مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 984|ئىنكاس: 9

ئاتا-ئانا بولۇشقا تەييارلىقىڭىز بارمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 02:58:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ھەش پەش دېگىچە 23ياشنىڭ قارىسىنى ئىلىپ قالدىم، ھېسابتا بىر ئاتا بولۇشقا ئۇزۇنغا قالمىغان ۋاقىت قالدى دىيىشكە بولىدۇ (ئاللا خالىسا). بىراق مىنىڭ ئاتا بولۇشقا تەيارلىقىم بارمۇ-يوقمۇ بۇنى بېلمەيمەن. بىراق مەن ئويلاپ قالدىم، مەندەك مۇشۇنداقلا بىپەرۋا ھالەتتە ئائىلە قۇرسام ئائىلەمنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمنى قانداق كۈنگە ئېرىشتۈرمەن؟ئۇلار مەندىن رازى بولامدۇ ياكى مەندىن ئاغرىنىپ قالامدۇ؟
تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ كېچىكىمدە باشقا دوسلۇرۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق باي، ھوقۇقلۇقلىقىنى كورۈپ نىمە ئۈچۈن مەنمۇ ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ بالسى بولۇپ يارتىلمىغان بولغۇيتۇم دىگەندىن ئىبارەت ساددا قاراشلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈمدىن شۇنداق نۇمۇس قېلىمەن ھەم ئويلۇنۇپ قالىمەن. كەلگۈسدە مېنىڭمۇ بالام مېنىڭ پەرزەنتىم بولغۇنىدىن مەن ئويلۇغاندەك ئوي خىياللاردا بوپ قالامۇ؟ مەن نىمە قىلشىم كىرەك؟ بۇ سۇئال مەنچە ھەر بىر ئاتا ئانا بولغۇچى ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلە.
مەن ئۆز ئۆزۈمگە كەلگۈسىدە مېنىڭ بالام مېنىڭ پەرزەنتىم بولغۇنىدىن پەخىرلەنمىسىمۇ، خەقنىڭ بالسى بولسامچۇ دەپ قالمۇغۇدەك كۈنگە ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ بۇرچۇم. ئەلۋەتتە بۇنۇڭ ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك، بۇ يەردە يالغۇز پۇل ھوقۇقلا ئەمەس بەلكى سىزدە بالىڭىزنىڭ بۇ دۇنيالىق ھەم ئۇدۇنيالىقىغا پايدىلىق بولدىغان بېلىملەرنى ھازىرالىغان ھەمدە ئۇنى كەلگۈسىدە ھەقىقى بىر مۇسۇلمان جاسارەتلىك ئۇيغۇر قېلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە بىلىم توپلىشىمىز ئېقتىدار ئېگەلىشىمىز كىرەك.
ئەلۋەتتە ھەربىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى بار.مەن بۇ يەردە بالاڭنى نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر ئېشتا ياراملىق قېلىپ تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تېرىش دىگەنلىكىم ئەمەس، ھەممىمىز ئامال بار قانچىلىك تىرىشالىساق شۇنچىلەك تېرشىىپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قانچىلەك ياخشى شاراھىت يارتىپ بىرەلىسەك شۇنچىلەك شاراھىت يارتىشقا تىرشايلى دىمەكچىمەن. بۇنداق دىسەم بەلكىم بەزىلەر سىز شۇنداق قېلالىدىڭزمۇ دېيشىڭز مومكىن.توغرا مەن تىغى قىلالىغنىم يوق،بىراق مەن تېرشىۋاتىمەن،ئۆزلۈكسىز ئۆزۈمنى مۇكەمەلەشتۈرۋاتىمەن.بۇلارنىڭ ھەمىسىنڭ ئۆزۈم ئۈچۈن بولىشى مومكىن ئەمەس.بۇرنىنڭ ئۇچىنىلا كۆردىغان ئېنسان مەڭگۈ تەرەققى قېلالمايدۇ.ئەلۋەتتە ئاۋال ئۆزمىزنى ئويلايمىز،بىراق كەلگۈسى ئەۋلاد بىزنىڭ خەقنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئەۋلادلىرى بار خەق سىزگە ۋە سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭزغا ياخشى شارائىتنى يارتىپ بىرشى ناتايىن.مەھمۇد قەشقىرىدەك ئالىم بولمىساڭمۇ ئۆز ئەۋلادلىرىڭ ئارسىدا ئىسمىڭ ياد ئېتىپ تۇردىغان شارھىتىڭنى ئۆز تېرىشچانلىقلىرىڭ بىلەن يارات دىمەكچىمەن.
بۇلارنى ئەملىيەتتە دەپ يۈرمىسەكمۇ تېما قىلىپ يوللۇمساقمۇ ھەمىمىز بىلىمىز بىراق مۇشۇ تىما ئارقىلىق بەزى ئۆز يولىنى نېشانىنى تاپالمايۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ ئېديەسىدە ئازراق ئۆزگۈرۈش بولسا ئەجەب ئەمەس دەپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.ھەر ئىنسان ماڭاي دىسە ئۈگنەي دىسە تىرشاي دىسە ۋە ياكى مەقسەتكە يىتەي دىسە مەنچە ئاللا خالىسا ئۇنۇڭغا يېتەلەيدۇ.بەش قولنى ئېغىزغا بېراقلا تېققىلى بولمايدۇ،بىراق ھازىرمىزدىن باشلاپ تېرىشقاچ تۇرساق مەنچە ئۆزمىزگە ئەۋلادلىرىمىزغا ھەم مېللەتكە قوشقان زور توھپىمىز مۇشۇ بوپ قېلشى مومكىن.مۇنبەردە مېللەتىم دەپ باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىپ ئۇرشۇپ يۈرمەي باشقلارنىڭ ياخشى بولغان ئوي پىكىر بىلىملىرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزمىزنى مۇكەممەلشتۈرۈپ مۇشۇ ياخشى ئېديەلەرنى بالىمىزغا سىڭدۈرسەك ئەۋلادلىرمىزدىن بىر تۈركىم ئېسل ئېدىيەلىك كىشىلەر يىتشىپ چىقسا مانا بۇ ھەقىقى مىللەتكە بولغان ئەقىدىمىزدۇر.
جەميەتتىن ئاغرىنىش ئاجىزلىقنىڭ ئېپادىسى ئەلۋەتتە بىز ئاجىز بىراق ئېنساننى ئاللا ئەقىل بىلەن ياراتقان شۇ ئەقىلنى مۇنبەردە ئۇرۇشقا دە تالاشقا ئېشلىتىش بھۇدە ئېسراپچىلىق بوپ قالدۇ،شۇ ئەقىلنى ئۆزمىزنى مۇككەمەللەشتۈرۈشكە،پەرزەنتىمىزنى تەربىيلەشتە ئۆزمىز ئۈلگە بولساق بىزدىن داۋاملىشدىغان بۇ تىرىشچانلىق كەلگۈسىدە مېللىتىمىزگە بىزنى خۇشال قېلدىغان يۈزلىنىشنى ئېلىپ كېلدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەم بولۇش ئالدىدا تۇرغان قېرىنداشلار بۇ مەسلىنى ياخشى ئويلۇنۇپ ئېزدىنىپ كۆرەيلى.
يۇقارقىلار شەخسى قارشىم مۇنبەردە تالاش تارتىش قىلىپ يۈرمىگەيسىلەر .ئېسىل ئېديەلىرمىز بولسا ئېنكاس ئارقىلىق ئورتاق بەھرلەنسەك بولدۇ.ئۆزئارا ھۆرمەت قېلشايلى.بىر بىرمىزنى چەتكە قاقمايلى.ھەمىمىز بىر قىرىنداش بىر قەۋەم. بىر توپ كەپتەر باقساق ئارسىدىن ئويۇنچىدىن بىر قانچىسى چىقىپ قىلشى توغرا چۈشنىشكە بولدىغان ھادىسە بىراق شۇ ئويۇنچى كەپتەرلارنى دوراش ئۇلارنى ھاقارەتلەپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈش ئارتۇقچە بىر ۋاقىت ئىسراپچىلقىدىن باشقا نەسە ئەمەس.

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:
1. ئەسەر يوللىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ! (ئەسەرنىڭ ئاپتورى، قايسى مەنبەدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېنىق يېزىڭ!)
2. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
ئەسەردە ئې ھەرپى بىلەن ئى ھەرىپىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى نۇرغۇن يەردە ئالمىشىپ قالغان.
ھەرىپلەر كام. مىسال: (بولدۇ ئەمەس بولىدۇ)، (ئۇرشۇپ ئەمەس ئۇرۇشۇپ)،(تېرشىش ئەمەس تىرىشىش)،(مىللەتىم ئەمەس، مىللىتىم) دەپ يېزىلىشى كېرەك. كېيىنكى يازمىڭىزدا بۇ نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز يازمىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 03:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 09:40:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، ھەر بىر ياش ئويلىنىشقا تىگىشلىك گەپلەر ئىكەن .
مەنمۇ پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەنى ياخشى قىلمىغاندا بالىلار چوڭ بولغاندا جەئىيەتتىكى يامان خاھىشلار تەرىپىدىن يۇغۇرلۇپ كىتىشى مومكىن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 566
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 10:07:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ئويلاپسىز   قىرىدىشىم   ،  مەنمۇ  بۇ  يىل  23  ياشقا   تولدۇم   ،   لىكىن   ھازىرغىچە  ئاتا - ئانامنى   ئەڭ  چوڭ  يۆلەنچۈكۈم  ، تايانچىم    دەپ   ئويلايمەن  ،  چۈنكى  مەندە  دادامغا   ئوخشاش   بىر   ئائىلىنى   كۆتىرەلىگۈدەك    جاسارەت  بارمۇ يوق  ھىس  قىلالمايۋاتىمەن  ،  ياكى  ھەر بىر  ئادەم  ئۆز بىشىغا  كەلگەندە  ئاندىن  ھىش  قىلامدىغاندۇ  ،  تىمىڭىزنى  كۆرۈپ   خۇرسەن  بولدۇم  ،  بىز  ياشلاردا  چوقۇم   تۇرمۇشقا  نىسبەتەن   مەسئۇلىيەت    ئىڭى   بولىشى  كىرەك  ....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1667 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 10:20:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسلە ئىكەن. چۈنكى نىكاھ ئۇيۇن ئەمەس، بەلكى بىر مۇقەددەسلىك.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 12:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر توي قىلىشنى ئويلايدىغان ياشلار كۆپ. لېكىن شۇ ئائىلنى خوتۇن باللىرنى باقالغۇدەك قابلىيەت ۋە جۈرئەت ياشلاردا بەك ئاز........خوتۇنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرسە ئۆينىڭ راسخوتلىرنى بىلەن كارى يوق. ئۆزى تاپقان يەردە يەپ ئاغزنى بۇنى ئەيتىپ قوپاپ كىتىدىغان ئەخۋال جەمىيەتتە بەك ئىغىر خوتۇن ئاغرىق سىلاق بولۇپ قالسا ئانىسىنىڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويدىغان ئەخۋال......يوق ئەمەس بار........ ئەسلى ئالدىم دىگەندىن كېيىن خوتۇنۇنىڭ بارلىق مەسئۇليەتلىرنى ئۆزى كۆتەرسە بولىتى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغۇلنىڭ قولغا قايلاشلىق بولىمسىمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ چىقملىرنى ئوغۇلى قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ھەمە ياشلار ئۇنداق ئەمەس ئاز بىر قىسىم ياشلار شۇنداق ....خوتۇنى ئېلىپ بالا تەپ قويسا ھېساپ ئەمەس شۇ بالىنى ياخشى بىر ئادەم قىلىپ جەمىيەتككە قوشۇش كېرەك.....ئۇنداق بولمغاندا ئۆزىگە ئوخشاش يارامسىز قىلىپ چوڭ قىلىدۇ، خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1477 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 02:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر بوپتۇ.غەيرەت قىلىڭلار.
كونىلار،يەنى ئاتا ئەجدادلار بىزگە مۇنداق دەيدۇ.خوتۇن ئالدىڭ،ئۈستۈڭگە ئوتۇن ئالدىڭ دەپتىكەن.بولسا تۇي يىشىدىكى ياشلار ئۆزۈڭلار پۇل تىپىپ ئىلىڭلار.قەدىرىنى كىيىن بىلىسىلەر.ئاتا ئانام بارغۇ دەپ بوشاڭلىق قىلساڭلار خوتۇنۇڭلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،《كونىرىغانچە》سىرىتتىكى يەجۈجىلەرگە قارايدىغان بولۇپ ئاخىردا نامى بار جىسىمى قۇرۇق كۆڭۈل دىۋانىسى بوپ كىتىدىغان گەپ.جەمىيەتتىن ئاغرىنماڭلار.ھازىرقى جەمىيەتتە قىزلاا ئانداق ئاياللار بۇنداق دەيدىغاننىڭ ھەممىسى قۇلدىن ئىش كەلمەيدىغان،چۆپچى نىمىلەر.ئەسلى ئويلاپ باقساڭلار شۇ ئۈزگە بىر قىسىملار ئاغرىنىۋاتقان جەمىيەتنىمۇ شۇنداق مەيدانى يوقلار بۇلغاپ قۇيىۋاتىدۇ.شۇنداقلار ئۆزلىرى بۇزۇق بولغاچقا كۆزىگىمۇ باشقىلار بۇزۇق كۆرىنىدىغان گەپ.باشتىن ئانچە مۇنچە ئىش ئۆتكەن ئادەمنىڭ ئىككى ئىغىز گىپىنى ئاڭلاپ قۇيۇڭلار.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1477 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 02:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر بوپتۇ.غەيرەت قىلىڭلار.
كونىلار،يەنى ئاتا ئەجدادلار بىزگە مۇنداق دەيدۇ.خوتۇن ئالدىڭ،ئۈستۈڭگە ئوتۇن ئالدىڭ دەپتىكەن.بولسا تۇي يىشىدىكى ياشلار ئۆزۈڭلار پۇل تىپىپ ئىلىڭلار.قەدىرىنى كىيىن بىلىسىلەر.ئاتا ئانام بارغۇ دەپ بوشاڭلىق قىلساڭلار خوتۇنۇڭلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان،《كونىرىغانچە》سىرىتتىكى يەجۈجىلەرگە قارايدىغان بولۇپ ئاخىردا نامى بار جىسىمى قۇرۇق كۆڭۈل دىۋانىسى بوپ كىتىدىغان گەپ.جەمىيەتتىن ئاغرىنماڭلار.ھازىرقى جەمىيەتتە قىزلاا ئانداق ئاياللار بۇنداق دەيدىغاننىڭ ھەممىسى قۇلدىن ئىش كەلمەيدىغان،چۆپچى نىمىلەر.ئەسلى ئويلاپ باقساڭلار شۇ ئۈزگە بىر قىسىملار ئاغرىنىۋاتقان جەمىيەتنىمۇ شۇنداق مەيدانى يوقلار بۇلغاپ قۇيىۋاتىدۇ.شۇنداقلار ئۆزلىرى بۇزۇق بولغاچقا كۆزىگىمۇ باشقىلار بۇزۇق كۆرىنىدىغان گەپ.باشتىن ئانچە مۇنچە ئىش ئۆتكەن ئادەمنىڭ ئىككى ئىغىز گىپىنى ئاڭلاپ قۇيۇڭلار.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1344
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:41:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ,ياخشى تىمىكەن
مۇشۇنڭغا ئوخشاش ئانا بولوشقا تەييارلىقىم بامۇ دىگەننى ئويلايدىغان قىزلارنىڭمۇ كوپلەپ چىقىشنى ئۇمۇد قىلمەن

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5297
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7915
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2039 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 02:30 PM
ياخشى پىكىر بوپتۇ.غەيرەت قىلىڭلار.
كونىلار،يەنى ئاتا ئ ...


تويغا   يەتكۈدەك  پۇلنى   ئۆزى  تېپىپ  ئالسا  ،  قانداق  قەدرى بولىدۇ ؟

مەن    تويۇمغا  يەتكۈدەك  پۇلنى   تېپىپمۇ   خوتۇن  ئالالمىدىم .   
مەن  ئالاي   ،  ماڭا   تېگەي   دېگەننى   ئانىسى  بەرمىدى .   تۇققانلار   تاپقاننى
ئالغۇم  كەلمىدى .      بولمىسا  بەك  خوتۇن  ئالغۇم  باتى ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 09:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏مېنىڭچە بۇ مەسىلىدە قىزلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە تەييارلىق، ئوغۇللاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ،چۈنكى ئۇ توي قىلسا  يولدىشى ئۈچۈن مەڭگۈ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىرى بولۇشى،ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىغا ئايلىنىشى،ئۆز ئاتا -ئانىسىنىڭ ۋاپادار پەرزەنتىگە ئايلىنىشى،ئۆزى ئانا بولغاندا بولسا پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئۇستازى،كۈيۈمچان دوختۇرى،ئۇستا ئاشپىزى،بىللە سىردىشىدىغان دوستى بولالىشى كېرەك.شۇڭا قىزلار ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشىمىز ھەر ۋاقىت ئۆزۈمىزنى تەربىيلەپ ،يېتىشتۈرۈشىمىز  كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش