• 2009-03-07

    2008-2009-ئوقۇش يىلى2-ماۋسۇملۇق - [پىلان، خۇلاسىلەر]

    1-ئۇمۇمى ئەھۋال:

    مەن بۇ ئۇقۇش يىلى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن بەشىنچى يىللىق 1-2- سىنىپىنىڭ ماتىماتىكا، ئىدىيە-ئەخلاق ۋە ئونۋىرسال پائاليەت دەرىسىنى ئۈتۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىمگە ئالغان بۇلۇپ ، مەن بۇ ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلغاندىن باشقا   سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخشى ئشلەشكە تىرىشىمەن.

    2-يىتەكچى ئىددىيە :

    مەن مارككىسسزىم، لېنىنىزىم ، ماۋزۇدۇڭ ئددىيىسى، دىڭ شياپىڭ نەزىرىيىسى،جاڭ زىمىننىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىدىيىسى، پارتىيىنڭ لۈشەن،فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ ۋە ئزچىللاشتۇرۇپ،ئۇنى ھەركىتىمىزنىڭ قىبىلنامىسى قىلىپ،4ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ،مائارىپ فاڭجىنىنى ئزچىللاشتۇرۇپ،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ،جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشىلەپ،يېڭىلىق يارىتىپ،باش شۈجى خۇجىنتاۋ رەھبەرلىگىدىكى پارتىيە مەركىزى كومتىتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ،ھەر قانداق خاراكتىردىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ ،تۈرلۈك ئۈگۈنۈش ۋە پائالىيەتلەرگە تۇلۇق قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.

    3-خىزمەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرى:

     مەن پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىننى،ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىنى،ئوقۇتقۇچىلار قەسەمنامىسىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ۋە ۋىلايەت ،ناھىيە ،ھەر دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا يېقىندىن ماسلىشىپ،تۇرلۇك پىلانلارنى ئەستايىدىل ئۇرۇنداپ،ئۆزۈم ئۆتمەكچى بولغان دەرىسلىكنىڭ ئالاھىدىلىگى ۋە قاراتمىلىقىغا بولغان تۇنۇشىمنى ئۆستۈرۈپ ،دەرىس تەييارلىقىنى پۇختا ۋە ئەستايىدىل قىلىپ،ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلىش فاڭجىنىنى ئىلمىلاشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا بەلىگىلىك تارىخى قاراش تىكلەش، دەرىس تەييارلىقى قىلغاندا چۇقۇم ئۇقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تەييارلىق قىلىمەن.دەرىسنىڭ قىيىن ۋە مۇھىم نوقتىسىنى ئېنىق ئايدۇڭلاشتۇرۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىقدىدارىنى ئاشۇرمەن.

     

    4- دەرىس ئۈتۈش جەھەتتە:

    دەرىس ئۈتۈش ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋە مەركىزى ھالقىسى . دەرىسخانا ئۇقۇتىشىدا ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچى بىرلىكتە رول ئوينايدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرىسنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈشى ياكى ئۆتەلمەسلىگى ،ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆزلەشتۇرۇش ،ئۆزلەشتۇرەلمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.

    شۇڭا ئۆزەمنىڭ كەسپى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈشتىن سىرىت ، تەجرىبىلىك ئۇقۇتقۇچىلاردىن تەجىرىبە ئىگىلەپ ،لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بۇلۇشقا ۋە نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئجادى پائالىيىتى ھەم مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمەن.

    5-تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تەكشۈرۈش جەھەتتە:

    تاپشۇرۇق شۇ بىر سائەتلىك دەرىسنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تەكرارلاش ئېلىپ بېرىش،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەملى قابىلىيىتىنى سىناشتىكى مۇھىم ۋاستە. شۇڭا مەن ھەر ھەپتىدە بىرىلىدىغان تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، تۈزۈتۈپ،ساختىپەزلىك، شەكىلۋازلىقتىن قەتئى ساقلىنمەن.

    6- ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئشلىرىغا قاتنىشىش جەھەتتە:

    ئۇقۇتقۇچىلاردا ھەر تەرەپلىمىلىك بىلىم بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن كەسپى قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملىشى زۈرۈر. بۇنۇڭ ئۈچۈن دەرىس ئۈتۈپ،كىتاپ ئۇقۇتۇشل كۇپايە قىلمايدۇ.چۇقۇم قەرەرلىك ھالدا ھەر خىل ماتىريالارنى كۈرۈپ تۇرىشى، ھەر ھەپتىدە مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ئارا مۇلاھىزە قىلىش ،تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئۇسسۇللار ئارقىلىق ،ئۆز كەسپىنى مۇستەھكاملاش كىرەك.شۇڭا مەن بۇجەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن.

    7.تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەھەتتە:

    مەكتىۋىمىزدە قەرەرلىك تۈردە ئېلىپ بېرلىۋاتقان تۈرلۈك ئجتمائى پائالىيە ۋە تۈرلۈك ئمگەكلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىشتىن باشقا مەكتەپتە ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا ئۇقۇغۇچىلارنى تۇلۇق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلگەن سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراملىق ئىش باسارلىرىدىن قىلىپ تەربىلەپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

    8- تەشكىل تۈزۈم جەھەتتە:

    مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە يۇقۇرى دەرجىلىك ئۇرۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرغان تۇرلۈك پىلان كۆرسەتكۈچلەرنى ۋاقتىدا ئەستايىدىل ئۇرۇنلاپ ،تەشكىل تۈزۈمگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ ،ئوقۇتقۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمىنىڭ رۇھىغا ئەمەل قىلىپ ،ئوقۇتقۇچىلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك كەسپى ساپا،كەسپى ئەخلاقنى تىكلەپ،ئۈزۈمنىڭ تەشكىل تۈزۈم قارىشىمنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىل تۈزۈم قارىشىنى كۇچايتىش ۋە ياخشىلاشقا تىرىشىمەن.

    9- بىلىم ئاشۇرۇش ،مەدىنىيەت ئۈگۈنۈش جەھەتتە:

    مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز كەسپىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە پىداگوگىكا ،پىسخولوگىيەگە ئائىت تۈرلۈك ماتىرياللارنى كۈرۈپ ئۇقۇتۇش مىتوتى ۋە ئۇقۇتۇش ئۆلچىمى بۇيۇنچە ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ،ساپا مائارىپىنىڭ تەلىۋىگە لايىقلىشىپ دەرىس ئۈتۈشكە تىرىشىمەن.

    10- ئككىنجى دەرىسخانا پائالىيىتى :

    ئۇقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دەرىسخانىدىلا دەرىس ئۈگۈنۈش كۇپايە قىلمايدۇ.شۇڭا كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ ۋاستىلىك ئۇقۇتۇش ئۇسسۇللىرىنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسىنى ياخشى ئۈتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرىستىن سىرىتقى كونسۇلتاسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇش لازىم.ئۇنۇڭدىن باشقا كومپىيوتىر تېخنىكا سەۋىيەمنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ،كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمەن.

    11-يەتمەكچى بولغان نىشان ۋە ئۇرنلايدىغان كۆرسەتكۈچ:

    بۇ ئۇقۇتۇش ماۋسۇمىدا ماڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ ،ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگۈتۈپ ،يۇقاردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تۇرلۈك پىلان كۆرسەتكۈچلەرنى تۇلۇق ئۇرۇنداپ ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قۇشالايدىغان ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ چىقىش ،ئۇقۇتۇش خىزىمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كالتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.بۇ ئۇقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى  يۇقۇرى كۈترۈشكە تىرشىمەن.

     

    ئۇقۇتۇش پىلانى

    مەن  ئۆز ئۇستىمگە ئالغان دەرىسلىك يېڭى دەرىسلىك ئسلاھاتىدىكى سىناق دەرىسلىك بۇلغاچقا كوپ ۋاستىلىق، كوپ قاتلاملىق ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرىدىن پايدىلىنىپ،ئىمكان قەدەر دەرىسنى ئۇقۇغۇچىلارغا سىستىملىق ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئىلگىركى ئەنئەنۋى شەكىلدىك قۇيۇپ قۇيۇش خاراكتىردىك ئۇقۇتۇشنى چۆرۇپ تاشلاپ ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ئىزدىنىپ بىلىم ئىگەللەيدىغان ،بىرگە ماھىر ، كۆپ قادىر ئۇقۇغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىلەش دەۋىرنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى. شۇڭا مەن فىزىكا دەرىسنى ئۈتۈشتە دەرىسلىكنىڭ ئالاھىدىلىگى بۇيۇنچە ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى مۇلاھىزە قىلىشقا ، كۆپلەپ سۇئال سۇراشقا،دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگەيىتەكلەيمەن. شۇ ئارقىلىق ئۈزۈم بىرۋاتقان پەننىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىمەن.

    بىلىم ئاشۇرۇش پىلانى

     

    نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يېڭى دەرىسلىك ئسلاھاتى يولغا قۇيىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھات ھەر بىر مائارىپچىنى توختىماي ئالغا ئىنتنلىشكە ، يېڭىلىق يارتىشقا ، ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ.شۇنداقلا بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    مەن بۇئۈتىۋاتقان فىزىكا دەرىسى ئەملىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ، كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان بولغاچقا دەرىس ئۈتۈش جەريانىدا نۇقۇل ھالدا دەرىسلىككە ،دەرىسلىك كىتاپقا ئېسلىۋالماي دەرىستىن سىرىتقى پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، دەرىستىن سىرىتقى كونسىلتاتسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل قىزىقارلىق ھادىسلەرنى فزىكا قانۇنىيەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئۇقۇملارنى توغرا ئىگەلىۋېلىشىغا ئەھمىيەت بىرىمەن. ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن مۇنىبەرنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنپ ، كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچىلاردىن تەجىرىبە ئىگەللەپ ، قەرەرلىك تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ دەرىسلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۈزۈمنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىمنى تۈزۈتۈشكە تىرىشىمەن.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.