مەيلى بۇرۇن بولسۇن ياكى يېقىنلار دا بولسۇن ،تور ئەسەرلىرى ئارسىدا ‹پاھىشە قىز،ئوغرى يىگىت ›لەرگە مۇناسىۋتلىك ئەسەرلەر ،ئويلىمغان نوقتىدىن مۇبالىغە ۋە رومانتىكىلشتۇرلۇپ،خۇددى كوريە جەميىتى بىلەن كوريەنىڭ ئەدەپ ئەخلاققا ،رومانتىكىلىققا تولغان كىنولىرى ئوخشىمىغاندەك ئوخشاشماتىدۇ،ياكى مىنىڭ نەزرىمدە ئوخشىماتىدۇ.
1.ئەمدى ئوغرى يىگىت،پاھىشە قىز دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا تولۇمۇ نادانلارچە،ساۋاتسىزلارچە ئاتالغانمىكى دەيمەن ‹ئۆزەمچە›
،ئويلاپ باقساق بولىدۇ،پاھىشە دىگەن قىز بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە قىز بولمايدۇ،شۇڭا ئۇنى پاھىشە قىز دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزى خاتامۇ قانداق؟،پاھىشە قىزنى قىز دىگچۈلەر يوققۇ دەيمەن،ئەمدى ‹ئوغرى يىگىت› كە كەلسەك،بىر ئوغۇرلۇق قىلدىغان جەميەت داشقىلىنى يىگىت دىيىش ئەجىبا توغرىمۇ؟ئاتا-بوۋلىرىمىز ئەجىبا يىگىت دىگەن بۇ مۇققەدەس ھەم شەرەپلىك نامنى ئوغرىغا بەرگەن مۇ؟ بىراق نىمە ئۈچۈن شۇنچە يازغۇچى،ھەۋەسكەر قېرىنداشلىرىمىز،ئەدبىياتنى ،ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسنى ياخشى بىلىپ تۇرۇپ يەنە پاھىشە قىز،ئوغرى يىگىت دەيدۇ؟
2.ئەمدى ئوغرى يىگىت ۋە پاھشە قىز دىگەندەك ئەسەرلەرنىڭ رومانتىكىلاشتۇرلۇپ ئويلىمغان يەردىن تەپەككۇر قىلنىپ يىزلىپ ھەمىمىز ھەيران قالغان ھەمدە ياقتۇرۇپ ئوقۇغان شۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەميىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىستىكى چۈشەنچەمنى سۆزلەپ ئۆتەي:
ئېلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان چېغىمدا ھېندىستان فىلىمى قېزىل يوپۇرماق بەكلا مودا بولۇپ،قىز ئوغۇلدىن تارتىپ ناخشىچىلارغۇچە دوراپ ئەۋالىمىز قالماي ،ياشلار بىلەكلىرى يوپۇرماق چېكىشتەك بىزگە يات بولغان ناچار مودا ئېقىمىنى شەككىللەندۈرگەن.
تولۇقتا بولسا كوريە فىلىمى يەنە بىر كۆرسەم،مۇھاببەت شەرتلىرى دىگەندەك كىنولار تەسىردە ئۇيغۇر جەميىتىدە ئېنتايىن ئاز بولغان (بولۇپمۇ قەشقەردە) مۇھاببەتلىشىش دولقۇنىنى بىراقلا شېددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپلىۋەتتى،نەتىجىدە،مۇھاببەتلىشىش دىگەن شەيتان ئالى مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرغا كېڭىيىپ كەتتى،ئارلشىۋاتقانلاردا بولسا قۇچاقلاش،سۆيۈش ھاپاچ قىلىش دىگەندەك زىناھ قوينىغا باشلاپ بىرىلىشقا سەۋەب بولدىغان ھەركەتلەر ئوچۇق ئاشكارا قېلىنىۋردىغان،كۆرگەنلەر خۇددى ئادەتتىكى ئېشتەك بىلندىغان ئېدىيە تەررقىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
ئەمدى پاھىشە قىز ،ئوغرى يىگىتكە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر زادى قانداق ئۆزگۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟
مەن مۇشۇ نوقتىنى تەھلىلى قىلىش ئۈچۈن بىر ئاشخاندا بىر پاھىشىگە 100كوي بىرىپ پاراڭلاشتىم،ئۇنۇڭ پاھىشە بوپ قېلشىدىكى ئاساسى سەۋەبنى سورسام،بۇنى ئېىنىق دىگلى ئۇنىمىدى،بىراق ئۆيدىن چىقىپ كىتىشىدىكى سەۋەپنىڭ ئۆيدىكىللىرنىڭ ئۇنى زىيادە باشقۇرشىدىن ئەركىن ياشىسام دەپ چىكتىپتۇ.ئۇ پاھىشە22ياشكەن.ئۇنۇڭ بىر مۇھاببىتى باركەن،ھاراق-تاماكا دا قەتتى يوقكەن.ئۇ پاھىشە توي قىلسا پاھىشىلىق يولدىن قول ئۈزۈشكە ئېشەنچىسى بارمۈش.پاراڭ شۇنچىلەك بولدى دە ئۇ پاھىشە داۋاملىق پاراڭلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چېقىپ كەتتى.
ئۇ پاھىشىنىڭ ئەڭ تەسىر قىلغان سۆزى شۇكى:ھازىر بىزدەك يولدا ماڭغانلارنى توغرا چۈشۈندىغان ئوغۇللار بەك كۆپۈيۈپ كەتتى.
مەن مۇشۇ سۆزىدىن نىمە ئۈچۈن پاھشىنى توغرا چۈشۈندىغان ئوغۇللار كۆپيۈپ كىتىدۇ؟ بۇنۇڭ سەۋەبى بىلەن ئاشۇ رومانتىكلاشتۇرلۇپ خۇددى بەك قالتىس ئېشلاردەك يېزىلغان ئاشۇ ئەسەرلەرنىڭ خۇدىدى كۆريە كىنولىرنىڭ مەسۇلىيتى بولغىنىدەك مەسۇلىيتى بارمۇ قانداق؟
ئوغرى يىگىت توغرىسدىكى ئەسەرلەر ناۋادا ئوغرىنى بەك ۋېجدان غورۇرلۇق،مۇھابەتكە ۋاپا قىلدىغان،مەرد ، ‹يىگىت› دەپ تەسۋىرلىنىپ يېزىلسا جەمميىتىمىزدكى قىزلارمۇ ئوغرىنى توغراچۈشنۈپ مۇھابەتلىشىدغان ئېشلار كۆپۈيۈپ ئوغرىلانىڭ كۆپۈيۈپ كىتشىگە سەۋەب بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
مەن بۇ يەردە ئۇ ئەسەرلەرنى ئۆزۈمنىڭ قارشى بويىچە تەھلىل قىلدىم،ھەمدە مەلۇم دەرجىدە تەنقىدمۇ قىلدىم،مومكىن بولسا شۇنداق ئەسەرلەردە پاھشىنى باشقىغا ئوخشىمايدىغان،ۋىجدانلىق دىگەندەك تەسۋىرلىمسە بەك رومانتىكىلاشتۇرۇلۋەتسە بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر شۇ رومانتىكا يولنى تاللاپ خاتا يولدا مېڭىپ قىلشىمۇ مومكىن.
بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ پېكىرنى ئورتاق ئاڭلاپ ئۆز كۆز قارشىمغا ئۆزگەرتكۈدەك بولسا بولسا ئۆزگەرتىش قىلسام.