• 2009-05-06

    ھورىنبېرىگنىڭ مەكتەپ زىيارەتتى - [تەرمىلەر]

    ئۇ كۈنى سىنىپ ئىچى ناھايىتى جىمجىت ئىدى.مەكتەپ ھويلىسىدىكى دەرەخلەر تۇنجى ياغقان قار بىلەن ئاپئاق ساقاللىق قار بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇ كۈنى سىنىپتىكى 25 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان تارىخ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي،ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىۋاتاتتى.

    بۇ 1877-يىلى بولۇپ،مەكتەپ پولشانىڭ ۋارشاۋادا ئىدى.ئۇ ۋاقىتتا پولشانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى روسىيە بېسىۋالغان بولۇپ،ئۇراسخان(روس پادىشاھى) پولشانىڭ بالىلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخىنى،ھاتتاكى ئانا تىلىنىمۇ ئۆگىنشىكە يول قويمايتتى.گەرچە ۋارشاۋانىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئۇراسلارنىڭ قۇلاقلىرى بولسىمۇ، بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئۇراسخان يول قويمىغان ئىشنى قىلىۋاتاتتى.

    25 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارىسىدا مەنيا سكلودوۋسكا  (Manya Sklodovska) ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ،ئۇ بەك ئەقىللىق ئىدى.ئۇ ئوقۇۋاتقان تارىخ كىتابىنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن ئىدى.تۇيۇقسىز گۇڭگا قوڭغىراق ئاۋازى ئاڭلاندى.مەنيا ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى.ئۇ ھەربىي سىگىنالما؟ھەئە! ئىككى قېتىم ئۇزۇن،ئىككى قېتىم قىسقا جىرىڭلىدى،-دىدى بىر ساۋاقدىشى.

    سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچى بېشىنى كۆتۈردى. ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىۋاتقان پولشانىڭ تارىخىنى تىزلىك بىلەن يۇشۇرۇپ ئۆلگۈردى.قىزلار ئۆستىلىنىڭ ئىچىگە سلېىپ قويغان گۈل توقۇيدىغان نەرسىللىرىنى ئېلىپ،رەخىتكە گۈل  توقۇشقا باشلىدى.

    سىرتتىكى ئىشىك ئېچىلىپ نازارەتچى ھورىنبېرىگ كىردى.ھورىنبېرىگ- ۋارشاۋادىكى شەخسىي مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇراسخان تەرىپىدىن قويۇلغان نازارەتچى ئىدى.كىيىۋالغان سېرىق-كۆك رەڭلىك فورمىسى سىمىز بەدىنىگە كىچىك كىلىپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپنىڭ مەسئۇلى سىكورسكا(Sikorska)خانىم بىللە ئىدى.

    نازارەتچىگە ئوقۇتقۇچى تۇپالسىكا(Tupalska): بىزنىڭ ھەپتىدە ئىككى قېتىم تىككۈچىلىك دەرىسىمىز بار،ئۇلار تىككۈچىلىك قىلىۋاتقاندا مەن ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بىرىمەن-دەپ دوكىلات بەردى.

    نازارەتچى مەكتەپنىڭ مەسئۇلىدىن: سىز بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تۈردىكى كىتابنى ئوقۇپ بىرىسىز؟،-دەپ سوردى.مەكتەپنىڭ مەسئۇلى كىتابنى ئېلىپ: روس بالىلار چۆچەكلىرى،-دەپ جاۋاپ بەردى.

    نازارەتچى غۇدۇڭشۇپقىنا مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ دىگەنلىرىنى تەستىقلىدى.مەن ھازىر سىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىڭىزدىن سوئال سوراپ باقاي،-دىدى نازارەتچى.مەنيا، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ،-دىدى ئوقۇتقۇچى تەمكىنلىك بىلەن.مەنيا تىتىرەپ كەتمەسلىككە تىرىشىپ،گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇردى.نازارەتچى ھورىنسبېرگ مەنياغا: ئىنجىلدىكى«تەڭرىگە مەدھىيە»دىگەن ئايەتنى روس تىلىدا ئوقۇڭ،-دەپ بۇيرۇق سوقتى.مەنيا ئۆز ھىسىياتىنى ئاشكارلاپ قويماي،ئايەتنى پەس ئاۋازدا ئوقۇپ تۈگەتتى.

    ئەمدى، روس پادىشاھلىقى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرىڭ،-دىدى نازارەتچى.مەنيا ھەممىنى دەپ بەردى.كىم بىزنىڭ رەھبىرىمىز؟ جاۋاپ بىرىڭ ،-دىدى نازارەتچى.مەنيانىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ كەتتى.ئۇ ئېغىزىنى ئاچتى بىراق ئاۋاز چىقمىدى.ھە...پولشالىق كىچىك ۋەتەنپەرۋەر،كىمنىڭ بىزنى باشقۇرىدىغانلىقىنى دىيىشنى خالىمايسەن،-دىدى نازارەتچى.تىز ئېيت! دەپ ۋاقىردى نازارەتچى.مەنيا: ئالىكساندىر 2 ئالىيلىرى،ئۇ بارلىق روس زىمىنى ۋە خەلقىنىڭ باشقۇرغۇچىسى،-دەپ جاۋاپ بەردى.بىراق مەنيانىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى.

    نازارەتچى ھورىنبېرىگ- ئۇ قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى جاۋابىنى بەكرەك ياخشى كۆرۈپ ئۇرۇندۇقتىن قوپۇپ كەتتى.سىكورسكا،مەن يەنە باشقا سىنىپلارنىمۇ كۆرۈپ باقاي،-دىدى نازارەتچى مەكتەپ مەسئۇلىغا.ئەلۋەتتە بولىدۇ،نازارەتچى غۇجام،-دەپ جاۋاپ بەردى مەكتەپ نازارەتچىسى.

    سىنىپنىڭ ئىشىكى يېپىلغاندىن كىيىن،سىنىپتىكى قىزلار سەل ئەركىن بولۇشقا باشلىدى.بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى گەپ قىلماي كىلىپ مايانى قۇچاقلىدى ۋە ئۇنى سۆيۈپ قويدى.بىراق مايا ئاللا بىر نىمىلەر ئۈچۈن يىغلاپ كەتكەن ئىدى.

    مەنبەسى:                                        

                                                          

     «شۈگوجاڭ ئىنگلىز تىلى»دىگەن كىتابنىڭ بىرىنچى قىسىم 24-دەرس،246-بەتتىكى ئىنگلىز تىلى تىكىستتىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلدى.

     

    تەرجىمان تەرىپىدىن سىز ئۈچۈن تەييارلانغان سۇئاللار:

    ئەگەر سىز مەنيانىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز، ۋەتىنىڭىزنىڭ-مىللىتىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن نىمە قىلاتتىڭىز؟ مەنيانىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىزچۇ؟ ئەڭ ئاخىرىدا مەنيا نىمە ئۈچۈن يىغلاپ كەتتى؟

     

    سىز قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ، قەلبىڭىزنى ئوڭ قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ لىللا گەپتىن ئىككى ئېغىز  قىلىپ بېقىڭ!





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.