• 2009-02-27

    «سۆزلەش دەرسى» گە قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك - [تاللانما ماقالىلار]

    «سۆزلەش دەرسى» گە قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك

    «سۆزلەش دەرسى»(说课) بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلىقى ئاساسىدا دەرس سۆزلەشدىن ئاۋال رەھبەرلەر، كەسىپداشلار ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاغزاكى تىل ئارقىلىق دەرس تېمىسىنى، ئوقۇتۇش لاھىيەسىنى كونكىرىت چۇشەندۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر خىل تەتقىقات پائالىيىتى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىك ماتىريالىنى چۈشىنىش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى لاھىيەسىنى ئوقۇتۇش پائالىيتگە ئايلاندۇرىدىغان بىرخىل دەرسدىن ئاۋالقى ئالدىن تەييارلىقى ھېسابلىنىدۇ .

    1. «سۆزلەش دەرسى» نىڭ ئاساسلىق تەلىپى

    1.1 تىلى ئىخچام ، قاتلىمى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۇرۇش

    «سۆزلەش دەرسى» نىڭ ئوبىكىتى بولسا كەسىپداشلارنىڭ ۋە رەھبەرلەر، «سۆزلەش دەرسى» نىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولمايدۇ، ئادەتتە 15_20مىنونقىچە بولىدۇ، بىر سائەت دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لاھىيەسىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كۆپ، شۇڭا «سۆزلەش دەرسى» دا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۇرۇش، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، پۇتۇن مەزمۇننى سۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ بۇ دەرسلىكنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇننى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا بىلىملىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە ئوقۇش ئۇسۇلى لاھيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك.

    1.2مۇھىم نۇقتا مەزمۇنى ئېنىق كونكىرىت ، چوڭقۇر بولۇش

    «سۆزلەش دەرسى» دا ئوقۇتۇش نىشانىنى چوردىگەن ھالدا ، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ئانالىز قىلىش، مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوقۇتۇش لاھىيەسى ۋە پۇتۇن ئوقۇتۇش لاھىيەسى ھەم مۇستەھكەم مەشقلەندۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش، ھەمدە دېمەكچى بولغاننى ئېنىق دېيىش، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش، ئىسپات ئارقىلىق قايىل قىلىش.

    1.3نەزىريە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۇرۇش

    «سۆزلەش دەرسى» بىلەن دەرس سۆزلەش ئوخشىمايدۇ ئۇ " نېمىنى ئۆتۈش " ۋە "قانداق ئۆتۈش" نىلا ئەمەس بەلكى مۇھىمى "نېمە ئۈچۈن" نى چۇشەندۇرۇشدىن ئىبارەت، «سۆزلەش دەرسى» دە ئوقۇتۇش مىساللىرى بىلەن ئوقۇتۇش نەزىريەسىنى بىرگەۋدە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. «سۆزلەش دەرسى» نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

    دەرس تېمىسى، قانچىنىچى قىسىم، قانچىنىچى باب، قانچىنىچى پاراگراف، دەرس مەزمۇنىنىڭ پۈتكۈل دەرسلىكتىكى ئورنى ۋە ئالىدىنىقى كىيىنىكى مۇناسىۋىتىنى بىلىش، دەرس مەزمۇنى سۆزلىگەندە كۆپ سۆزلىسەكمۇ ياكى ئاز سۆزلىسەكمۇ بولىدۇ ، بۇنى دەرس مەزمۇنىغا ئاساسەن بىكىتسەك بولىدۇ .

    1. دەرس مەزمۇنىنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋاقىت تەقسىمات ئورۇنلاشتۇرۇش

    2.دەرس مەزمۇنى نىشان تەلىپى : توغرا، كونكىرىت، ئومۇميۇزلۇك بولۇش

    3. مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسىنى سۆزلەش

    4.دەرس تەييارلىق،بارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ماتىرياللار

    5.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئايرىپ چۇشەندۇرۇش

    6. .ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ چۇشەندۇرۇش

    7. .ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى دەرس جەريانىغا قىستۇرۇپ چۇشەندۇرۇش

    ئوقۇتۇش پرۇگىراممىسىنى سۆزلەش

    ئوقۇتۇش پرۇگىراممىسىنىڭ ھەربىر باسقۇچى، ئادەتتە نېمىنى ئوقۇتۇش ئاندىن قانداق ئوقۇتۇش سۆزلىنىدۇ، قانداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىش، قانداق ئۆتۈش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى قانداق يېتەكلەش، ئۆگەنگەن بىلىملەرنى قانداق مەشقلەندۇرۇش، يەنە، قانداق تۈزىتىش، خۇلاسىنى قانداق قىلىش، ئىدىيە تەربىيەنى قانداق بىرلەشتۇرۇش، تاپشۇرۇق مەزمۇنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى ئىشلىشىگە قانداق يېتەكلەش قاتارلىقلارنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك، ئوقۇتۇش جەريانىنى تەپسىلىي، كونكىرىت سۆزلەش ،لېكىن دەرسخانىدا سۆزلەيدىغان مەزمۇننىڭ ھەممىسى سۆزلىمىسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم ھالقىلىرىنى، يەنى قانداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش،مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى قانداق ھەل قىلىشنى تەپسىلىي سۆزلەش ئادەتتىكى ھالىقىلىرنى ئازىراق سۆزلىسىمۇ بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى سوراش، ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىش قاتارلىق جەريانلارنى سۆزلەشدىن ساقىلىنىش لازىم .

    ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەممە ھالقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاۋال سۆزلەش، ئانىدىن ھەربىر ھالقىدىكى مەزمۇنلارنى ئايرىم – ئايرىم سۆزلەش، بىر ھالىقىدىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، يەنە بىر ھالقىنى سۆزلەش، ھالقىلار ئارا توغرا بولغان ئوتكۈنچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ھەممە دەرس مەزمۇنى بىر گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۇرۇش.

    «سۆزلەش دەرسى» دا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    دەرس تېمىسى بىلەن دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش

    دەرس تېمىسى بولسا ئوقۇتۇشتا ئاساسىي قانۇنىيەتلىك يېتەكچى رولغا ئىگە.

    «سۆزلەش دەرسى» قىلىنغان ئوقۇتقۇچى دەرستىن ئاۋال دەرسلىك تېمىسنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنى، ئوقۇتۇش پرىنسىپى ۋە تەلىپى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش . ئوقۇتۇش نىشاننى، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرى، ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ھەم ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسنى بىلىش، ئوقۇتقۇچى دەرسلىك ماتىريالغا ئاساسەن سۆزلەش، لېكىن باشتىن – ئاخىرى قارىغۇلارچە سۆزلەشدىن ساقلىنىش لازىم .

    ئوقۇتۇش ماتىريالنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش «سۆزلەش دەرسى» قىلغان ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنىڭ مەزمۇننى پىششىق ئىگەللەشدىن سىرت يەنە دەرس تېمىسىنى ۋە دەرسلىك ماتىرياللارنى بىرلەشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، قايتا- قايتا يازغۇچىنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شۇنداق قىلىغاندىلا توغرا، مۇۋاپىق ئىجاد قىلىش روھىنى جارى قىلىدۇرۇرغىلى بولىدۇ.

    «سۆزلەش دەرسى» بىلەن پىلان تۇزۇشنىڭ پەرقىنى بىر تەرەپ قىلىش

    پىلان تۇزۇش بولسا ئوقۇتقۇچى دەرسلىك ماتىريالىنى چۈشىنىش، دەرسلىك تېمىسىنى ئىگەللەش ئاساسىدا كوڭۇل قويۇپ يېزىپ چىققان دەرسلىك پىلان، ئۇ ئېنىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا، كونكىرىت ئوقۇتۇش مەزمۇنىگە ئىگە، ھەم ئېنىق ئوقۇتۇش باسقۇچىغا، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ ھالدا ئۆيلىنىش ئىدىيىسىنى قوزغىتىش ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئىگە، دوسكا لاھىيەسى ۋە نىشانلىق سىناق سوئالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

    لېكىن «سۆزلەش دەرسى» دا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ماتىريالىنىڭ مەزمۇنى پۇتۇنلەي ئىگەلگەن ئاساسىدا ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ھەربىر ھالقىنى كونكىرىت ئىشلەشتىكى ئوي- پىكىر ۋە باسقۇچلىرنى يەنى بۇ ئوي – پىكىر ۋە بۇ باسقۇچلارنىڭ نەزىيەسىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا سۆزلىنىدۇ، دېمەك ئاددىيلاشتۇرغاندا «سۆزلەش دەرسى» دا ئۆزىڭىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دەرس تەييارلىقى قىلىدىغانلىقىڭىز مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا «سۆزلەش دەرسى» قىلغان ئوقۇتقۇچى ئۆزى يازغان دەرسلىك پىلانىغا ئاساسەن ئۆتۈلگەن دەرسلىكنىڭ ھالقىلىلىرنى ئاددىي چۇشەندۇرسە بولمايدۇ .

    3. «سۆزلەش دەرسى» دە تەپىسىلى سۆزلەش بىلەن ئىخچاملاش سۆزلەشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش

    «سۆزلەش دەرسى» قىلغان ئوقۇتقۇچى مەزمۇننى تەپسىلىي سۆزلەش، قىسقارتىشقا ئورۇنلىرىنى چىقىرىۋېتىش، پۇتۇن مەزمۇننى سۆزلەشدىن ساقلىنىش، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا ئوقۇتۇش باسقۇچى، ۋە نەزىريە ئاساسىي قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۆزلەش، بەزى مەسىلىلەرنى قىسقارتىپ سۆزلەش كېرەك. مۇھىم نۇقتا ھەم ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى پەرقىلەندۇرمىسەك ئاڭلىغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ھەم بىزار قىلىپ قويىمىز.

    «سۆزلەش دەرسى» بىلەن دەرس ئۆتۇشنىڭ پەرقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش

    دەرس ئۆتۈش ئوقۇتقۇچى بەلگىلىگەن مۇھىتتا ئۆزنىڭ تۈزگەن دەرسلىك پىلانىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش جەريانى ھېسابلىنىدۇ، دەرس ئۆتۈش كونكىرىت ئوقۇتۇش ئوبىكىتى بولىدۇ، كونكىرىت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ھەمكارلىشىش جەريانى بولىدۇ، ئوقۇتۇش پرۇگىراممىسى ۋە كونكىرىت مەشغۇلاتى جەريانى بولىدۇ، كونكىرىت ئوقۇتۇش ئەمەلىي پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ،«سۆزلەش دەرسى» بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئوقۇتقۇچى ئالاھىدە ئاڭلىغۇچىلار ( ئوقۇتقۇچىلار )يالغۇز كىشىلىك ناخشىدەك، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيىتىپ بېرىدۇ، ئۇ نەزەرىيە سۆزلەشنى ئاساس قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش قاتارلىق خاراكتېرى بولىدۇ، شۇڭا«سۆزلەش دەرسى» بىلەن دەرس ئۆتۈش خاراكتېر جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ ، ھەربىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا «سۆزلەش دەرسى» بولسا ئۆزنىڭ قانداق قىلغاندا بۇ دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    «سۆزلەش دەرسى» قىلغان ئوقۇتقۇچى «سۆزلەش دەرسى» دە " نېمە ئۈچۈن "دېگەن سوئالىنى قايتا- قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزى باشقىلارغا قانائەتلەندۇرەلىگىدەك جاۋاب بېرىش كېرەك، ئەگەر بەزى مەسىلىلەرنى تېخى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىڭىز دەرستىن بۇرۇن دەرسلىك ماتىريالىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، كۆپ ماتىريال ئىزدەپ ياكى باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراش " ئېھتىمال" "شۇنداقمۇ " "بەلكىم " قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولمىسا ئاڭلىغۇچىلارغا چۇشنىكسىز تەسىر بېرىپ قويىدۇ .

    «سۆزلەش دەرسى» جەريانىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش،

    دەرس مەزمۇنىنى ئىخچام ئانالىز قىلىش، نەزىريە ئاساس تولۇق بولۇش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى سالماقلىق بىلەن ئېنىق سۆزلەش، ئوقۇتۇش نىشاننى بىر – بىرلەپ سۆزلەپ بېرىش، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى قاتتىق تەكىتلەش كېرەك.

     





    评论

  • تىمىدىكى"سۆزلەش دەرسى' دىگەن سۆز ھىچقانداق مەنە بىلدۈرەلمەيدۇ. ئۇنى" دەرس ئايانى' دىسەك مۇۋاپىق. تەكلىپىم مۇۋاپىق بولسا تۈزۈتىپ قويارسىلەن. يەنە" دەرس' بىلەن :دەرسلىك ' سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دىقققەت قىلساڭلار. رەھمەت!
    مۇئەللىم回复探索者说:
    تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەىمەت ، چۇقۇم تۇزۇتۇشكە تىرىشىمەن. كڭلڭپ تۇرارسىز !
    2009-06-03 14:45:58
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.