شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان كېرەمنىڭ تەرجىمالى
شىركەت قۇرغۇچىسى- شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قانۇنى ۋەكىلى، تەتقىقاتچى، ئۇزۇقشۇناس ياسىنجان كېرەم ئەپەندى 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى مازار غوجام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىگىدىن تارتىپلا تىرىشچان، كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاققان ۋاقىتلىرىدىمۇ بۇخىل خاراكتىرى سۇسلاپ قالمىغان، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خىمىيە دەرسلىگىدىكى يېڭى-يېڭى ئوقۇملار، يېڭى-يېڭى ماددىلار ئۇنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغاپ خىمىيە دەرسلىگىنى ئالاھەدە قىزىقىش ۋە ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا خىمىيە ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۇكۇپ، قاتتىق ئىرادە باغلىغان.
1983-يىلى ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتى خىمىيە-سانائەت قورۇلۇش كەسپىگە يوقۇرى نۇمۇر بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆز ئارزۇسى ۋە نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان. يېڭى ئۆگۈنۈش ۋە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ياسىنجان بۇنىڭدىن چەكسىز شاتلانغان ۋە يېڭى ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۇكۇپ،ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان.
بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى ياسىنجان كېرەمنى خېلى ئوبدانلا تاۋلىغان، بۇ جەرياندا ئۇ، جەمىيەت، تۇرمۇش، ھىسيات قاتارلىقلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆز ئارزۇسىدىن، ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن، ئەكسىچە ئۆز ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلچە بوشاشمايدىغان قەيسەرلىك ۋە جەسۇرلۇقنى ئۆز خاراكتىرىگە سىڭدۇرۇپ، كەلگۈسى مۇۋاپپىقىيىتى ئۈچۈن يېمىرىلمەس بىر ئۇل ھازىرلىغان.
1988-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن، شايار ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە تەقسىم قىلىنغان، ئۆزىنىڭ كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ۋە ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان ياسىنجان كېرەم بۇنىڭدىن قاتتىق مەيۇسلەنگەن ۋە ئۈمۈتسىزلەنگەن. لېكىن قىلچە بوشاشمايدىغان ئىرادە ۋە قەيسىرانە روھقا ئىگە بۇ ياش پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىپ، ھايات يولىنى ئۆزى تاللاش قارارىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئالماشقان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا تۇرمۇش، جەمىيەت، كەسىپ قاتارلىقلار توغرىسىدا كۆپ ماتىريال كۆرگەن ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش كۆز قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە بىر قېتىم تاللاش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئېھتىياجىنى ئۆزى ھەل قىلىش كېرەكلىگىنى تۇنۇپ يەتكەن، شۇنداق قىلىپ بەش يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى بىلەن خوشلوشۇپ قەتئىي بوشاشمايدىغان قەيسىرانە روھى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنىڭ تۇرتكىسىدە ئىگىلىك تىكلەشتەك جاپالىق يولنى تاللىۋالغان.
1994-يىلى 9-ئايدا شايار ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان كىۋەز غولىدىن پايدىلنىپ گۈللۈك پەنەركە ياساش زاۋۇتى قورۇشنى پىلانلىغان ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ 1-قەدىمىنى باشلىغان، لېكىن يىتەرلىك مەبلەغ ۋە شارائىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن تۇنجى قەدىمى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن پىلاننى ئۆزگەرتىپ 1996-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تىجارىتى قىلىدىغان« قۇدرەت يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان يەنە بىر تۈرى يەرلىك تىبابەت دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قۇشۇمچە ئېلىپ ماڭغان. لېكىن يەنىلا مەبلەغ ۋە شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، شىركەتنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان، 1998-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ، گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داياۋەن ناھىيىسىدە بىر نەچچە تېخنىكنى ياللاپ، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۇرۇش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاقسىللىق يەم-خەشەك ياساش ۋە موگو ئۆستۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامىركىنىڭ جوڭگودا ئاشقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ غەرىپچە ئۇزۇقشۇناسلىق دەرسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇقلۇق ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى، دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى يەنى غەرىپچە داۋالاش، جۇڭگوچە داۋالاش، مىللى تىبابەت، دورىگەرلىك، ئۇزۇقشۇناسلىق، پىسخىكا قاتارلىق ساھەلەرگە چېىتىلدىغانلىقىنى، بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيە، خېمىيە، فىزىكا ئىلمىغا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، ئەسلىدە قۇشۇمچە ئېلىپ بېرىۋاتقان، دورا ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىنى پەيدىن-پەي ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشقا ئۆزگەرتكەن، بۇ چوڭ تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تۇرمۇش ۋە ئىقتىساد مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق باشقا يېڭى تىجارەت تۈرلىرى ئۈستىدە پىلان تۈزۈپ چىقىپ 1999-يىلى ئاقسىللىق يەم-خەشەك ياساش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان، لېكىن بۇ تىجارىتىمۇ تازا ئۈنۈملۈك ۋە ئۇتۇغلۇق بولمىغان، بۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولغان ياسىنجان يەنە تىجارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، 2000-يىلى 7-ئايدا گۇاڭجۇغا بېرىپ، سوپۇن پاراشۇكى ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگۇنۇپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە «ئەلقۇت» پاراشۇك ياساش زاۋۇتىنى قۇرغان، بۇ قېتىممۇ يەنىلا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ، بازار ئېچىش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مەھسۇلات تەننەرخىنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان. مۇشۇ جەريانلاردىمۇ ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋالاش تەتقىقاتىنى توختىتىپ قويمىغان. 2002-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە ئەمىلى تېخنىكا ئۆگۈتۈش، زاۋۇت قۇرۇپ بېرىش ۋە ئۈچۈر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان «مەشئەل پەن-تېخنىكا ئۈچۈر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان، لېكىن بۇ جەرياندىمۇ، ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىغان، بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، تۇرمۇش، جەمىيەت ۋە رەھىمسىز يىللار ئىزناسى ئېلىپ كەلگەن قاتمۇ-قات بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشاننى كۆڭلىگە پۇككەن جاپاكەش ئەمما قەيسەر بۇ ئوغلاننى خېلىلا ھالسىراتقان. لېكىن ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ تۇرتكىسىدە ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىدىن بوشاشمىغان، شۇنداقلا 2003-يىلى 10-ئايدا خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىگە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم سوپۇن پاراشۇگى ياساش تېخىكىسىنى ئۆگەنگەن ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاپ بولالماي ئىگىلىك تىكلەش يولىدا يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغان.2004-يىلى 2-ئايدا شايار ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ مازار غوجام يېزىسىدا پارنىك كۆتۇرە ئېلىپ، بىر يىل كۆكتات تېرىش، مايسا يىتىشتۇرۇش، باشقىلارنى مايسا بىلەن تەمىنلەش كەسىپى تېخنىكا تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. مۇشۇ جاپالىق يىللاردا ئۆزى قۇشۇمچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىدا يېڭى ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلگەن. يەنى غەرىپچە ئۇزۇقشۇناسلىق بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇزۇقشۇناسلىقنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، مۇشۇ ئاساستا فىزىكا، خېمىيە ۋە بىئولوگىيەلىك قانۇنيەتلەرنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىغى جەھەتتە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ، كېسەللىك ۋە داۋالاش قانۇنيىتى ئۈستىدە بەزى يېڭى قاراشلارغا ئىگە بولغان.
2005-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، كۇچار ناھىيىسىدە «ئەلدوست كۇندۇلۇك تۇرمۇش بويۇملىرى» زاۋۇتىنى قۇرغان. شۇنداقلا بۇرۇنقى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، تىجارەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە نەتىجە قازانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2006-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىدا بۇسۇش خارەكتىرلىك زور ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشكەن. 2007-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، تۈنجى قەدەمدە كارخانىلىشىشقا يۈزلۇنۇپ، «ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش كەسپى تىجارىتىنى باشلاپ، ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن، 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى «ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، قايتا تىزىمغا ئالغۇزۇپ، «شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نى رەسمىي تۈردە قورۇپ چىققان.
شىركەت قۇرغۇچىسى- شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېختەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قانۇنى ۋەكىلى، تەتقىقاتچى، ئۇزۇقشۇناس ياسىنجان ياسىنجان كېرەم ئەپەندى 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى مازار غوجام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىگىدىن تارتىپلا تىرىشچان، كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاققان ۋاقىتلىرىدىمۇ بۇخىل خاراكتىرى سۇسلاپ قالمىغان، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى خىمىيە دەرسلىگىدىكى يېڭى-يېڭى ئوقۇملار، يېڭى-يېڭى ماددىلار ئۇنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغاپ خىمىيە دەرسلىگىنى ئالاھەدە قىزىقىش ۋە ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا خىمىيە ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۇكۇپ، قاتتىق ئىرادە باغلىغان.
1983-يىلى ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتى خىمىيە-سانائەت قورۇلۇش كەسپىگە يوقۇرى نۇمۇر بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆز ئارزۇسى ۋە نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان. يېڭى ئۆگۈنۈش ۋە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ياسىنجان بۇنىڭدىن چەكسىز شاتلانغان ۋە يېڭى ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۇكۇپ،ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان.
بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى ياسىنجان كېرەمنى خېلى ئوبدانلا تاۋلىغان، بۇ جەرياندا ئۇ، جەمىيەت، تۇرمۇش، ھىسيات قاتارلىقلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆز ئارزۇسىدىن، ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن، ئەكسىچە ئۆز ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلچە بوشاشمايدىغان قەيسەرلىك ۋە جەسۇرلۇقنى ئۆز خاراكتىرىگە سىڭدۇرۇپ، كەلگۈسى مۇۋاپپىقىيىتى ئۈچۈن يېمىرىلمەس بىر ئۇل ھازىرلىغان.
1988-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن، شايار ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە تەقسىم قىلىنغان، ئۆزىنىڭ كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ۋە ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان ياسىنجان كېرەم بۇنىڭدىن قاتتىق مەيۇسلەنگەن ۋە ئۈمۈتسىزلەنگەن. لېكىن قىلچە بوشاشمايدىغان ئىرادە ۋە قەيسىرانە روھقا ئىگە بۇ ياش پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىپ، ھايات يولىنى ئۆزى تاللاش قارارىغا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئالماشقان، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا تۇرمۇش، جەمىيەت، كەسىپ قاتارلىقلار توغرىسىدا كۆپ ماتىريال كۆرگەن ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش كۆز قارىشى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە بىر قېتىم تاللاش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئېھتىياجىنى ئۆزى ھەل قىلىش كېرەكلىگىنى تۇنۇپ يەتكەن، شۇنداق قىلىپ بەش يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى بىلەن خوشلوشۇپ قەتئىي بوشاشمايدىغان قەيسىرانە روھى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنىڭ تۇرتكىسىدە ئىگىلىك تىكلەشتەك جاپالىق يولنى تاللىۋالغان.
1994-يىلى 9-ئايدا شايار ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان كىۋەز غولىدىن پايدىلنىپ گۈللۈك پەنەركە ياساش زاۋۇتى قورۇشنى پىلانلىغان ۋە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ 1-قەدىمىنى باشلىغان، لېكىن يىتەرلىك مەبلەغ ۋە شارائىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن تۇنجى قەدىمى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن پىلاننى ئۆزگەرتىپ 1996-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تىجارىتى قىلىدىغان« قۇدرەت يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان يەنە بىر تۈرى يەرلىك تىبابەت دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قۇشۇمچە ئېلىپ ماڭغان. لېكىن يەنىلا مەبلەغ ۋە شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، شىركەتنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان، 1998-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ، گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ داياۋەن ناھىيىسىدە بىر نەچچە تېخنىكنى ياللاپ، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۇرۇش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاقسىللىق يەم-خەشەك ياساش ۋە موگو ئۆستۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامىركىنىڭ جوڭگودا ئاشقان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ غەرىپچە ئۇزۇقشۇناسلىق دەرسىگە قاتنىشىپ، ئۇزۇقلۇق ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى، دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى يەنى غەرىپچە داۋالاش، جۇڭگوچە داۋالاش، مىللى تىبابەت، دورىگەرلىك، ئۇزۇقشۇناسلىق، پىسخىكا قاتارلىق ساھەلەرگە چېىتىلدىغانلىقىنى، بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيە، خېمىيە، فىزىكا ئىلمىغا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، ئەسلىدە قۇشۇمچە ئېلىپ بېرىۋاتقان، دورا ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىنى پەيدىن-پەي ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشقا ئۆزگەرتكەن، بۇ چوڭ تېمىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تۇرمۇش ۋە ئىقتىساد مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق باشقا يېڭى تىجارەت تۈرلىرى ئۈستىدە پىلان تۈزۈپ چىقىپ 1999-يىلى ئاقسىللىق يەم-خەشەك ياساش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان، لېكىن بۇ تىجارىتىمۇ تازا ئۈنۈملۈك ۋە ئۇتۇغلۇق بولمىغان، بۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولغان ياسىنجان يەنە تىجارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، 2000-يىلى 7-ئايدا گۇاڭجۇغا بېرىپ، سوپۇن پاراشۇكى ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگۇنۇپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە «ئەلقۇت» پاراشۇك ياساش زاۋۇتىنى قۇرغان، بۇ قېتىممۇ يەنىلا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغان بولسىمۇ، بازار ئېچىش، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مەھسۇلات تەننەرخىنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان. مۇشۇ جەريانلاردىمۇ ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋالاش تەتقىقاتىنى توختىتىپ قويمىغان. 2002-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە ئەمىلى تېخنىكا ئۆگۈتۈش، زاۋۇت قۇرۇپ بېرىش ۋە ئۈچۈر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان «مەشئەل پەن-تېخنىكا ئۈچۈر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان، لېكىن بۇ جەرياندىمۇ، ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىغان، بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، تۇرمۇش، جەمىيەت ۋە رەھىمسىز يىللار ئىزناسى ئېلىپ كەلگەن قاتمۇ-قات بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشاننى كۆڭلىگە پۇككەن جاپاكەش ئەمما قەيسەر بۇ ئوغلاننى خېلىلا ھالسىراتقان. لېكىن ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ تۇرتكىسىدە ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىدىن بوشاشمىغان، شۇنداقلا 2003-يىلى 10-ئايدا خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىگە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم سوپۇن پاراشۇگى ياساش تېخىكىسىنى ئۆگەنگەن ،قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېتەرلىك مەبلەغ تەييارلاپ بولالماي ئىگىلىك تىكلەش يولىدا يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغان.2004-يىلى 2-ئايدا شايار ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ مازار غوجام يېزىسىدا پارنىك كۆتۇرە ئېلىپ، بىر يىل كۆكتات تېرىش، مايسا يىتىشتۇرۇش، باشقىلارنى مايسا بىلەن تەمىنلەش كەسىپى تېخنىكا تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان. مۇشۇ جاپالىق يىللاردا ئۆزى قۇشۇمچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىدا يېڭى ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلگەن. يەنى غەرىپچە ئۇزۇقشۇناسلىق بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇزۇقشۇناسلىقنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، مۇشۇ ئاساستا فىزىكا، خېمىيە ۋە بىئولوگىيەلىك قانۇنيەتلەرنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بارلىغى جەھەتتە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ، كېسەللىك ۋە داۋالاش قانۇنيىتى ئۈستىدە بەزى يېڭى قاراشلارغا ئىگە بولغان.
2005-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، كۇچار ناھىيىسىدە «ئەلدوست كۇندۇلۇك تۇرمۇش بويۇملىرى» زاۋۇتىنى قۇرغان. شۇنداقلا بۇرۇنقى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، تىجارەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە نەتىجە قازانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2006-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەتقىقاتىدا بۇسۇش خارەكتىرلىك زور ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشكەن. 2007-يىلى 12-ئايغا كەلگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، تۈنجى قەدەمدە كارخانىلىشىشقا يۈزلۇنۇپ، «ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش كەسپى تىجارىتىنى باشلاپ، ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن، 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى «ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، قايتا تىزىمغا ئالغۇزۇپ، «شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نى رەسمىي تۈردە قورۇپ چىققان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-1 09:26 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' t" ]7 p+ G6 r6 C1 n3 X: W; v6 S8 C
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, _0 I$ t R: ~1 O5 b