋاستىچى دەيدۇ،ھە دىسەم بېز ئاۋال سېلنى خىزمەتچى ئالدىغان يەرگە ئاپىرىپ ئېشىقا تونۇشتۇرۇپ سېلە رەسمى ئېشقا چۈشكەندە 200يۇەن ئالىمىز دىسە ياخشىكەن دەپ بېرىپتىمە،باسام ئېشقا تونۇشتۇرماي تۇرۇپ پۇل ئالىمە دەيدۇ،سېز مېنى دۆت چاغلاپ قالدىڭىزمۇ ،مېنى ئالدەيمە دېگۈچە خوتۇنلىرنىڭ ئوچقىغا تېزەك تېرىپ ئوت قالىسىلا دەپ كېتىپ قالدىم. بېزدە باشقىلارنى ئالداش دەيدىغان ئېللەت يوقتىغۇ؟ ئۇلارنى بېز دېيىشقا تېللىم بارمايدۇ.
مەن شۇلارغا ھەم شۇلارغا نۇمۇس قېلماي ئېش ئورنى تەمىنلەپ بېرۋاتقانلارغا شۇنداق دېمەكچى ئەگەر پۇل تاپالمىغان بولساڭلا كوچىغا چېقساڭلا بولىدۇ،بېرۋاتىمىز ھەم بېرىمىز،ئالدىغنىڭلاردىن كۆپ ياخشى. ئېش .ورنى بېلەن تەمىنلەۋاتقان ئورۇنلارغا شۇنداق دېگۈم بار سېلەرنى بېقىۋاتقان بېز،ئەگەر بېز سېلەرنى بېقىۋاتقان ئېقتىساد بېلەن بېزنى ئالدايدىغانلارنى باقساڭلا بۇ تولىمۇ ئېپلاسلىق نۇمۇسسىزلىق. ھەممىسى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
خېزمەت ئېزدۈگىچىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئالدامچىلارغا ئېشەنمەسلىكىنى ئۆمۈد قېلىمەن. ئاللا خالىسا يېقىندا ئۆزۈم بارىلىق مەبلەخنى چېقىرىپ ئېش ئورنى تونۇشتۇردىغان پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بىر شارائىت ھازىرلىماقچى ئۇنۇڭغىمۇ ئاز قالدى.
خېزمەت ئېزدۈگىچىلەر ئۇچۇر تورىدىن ئېزدىسەڭلار بولدۇ، لېىكىن ئۇچۇر سانى بەك كۆپ بولغاچقا بەزى ئالدامچى ۋاستىچى شېركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرمۇ چېقىپ تۇردىكەن ھەممەيلەننىڭ ئۆز مال مۈلكىمىزنى ئۆز ئەقلىمىز بېلەن قوغدىشىنى ئۆمۈد قېلىمەن.ئەگەر شۇ ئالدامچىلار يەنە تۈزەلمىسە مەندە ئۇلارنىڭ تېلفۇن نۇمرى توشاق بار مۇشۇ توردا بېر ئېلان قىلۋىتىىپ ئېتمۇ پۇرىماس قېىلۋىتىمەن.
بۇ يەردە دېيىلگىنى يامان نېيەتلىك ۋېجدانى يوق ئۇچۇر مۇلازىمەت ۋاستىچى شېركەتلىرى،شۇنداقلا كاللىسى ئېلىشىپ قېلىپ شۇنداقلارغا ئېش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن كارخانىلار.شۇڭا ياخشى نېيەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئۆزىگە ئېلۋالماسلىقىنى سورايمەن.
ئەلۋەتتە ياخشى نېيەتلىكلەرمۇ بار ئاللا ئۇلارغا كۆپلەپ ساۋاب بەرسۇن.

بۇ تېمىدا ئۇرۇش جىدەل قېلدىغان تالشىدىغان ھېچقانداق مەزمۇن يوق،بۇ يەردە سۆڭەك پۇراپ جېدەل قېلدىغانلارنىڭ ئەگېپ ئۆتۈپ كېتشىنى سورايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13065
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1118 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 06:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاستىچى، ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىرى دەپ بەك چىرايلىق ئاتاپ قويۇپسىز بۇلارنى. مېنىڭچە قويمىچىلار شىركىتى دەپ يازساق ھەم شۇنداق ۋېۋىسكىنى ھەممەيلەن بۇلارغا ئىنئام قىلساق بەك ياخشى بولاتتى. بۇلاردا ئىنساب، قېرىنداشلىق دېگەن نەرسە يوق. سىز دېگەندەك ئەڭ نامراتنى ئالداۋاتقان ساختىپەز، ھالال پۇل تېپىشتىن ئېرىنىدىغان كىشىلەر دەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت دەپ ۋېۋىسكا ئاسقانلاردۇر. ئۇلار دەسلەپتە پولۇدەك يۈزىمىزنى قىلىپ بىر كۈن ئۆتسىلا پۇلىمىزنى ئېلىپ بولغاندىكىن شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇپ بىزنى يولغا سېلىپ قويۇشىدۇ. يىراقلاردىن ئىش تېپىپ ئائىلەمنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەرمەنمىكىن دەپ كەلگەن كىشىگە بۇ 150 يۈەن، 200 يۈەن (گەرچە ھازىر ئانچە كۆپ پۇل سانالمىسىمۇ) گە ئالدىنىشمۇ چوڭ زەربە بولىدىغان گەپكەن. شۇنىڭ بىلەن يات شەھەردە كىمگە ئىشىنىش، قايسى يولدا جاننى بېقىشنى بىلمەي نەچچىمىز ئۆيدىن پۇل ئېلىپ چىقىپ كېتىشتە يەنە شۇ ئالدامچىلار سەۋەبىدىن ئۆيدىن پۇل سالغۇزۇپ ئاندىن كېتىمىز. بۇلار ھەقىقەتەن باشقىلارنى ئويلايدىغان يۈرەكنى ئاللىقاچان چۆرىۋېتىشتى. بۇلاردا ئىنسانىي يۈرەك يوق. ئىشقىلىپ مەن ئۇچرىغان ئىشقا تونۇشتۇرۇش، ۋاستىچى، مۇلازىمەت ئۇچۇر دېگەنلەرنىڭ بىرەرسىمۇ ئىنساندەك ئىش قىلىشمىدى. ھەم شۇ يەرگە كىرىپ چىققان دوستلىرىممۇ شۇ قەدەر قاقشىشىدۇ. قىرىنداش تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىشتىن ئېرىنسەك ياخشى بولاتتى. مۇمكىن بولسا ۋاستىچى قېرىنداشلىرىمىز ئاز تولا يۈرىكىڭلارنى سىلاپ بېقىپ ئىش قىلىڭلار. جاھان دېگەننىڭ سورىقى بولىدۇ، ئىنسان مىڭ يىل ياشىمايدۇ. قىسقىغىنە ھاياتىدا نەپنىلا كۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4166
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 06:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ جىق ئاڭلاپ كەتتىم مۇشۇ ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىرى  توغىرلۇق.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8397
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 08:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ سەنشىخاڭزا دۆڭكۆۋرۇك ئەتراپىدىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت ۋاستىچىللىرىنى گويا بولاڭچىدىن پەرقى يوق دەيمەن .نەچچە يىل ئاۋۋالقى خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللايدۇ .گويا ھازىرلا 4000كويلۇق مائاشلىق خىزمەتچى قىلىۋىتىدىغاندەك .
   قانۇن ئورۇنلىرى شۇلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن !

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7860
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 08:14:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن   ئۈرۈمچىدە  مۇشۇلارغا ئالدانغان
......مۇشۇلا سەۋەپلىك جېنىمدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان.....كىيىن تىرىشىپ يۈرۈپ  ياخشى بۇلۇپ كەتتىم.....مەن بەك ئۆچ مۇشۇلارغا..ئالدىدىن ئۆتمەسلىككە ئامال يوق...ماڭىدىغان يول شۇ بولغاندىكى...ماڭسا    تىلەمچىدەك   كارتا تارقىتىپ يۈرگەن...ئالدىدىن ئون قېتىم ئۆتسە ھەممىسى  ئون قېتىمدىن كارتا تەڭلەپ تۇرغان كۆزگە سەت كۈرۈنۈپ تىللاپ كىتەي دىسە يەنە.....شۇڭا  دۆڭكۈۋرۈك تەرەپتىن مېڭىشقا شۇنداق ئۆچ مەن....ئۇلارنىڭ نۇمۇس قىلماسىلىقى, كۈكەمىلىكى,ئۇشۇقلىقى,ئالدامچىلىقى بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى...بىلمەيدىغانلار پۇپ تۆلەيدىكەن لىكىن ئىشقا ئورۇنلىشاپمايدىكەن..بۇنى يېزىپ بەك ياخشى قىپسىز....

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 09:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم نەچچە قېتىم ئالدىنىپ كېتىپتىكەن ئۇلارغا،لەنەت شۇلارغا.

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9962
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 10:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاستىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئىشلەپ كەتكىنىگە ھەيران قالىسىز، ھەرخىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ.
ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى تېخى، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ موھتاج كىشىلىرىنىڭ ئازغىنە پۇلىنى قۇيۇپ، نېمە كۈنمۇ كۆرۈپ كېتەر شۇلار؟!
مەسچىت قۇرۇلۇشىغا ئىشچى قوبۇل قىلىمىز دەپ جەنۇبتىن كەلگەن يەتتە سەككىز ياش بالىنى تىزىملاپ، تىزىم ھەققى دەپ ئالدىن 4000 يۈەندىن ئېلىۋالغان، ساۋابلىق ئىش بولغاندىكىن دەپ بۇ ساددا ياشلىرىمىزمۇ ئارتۇق ئويلىمىغان. بىراق، پۇلنى ئېلىۋېلىپلا ھېلىقى ناچار گۇي يوقاپ كەتكەن. مۇشۇنداق مەسچىتلەرنىڭ نامىنى سېتىپمۇ ھارام پۇل تاپىدۇ بۇلار!
يەنە ئەسكەرتىش: مۇشۇ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار دىققەت!
ھەرقايسى زاۋۇت ھەم يۈك بېسىش ئورۇنلىرىغا يەنى ئاشخانىلارغا ئىشچى مۇلازىم قوبۇل قىلىدىغانلاردىن سانى بىر قەدەر كۆپ ئادەم ئالىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ۋاستىچى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن تېلېفون قىلىپ، ۋاستىچىمۇ ياكى شەخسىمۇ چوقۇم ئېنىقلاڭ. ھەرگىز ئالدىن پۇل سېلىپ بېرىدىغان ياكى قولىغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ئىشنى قىلماڭ! ئالدىن پۇل ئالغانلارنىڭ ھەممىسى قۇيمىچىلىق!

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109417
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 10:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت بىر ئىنىمىزمۇ 60 مىڭغا قويۇلۇپتۇ ، شۇلارنىڭ دەستىدىن.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 10:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ تورداشلارنىڭ تىلتاپ تورىدا ھەقسىز ئۇچۇر ئېلان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
www.biltap.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 11:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 12.ئاي سوغاقتا  تالادا  ئۈچ  كۈن  يېتىشقا  مەجبۇر  بولغا  ئاشۇ  ئالدامچىلارغا  ئالدىنىپ  ئۈرۈمچىگە تۇنجى چىققان  ۋاقتىم  ئىدى   بىر  ئومۈر ئېسىمدىن  چىقمايدۇ  

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش