مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 881|ئىنكاس: 4

مېنىڭ ھايات يولۇم (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:44:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاپقاراڭغۇ كىچە، ئۆزۈم يالغۇز جۇد شىۋىرغانلىق قار بىلەن پۈركەنگەن ھايات يولۇمدا تەنھا كىتىۋاتىمەن. قاياققا مېڭشىىمنى بىلمەيمەن. يۈزۈمگە نەشتەردەك سانجىلۋاتقان سوغۇق شىۋىرغان خۇددى ھېلىلا مىنىڭ پۈتۈن بەدىنىمنى ئاشۇ نەشتەردەك سوغۇقلىرى بىلەن ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋىتىدىغاندەكلا قىلاتتى.
مەن توڭلۇدۇم ھاردىم جۇدۇن ئالغا ئېلگىرلىشىمگە توسالغۇ بولماقتا، بۇ يول پەقەت داۋامى بار بىراق كەينى يوق يول ئارقامغا قايتىشقا تامامەن ئامالسىز مەن.تۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ ئۆمۈد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم.ئارقامدا قالغان يوللارغا يېنىشلاپ قارايتىم،ئاشۇ يولدا ماڭا ئېلگىرى ئۆمۈد ئېشەنچ ئاتا قىلغان كىشىلەرنىڭ پەيدا بوپ مىنى ئۆز باغرىغا بىسشىنى تولىمۇ ئۆمۈد قىلاتتىم. ئەپسۇس، ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ.تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن قاتتىق ئاچىقىم كېلەتتى،بېسىپ ئۆتكەن ئاشۇ گۈزەل يوللۇرۇمنى نىمە ئۈچۈن قەدىرلىمگەندىمەن؟ئاتا ئانام شۇنداق گۈزەل يوللارنى ئۆز قان تەرى ئارقىلىق يارتىپ بەرسە مەن نىمە ئۈچۈن بۇنداق يولدا مېڭىپ قالىمەن؟مېنىڭ شۇنداق ئانا دەپ دادا دەپ توۋلۇغۇم بار بېراق سوغۇقتىن قېتىپ قالغان ئاۋازىم ھىچ گەپكە كىلدىغاندەك ئەمەس. مەن ئاخىرى ئۆزۈمنى سوغۇق قار ئۆستىگە تاشلىدىم. قار ئاپئاق بىراق نىمە ئۈچۈن ماڭا ئازراق بولسۇمۇ ئىسىقلىق ئاتا قىلالمايدۇ؟ بەزى ئىنسانلار گەرچە ئۆزى ئاق بولمىسمۇ سوغۇق ئەمەسقۇ؟ كېشگە ئېللىقلىق ئاتا قېلالايدىغۇ؟ قارنىڭ تەبىتى شۇنداق سوغۇق،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئامراق بولسىمۇ ئۇنۇڭ بىلەن ئۇزاق بىرگە تۇرۇشنى خالاپ كەتمەيدۇ.ئەسلى مەۋجۇدات ئۈچۈن تاشقى جەھەتتىكى ئاقلىق ئەمەس ئېچكى گۈزەللىك موھىمكەن ئەمەسمۇ.بۇلارنى نىمە ئۈچۈن بالدۇراق تونۇپ يەتمىگەندىمەن.قارغا بارغانسىرى كۆمۈلۈپ كېتىۋاتاتىم، بار كۈچۈم بىلەن ئەتراپقا قارايتىم، بىر يەلەردىن يورۇقلۇق ئېزدەيتىم، بىراق ھىچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ.كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلماقتا،ئاققان ياشلار مەڭزىمدە مۇز تامچىسى بوپ قېتىپ قالغان ئېدى،توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى پەقەت توختىتالمىدىم، ئەكىسچە كۆزياشلىرىمدىن شۇنداق كىچىككىنە ئېللىقلىقىنى ھىس قىلغاندك قىلاتتىم. ئەسلىدە قىزلار نىمە ئۈچۈن ئازاپلانسا كۆز يېشى قىلدىغنىنى تونۇپ يەتكەندەك بولغان ئېدىم چۈنكى كۆز ياشتا كېشى ۋۇجۇدىغا ئاز بولسىمۇ ئېللىقلق ئاتا قېللايدىكەن، ئەمەسمۇ.تۇرۇپلا ئاللاغقا سىغنىپ يالۋۇردۇم چۈنكى ھەرقانداق ئېنسان ئەڭ قېيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇلۇغ ئاللاھتىن پانا تېلەيدۇ. مەن پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاللاھتىن ماڭا يورۇق بىر نۇر ئاتا قېلشىنى كۆز ياش ياق قان ياشلىرىم بىلەن تېلىدىم.كۆزۈم بارا بارا خىرەلەشتى، پۇتۇن بەدنىم سوغۇقتا ھىچنىمنى سەزمەيدۇ.مەڭزىمدىن ئاققان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يىشىم بىلەن كۆزۈم يۇمۇلدى،تۇيۇقسىز بىرخىل ئېللىقلىقنى سەزگەندك بولدۇم بىراق كۆزۈمنى ئاچاي دىدىم مادارىم يەتمىدى .بەدىنىمنىڭ ئېللىشىدن كەلگەن كۈچ قۇۋەتىنمۇ ياكى ئاللاھنىڭ مەندەك بىر گۇناھكار بەندىسىگە بەرگەن كۈچ قۇۋتىدىنمۇ كۆزىمنى ئاچتىم ،ئانام مىنى قۇچقىغا ئېلىپ باغرىغا باسماقتا ئېدى، دادام بىر تەرەپتىن شۇنداق يورۇق بىر چىراقنى كۆتۈرۋاپتۇ،ئۇ چىراقنىڭ نۇرى پۈتكۈل ھايات دۇنيارىمنى تامامەن يورۇتقان ئۇنۇڭ ھارارىتى مىنى تولۇق ئېسىتقان ئېدى. مەن ئۇلار ئالدىدا چەكسىز نادامەت ياشلىرىمنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم دە كۆزۈمدن دەريا كەبى ياشلارنى تۆكتۈم.دادام تۇر ئوغلۇم ئوغۇل بالا دىگەن دەس ئورنىدىن تۇرۇپ كىتشى كىرەك.ئال بۇ چىراقنى بۇ چىراق سىنىڭ ھايات يولۇڭنى يورتىدۇ سىنى ئېللىتىدۇ. سەن ئالدىڭغا قاراپ ماڭ دىدى.مەن چىراقنى ئالدىم دە ئۇلارغا ئاللاھقا ئامانەت دىگنىمچە ئالدىمغا قاراپ ئاتلاندىم.جۇد بورانلىق شۇ مۇساپپىلىرىم تۈگەپ گۈلۈستانلىققا خۇشاللىق شادلىققا تولغان دۇنيدرىمغا قايتىپ كەلدىم.بىراق تۇرۇپلا ئارقامغا قاردىم.دادام بىلەن ئانام يوق ئۇلار ئاشۇ جۇدۇنلۇق بورانلىق ھايات يولۇمدا قالغان ئەمەسمۇ،چىراقنى ماڭا بەردى ئۇلار قانداق قىلغاندۇ دىگەن ئوي چاقماق چاققاندەك خىيالىمدا پەيدا بولدى.مەن نىمە دىگەن نادان.نىمە دىگەن ۋىجدانسىز؟ مەن نىمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئويلۇمدۇم؟مەن ئېرىشكەن بۇ گۈلۈستان ھاياتىم ئەمدى مەن ئۈچۈن جۇد بورنلىق ئاشۇ قىسقىغىنە ھايات يولۇمدىنمۇ ئېچىنىشلىق بىلىنگەندك بولدى.بىراق تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولشان خۇش پۇراق چېچىپ تۇردىغان گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق كېپىنەك ماڭا قاراپ سەن ئۇلاردىن ئەنسىرمە ئۇلار سىنىڭ ئالغا ئېلگىرلىشىڭنى ئارزۇ قىلدۇ.سىنىڭ ھاياتتىن بەھىر ئېلىشڭنى ئۆمۈد قىلدۇ يۈر دىگنىچە مىنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭدى. ماڭغانسىرى بۇ گۈزەللىكلەردىن مەستخۇش بولماقتىمەن،چىراق ئېغىر كەلدى،مەن ئۇنى تاشلىۋەتتىم، چۈنكى مەنچە ئەمدى ماڭا ئۇ چىراقنىڭ ماڭا كېرىكى قالمىغاندەك قىلاتتى.مەن شۇنداق ھوزۇرلىىناتتىم، كۈلەتتىم. ۋارقىراپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا مەن نىمانچە بەختىيار دىگۈم كىلەتتى. تۇيۇقسىز ئارقامدىن كەلگەن زور قۇيۇن مىنى تارتىپ كىتىۋاتماقتا ئېدى، مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغۇچە قۇيۇن مېنى پىرقىرتىىپ قاپقاراڭغۇ قورقۇنۇشلۇق ئەتراپتىن چېل بۆرىلەرنىڭ ھۇلىشى ئاڭلىنىپ تۇردىغان چەكسىز ئورمانلققا تاشلىغان ئېدى. مەن ئەتراپتىن ھېچنىمنى پەرىق ئېتەلمەيتتىم، قورقاتتىم. نە ئاق قار نە ئاشۇ مھرىبان دادام ماڭا قالدۇرغان چىراق يوق ئېدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىلسىزلىكىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆمۈدسىزلەنمەكتە ئىدىم.
داۋامى تورداشلار ياقتۇرغان بولسا داۋاملىق يېزىپ يوللايمەن. بۇ ئەسەر نەسرى ئەسەرگە تەۋە بولغاچ كۆپ يازماي يوللاپ تۇردۇم بۇنداق بولغاندا بەك زىرىكتۈرۈپ قويمايدىكەن دەپ ئويلاپ مۇشۇنچىلىك يوللۇدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 09:17 AM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 10:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101110
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 11:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى بىر تىما بوپتۇ مەن خۇدى ئوزۇمنى كورگەندەكلا بولدۇم،ئوزۇممۇ ئۇقمايلا كوزلۇرۇمدىن ياش ئەگىدى. بو ھايات شۇنچىلىككەن جاپاكەش ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنى دەپ ياشاپ ئاخىرى بىز ياخشى كۇنگە ئۇلاشقاندا ئۇلا يوق بوپ كىتىدىكەن.  ئولۇز ياراتقۇچۇم جپاكەشلىرىمىزنى  راھەتكە ئىرىشتۇرسۇن.ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىسۇن، ئۇمۇتۋار ياشاڭ. ئۇلۇغ ئاللادىن ئىشلىرىقىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن. مەڭگۇ ئۇمۇتۋار ياشاڭ.........................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 01:36:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھاياتلىق ئەگرى-توقايلىقى بىلەن گۈزەل،ئەگەر شۇ ئەگرى يوللار بولمىسىدى نېمىنىڭ توغرا،نېمىنىڭ مېھىر،نېمىنىڭ ھەقىقى بايلىق ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەس ئىدۇق.:«بىر قېتىم يېقىلساڭ بىر قىتىم ئەقىل تاپارسەن :»دەيدۇ چوڭلىرىمىز.
‏بەكمۇ ياقتۇردۇم،داۋامىنى كۈتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105023
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
masrura يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 01:36 PM
‏ھاياتلىق ئەگرى-توقايلىقى بىلەن گۈزەل،ئەگەر شۇ ئەگرى  ...

شۇنداق

ھايات خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ،سەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىساڭ ،ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، ئەگەر قاپاق تۈرسەڭ.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش