-
2009-01-30
(2 )ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخى - [مائارىپ تارىخى]
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇنداق كۆرسىتىلدى:
1) ئەرەپ ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا ئاران ئۈچ ھەرپ بېرىلگەن بولسا، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا سەككىز ھەرپ بېرەلەيدۇ (بۇنىڭ ئالتىسى سىلاۋيان ئېلىپبەسىدە بار ھەرپلەر، ئىككىسى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق يارىتىش جەريانىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن ھەرپلەردۇر). ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارغىمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن (ئەسلى سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ۋە ئەسلى سىلاۋيانچىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تەرىپىدىن قوشۇلغان ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ) يېتەرلىك مىقداردا ھەرپ ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەردە ئوقۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېقىن كېلىدۇ. 2) سىلاۋيان يېزىقىدا ھەربىر تاۋۇش شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرق قىلىدىغان مۇستەقىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. 3) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن، زامانىۋىلاشقان پەن - تېخنىكىسىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىلمىي ۋە بەدى'ئىي ئەدەبىياتىدىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 4) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز خەلقلىرى ۋە باشقا خەلقلەر ھەم ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن يات يېزىق ئەمەس. 1954 - يىلىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 5 - يىللىقىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلدى.
سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە ئاساسلانغان پرىنسىپلار مۇنداق كۆرسىتىلدى:
1) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىي ئەدەبىي تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، يەنى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدىكى رې'ئال تاۋۇشلار ئاساس قىلىندى. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 32 ئاساسىي تاۋۇش ئۈچۈن خاس 32 بەلگە ئېلىش تەكىتلەندى. 2) يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ ئېلىش پرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن ئۇيغۇر ئادەبىي تىلىنىڭ تاۋۇش خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەرپلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ۋە ئەينەن پايدىلىنىش كۆزدە تۇتۇلدى. مۇنداق پرىنسىپ بويىچە ئېلىنغان ھەرپلەر جەمئىي 24 بولۇپ، ئۇلار ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، دىن ئىبارەت. بۇلاردىن تاشقىرى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا بار تاۋۇشلار ئۈچۈن سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئادەتتىكى شەكلىنى ساقلاش شەرتى ئاساسىدا، بۇ ھەرپلەرگە بەزى قوشۇمچە بەلگىلەر قوشۇلۇپ ياسالغان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز ھەرپ كىرگۈزۈلدى. 3) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تۇغقان تىللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۆنىلىشىگە ئاساسلىنىپ، ھەر خىل تىللاردا بىر خىل ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلارنى ئوخشاش ھەرپلەر بىلەن بەلگىلەش كۆزدە تۇتۇلدى. 4) سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لايىھىسىنى تۈزۈشتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش خۇسۇسىيەتلىرى ۋە شۇ كەمگىچە ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان يېزىق ترادىتسىيىسى كۆزدە تۇتۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدا يوق ، ، ، ھەرپلىرى لايىھىمىزگە كىرگۈزۈلمىدى. شۇنداقلا رۇس تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئورفوگرافىك بەلگىلەر (، ، غا ئوخشاش قوش تاۋۇشلۇق بەلگىلەر) ئۇيغۇر تىلى ترادىتسىيىسىدە ئادەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىراماتىك خۇسۇسىيىتىگە كىرگۈزۈلمىدى. شۇنداق قىلىپ رۇس تىلىغا خاس ، ، ، ، ، ، بەلگىلىرىنى يېزىق لايىھىمىزگە كىرگۈزمىدۇق. 5) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىنى تۈزۈشتە، مۇنداق پرىنسىپنى كۆزدە تۇتتۇق: ئەسلى سىلاۋيان ئېلىپبە تەرتىپى ساقلانغان ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا خاس يېڭىدىن قوشۇلغان ھەرپلەرنى ( لەرنى) شۇ ھەرپلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىن ئوخشاشلىقىغا ۋە گۇرۇپپىلىشىش تەرتىپىگە ئاساسەن تېگىشلىك ھەرپلەرنىڭ ئارقىسىغا قويدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوڭۇشلۇق لايىھىلەپ چىقتى. يىغىندا زىيا سەمىدى بۇ قېتىمقى سىلاۋيان يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان كېيىنكى ئون يىللىق پىلان ۋە پروگراممىلارنى خۇلاسىلىدى. يىغىن تۆۋەندىكى توققۇز تۈرلۈك قارارنى ماقۇللىدى:
1) ئۇيغۇر سىلاۋيان ئېلىپبەسىنىڭ 32 ھەرپتىن تەشكىل تېپىشىغا قوشۇلۇش (سوۋېت ئۇيغۇرلىرى 41 ھەرپ ئىشلەتكەن). 2) سوۋېتتىكى قازاق سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى شىنجاڭدىكى قازاقلار ئۈچۈن ئوخشاش قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئامال قىلىپ ھەرپ سانىنى ئازايتىش (كېيىن 40 ھەرپ ئىشلىتىلدى). 3) سوۋېت قىرغىزلىرى ئىشلەتكەن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى شىنجاڭدىكى قىرغىزلار ئۈچۈن قوللىنىش. 4) شىنجاڭدىكى موڭغۇللار ئالدىنقى يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئېچىلغان تىل - يېزىق مۇھاكىمە يىغىندا بەلگىلەنگەن موڭغۇل سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش. 5) شىنجاڭدىكى شىبەلەر ئۈچۈن 34 ھەرپتىن تۈزۈلگەن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش. 6) شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ۋە تاتارلار سوۋېتتىكى ئۆزبېك ۋە تاتارلار بىلەن ئوخشاش بولغان سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش. 7) ئاكتىپلىق بىلەن تاجىك، مانجۇ، سېرىق ئۇيغۇر، سالا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق تەتقىقات خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىش. ئەرەپ ئېلىپبەسىدىن سىلاۋيان ئېلىپبەسىگە كۆچۈشتىن ئىبارەت يېزىق ئىسلاھاتى خىزمىتى مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل خىزمەت بولۇپ، ئۇنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇش، بۇرۇنقى ئىملا قا'ئىدىسىنى يېڭى ئىملا قا'ئىدىسى تۈزۈلگىچە ئىشلىتىپ تۇرۇش. 9) جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى بويىچە، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش، ما'ئارىپ پروگراممىسى، كېرەكلىك نەشرىيات ۋاسىتىلىرى بىلەن يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش.
بۇ قارارنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، مەركىزىي دې'ئالېكتنى ئەدەبىي تىل ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىش كۆرسىتىلىپ، غۇلجا تەلەپپۇزىنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىش بەلگىلەندى. شۇنىڭدەك قاراردا يەنە ئەدەبىي تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئاتالغۇ تۈزىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى. نەتىجىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان بولدى.
شۇنداق قىلىپ سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى: جەدۋەل سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى (رەسىم 4)
بۇ ئېلىپبە 1956 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىشى بىر خىل مەغلۇبىيەت، چېكىنىش ئىدى. بۇ قانداقتۇر تېخنىكىلىق جەھەتتىكى كەمچىلىك بولماستىن، ئەينى ۋاقىتتىكى سولچىل سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى تىلشۇناسلىق ئېھتىياجى دېگەندىن كۆرە سىياسىي ئېھتىياج دېگەن تۈزۈك. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىغا مەدەنىيەت جەھەتتە يۈزلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن بىر تۈز سىزىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىغاندا ئېنىق ئىپادىلەندى.
2. 1960 - 1983 - يىللار 1956 - يىلىدىكى يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، يۇقىرىدىكى بەش مىللەتنىڭ يېزىق لايىھلىرى مەلۇم دا'ئىرىدە سىناق قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، 1957 - يىلى گوۋۇيۈئەن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 12 - ئايدا گوۋۇيۈئەن " ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى ھەققىدە بەش پرىنسىپ " نى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ " نۆۋەتتىكى يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ ۋەزىپىلىرى " دېگەن نۇتقى ئېلان قىلىندى. 1958 - يىلى 5 - ئايدا، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا " مەملىكتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ياراتماقچى بولسا ياكى يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، پرىنسىپ جەھەتتىن لايىھىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك " دېگەن پرىنسىپ بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن سىلاۋيان يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق لايىھىلىرىنى سىناق قىلىش خىزمىتى ئۆزلىكىدىن توختاپ قالدى.
1957 - يىلى ئېلان قىلىنغان بەش پرىنسىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: 1) ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ياراتماقچى ياكى يېزىقنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا چوقۇم لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. 2) خەنزۇچە تاۋۇشلارغا يېقىن تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشتە، ئىمكانقەدەر خەنزۇ تىلى فونېتىكىسىدىكى ھەرپلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەك. 3) خەنزۇ تىلى فونېتىكىسىدا يوق بولغان تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن بىرىنى تاللاش كېرېئەك: (1) بىر تاۋۇش ئۈچۈن ئىككى ھەرپ قوشۇپ يېزىلىشى كېرەك؛ (2) يېڭى ھەرپ ياكى شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھەرپ ئىشلىتىش كېرەك؛ (3) ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بەزى بەلگىلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 4) تىلنىڭ ئىنتوناتسىيىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا تۆۋەندىكىلەردىن بىرنى تاللاش كېرەك: (1) تاۋۇش ئاخىرىغا ھەرپ قوشۇش؛ (2) باشقا بەلگە تاللاش؛ (3) ئۇنى ئىپادىلىمەسلىك. 5) ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېزىقى، بولۇپمۇ ئۆزئارا يېقىن بولغان تىللار ھەرپ ۋە ئىملا قا'ئىدىسى جەھەتتىن ئىمكان بار پەرقلىق بولۇشى كېرەك.
1958 - يىلى ئېچىلغان يىغىن 20 كۈن داۋاملىشىپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئىسلاھاتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە " بەش پرىنسىپ " نى تەكىتلىدى. يىغىنغا قاتناشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى تېخى ئالتە ئاينىڭ ئالدىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە لاتىن ئېلىپبەسىنى يولغا قويۇشقا يۈزلەندى. تېخى يېقىندىلا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنىڭ سان - ساناقسىز پايدىلىق تەرەپلىرىنى مەدھىيىلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلار تىل ئېھتىياجىدىن كۆرە سىياسىي ئېھتىياج بولغان بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشتە بەكمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. ئىنتايىن زور مۈشكىلات ئىچىدە سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىرى، ھەممە يېزىق ئىسلاھاتىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئېلىپبەسىگە قايتىش، يەنە بىرى، يېڭى سىياسەتكە يېقىندىن ئەگىشىش ئۈچۈن لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللىنىش.
نەتىجىدە، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل ۋە شىبەلەر ئالدىنقى ئۇسۇلنى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر كېيىنكى ئۇسۇلنى تاللىدى.
بۇ ئىشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلدى. چۈنكى، " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش " ھەرىكىتى ھەممە كىشىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ۋە قىزىقىشىنى يەپ كەتكەنىدى. ئەمەلدارلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭى خەلق كوممۇناسى قۇرۇش ئىشلىرىغا بەند بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ ۋاقىتتا زىيالىيلار ئارىسىدا، يېزىق ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار ناھايىتى يىراق بولغان تاغلىق رايونلاردا، كۆمۈر كانلاردا، تۆمۈر رودىسى قېزىش ئورنىدا جاپالىق ئىشلەۋاتاتتى. نەتىجىدە، 1958 - يىلىنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت سىنىپلىرى تاقىلىپ قالدى. 1959 - يىلى كۈزگە كەلگەندە، " ھوقۇقدارلارغا قارشى كۈرەش " نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار لاتىنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر بولدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدا سوۋېتنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىندىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رە'ئىسى سەيپىدىن ئەزىزى " خەنزۇ تىلى سۆز - ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىش - جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن پايدىلىق، چەتنىڭ ئېلىپبەسى (سىلاۋيانچە) گىلا ئېسىلىۋېلىپ، خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش يەرلىك مىللەتچىلىك " دەپ كۆرسەتتى. ئەينى دەۋردە، سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تەكىتلەش مىللىي مەسىلە، سىياسىي خاتالىق بولۇپ ئىپادىلەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زاكىروپ خەلقنى " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېزىق ئىسلاھاتى پىلانىلىرىنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇش " قا چاقىردى. 1959 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 2 - قېتىملىق تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى بىلەن قازاق يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى ھەم ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يېزىق لايىھىسىنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزۈش ماقۇللاندى. شۇنداقلا لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەكىتلەندى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى " ئوخشاشلىق " نى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خەنزۇچە ئاتالغۇلار كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىدا ئىشلىتىلدى. شۇنداق قىلىپ 1960 - يىلىدىن كېيىن قەدەممۇ قەدەم باشلانغۇچنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپ ئىشلىتىلدى.
1959 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق يېڭى يېزىقىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا 1960 - يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ ئۇيغۇرچە سانىغا يېڭى يېزىقنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە بىر يۈرۈش مۇھاكىمىلەرنى باستى. بۇ مۇھاكىمىلەردە ئاساسلىقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، خەنزۇ تىلىدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش جەھەتلەردە يېڭى يېزىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى. بۇ مۇھاكىمىلەردە چەكتىن ئاشقان سولچىل ئىدىيىلەر بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ رولى كۆپتۈرۈلدى. خەنزۇ تىلىدىن كۆپلەپ ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ۋە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆز - ئاتالغۇلارنى ئەينەن (ك، زھ، چ، ش) بىلەن خاتىرىلەشتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.
1960 - يىلىدىن 1965 - يىلىغىچە شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى يېڭى يېزىقنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى. بېيجىڭدىكى تىلشۇناسلارمۇ ئۇيغۇر، قازاق خەلقىنىڭ يېڭى يېزىقنى قوللىنىشى مىللەتلەر ئىتىئىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇ'ئاۋىن رە'ئىسى ئەسئەت ئىشاقوپ قازاقىستاننىڭ " خەنزۇ يېزىق سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىگە زورلاپ تېڭىلىشى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ ئىسپاتى " دېگەن سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ: " ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا جاھىل يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇرلار ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىزگە قاتتىق ھۇجۇم قىلدى " دەپ كۆرسەتتى.
قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شەھەر - يېزىلاردىكى زاۋۇت، كان، كارخانا، ئىشچى، دېھقانلار ئارىسىدا يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كۇرسلار ئېچىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىغا قاتناشقان ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ كەشتىلىرىگە يېڭى يېزىق ئىشلەتتى. قەشقەردىكى ناۋايلار ناننىڭ ئۈستىگە يېڭى يېزىق ھەرپلىرىنى چىقاردى. بالىلارنىڭ كۆڭلىكى، ئاياللارنىڭ سومكىسى ۋە ئا'ئىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان قورال - سايمانلارنىڭ ئۈستى يېڭى يېزىق بىلەن زىننەتلەندى......
1963 - يىلى شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى تەييارلىغان ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسى بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىكى تىلشۇناسلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلدى. يىغىندا ئاساسلىقى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان چ، زھ، ش قوشما ھەرپلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە بولدى. يىغىندا تۆۋەندىكىلەر قارارلاشتۇرۇلدى. 1) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل بولۇش ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىش. 2) مىللىي تىللارنىڭ ئورتاقلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. 3) گوۋۇيۈئەن ئېلان قىلغان " بەش پرىنسىپ " نى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش.
1964- يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دا'ئىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنىدا لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى ۋە 10 - ئايدا گوۋۇيۈئەنگە سۇنۇلدى. بۇ لايىھىنى گوۋۇيۈئەن 1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تەستىقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1965 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلدى. جەدۋەل 1965 - يىل 1 - يانۋار ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (رەسىم 3)
ئەسلەتمە: ئېلىپبەدىكى يەككە ھەرپلەردىن باشقا يەنە ش، چ، زھ، نگ قوشما ھەرپلىرى قوللىنىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تۈزگەن " ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ قىسقىچە ئىملا قا'ئىدىسى " ئېلان قىلىندى. بۇ ئىملا قا'ئىدىسىدە مورفولوگىيىلىك پرىنسىپ ئالغا سۈرۈلگەن. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى مەسىلىسى ئىلمىي ئاساستا قا'ئىدىلىك ھەل قىلىنغان. قوشۇمچىلاردىن ئىخچاملاشقا بولىدىغانلىرى ئىخچاملانغان. لېكىن " سول " چىللىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى فونىمىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە، بوغۇم تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بەزى ھەرپلەر (ش، چ، زھ، ك) ۋە قا'ئىدىلەر زورلاپ كىرگۈزۈلگەن.
شۇنىڭ بىلەن يېڭى يېزىقنى ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش باشلاندى ۋە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى: 1) ما'ئارىپ ساھەسىدە كەڭ دا'ئىرىدە قوللىنىلدى. كادىر، ئىشچى، ھەربىيلەر بۇ يېڭى يېزىقنى سىستېمىلىق ئۆگەندى. ساۋاتسىزلىققا قارشى كۈرەش كۈچەيتىلدى. 2) ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، زاۋۇت، كان، كارخانا ۋە ھەربىي ئورۇنلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشلىتىشلىش دا'ئىرىسى كېڭەيتىلدى. 3) ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشى كېڭەيتىلىپ، بۇ يېزىقنىڭ ئەسلىدىكى يېزىقنىڭ ئورنىنى ئېلىشى تېزلىتىلدى.
بۇ خىزمەتنى 1970 - يىلىدىن بۇرۇن تاماملاش ئۈمىد قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن 1966 - يىلى باشلانغان " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " نڭ تەسىرى بىلەن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سىياسىغا بۇرۇلدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىر كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى توسالغۇغا دۇچ كەلدى لېكىن، بۇ يېزىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قەدەممۇقەدەم ئۆگىتىلدى. ئون يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شىنجاڭمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاشلا زور بالا - قازانى بېشىدىن كەچۈردى. بارلىق كەسپىي، تېخنىكا مەكتەپلىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى تاقىلىپ، بارلىق زىيالىيلار ئاتالمىش " كادىرلار مەكتىپى " گە ئەۋەتىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭى ئېلىپبەدىن سۆز ئېچىش پۇرسىتى يوق ئىدى. ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى زىيالىيلار ۋە پۇقرالار ئارىسىدا گېزىت ۋە ئېلانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغانىدى. مۇنداق ئەھۋالدا سوۋېتكە قارشى تۇرۇش شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىش بولۇپ قالغانىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رادى'ئو ۋە نەشرىيات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى " كوممۇنىزم تۇغى " گېزىتى 1970 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن نەشىر قىلىندى. بۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، سەيپىدىن ئەزىزى 1970 - يىلى قىشتا ھەرقايسى جايلاردىكى " كادىرلار مەكتىپى " دە جىسمانىي ئەمگەك قىلىۋاتقان تىلشۇناسلارنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ، ئۇلارغا يېڭى يېزىقنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى بەردى. لېكىن، بۇ تىلشۇناسلار ئۇزاق ئۆتمەي " قايتا تەربىيە " گە ئەۋەتىلگەچكە، بۇ ئىش ئېغىزدىلا قالدى. گەرچە 1970 - يىللاردا مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن لاتىن يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ئۈنۈملۈك قەدەم بېسىلمىدى. لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بوشىشىپ قالغان شۇ كۈنلەردە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ يېزىق شۇنچىلىك ئىجتىھات بىلەن ئۆگىتىلدىكى، نەتىجىدە پۈتۈن بىر ئەۋلاد باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى سىستېمىلىق ھالدا يېڭى يېزىق بىلەن ساۋاتلىق بولدى. 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ يېزىقنى قوللىنىش دا'ئىرىسى ئالي مەكتەپلەرگە كىردى. لېكىن كونا ئەرەپ يېزىقىنى ئۆگەنگەنلەر يەنىلا شۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋەردى. كونا يېزىق داۋاملىق قوللىنىلغاچقا، يېڭى يېزىق ئۆگەنگەنلەر مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، كونا يېزىقنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار كوئانا يېزىقنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، مەكتەپكە كىرگەن ياشلار يېڭى يېزىق ئۆگەنگەن بولغانلىقتىن، نەتىجىدە جەمئىيەت ۋە مەكتەپتە ئالاقىلىشىشتا زور مەسىلە كېلىپ چىقتى.
1973 - يىلى سابىق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى " ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى " نى ئېلان قىلدى. بۇ ئىمدا قا'ئىدىسىدە 1965 - يىلى تۈزۈلگەن ئىملا قا'ئىدىسىگە قارىغاندا سەل - پەل ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىش ئۈچۈن بېرىلگەن قا'ئىدىلەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشتا بىرمۇنچە قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغانىدى. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدىمۇ قا'ئىدە بېرىلمىگەن. تىنىش بەلگىلىرىمۇ خەنزۇ تىلىدىكىگە ئوخشاش بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، سانى 16 گە يېتىپ بەزى ھاجەتسىز بەلگىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەنىدى. ئەسلىدىنلا ئومۇملاشماي تۇرغان بۇ يېزىق ھەققىدە يۇقىرىقىدەك مۇرەككەپ قا'ئىدىلەر، ئارتۇقچە بەلگىلەر بولغاچقا، مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. لېكىن بۇ يېزىققا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت 1976 - يىلى 15- ئىيۇل كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شۇ يىلى 1 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ كونا يېزىقنى ئىشلەتمەسلىكنى جاكارلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي " شىنجاڭ گېزىتى " ۋە " قىزىل بايراق " ژورنىلى پەقەت ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن چىقىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ماۋزېدۇڭ ۋاپات بولۇپ خۇئا گوفىڭ رە'ئىس بولدى. " تۆت كىشلىك گورۇھ " تارمار قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە " تۆت كىشلىك گورۇھ " تارمار قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە " تۆت كىشلىك گورۇھ " نى تەنقىد قىلىدىغان كۈرەش قانات يېيىپ كەتتى. گوۋۇيۈئەن بۇ سىياسىي ۋەزىيەتنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مەتبۇ'ئاتتا كونا ۋە يېڭى يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ " تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش " پروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزدە يېڭى بىر دەۋر باشلانغاندىن كېيىن، تىلغا ئا'ئىت مۇنازىرە قايتا باشلاندى. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە قانداق قىلىپ يېڭى يېزىقنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئىدى. شىنجاڭ تىل - يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى 1979 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسەتتى. گەرچە يىغىنغا نەشىرىيات خادىملىرى، تەتقىقاتچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلار قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش قىزغىنلىقى يوق ئىدى. ئەمەلىيەتتە لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە ئوچۇق شىكايەتلەر بولدى. يىغىن يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. نەتىجىدە خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلىنغان نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە ياكى رۇسچىگە ئالماشتۇرۇلدى. يىغىن نەتىجىسىدە يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، يېڭى ئۆلچەملىك ئاتالغۇلارنى ئېلان قىلدى.
بۇ خىزمەت باشلىنىپلا بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا شىنجاڭ تىل - يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى لاتىن ئېلىپبە سىستېمىسى ھەققىدە نۇرغۇن شيكايەتنامىلەرنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن كەلگەنىدى. ئۇلار لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئەرەپ ئېلىپبەسىگە قارىغاندا تەس ئىكەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ، ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىش ئۇلغىيىپ ئاخىرى 1982 - يىلى 9 - ئايدا يېڭى يېزىقنى ئىشلەتمەسلىك رەسمىيي قارار قىلىندى. ھۆكۈمەت ھۈججىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: " كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى يېڭى يېئىزقنى ئىشلىتىپ باقمىدى ھەم ھازىر تېخى شارا'ئىت پىشىپ يېتىلمىدى ". بۇنداق ئىككى خىل يېزىقنى تەڭ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى. ساپ تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى يېزىق كونا يېزىققا قارىغاندا يېزىشقا، ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ئاسان ئىدى. تۆت يىللىق تەجرىبىدىن قارىغاندىمۇ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كونا يېزىق ئارقىلىق بىر يىل ئۆگەنگەن نەرسىنى يېڭى يېزىق بىلەن ئالتە ئايدا ئۆگىنىپ بولغان. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇ'ئاۋىن رە'ئىسى ئەسئەت ئىشاقوپ مۇنداق دېگەن: " ئوقۇغۇچىلار يېڭى يېزىق بىلەن تېز ئىلگىرىلەيدىكەن، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىملاسى ناچار بولسىمۇ، كونا يېزىق ئارقىلىق بىر يىل ئۆگىنىدىغان نەرسىنى يېڭى يېزىق بىلەن تېز ئۆگىنىپ قالماستىن، بىر قىسىم ئاددىي جۈملىلەرنى ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولىدىكەن ".
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە لاتىن ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلى فونېتىكا سىستېمىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېتەرلىك بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالاھىدە تاۋۇشلار ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلار ئىجاد قىلىنغانىدى. شۇنىڭدەك ئېلىپبە تەرتىپىمۇ ئىنگلىز تىلىدىكى 26 ھەرپ تەرتىپىگە ئوخشاش ئىدى. يېڭى يېزىقنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى تۇرۇقلۇق نېمىشقا يەنە كونا يېزىققا قايتىش بولدى؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ:
1) لاتىن ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلغاندا، تىلشۇناسلىق قا'ئىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا يوق تاۋۇشلار ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا ئارتۇقچە بەلگىلەر زورلاپ تېڭىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. ئىملا قا'ئىدىسى مۇرەككەپلەشتى. خەلقنىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىسىز بولدى. چۈنكى ئىملا قا'ئىدىسىدە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئومۇمەن خەنزۇ تىلىنىڭ تراسكرىسپىيە قا'ئىدىسى بويىچە ئورتاق تەلەپپۇزغا مۇۋاپىق يېزىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنىدى. شۇنداق بولغاندا، خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان iu, ou, iao, sh, zh, ch, c تاۋۇشلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشمايتتى. نەتىجىدە ئاپتور ۋە مۇھەررىرلەر خەنزۇچە ناملارنى قوللانغاندا، ئىسىمنى توغرا يېزىش ئۈچۈن بىر بولسا لۇغەتكە قارايتتى، بىر بولسا خەنزۇلاردىن سورايتتى. ئۇيغۇر، قازاق نەشرىيات ئورۇنلىرى " ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى " نىڭ ئىچىدىكى خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر ياكى قازاق يېزىقىدا يازغاندا، توغرا بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىپ تۈزىتەتتى. بۇ پرىنسىپ باشقا كىتابلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، قازاق زىيالىيلىرى نەشرىيات ساھەسىدە مۇستەقىل ئىشلەشكە ئامالسىز قالغانىدى. كونا يېزىق تەس بولسىمۇ، كېلىن ئۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى يازغىلى بولاتتى.
ئاتالغۇلار مەسىلىسىدىمۇ " سول " چىللىق چېكىدىن ئاشقانىدى. تىل پاكىتلىرىغا، تىل تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئېتىبارسىز قاراش سەۋەبىدىن، خەنزۇ تىلىدىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش قارىغۇلارچە تەكىتلەندى. ھەتتا ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىمۇ " ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇش ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ مۇھىمى خەنزۇ تىلىنىڭ ئورتاق تىل (پۇتۇڭخۇئا) ئاھاڭى بويىچە بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش، ئاندىن قالسا يېرىمى ئاھاڭ بويىچە، يېرىمى تەرجىمە ياكى يېرىمى سۆز ياساش ئارقىلىق قوبۇل قىلىش " دەپ كۆرسىتىلدى.
بۇ خىل ئەھۋاللار يىغىلىپ تىل - يېزىق ساھەسىدە بىرمۇنچە قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل قالايمىقانچىلىقلارنى تۈگىتىش پەقەت يېڭى يېزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ئىدى. خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئۈچۈن بېرىلگەن قا'ئىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان قىلىپ تۈزىتىش تامامەن مۇمكىن ئىدى.
2) كونا يېزىققا قايتىش ھەققىدە ئەڭ قاتتىق كۈچىگەنلەر، يېڭى يېزىق ھەققىدە ئەڭ كۆپ شىكايەت قىلغانلار ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ زىيالىيلار، رەھبەرلەر ئىدى. ئۇلار ئەينى دەۋردە كونا يېزىقتا ساۋاتلىق بولغانلار بولغاچقا، يېڭى يېزىق ئومۇملاشتۇرۇلغاندا يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن، لېكىن سىياسىي ئېھتىياج ئۇلارنى بىر نەرسە دېگىلى قويمىغان. " تۆت كىشىلىك گورۇھ " ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، كونا يېزىققا قايتىش شامىلى بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى.
3) يېڭى يېزىق يولغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي باشلانغان " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھېسسىياتى ۋە مىللىي غورۇرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. بارلىق مىللىي ئەنئەنىلەر تەقىپلەندى، مىللىي بايرام، ئۆرپ - ئادەتلەر چەكلەندى. مىللىي ئەدەبىياتنى، تارىخنى ئۆگىنىش ۋە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمىدى. ئون نەچچە يىل تەقىپ ئاستىدا قالغان مىللىي مەدەنىيەت " تۆت كىشىلىك گۇرۇھ " نىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ بوشىدى. كەڭ خەلق ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولدى. مانا مۇشۇ چاغدىكى مىللىي ھېسسىيات ئۇزۇن يىل تاشلىۋېتىلگەن يېزىقنى تېپىۋېلىشتىن خۇشاللىق ۋە قانا'ئەت ھاسىل قىلىش بىلەن ئىپادىلەندى. " مەدەنىيەت زور ئىنقلابى " دا تەقىپكە ئېلىنغان بارلىق نەرسىلەر يورۇقلۇققا چىقىرىلدى. شۇ جۈملىدىن يېڭى يېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ داۋاملىق قوللىنىشقا ھېچكىمنىڭ رايى بارمىدى. مانا بۇ كونا يېزىققا قايتىشنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش نۇقتىسىدىن، " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " نىڭ بارلىق جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئېلىش نۇقتىسىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
1984 - يىلىدىكى كونا يېزىققا قايتىش
يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان يېڭى دەۋر باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، 1957 - يىلىدىن كېيىنكى كۆپلىگەن خاتالىقلار " سول " چىللىق دەپ قارالدى. 1978 - يىلى بىكار قىلىنغىنىغا ئون يىل بولغان دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا تەييارلاندى. 1980 - يىللارنىڭ بېشىدا، يېڭى يېزىق بىلەن كونا يېزىقتا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبىدا پەرق شەكىللەندى. بۇ مەزگىلدە پەقەت باشلانغۇچ 1 - يىللىقلار ئۈچۈن ۋە بىرقىسىم بالىلار كىتابلىرى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر كونا يېزىقتا نەشىر قىلىندى.
1980 - يىل 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدا ئا'ئىت يۈرگۈزۈلگەن خاتا سىياسەتلەر تەكىتلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىقىغا دا'ئىر سىياسەتلەرنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭدا جۇڭگو تۈركىي تىللار تەرەققىيات جەمئىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كونا يېزىقى جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ھەر ئىككى جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىق تەتقىقاتىغا ئىلھام بەردى.
ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ سىناق قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بۇ يېزىق لايىھىسى 20 يىلدىن ئارتۇق قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش، يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ شەرت - شارا'ئىتلىرىنى مۆلچەرلەشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، " سول " چىل خاتا لۇشيەننىڭ تەسىرى، يېزىق لايىھىلەشنىڭ ئۆزىدە بىرمۇنچە مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىنغان بولسىمۇ، خەلق ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. جەمئىيەتتە ئومۇملاشمىدى. ھەر ساھەدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ يېزىققا نىسبەتەن پىكىر - تەلەپلىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتتى. نەتىجىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دا'ئىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خەلق ئاممىسىدىن پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دا'ئىمىي كومىتېتىنىڭ 1982 - يىل 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى 17 - سانلىق يىغىنىنىڭ قارارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1982 - يىل 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى "" ئۇيغۇر، قازاق كونا يېزىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى" نى تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى " غا ئاساسەن، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللىنىش توختىلىپ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى فونېتىكىلىق بەلگىلەر قاتارىدا ساقلاپ قېلىنىپ، زۆرۈر تېپىلغان سورۇنلاردا ئىشلىتىش قارار قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن لاتىن يېزىقى پەقەت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالدى ۋە ئاستا - ئاستا ئىشلىتىشتىن قالدى.
ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا قايتىش ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا قانات يايدۇرۇلدى. 20 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى قانچىلىك كۈچەپ كۆرسىتىلگەن، سىلاۋيان، لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى قانچىلىك كۆككە كۆتۈرۈلگەن بولسا، 80 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە كونا يېزىقنىڭ ئەھمىيىتى، يېڭى يېزىقنىڭ كەمچىلىكلىرى كۈچەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھەقتە غاپپار مۇھەممىدى، سالى خۇدابەردى قاتارلىق زىيالىيلار " يېڭى يېزىقنى قوللانغان ياخشىمۇ، كونا يېزىقنى قوللانغان ياخشىمۇ؟"، " يېزىق توغرىسىدا بەزى قاراشلىرىمىز " دېگەن تېمىلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، كونا يېزىق ھەققىدە توقۇلغان " ناھەق ئەنزە " لەرنى پاش قىلدى. كونا يېزىقنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تەكىتلەپ، يېڭى يېزىقنىڭ نۇقسانلىرىنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئۆتتى.
20 يىلغا يېقىن قوللىنىشتىن توختاپ قالغان ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كېلىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش، مەتبۇ'ئات، نەشرىيات، خەت - ئالاقە ۋە ھۈججەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئىملادا بۇ يېزىقنىڭ بۇرۇن ھەل قىلىنمىغان ئېلىپبە جەدۋىلىگە ۋە ئىملا قا'ئىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى يېتەرسىزلىكلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 1983 - يىلى 4 - ئايدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقتى ۋە بۇ ئېلىپبە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983 - يىل 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى " نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېلىپبە قىسمىدا ھەرپلەرنىڭ شەكلى، تەرتىپى، نامى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەدە ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كەلگەن تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشنى ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، بۇرۇنقى ئىككى بەلگىنى ئو، ئۇ تاۋۇشلىرى ئۈچۈن قالدۇرۇپ، ، فونېمىلىرى ئۈچۈن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاساسىي ھەرپ شەكلى بولان " ئو " نىڭ ئۈستىگە " ۋ "، " ئا " بەلگىلىرىنى ، ھەرپلىرى ئىپادە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 32 تاۋۇشنىڭ ھەربىرىگە بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولغان 32 ھەرپ بەلگىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. (رەسىم 14)
بۇ قېتىمقى ئېلىپبە 1954 - يىلىدىكى ئېلىپبەدىن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پەرقلىنەتتى: 1) تۆت لەۋلەشكەن تاۋۇش ئۈچۈن ئايرىم - ئايرىم ھەرپ بەلگىلەندى. 1954 - يىلىدىكى ئېلىپبەدە ئىككى بەلگە ئارقىلىق تۆت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ئىپادىلەنگەنىدى. شۇنداقلا بۇ ئېلىپبە 30 ھەرپتىن تەركىب تاپقانىدى. 2) ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى پەرقلەندۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى ئېلىپبەدە سوزۇق تاۋۇشلار ئۆز نامى بىلەن، ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەرپ ئاخىرىغا بىر " ئە " تاۋۇشىنى قوشۇش بىلەن تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولدى. 3) بۇ قېتىمقى ئېلىپبەنىڭ تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولدى. 1954 - يىلىدىكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە كېيىنكى سىلاۋيان، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلدى. (رەسىم 2) 1983 - يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئېلىپبەسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرساق تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ: 1) ئېلىپبە تەرتىپىدە پەرق مەۋجۇت. 2) ئوخشاش تاۋۇشلار ئوخشىمىغان ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى. مەسىلەن، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش ، لەر پەرقلىق ھەرپ بىلەن ئىپادە قىلىندى. (رەسىم 13)
评论