-
2009-02-18
(2) قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا - [تاللانما ماقالىلار]
باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
ئاپتۇرى: ئەركىن سىدىق
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى بىر ناھىيىگە بىر يىللىق خىزمەتكە بارغان بولۇپ، ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ ئانا تىلدىن ساۋاتىنى ياخشىراق چىقىرىش ئۈچۈن شۇ ناھىيىگە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ھەمدە شۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپتۇ. لېكىن، كېيىن قارىسا، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇيغۇر بولسىمۇ، دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ئىكەن. تونۇشۇمنىڭ قىزى كىرگەن سىنىپنىڭ بالىلىرىغا 3-سىنىپقا چىقىمىغىچە ئۇيغۇرچە ئېلىپبەمۇ ئۆتۈلمەيدىكەن.
يېقىندا مەلۇم بىر توردىشىمىز http://meripet. blogbus. com تور بېتىگە مۇنداق بىر ئىنكاس يېزىپتۇ: «ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇر باللىرىغا ئەكەلگەن زىيىنىنى، يەنى تەپەككۇر توسالغۇسى، پىسخىك توسالغۇ، فىزىئولوگىيىلىك توسالغۇ... قاتارلىقلارنى مانا مەن ئەمەلىي كۆرۈپ ھېس قىلغانمەن. پۈتۈنلەي خەنزۇچە چىقىرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىغا بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن ئىمتىھان ۋاقتىنى توشقۇزىۋەتكەن سەبىيلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بىزارلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراشقا چىدىيالماي، قاتتىق ئازابلانغان ئىدىم. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممە مەكتەپلەردە دېگۈدەك قوش تىل سىنىپلىرى بولۇپ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قوش تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدىن تۈزۈك ساۋاتى چىقماسلىق، بىر قىسىم جايلاردا ھەتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىمۇ خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلىشتەك ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىكلەر؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ۋە مەۋسۇملۇق نەتىجىسىدە ئىلگىرىكى بىر سىنىپتا بىر قانچە ئوقۇغۇچى لاياقەتسىز بولىدىغان ھالەتنىڭ دەل ئەكسىچە بىر سىنىپتا ئاران بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار لاياقەتلىك بولالايدىغان ھالەتلەر؛ بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەنلەرنى ئانا تىلىدا ئۆگىنىش ھوقۇقى ۋە پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان تەپەككۇر كەمتۈكلۈكى (يەنى تەبىئىي پەنلەرگە دائىر ئانا تىلدىكى تەپەككۇرنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى)؛ ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك ۋە جىسمانىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى، يەنى مەكتەپتىن بىزار بولۇش، مەكتەپتىن قېچىش، ئىشتىھاسىزلىق، روھسىزلىق، جۇغى كىچىك، بەدىنى ئاجىز بولۇش... قاتارلىق بىر قاتار ئىنتايىن ئېغىر، چىداپ تۇرغۇسىز، تەخىرسىز مەسىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلىماقتا! بۇ ئېنىقكى بىر خاتا يۆنىلىش! قېنى دۇنيادا قايسى تەرەققىي قىلغان، ئىلغار مىللەت ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى خەقنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان؟ بىز ئۇيغۇرلار شۇنچە ئاجىز، شۇنچە قورقۇنچاق بولۇپ كەتكەندىمىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭ جامائەت پىكرى ھاسىل قىلالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بەلگىلىك ساندىكى ئادەملىرىمىز يىغىلىپ، بىرلىشىپ ئىلمى ئاساسلىرىمىز بىلەن يوللۇق تەلەپلىرىمىزنى قويالمايمىز؟»
مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، بۇ ئىشنىڭ مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ھەر خىل يامان ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم. قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگىچە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغاندىن كېيىن بولسا، ئانا تىلنى ئۆگىنىش-ئۆگەنمەسلىك بىلەن بالىلارنىڭ تىل ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار، ۋە شۇ ئارقىلىق بايقالغان يېڭى ئىلىملەر توغرىسىدا ئىزدىنىشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ھەمدە شۇ ئارقىلىق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. ھازىر ھەر قېتىم قوش تىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى زامانىۋى بىلىملەر ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ، ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرنى ئويلىغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ئازابلىنىش ۋە ئەنسىرەش تۇيغۇسى قاپلىۋالىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، خېلى كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقىدەك باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپلا ئانا تىلنى پۈتۈنلەي قايرىپ قويۇپ، پەقەت خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشى، ھەمدە ھەممە دەرسلەرنىمۇ خەنزۇ تىلىدا ئاڭلىشى، ھازىرغىچە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە قارىغاندا پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، ئۇ بالىلار تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتتا ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىندۇر. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئۆزۈم ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسى ئۈستىدە ئىگىلىگەن ئىلمىي بايقاشلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ « مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيندىن مەئارىفۇل لۇغەتەينگىچە» (http://www.meripet.com/Söhbet1/Erkinb2.htm ) دېگەن ماقالىسىنى بۇرۇن بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاشتىن بۇرۇن، ئۇ ماقالىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. مەقسىتىم جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇقراق بىلىۋېلىش، ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى بىر قانچە سوئالغا جۇڭگودا قانداق ئىلمىي جاۋابلار تېپىلغىنىنى ئۇقۇۋەلىش ئىدى. لېكىن، مەن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ماقالىسى ئەمەس. مەن ھەر قېتىم ئۇ ماقالىنى ئوقۇغىنىمدا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ھەمدە دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىيدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم. مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم، جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىنتايىن كەمچىللىكىدۇر. ئەگەر جۇڭگودا بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولسا، دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ماقالىسىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپالىغان بولاتتىم:
بالىلارغا ئانا تىل بىلەن يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىتىش ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بۇ تىللارنى ئۆگىتىش ئۇسۇلى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئانا تىلنى ئالدىدا، يات تىلنى كەينىدە ئۆگىتىش كېرەكمۇ، ياكى يات تىلنى ئالدىدا، ئانا تىلنى كەينىدە ئۆگىتىش كېرەكمۇ، ۋە ياكى ئىككى تىلنى تەڭلا ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ ئامېرىكا بۇ جەھەتتە تورت خىل ئۇسۇلنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇۋېتىپتۇ. بالىلار ئىككىنچى تىلنى قانچە يېشىدىن باشلاپ ئۆگەنسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھازىر «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ «يەككە تىللىق مائارىپ» قا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئەسلىدە بۇ «يەككە تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى تۈزگەن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئەمەل ئەھلىلىرى بىر قىسىم زىيالىيلارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ياكى بولمىسا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرى ئاللىقاچان ئېلىپ بېرىپ بولغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى يىغىپ ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، شۇ ئاساستا ئالدى بىلەن يۇقىرىقى سوئاللارغا مۇكەممەل جاۋاب تېپىپ چىققان بولسا، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلغان بولاتتى. لېكىن، مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنداق ئىشلار بولۇپ باقمىغان. ئۇشبۇ يازمىدا يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ مەن ھازىرغىچە ئىزدىنىپ تاپقان جاۋابلىرىنى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.
1. قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ تىپلىرى
قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشتىكى ئېھتىياج ۋە مەقسەتكە ئاساسەن، دۇنيادىكى دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنى مۇنداق ئۈچ تىپقا ئايرىش مۇمكىن:
[1] دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەت. يېقىنقى بىر قانچە ئون يىل مابەينىدە، ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋىلىشىش سەۋىيىسىدە تېز تەرەققىياتلار يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە كۆچۈشى كۈنسايىن كۈچىيىپ ماڭدى. بۇنداق كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ياخشىراق ئىقتىسادىي شەرت-شارائىتنى قوغلىشىش، تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن دۆلەتلەر تاشقى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولۇش، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇنۇشلار تۈپەيلىدىن پاناھلانغۇچىلار توختىماي سىرتقا ئېچىش، بىر گۇرۇپپا يەنە بىر گۇرۇپپىنى ئېزىش، ۋە ئېكولوگىيىلىك بالايىئاپەتلەر يۈز بېرىش. ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقمۇ ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئەمگەكچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئەركىن يۆتكىلىپ يورۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ بىر كۆپ سانلىق مىللەت رايونىغا ياكى باشقا بىر دۆلەتكە كۆچۈپ بېرىشىدىن شەكىللەنگەن جەمئىيەت بولۇپ، مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئۇنداق جەمئىيەتنى 1-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن. ئامېرىكا، كانادا ۋە جۇڭگودىكى خەنزۇلار يۆتكىلىپ بارغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مانا مۇشۇنداق جەمئىيىتى بار دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىسالى بولالايدۇ. چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمى مانا مۇشۇنداق جەمئىيەتتىكى كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقىنىڭ ئانا تىلى ۋە ساھىپخان مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان.
[2] بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئۆسمۈرلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان جەمئىيەت. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ، شۇنداقلا جۇڭگودىكى خەنزۇلار رايونلىرىنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت مانا مۇشۇنداق جەمئىيەتنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەن بۇ خىل جەمئىيەتنى 2-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن.
[3] ئەگەر بىز ئىنسانلار تارىخىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ پۈتۈن جەريانىدا سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرغان مىللەت ئاس سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى باستۇرۇپ ياكى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنداق ئىشلار دۇنيادا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنى «تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنداق قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي قورالى مائارىپ بولۇۋاتىدۇ. بىر ئاز لىبېرالىست گۇرۇپپىلار مائارىپتىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چوڭ مىللەتنىڭ ئىچىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ناتسىست-فاشىستلارغا ئوخشاش گۇرۇپپىلار بولسا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنى ئۆز رايونى ياكى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى بولمىسا ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغۇچى جەمئىيەتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنى 3-تىپتىكى جەمئىيەت، دەپ ئاتايمەن. بۇنداق جەمئىيەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئىرق ۋە دىن جەھەتلەردىكى ئۆزى بىلەن بولغان پەرقنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە بولغان تەھدىت، دەپ قاراپ، بۇ «مەسىلىلەر» نى ھەر خىل مائارىپ سىياسەت - تۈزۈملىرى ئارقىلىق «ھەل قىلىش» قا تىرىشىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاشۇ جەمئىيەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مىللەت يولغا قويغان «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» سىياسىتى بىلەن «قوغلاپ چىقىرىش» سىياسىتى ماھىيەتتە ئوخشاش نەرسە بولۇپ، ھەر ئىككىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مەسىلە» نى «ھەل قىلىش» نى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىككى خىل سىياسەتلەرنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان تىلى بىلەن مەدەنىيىتى ھەر خىل بولغان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ساھىپخان جەمئىيەتكە ئاڭلىتالمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساھىپخان جەمئىيەتكە كۆرسىتەلمەيدىغان بىر ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇرى بولىدۇ. مائارىپتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئانا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان كىشىلەرگە بولسا «ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر»، دەپ قارايدۇ.
قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويغان جەمئىيەتنى يۇقىرىقىدەك ئۈچ تىپقا ئايرىش ئۇسۇلىنى مەن بىرەر ماتېرىيالدا كۆرگەن ئەمەس. ئۇنى مەن ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ بىر خەرىتە تۈزسەك، ئۇيغۇرلار ئۇ خەرىتىنىڭ قايسى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ؟ مېنىڭچە، قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ خەرىتىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان، دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ نىشانى بولغان خەلق ۋە ئۇ خەلق ياشاۋاتقان ماكان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ خەرىتىنىڭ ھېچ قانداق يېرىگە توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى، 1-تىپتىكى جەمئىيەت چەت ئەلدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى جەمئىيەتتە يەرلىك خەلقنىڭ ئانا تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا بىر چەت ئەل تىلى قوشۇمچە ئۆگىتىلىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكى جەمئىيەتتە باشقا رايون ياكى چەت ئەلدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە كۆچمەن مىللەتلەرنى تىل جەھەتتە چەكلەيدۇ، ياكى بولمىسا ئۇلارنى ساھىپخان دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال يۇقىرىقى 3 خىل ئەھۋالنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلى ئۆز ماكانىدا چەكلىمىگە ئۈچراۋاتۋان بىر جەمئىيەت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا يەنە ئازراق توختىلىمەن.
2. ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان قوش-تىللىق مائارىپ پروگراممىلىرى x|1OGbBK
يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جەمئىيەتتىكى قوش تىللىق مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي ئاساسى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئۇسۇللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مائارىپ ساھەسىدىكى مەسئۇل كادىرلار، مائارىپشۇناسلار ۋە بالىلار پسىخولوگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، 1968-يىلى تۇنجى قېتىم «قوش تىللىق مائارىپ قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان. بۇ قانۇندا ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتا ئالاھىدە ئېھتىياجى بارلىقى ئەتراپ قىلىنغان. بۇ قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە نەزەرىيىچىلەر قانداق قىلىپ ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى ئەمەس ئوقۇغۇچىلارنى ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان. ئۇلار تاپقان ئاساسلىق ئۇسۇللاردىن مۇنداق تۆر خىلى بار:
(1) ئۆتكۈنچى باسقۇچ تەرىقىسىدە ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «transitional bilingual education»). بۇ ئۇسۇلدا ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولمىغان، چەت ئەلدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇشىنى دەسلەپتە ئىنگلىز تىلىدا ئەمەس، ئۆز ئانا تىلىدا باشلايدۇ، ھەمدە ئىنگلىزچىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي مائارىپ ئېقىمىغا قوشۇلىدۇ.
(2) چۆكتۈرۈپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «submersion bilingual program»). بۇ ئۇسۇلنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خەنزۇ رايونىدىكى بىر قىسىم خەنزۇ بالىلىرىغا يەسلىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلى بىر ئايرىم دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلمەيدۇ.
(3) غەرق قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «submersion bilingual program»). بۇ ئۇسۇلنىمۇ بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. بۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، مەكتەپ يېشىدىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر بالىلىرى نورمال سىنىپتا خەنزۇ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىلمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ بەزى شتاتلىرىدىكى خەلق بۇ ئۇسۇل ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، بەزى شتاتلار بۇ ئۇسۇلنى «قانۇنسىز ئۇسۇل» دەپ چەكلىگەن ئىشلارمۇ بار ئىكەن.
(4) ئىنگلىز تىلىنى ئىككىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى (ئىنگلىزچە «English as a Second Language program» بولۇپ، ئۇنى قىسقارتىپ «ESL program» دەپ ئاتايدۇ). بۇ ئۇسۇل يۇقىرىقى «غەرق قىلىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى ئەمەس ئوقۇغۇچىلار بىر مەزگىل كۈندۈزدىكى دەرسنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا مەخسۇس ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ. مېنىڭ قىزىم دىلنارە 6 ياشقا كىرگەندە، ئوغلۇم دىلشات بولسا 4- 5 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇشۇ روگراممىسىدا باشلانغۇچنىڭ 2-يىللىقىنى تۈگەتكۈچە ئوقۇغان.
ئالدىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە خېلى ئىزدىنىپ كەلگەن بولساممۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەر ماتېرىيالنى تاپالمىغان ئىدىم. يېقىندا مۇشۇ ساھەدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلغان، خەلقئارادا ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئۈچ دانە كىتاب، ھەمدە ئاشۇ 3 كىتابنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا يېزىلغان بىر ماقالىنىمۇ تاپتىم. ھەمدە خۇددى بىر گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم. بۇ ماقالىنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى «Jim Cummins» بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى 3 كىتابنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئاپتورى ئىكەن (مەن بۇ 3 كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا تەپسىلىي يېزىپ قويدۇم. قىزىققۇچىلار ئۇ كىتابلارنىڭ ئۈچىلىسىنى www.amazon.com دىن سېتىپ ئالالايدۇ.). ئۇ ھازىر كانادانىڭ «تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى ئىكەن. قالغان ئىككى كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى «Colin Baker» بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيەدىكى «Uniwersity of Wales» نىڭ مائارىپشۇناسلىق پروفېسسورى، ئەنگلىيە پسىخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى ئىكەن. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى بولسا « Tove Skutnabb-Kangas» بولۇپ ( http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm ), ئۇ فىنلاندىيىدىكى « University of Roskilde» نىڭ پروفېسسورى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى «ئوتكۇنچى باسقۇچ تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى» (يەنى يۇقىرىقى 1-ئۇسۇل) بويىچە يولغا قويۇش قارارى ئاشۇ پروفېسسور «Jim Cummins» ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن. ھازىر ئېسىڭىزگە ئېلىپ بېقىڭ: بۇ 1-ئۇسۇل يۇقىرىقى قانچىنچى جەمئىيەتكە ماس كېلىدۇ؟ بىرىنچى جەمئىيەتكە. ئۇيغۇر جەمئىيىتى يۇقىرىقى 1-جەمئىيەتكە كىرمىسىمۇ، مۇشۇ 1-ئۇسۇلنى يولغا قويۇشقا 1-جەمئىيەتكە قارىغاندىمۇ بەكرەك ماس كېلەتتى. لېكىن، ھازىر ئۇنداق شارائىتقا ئېرىشىشتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن كېيىنكى قىسىمدا مۇشۇ 1-ئۇسۇلنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى پروفېسسور « Jim Cummins» نىڭ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىدا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ نورمالنى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئۆز مىللىتىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسى، ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقراسى، ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىنىڭ تۆۋەنكى قىسىمدىكى مەزمۇننى ئوبدان ھەزىم قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئەھۋال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئائىت ماتېرىياللارنى تېپىش ئۈچۈنمۇ خېلى ئىزدەنگەن بولساممۇ، ھازىرغىچە ئۇنداق ماتېرىيالدىن بىرەرىنى ئۇچرىتالمىدىم. مېنىڭچە ئۇنداق بولۇشىنىڭ مۇنداق 3 تۈرلۈك ئېھتىماللىقى بار. (1) بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلاردىن باشقىسى يوق. (2) ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەر ماددىي ۋە پەننىي جەھەتتە ئاجىز بولۇپ، ئۆز ماكانىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تىل ئۆگىنىشنى ئانا تىلدىن باشلىماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى يوق. (3) مېنىڭ ئىزدىنىشىم يېتەرلىك ئەمەس (بۇ بىر پاكىت). ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇچ كىتابنىڭ ئىچىدىكى 3-كىتاب (بۇ كىتاب جەمئىي 800 بەت ئىكەن) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئانا تىل قىلغان خەلقلەرنىڭ ئەخلاقىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي ھوقۇقى، ھەمدە تىل جەھەتتىكى ئىنسان ھوقۇقى توغرىسىدىكى خەلقئارا سىياسەت ۋە يولغا قويۇلغان تۈزۈملەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىدىكەن. مەن كېيىنچە ئاشۇ كىتابنى كۆرۈپ چىقىپ، ئەگەر ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق مەزمۇن تاپالىسام، مۇشۇ يازمامنىڭ ئىككىنچى قىسمى قىلىپ يەنە بىر پارچە يازما تەييارلاشنى ئويلاۋاتىمەن
3. ئانا تىلنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھازىرغىچە بايقالغان پەننىي بىلىملەر ;3'
ھازىر شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 1-تىپتىكى جەمئىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەشسە تەن جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، ھازىر ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇلۇۋاتقان بىر كۈچلۈك سىگنال شۇكى، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئوقۇتقۇچىڭىز ۋە جەمئىيەت ئۆز ئىچىگە ئالسۇن دېسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىشىڭىز شەرت. لېكىن، بۇنداق قىلىش بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ نورمال ھالدا بىلىم ئېلىشىغا، ھەمدە پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە زور دەرىجىدە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئەتراپ قىلغان مائارىپشۇناسلارنىڭ بىر ئورتاق كۆز-قارىشى شۇكى، بىر سىنىپتا ئۆتۈلگەن دەرسلەر شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى بىلەن تالانتىنى ئۆستۈرىدىغان بولۇشى كېرەك. مەيلى سىز مەقسەتلىك قىلىڭ ياكى چۈشەنمەسلىكتىن قىلىڭ، ئەگەر سىز بالىلارنىڭ تىلىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەنسىز، سىز مائارىپنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ كەتكەن بولىسىز.
بىر بالىنىڭ ئانا تىلى ئاشۇ بالىنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى بىلەن ئوقۇشتىكى تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە شۇ ئارقىلىق بايقالغان ئىلمىي چۈشەنچىلەر مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ كىتابتا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇ ئۈچ كىتابتىن باشقا، مەن بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا لوس ئانژېلىس ناھىيىلىك كۇتۇپخانىدىن يەنە بىر 22 بەتلىك كىتاب تاپتىم (مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 4-كىتاب). بۇ كىتابنىمۇ يۇقىرىقى ئۈچ كىتابنىڭ بىرسىنىڭ ئاپتورى « Tove Skutnabb-Kangas » خانىم 1979-يىلى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شۋېتسىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن فىنلاندىيىلىك بالىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار دوكلات قىلىنغان ئىكەن. بۇ دوكلاتتا شۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قوش تىللىق مائارىپ ئۇستىدىكى تەجرىبىلەر ۋە بۇ تەجرىبىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىپتۇ. مېنىڭچە بۇ دوكلاتنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرەر مائارىپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىشقا ناھايىتىمۇ ئەرزىيدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلار بار بولۇپ، مەن بىلەن ئالاقىلەشسە، مەن ھېلىقى دوكلاتنى كوپىيە قىلىپ ماڭدۇرۇپ بېرىمەن. بۇ دوكلاتتا تۆۋەندىكى پەننىي بايقاشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: دەرسلەر فىنلاندىيە تىلىدا قانچە ئۇزۇن ئۆتۈلسە، بالىلارنىڭ شۋېتسىيە تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەردىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ شۇنچە ياخشى بولغان.
فىنلاندىيە تىلىدا دەرس ئېلىپ باقمىغان بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى زور دەرىجىدە چېكىنگەن، ھەمدە شۋېتسىيە تىلىدىمۇ ئاشۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەتنىڭ سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەن. بۇ «كېمەيتىلگەن قوش تىللىق» ياكى «يېرىم قوش تىللىق» (ئىنگلىزچە « subtractive bilingualism, semibilingualism») دەپ ئاتىلىدۇ. «Tove Skutnabb-Kangas» خانىمنىڭ پەرىزىچە، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا دەرس ئېلىشتىن مەھرۇم قىلسا، ئۇلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارى (ئىنگلىزچە «cognitive ability») نىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
تۆۋەندە مەن ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا ھازىرغىچە بايقالغان، يۇقىرىقى ئۈچ كىتابتا بايان قىلىنغان قالغان پەننىي چۈشەنچىلەرنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن. ئۇ كىتابلاردا بۇ مەزمۇنلار 1-خىلدىكى جەمئىيەتكە قارىتا يېزىلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ بەكرەك ماس كېلىدۇ.
[1] قوش تىللىق بولۇش بالىلارنىڭ تىل ۋە ئوقۇش جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە ئۆز ئىقتىدارلىرىنى 2-3 تىلدا تەرەققىي قىلدۇرسا، ئۇلار تىل ۋە ئۇنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەگەر ئىككى تىلدا ساۋاتىنى چىقارسا، ئۇلار تىلنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ پراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاشۇ ئىككى تىلدا رېئاللىقنى قانداق ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئالدىنقى 35 يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان 150 تىن كۆپ تەتقىقات تېمىسى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ Goethe دېگەن مۇنداق بىر گەپنى ناھايىتى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى: پەقەت بىرلا تىلنى بىلىدىغان كىشى ئۇ تىلنى ھەقىقىي تۈردە بىلمەيدۇ. ھازىرغىچە بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، قوش تىللىق بالىلار ئۇچۇرلارنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ جانلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشنىڭ بىر ئىپادىسى، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانلاردا بىر تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ.جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار باشقا بىر تىلنى ئۆگەنمىسىمۇ بولار ئىدى. لېكىن، يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپانچە، فرانسۇزچە، ئىتاليانچە، گېرمانچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق تىللارنى دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىن كەم دېگەندە ئاشۇ تىلدىن بىرنى تاللاپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ھەر ئىككىسى مەكتەپتە ئىسپانىيە تىلىنى ئۆگەنگەن. [2] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئانا تىلى بىلەن مەكتەپ تىلى ئوخشىمايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا كۈچلۈك ئاساس ياراتقان بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ئۇلاردا ئانا تىل سۆز ئىبارىلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوبدان يېتىلدۈرسە، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىنى ئاسانراق ئۆگىنىپ، باشقا ئوقۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئانا تىل ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىدىكى بىلىم بىلەن ئىقتىدارغا ئۆزگىرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇقۇم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا تىل بىلەن مەكتەپ تىلى ئۆز-ئارا بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئۇقۇم بىلەن تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا كۆچۈشى قوش-يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە بىرەر قوش تىللىق پروگراممىسى ئارقىلىق ئانا تىل تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بالىلار مەكتەپ تىلى توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇقۇم بىلەن تىل-ساۋات ئىقتىدارى ئانا تىلغا يۆتكىلىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر مائارىپ مۇھىتى ھەر ئىككى تىلنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويسا، بۇ ئىككى تىل ئوقۇشتا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ. 3b[3] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. يۇقىرىدىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىپ ئەتكەندەك، قوش تىللىق بولۇش بالىلارنى تىل جەھەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئىككى خىل تىلدىكى ئىقتىدارلار بىر-بىرىگە ناھايىتى بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ كۆپ مىقداردىكى دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلى زادىلا ئۆتۈلمىگەندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدا ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئابزاستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي بايقاشلار ئاشۇنداق بولۇشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
[4] مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىغان بىر كۈچلۈك ھۆكۈم شۇ بولدىكى، بىر ياخشى ئىجرا قىلىنغان قوش تىل پروگراممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى تەرەققىياتىغا ھېچ قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتى بىلەن ئانا تىلىدىكى كەسپىي بىلىملىرىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بېلگىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان ئانا تىل، گوللاندىيە تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش پروگراممىسى بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق. بالىلار ئانا تىلدا بىلىم ئالغاندا، ئۇلار بىر تار سېزىم دائىرىسىدىكى ئاشۇ بىر تىلنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلى مۇھىتىدىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋە ئەقلىي ماھارەتلەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدۇ. ئانا تىلىدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بالىلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا بىر يېڭى بەلگە تاپسىلا كۇپايە. بۇ خىل ئەھۋال بىلىم ئېلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام ئېتىدۇ. يەنى، بىر مەزمۇن ياكى ھېكايىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بىلەن قوشۇمچە ئىدىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئايرىش، پاكىت بىلەن پىكىرنى پەرق ئېتىش، بىر ھېكايە ياكى تارىختىكى ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى توغرا تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش ئاكادېمىك ۋە تىل ساۋاتى ئىقتىدارى جەھەتتە ئوخشىمىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئالمىشىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
[5] بالىلارنىڭ ئانا تىلى نازۇك بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار مەكتەپ تىلى بىلەن ئانا تىلى ئوخشاش بالىلارغا قارىغاندا مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىشنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار ئانا تىلىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ. يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس، ئويىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئانا تىل مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايوندا توپلىشىپ ياشىمىغان بولسا، بالىلار ئۆز ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى مەكتەپكە كىرىپ 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئانا تىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالمىسىمۇ، ساۋاقداش ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپ تىلىدا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق بىر ھېسسىي ئازگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر كۈچلۈك ئائىلە تىل پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش، ئانا تىلدا ماقالە يېزىش، ۋە ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق بولۇش تىل ۋە ئەقىل جەھەتتىكى بىر چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلسا بولىدۇ. [6] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا «ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە» دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكىنى ئەتراپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىغا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرىنى چاپلاش، ئۇلارنى بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئانا تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سىنىپ مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار.
قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئوي ئىچىدە توپلىغان ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىلىم ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىز ئۇ ئاساسلارنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۆز تالانتىنى تونۇتۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ھوقۇق چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. 4. بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىن باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى پەننىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغا قايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش، ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.
مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:
كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدىكەن. ئىككىنچى تىل ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتا باشلىغان مەكتەپلەرمۇ بار ئىكەن. بەزى مەكتەپلەر چەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغان بولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئىكەن. ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيىدىكى نوپۇس نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.
مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا كىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئۆگىنىدىكەن.
ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئاشۇ تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت ئادەملىرىدەك سەۋىيىگە يېتەلەيدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دېمەك، ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدىكەن. 3دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىز تىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.
5. ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا
ئامېرىكىغا 1953-يىلىدىن 61-يىلىغىچە پرېزىدېنت بولغان Dwight Eisenhower ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەركىن ئادەملەرنىڭ تارىخى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي يېزىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان يول ئارقىلىق ئاشۇنداق يېزىلغان.»
«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان ستەۋەن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۇ كىتابتىن كېيىن «سەككىزىنچى ئادەت: ئۈنۈملىكتىن ئۇلۇغلۇققىچە» دېگەن ماۋزۇدا يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابنىڭ 4-بابىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە، مەن پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇچراتتىم. ئەگەر سىز مەندىن كىشىلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاساسىي ئىدىيە، بىر ئاساسىي تېما، بىر ئاساسىي نۇقتا نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ياڭرايدىغان بىر ئۇلۇغ ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن ئەڭ ئەمىلى، ئەڭ قىممىتى بار، دەۋرگە ئەڭ مۇۋاپىق، شارائىت بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي، كۆڭلۈم بىلەن قەلبىمدە چوڭقۇر قايىل بولغان ھالدا، ۋە ناھايىتى تېزلا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەن: بىزنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار. سىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىڭىز سىزنىڭ پەقەت جېنىڭىزدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ تۇغما تالانتىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قابىلىيەت بىلەن ئەركىنلىك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باشقىلارنىڭ قۇربانى بولۇش تۇيغۇسى بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەش مەدەنىيىتىگە روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز تاللاشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، تەبىئىي كۈچ (گېن) ياكى تەربىيىلەش (بېقىپ چوڭ قىلىش، مۇھىت) نىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. ئەلۋەتتە، گېن بىلەن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز ھاياتىنى قايسى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمما ھايۋانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدىلا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قىممەت كۆز-قارىشى ئاساسىدا ئۆز يولىنى ئۆزى تاللىيالايدۇ. سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى تاللاش قابىلىيىتىڭىز ئارقىلىق باشقىدىن بىر يېڭى ئادەم بولۇپ چىقالايسىز، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ھەمدە باشقا ئادەملەرگە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسى历史上的今天:
3 مىليون 300 مىڭ ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىغا ئېرىشىدۇ 2009-02-18ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم 2009-02-18ياغلىق چەگسىڭىز مەكتەپكە كەلمەڭ 2009-02-18«ئىككى ئاساسەن» تەشۋىقات ماتېريالى 2009-02-18
<< ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم | باش بەت | 3 مىليون 300 مىڭ ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىغا ئېرىشىدۇ >>