hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:19 AM
بۇ تورداشنىڭ يازغىنى مېنىڭ مۇشۇ ماقالەمگە قارىتىلىپت ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۇكۇمران ئالىيلىرى .
ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى نورمال ئەھۋال ، چىقماسلىقى بىنورمال ھىساپلىنىدۇ. كوڭۇلگە بەك ئېلىپ كەتمىگۇلۇك ، مەزكۇر تىمىنىڭ ئاپتۇرىمۇ بىرقىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ ، مەنمۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى ئەتراپلىق دەپ قارىدىم .
بىز كوپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ھەقىقى ئىقتىدار ناھايىتى مۇھىم ، ئەمما ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى قۇيۇق بولغان ‹‹كېنىشكە ئاتمۇسفىراسى ›› سەۋەبىدىن ھەقىقى ئىقتىدارنى دىپلۇمدەك مۇھىم ئەمەس دەيدىغان قاراشنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى بەكمۇ ئەيىپلەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، بىزدە نۇرغۇن ئەمما يەنىلا سان جەھەتتىن يىتەرسىز بولغان ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلار ياكى ئۇقۇۋاتقانلار بار ، بىز ھەممىمىز بۇساننىڭ تېخىمۇ كوپىيىشىنى ئۇمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە .
جەميىتىمىزگە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى تېخىمۇ بەك لازىم ، بۇ مۇھىملىق- بىر تۇركۇم ئىقتىدارسىز ئەمما يۇقۇرى دىپلۇمغا ئىگە كىشىلەرتۇپىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە تورتكە بۇلۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ .
مۇھىمى ھەقىقى ئىقتىدار ۋە ئونۋېرسال ساپالىق ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ كوپلەپ ۋۇجۇتقا كىلىشى ۋە جەميىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىدار ۋە ساپاسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قولايلىق پۇرسەتلەرنى بىرىشىدۇر.
گىپىمنىڭ بېشىدا چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئېغىر ئالمىغايسىز ، ئاخىرىدا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىڭىزغا قېرىنداشلارچە ئىشىنىدىغانلىغىمنى بىلدۇرىمەن.
سىزنىڭ مېھنەتسىز ئەمگەكلىرىڭىزگە كوپ رەھمەت.
ھورمەت بىلەن :مۇھاكىمە