• 2009-01-30

    (3 )ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخى - [مائارىپ تارىخى]

      بۇ يېزىق سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر 1957 - يىلى گوۋۇيۈئەن ئېلان قىلغان " ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى ھەققىدە بەش پرىنسىپ " بىلەن كارى بولمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بىر - بىرىنىڭ تىللىرىدىكى پايدىلىق تەرەپلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئانچە كارى بولمىدى. ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز يېزىقىدا گېزىت - جۇرنال چىقىرىش ۋە نەشىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىشى بىر خىل مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھوقۇق بولۇپ ئىپادىلەندى. ئۈرۈمچىدە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە خەنزۇ تىللىرىدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

    بۇ قېتىمقى ئېلىپبە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەنىڭ كەڭ قوللىشىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلار ۋە بەزى كونكرېت قا'ئىدىلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، تىل - يېزىقىمىزنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ جۈملىدىن ئېلېكترونلۇق مەتبە'ئە تېخنىكىلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىل - يېزىق خادىملىرى، مەتبۇ'ئات - نەشرىيات خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىر قىسىم ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ پىكىر - تەكلىپلەرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىق شەكلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىلمىيلىك بىلەن ئاممىۋىلىقنى تولۇق ئېتىبارغا ئالغان ھالدا سىستېمىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر - تەكلىپلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىما'ئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل - تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مىرسۇلتان ئوسمانوپ، ئابدۇرېشىت سابىت، غەنىزات غەييۇرانى، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، ئەنۋەر جاپپار قاتارلىق مۇتەخەسىسلەردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىلىنىپ، ئىملا قا'ئىدىسىنى تۈزىتىش - تولۇقلاش ئىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈش ئىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەندى. بۇ گۇرۇپپا بىر يىلغا يېقىن جاپالىق شىلەپ، " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى " ۋە " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى " نى ئىشلەپ چىقتى. بۇ قېتىمقى ئىملا لۇغىتى 1957 - يىلى (1000 سۆزلۈك)، 1965 -، 1966 - يىللىرى (3000 سۆزلۈك)، 1976 - يىلى (8000 سۆزلۈك) تۈزۈلگەن ئىملا لۇغەتلىرىگە قارىغاندا، سۆزلۈك سانى كۆپ ۋە ساپاسى يۇقىرى بولغان لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ لۇغەتكە 30 مىڭغا يېقىن سۆز كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھىسى 1984 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماقۇللاندى ۋە 1985 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى.

    بۇ قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلۇم يەرلىك شىۋىنىڭ تىل ئادىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دى'ئالېكت، يېتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانى تولۇق نەزەرگە ئېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 1986 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن، ئاخبارات، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن، ئالىي مەكتەپلەردىن مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنى قاتناشتۇرۇپ، 15 كۈن پۈتۈن كۈنلۈك كۇرس ئېچىپ، جايلاردا يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئىملا قا'ئىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تايانچلىرىنى تەربىيىلىدى. بۇ كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، چوڭ سىستېمىلار ئۆز تەۋەسىدە ناھىيە، شەھەر، ئىدارە، جەمئىيەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئادەم قاتناشتۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە كۇرس ئېچىپ، ئىملا قا'ئىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تايانچىلىرىنى تەربىيىلىدى. بۇ خىل كۇرسلارغا قاتناشقانلار قايتىپ بېرىپ ئۆز ئورۇنلىرىدا پۈتۈن كۈنلۈك، يېرىم كۈنلۈك سىستېمىدىكى كۇرسلارنى، ئۆگىنىش سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. 1986 -، 1987 - يىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاچقان ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، چوڭ سىستېمىلار ئاچقان كۇرسلاردا تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ سانى 2000 دىن، ناھىيە ۋە ناھىيىدىن تۆۋەن ئىدارە، جەمئىيەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەم ما'ئارىپ ئورۇنلىرى ئاچقان كۇرسلاردا تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئاشتى. (رەسىم 12)

    يۇقىرىقى كۇرستا تەربىيىلەنگەن كۇرسانتلار ئۈچۈن تەييارلانغان " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ھەققىدە ساۋات " ناملىق كىتابچىدىن باشقا، 1991 - يىلى 11 - ئايدا " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى " ناملىق كىتابچە نەشىر قىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى چېكىت، سو'ئال بەلگىسى، پەش، ئۈندەش بەلگىسى، چېكىتلىك پەش، يالاڭ تىرناق، قوش تىرناق، تىرناق، سىزىقچە، سىزىق، قوش چېكىت، كۆپ چېكىت قاتارلىق 12 بەلگىنىڭ قوللىنىش پرىنسىپلىرى ئىلمىي ئاساستا بايان قىلىنىپ، ئىملا قا'ئىدىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىنىڭ قېلىپلىشىشى، ئومۇملىشىشى ئۈچۈن شارا'ئىت ياراتتى.

    بۇ قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تىل - يېزىق سىياسىتى جەھەتتە قەرەللىك مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوبدان زېمىن ھازىرلاپ بەردى. بۇ جەرياندا ئىملا ۋە يېزىق جەھەتلەردىكى ئاممىدىن كەلگەن نۇرغۇن تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ، پىكىر جەھەتتىكى بىردەكلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئورگان جۇرنىلى بولغان " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى نەشىر قىلىنغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تىل تەتقىقاتى جەھەتتىلا ئەمەس تىل - يېزىق سىياسىتى ۋە يېزىق ئىملا جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىلەر تىل - يېزىق سىياسىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە يېزىق ئىملا جەھەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە مۇۋاپىقلاشقان، تېخىمۇ پىشقان ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق يېزىق لايىھىسى ۋە ئىملا قا'ئىدىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن شارا'ئىت ھازىرلىدى. بۇ ماقالىلەرنى مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا ئايرىم - ئايرىم بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

    1) تىل - يېزىق سىياسىتى جەھەتتە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ھەربىر سانىدا تىل - يېزىق خىزمىتى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ جەھەتتىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن 1989 - يىلى ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى " بىلەن 1994 - يىلى ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى " نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى ھۈججەت ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتىكى قانۇنىي ئورنى ۋە ئابرويىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى سىياسىي نىشاننى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەر ئىككى ھۈججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلاردىن غپۇر ئابدۇللا، ئامىنە غاپپار، ئېلى ئابىت، ياڭ بىڭيى، توختاس باتىرقان، خۇئاڭ شاڭرۇڭ قاتارلىقلار ماقالە ئېلان قىلىپ، ھۈججەتلەرنىڭ روھىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ ماقالىلەردىن باشقا، ئامىنە غاپپارنىڭ " ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر نامايەندە "، " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئازادلىقتىن بۇيانقى ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە " ناملىق ماقالىلىرىنى ۋە " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ تۆت يىللىق ئومۇمىي پىلان ۋە 8 - بەش يىللىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى " قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ ماقالىلەردە مىللىي تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى، مەيدان ۋە مۇھىم ستراتېگىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

    2) ئىملا ۋە يېزىق جەھەتتە " تىل ۋە تەرجىمە " جۇرنىلى ئىزچىل ھالدا " يېزىق ۋە ئىملا " سەھىپىسى ئېچىپ، يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتىكى تەكلىپ - پىكىرلەر، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ تۇردى. بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن تەتقىقاتلار ۋە ئىجابىي پىكىر - تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ماقالىلەر خەنزۇ ۋە چەت ئەل تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، ھۆسىن خەتلەرنىڭ ئىملاسى، ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ شەكىللىرىنى ئىخچاملاش، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى قاتارلىقلارغىچە بېرىپ چېتىلدى. بۇلارنىڭ مۇھىملىرىدىن مۇھەممەت رېھىمنىڭ " رىيازەت چەككەن سەككىز ھەرپ "، ئابدۇرە'ئوپ پولاتنىڭ " ھەمزە ھەققىدە "، نىياز كېرەم شەرقىنىڭ " ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش "، يۇنۇس قۇرباننىڭ " ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇش فونىمىلىرىنىڭ ھەرپ شەكىللىرىنى ئىخچاملاش ھەققىدە پىكىر " ناملىق ماقالىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    ئابدۇرە'ئوپ پولات " ھەمزە ھەققىدە " ناملىق ماقالىسىدە مۇھەممەت رېھىمنىڭ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەرپ شەكىللىرىدىكى مالىمانچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقان پىكىرلىرىگە قارىتا بۇ خىل مالىمانچىلىقنىڭ سوزۇق تاۋۇشلاردىكى ھەمزە " ئى، '" ھەققىدىكى پىكىرىلىرىنى، شۇنداقلا " سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ تۇمشۇقىدىكى ھەمزىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ تاشلاش " كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ چاغدا تىلىمىزدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادە قىلغۇچى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە جەدۋىلى مۇنداق بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى: (رەسىم 10)

    يۇنۇس قۇربان ئەپەندىمۇ شۇ ناملىق ماقالىسىدە، يېزىقىمىزنىڭ ھەرپ شەكلىدىكى كېلەڭسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ 40 خىل ھەرپ شەكلى ئىچىدىكى " ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئى " دىن ئىبارەت يەككە شەكلىنى، "'ئا، 'ئە، 'ئو، 'ئۇ، 'ئۆ، 'ئۈ، 'ئې، 'ئى " دىن ئىبارەت ئاخىرىدىن قوشۇلىدىغان شەكلىنى، "'ئې، 'ئى " دىن ئىبارەت ئوتتۇرىدىن قوشۇلىدىغان شەكلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تەركىبىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئېلىپبە جەدۋىلىدە قالغان ۋارىيانتلىرىنىلا ئىشلىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. شۇنداقلا "" (ھەمزە) نى يېزىق سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت بوغۇم ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتورنىڭ سوزۇق تاۋۇش توغرىسىدىكى لايىھىسى مۇنداق بولدى: (رەسىم 11)

    خەتتات نىياز كېرەم شەرقى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزدىنىپ توپلىغان خەتتاتلىق جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدەندى. ئۇ شۇ ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ 124 خىل ھەرپ شەكلىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ 124 خىل ھەرپ شەكلىنىڭ قۇرۇلما قانۇنىيەتلىرى بويىچە پارچىلىغاندا 24 قۇرۇلما سىزقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەربىر قۇرۇلما سىزىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدەنگەن، خېلى مۇكەممەل ئەمگەك بولۇپ، كىشىلىرىمىزنىڭ يېزىقىمىز ھەققىدە مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولۇشى ۋە يېزىق ئىسلاھاتلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

    خۇلاسە

    21 - ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا تۇرۇپ ئۆتكەن 100 يىلغا يېقىن جەرياندىكى يېزىق تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز س. ئې. مالوپ، س. شاكىر جانوپ، ئابدۇللا روزىباقىيوپتىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئەپەندىلەر - خادىملارغىچە، رەھبىرىي كادىرلاردىن كەسپىي، ئىلمىي خادىملارغىچە ئۇيغۇر تىل - يېزىقى جەھەتتە، ئىملا قا'ئىدىلىرى جەھەتتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار ئېغىر ۋە جاپالىق كۈنلەردە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ۋە يېزىق سىستېمىسىنى يارىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.


    بىز 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىمىز بىلەن كۇپايىلىنىپ، 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 45 يىللىق بوران - چاپقۇندا يېزىقىمىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ۋە تەجرىبە - ساۋاقلارنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسە قىلىمىز:

    1) 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بەش قېتىم (1949 -، 1951 -، 1954-، 1983 -، 1985 - يىللاردا) ئىسلاھ قىلىندى. بۇ بەش خىل ئېلىپبە بىر - بىرىدىن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پەرقلەندى: (1) ئېلىپبە سىستېمىسى؛ (2) سوزۇق ۋە يېرىم سوزۇق تاۋۇشلار؛ (3) بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ (4) بەزى بەلگىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ (5) ھەرپلەرنىڭ ناملىرى؛ (6) ئېلىپبە تەرتىپى. ھەر قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىملا قا'ئىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

    2) بۇ 40 نەچچە يىلدا بىز يېزىق سىستېمىسى جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈردۇق. يېزىق جەھەتتە بۇنداق دا'ئىم ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ بىزگە بەرگەن تەجرىبە - ساۋىقى شۇ يولدىكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇقىم بولغان يېزىق سىستېمىسىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. يېزىق سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زىيالىيلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان پايدا - زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىش، ئېلىپبە سىستېمىسىنى يېنىكلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى يېزىق ئىسلاھاتى نۇقۇل ھالدىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى بار مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. بۇنداق قارىغۇلارچە يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى مەدەنىيەت جەھەتتىكى زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۆزگەرتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا (خۇددى بىزنىڭ سىلاۋيان ۋە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش) ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي مىراسلىرىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئىملا قا'ئىدىسىدىكى بىر ئۆزگىرىش يېزىقتىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى تاۋۇشلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھالدا بەزى ھەرپلەرنىڭ ياسالغانلىقى مۇھىم ۋە پايدىلىق ئۆزگەرتىش بولغانىدى. لېكىن ھەر قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسىدە ئېلىپبە تەرتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپبە ئۆگىنىش ۋە يادلاشتا قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى.


    1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلىرىغا كونا يېزىق ئىملا قا'ئىدىلىرىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە پروگرامما تەسىس قىلغان (چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپتە لاتىن يېزىقى بىلەن ساۋاتلىق بولغان) ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىگىلىۋېلىشىنى مەقسەت قىلغانىدى. ئەگەر يېزىق جەھەتتە شۇنداق قالايمىقانچىلىقلار بولمىغان بولسا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇنداق پروگراممىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. شىنجاڭدىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى لاتىن يېزىقى بىلەن ئوقۇغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. چۈنكى، ئۇلار ئادەتتىكى بىر ئىش تېپىش ئۈچۈنمۇ كۇرسلاردا كونا يېزىق بىلەن ساۋاتلىق بولۇشى كېرەك ئىدى. بولمىسا ئۇلار ئۆز جەمئىيىتىدە " ساۋاتسىزلار " دىن بولۇپ قالاتتى. تىل - يېزىق سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئىملا قا'ئىدىسى قاتتىق تەكىتلىنىپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، يېزىق ساھەسىدە ھازىرمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ۋېۋىسكىلاردىن تارتىپ تۈرلۈك ئېلان، ماركا، كوچا ناملىرى، قاتناش بەلگىلىرىدە ئىملا جەھەتتە نۇرغۇن خاتالىقلار ساقلانماقتا.

    3) بۇنداق ئۆزگەرتىشلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەينى ۋاقىتتىكى " سول " چىل خاتا سىياسەتلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

    4) ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ قانۇنىي ئورنى 1984 - يىلى ئېلان قىلىنغان " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى " دا ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا، ئاپتونومىيە رايونلىرىدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ تىلى بىرىنچى تىل بولۇش ئاساسىدا، خەنزۇ تىلىنىمۇ ئىشلىتىش لازىملىقى كۆرسىتىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئىستىقبالىغا كەڭ يول ئېچىلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى مەملىكەت بويىچە قوللىنىلىدىغان چوڭ يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ خەلق پۇلىدىن تارتىپ مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتلىرىغىچە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق چوڭ يىغىنلاردا تەرجىمە قىلىنىدىغان يەتتە خىل تىل - يېزىقنىڭ بىرى.

    ئۇيغۇر يېزىقى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز دا'ئىرىسىدە ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان قانۇنىي يېزىقى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دا'ئىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن تارتىپ، يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغىچە ئۆزلىرىنىڭ قانۇن، نىزام، ئەمر - پەرمانلىرى، تامغا، ۋېۋىسكا، ماللارنىڭ ماركىلىرى، ئىش قەغەزلىرى، ھەرخىل ھۈججەت، ئۇقتۇرۇش، خەت - ئالاقىلىرىدە؛ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى، ئەدلىيە، تەپتىش مەھكىمىلىرى سوت قىلىش، ئەرز قوبۇل قىلىش، ئېلان چىقىرىش، ھۆكۈم ئېلان قىلىش، كېسىم قىلىش ئىشلىرىدا، جىنايى ئەنزىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشتە؛ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە، پوچتا - تېلېگراف، تەشۋىقات، تەلىم - تەربىيە، ما'ئارىپ ئىشلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.

    ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدا ھەرقايسى ساھەگە ئا'ئىت كىتاب - جۇرنال، دەرسلىك قوللانمىلىرىنى نەشىر قىلىدىغان ئاشكارا تارقىتىلىدىغان گېزىت 21 خىل، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان گېزىت 25 خىل، ئاشكارا تارقىتىلىدىغان جۇرنال 44 خىل، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان جۇرنال 64 خىل.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئىشلىرىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسلىكى ئۆتۈشنى قارا قىلدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتلىرىدا خەنزۇ (ياكى باشقا مىللەت) ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى كەسپى تەسىس قىلىنىپ، بىر - بىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. مەلۇم دا'ئىرىدە قوش تىل ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىپ، مۇ'ئەييەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

    ھازىر يەنە 1985 - يىلىدىكى ئىملا قا'ئىدىسى تۈزۈلگەندىن بۇيانقى ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن ۋە ئاممىدىن ئېلىنغان پىكىر - تەكلىپلەرگە ئاساسەن، ئىملا قا'ئىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتىنى تۈزىتىش، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.

    (ئاپتورلىرى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن) جاۋابكار مۇھەررىرى: جۈرئەت ئابلىمىت

    ئۇيغۇرلاردا يەزىق ۋە ئىدىقۇت ما'ئارىپى
    يەزىق - مەدەنىيىتىنىڭ بىردىنبىر سىمۋولى، ما'ئارىپىنىڭ ئاساسىي قورالى.
    ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يەزىق تارىھى ھەلى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر يەزىقى يۇنانلىق ئاكا - ئۇكا كەلىر ۋە مەتۇدىلار (1) ئىجاد قىلغان سلايۋان يەزىقىدىن كوپ ئەسىرلەر بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن.
    مىلادىنىڭ 5 - ئەسىرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي يەزىقى يەنسەي (رونىك) ئەلىپبەسى ئىدى (1 - جەدۋەلگە قاراڭ)، ئۇنىڭدىن كەيىن بولسا ئۇرھۇن ئۇيغۇر ئەلىپبەسى ئىشلىتىلگەن (2 - جەدۋەلگە قاراڭ).
    قەدىمقى ئۇيغۇر يەزىقىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تەكىستلىرى، پەداگوگىكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يەزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يەتىپ كەلىپ، ئۇيغۇر تارىھى، مەدەنىيىتى ۋە ما'ئارىپىنىڭ يىراق ئوتمۇشنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يەزىقى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يەزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى.
    قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - ما'ئارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناھشا ۋە تۇرلۇك ئەستەتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئوتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شا'ئىرى ۋە كۇيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق "تۇرا ناھشىسى" پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۇملىدىن مەملىكىتىمىز دا'ئىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بەرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تەكىستى ھازىر ھەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سويۇپ ئوقۇلماقتا. ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تەكىست قىزغىن تەتقىق قىلىنماقتا.
    ئەپسۇسكى، بۇ مۇزىكا دەرسلىكىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يەزىقىدىكى تەكىستى بىزگىچە يەتىپ كەلەلمىگەن. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا دەرسلىك توپلاملىرىدىن بىرى بو چۇغاي تەغى باغرىدىن،
    ئاقار تۇرا سۇلىرى.
    كەڭ دالىنى پۇركەپتۇ،
    ئاسمان شەكلى چەدىرى.
    چەكسىز ئاسمان، دالا ھەم،
    كوپكۇك دەڭىز بىپايان.
    ئەگىز ئوتلار يەلپۇنسە،
    پەستە مىغ - مىغ كورۇنەر-
    سان - ساناقسىز قوي - قۇلان.لغان "ئوردا مۇزىكا تەكىستلىرى توپلىمى" ئىچىدە ھەنزۇچە تەرجىمىسىلا ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
    ئەگەر بىز قەتىرقىنىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مۇزىكا ۋە ناھشا تەكىستىنىڭ ئوبراز تەسۋىرى، ئوھشىتىشلىرى چوڭقۇر تەلىم - تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار (شەرقىي تۇرالار) نىڭ دۇنيا قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىھىي، جۇغراپىيە مەنزىرىسى ئىنتايىن ئىھچام ۋە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز مۇزىكا دەرسلىكىلا بولۇپ قالماي، بەلكى قىسقارتىلغان تارىھ ۋە تەبى'ئەت دەرسلىكى بولۇش قىممىتىگىمۇ ئىگە.
    "تۇرا ناھشىسى" ۋە "ئەرق پۇتۇك" بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يەزىقىدا يەزىلغان تۇنجى دەداكتىك ئەسەر "چاستانى ئىلىك بەگ" داستانى ھەسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۇرك ھاندانلىقى (552 - 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يەزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا ھەلى كوپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار.
    قەدىمقى ئۇيغۇر يەزىقىدا يەزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر ھەلقىنى ھەقىقىي تارىھىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: "كول تىكىن مەڭگۇ تەشى" (732 - يىلى تەكلەنگەن)، "بىلگە قاغان مەڭگۇ تەشى" (735 - يىلى)، "تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تەشى" (716 - يىللىرى) ۋە "قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۇ تەشى" (759 - يىلى) دۇر.
    يۇقىرىدىكى مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ تارىھىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىھىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدى'ئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر ھەتتاتلىرى ئىدى.
    لەكىن، ئۇيغۇرلاردا يەزىق تارىھى باشلانغاندىن كەيىن، مەكتەپ ما'ئارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سەلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھەسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن ئىدى. ئۇ يەردە تۇرلۇك دىنلار ئەركىن پا'ئالىيەت ئەلىپ باراتتى، ئىبادەتھانىلار قۇراتتى، مەكتەپلەر ئاچاتتى، كىتابلار باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىھىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كوپ يەزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تەپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق.
    كىشىلەر ئىدىقۇتنى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ " يەر ئاستى كۇتۇپھانىسى " دەپ بىكار ئەيتمىغان. توۋەندىكى پاكىتلار بۇ باھانى ئىسپاتلايدۇ:
    بۇ يەردە نىستۇرى (2) دىنىي ئەقىدىسى مەزمۇن قىلىنغان: " ئىۋانگلۇم " (بەھت ساداسى)، "سانت گئوركىنىڭ شەھىت بولۇش ھاتىرىسى"؛ مانى دىنىغا ئالاقىدار ئەسەرلەردىن: "ئىككى يىلتىز نوم "، " مانى مۇرتلىرىنىڭ توۋەنامىسى "، "ئەرق پۇتۇك"؛ زارا ئوستىر (3) (ئاتەشپەرەسلىك) ئەقىدىسىگە ئا'ئىت ئەسەرلەردىن: "ئەۋلىيا قەسىدىلىرى"؛ بۇددا دىنىغا ئا'ئىت ئەسەرلەردىن: "ئالتۇن يارۇق"، "سەككىز يۇكمەك"، "ئا'ئىترى سىمىت" ناملىق يىگىرمە يەتتە پەردىلىك دراما (4)، تارىھىي داستان - "ماھاراباتا"؛ 294 توم 25 كىتابنى ئوز ئىچىگە ئالغان "سەلتەنەتكە ياردەم بەرگۇچى ئورنەك - تەدبىرلەر"؛ بەش توملۇق چوڭ چوچەكلەر توپلىمى - "پەنچى تانتىرا"؛ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن: "ئەتەبەتۇل ھەقايىق"، "ئىزوپ مەسەللىرى"، "ئوغۇزنامە" ھەمدە بەش توملۇق رىۋايەتلەر توپلىمى؛ "چاستانى ئىلىك بەگ"، "قەدىمقى تۇرپان قوشاقلىرى"، "مەدىتسىنا بىلىملىرى"، "ئىككى تىللىق لۇغەت" ۋە ئىدىقۇت ھانلىرىنىڭ مەڭگۇ تاش ھاتىرىلىرى، ئىقتىسادىي ھوججەتلەر؛ ئەرەب يەزىقىدىكى ئەسەرلەردىن: "تومۇر تەزكىرىسى"، "تەزكىرى ئەۋلىيالار"، "مەراجنامە"، "كوڭۇلنامە"، "بەھتنامە"، "شا'ئىر ھارازىمى تاللانمىلىرى" ۋە "مەۋلانە لۇتفى شە'ئىرلىرىدىن تاللانما"؛ بۇنىڭدىن باشقا دەداكتىك تەلىم - تەربىيە مەزمۇنىدىكى ئەدەبىي، شە'ئىرىي ئەسەرلەردىن " " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ شە'ئىرىي ئەسەرلەردىن: " ئاھاۋاركا "، " قاليامقارا - پاپامقارا "؛ دەداكتىك نەسرىي ئەسەرلەردىن: " چوڭ مايمۇن پاتمارال "، " بەھتىيار شاھزاد "، " رەسسام بىلەن ياغاچچى ھەكايىلىرى " قاتارلىق ئىنتايىن كوپ ئەسەرلەر يەزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان.
    يۇقىرىدا تىزىپ ئوتكەنلىرىمىز ئىدىقۇتتىن تەپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ پەقەت بىر تۇركۇمىدىنلا ئىبارەت. مۇتلەق كوپ قىسمى 19 - ئەسىرنىڭ ئاھىرلىرىدىن باشلاپ چەت ئەل ئارھە'ئولوگلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكەن.
    يالغۇز گەرمانىيىنىڭ توت قەتىملىق ئارھە'ئولوگ ئەترىتىلا بۇ يەردىن ئەلىپ كەتكەن يازما ھوججەتلەر بىرنەچچە تۇمەندىن ئەشىپ كەتىدۇ! باشقا ئەللەرنىڭ ئەلىپ كەتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
    ئىدىقۇتتا قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تارىھىي يادىكارلىقلار مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلىنىپ قالالىغان؟
    بىرىنچىدىن، ئىدىقۇتتا ما'ئارىپ ۋە ئىدە'ئولوگىيە ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، قايسى ئەتىقادقا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ بىلىم ئىگىسى بولسىلا، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگۇچى بولسىلا ھورمەتكە سازاۋەر ئىدى. ھەلققە مەنپە'ئەت يەتكۇزگۇچى بۇنداق كىشىلەر "ئىلتەبىر " (ئىلتەبەر) دەپ ئاتىلاتتى.
    ئىككىنچىدىن، ئىدىقۇتتا كىتاب يەزىش ۋە كوچۇرۇش ئەڭ ساۋابلىق كەسىپ دەپ قارىلاتتى. بۇنداق ئەتىقاد "بۇيان " (بۇيان) دەيىلەتتى. مەسىلەن: پۇتۇلگەن كىتابلارنىڭ ھاتىمىسىدە مۇنداق سوزلەر ئالاھىدە يەزىلاتتى: " بۇ كىتابنىڭ ساۋابى ئالدى بىلەن ھان سارىيىغا، ئاندىن قالسا مەرھۇم ئەجدادلارغا ۋە يارۇ - بۇرادەرلەرگە بولغايلەر...".
    ئۇچىنچىدىن، ئىدىقۇتتا بىلگە كەڭىشى (ما'ئارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كەڭىشى) تەسىس قىلىنغان. ئۇلار دەرىجە، ئۇنۋانلارنى بەلگىلەيتتى ھەم ئەل ئىچىدىكى ئاقارتىش ئىشلىرىغا يەتەكچىلىك قىلاتتى. بىلگە كەڭىشى نۇرغۇن تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلەر (سانسكرىت - ئۇيغۇرچە، ھەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، تۇھار - ئۇيغۇرچە، سوغدى - ئۇيغۇرچە) نى قوللانما سۇپىتىدە تۇزۇپ چىققان.
    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇپەتلىك قەغەز كەشىپ قىلغان. ھەت پۇتۇلشتىن بۇرۇن قەغەز ئۇستىگە ئاق شىلىم سۇرتۇلەتتى. بۇ قەغەز " پارتلاپ يەزىش ئۇسۇلى " دەيىلەتتى. قاراغۇجىدا يەنە ھەلى چوڭ قەغەز زاۋۇتىمۇ قۇرۇلغان.
    ئىدىقۇتلۇقلار ئوز ئالدىغا ياغاچ مەتبە'ئە كەشىپ قىلغان. ھەرپلەر دانە - دانە كۋادرات ياغاچلارغا ئۇيۇلۇپ، ئاندىن قەلىپقا بەكىتىلىپ ئۇستىدىن رەڭ سۇرتۇلۇپ ھىلمۇ ھىل رەڭلىك كىتابلار بەسىلاتتى. مۇشۇنداق مەتبە'ئە ھەرپلىرىدىن چەت ئەل ئارھە'ئولوگلىرىنىڭ ئەلىپ كەتكەنلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق (4).
    ئەينى زاماندىكى ئىدىقۇت ما'ئارىپى توغرىلىق ئاتاقلىق سەيياھ ۋاڭ يەندى (939 - 1006 - يىللار) ئوزىنىڭ " ئاستانە ھاتىرىلىرى " ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: " ئىدىقۇتتا كەسپىي مۇ'ئەللىملەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار شە'ئىر ۋە قوشاققا ھۇشتار ئىكەن. ئۇلار ئوز يەزىقىنى كۇندىلىك ئەھتىياج ئۇچۇنلا ئەمەس، بەلكى تۇرلۇك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، كىتابلارنى يەزىشقىمۇ ئىشلىتىدىكەن، ئۇ يەردە ھەر ھىل تىللاردا يەزىلغان نۇرغۇن كىتابلارنى كوردۇم...".
    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالغانىدى. ئۇلار مەنسەپ ناملىرىنى ئاتاشتا ئۇرھۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار " قاغان " سوزىنى ئۇزاققىچە قوللاندى. بۇ سوز ھوكۇمران، ئىمپەراتور، ھان مەنىلىرىدە بولۇپ، ھون، تۇرك ۋە سىيانپىلارمۇ بۇ سوزنى ئورتاق ئىشلەتكەن، ھازىرقى زاماندا بۇ ئاتالغۇ - ئىسىملارنىڭ ئاھىرىغا ئۇلىنىدىغان ھورمەت قوشۇمچىسى سۇپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، قازاقلاردا ئومەرقان، تىلەۋقان، ئۇيغۇرلاردا ئابدۇكەرىمھان، قادىرھان دەگەنلەردەك. " ئىدىقۇت " سوزى - بەھتكە يەتەكلىگۇچى دەگەن بولىدۇ. " قۇت " سوزى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: "قۇتلۇق بولسۇن "، "ساڭا بۇ مال قۇت ئەتسۇن، قۇتاپ قالسۇن " دەگەندەك.
    قوچۇ ئۇيغۇر ھانلىقى (مىلادىنىڭ 9 - 13 - ئەسىرلەر) دەۋرىدە ئىدىقۇت ما'ئارىپى نۇرغۇن تىلشۇناسلارنى، كوپ تىللاردىن ھەۋەردار تەرجىمانلارنى، ئابرويلۇق ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتلىك ئەدىب - شا'ئىرلارنى، دراماتورگلارنى، بوغالتىر - ھەساباتچىلارنى، تەۋىپ - دوھتۇرلارنى يەتىشتۇرگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: سىڭقۇ سەلى (بۇ ھەقتە كەيىنكى بابىمىزدا مەھسۇس توھتىلىمىز)، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان پىرتانراكشت، ما'ئارىپچى، يازغۇچى، داستانچى ئاپىرىنچۇرىتكىن، "ھەكمەتلەر پەزىلىتى " نىڭ ئاپتورى، دەداكتىك شا'ئىر كى كى، شا'ئىر چىنۇيا توتۇڭ، شا'ئىر قالىم كەيشى، شا'ئىر ئاتساڭ، كولتارقان، ئاسىھ توتۇڭ، قارۇنداز قاتارلىقلار بار.
    شۇنى مۇ'ئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇكى: قوچۇ (ئىدىقۇت) ھانلىقى دەۋرىدە پۇتكۇل ما'ئارىپ ئىدە'ئولوگىيىسى ئۇستىدە ھەرھىل دىنىي ئەقىدىلەر ھوكۇمران ئورۇندا تۇراتتى. بىراق، ئۇ ئومۇمىي ھەلق ئەدەبىياتى ۋە ما'ئارىپ ئۇچۇن ئەيتقاندا قىسمەن رامكىدىنلا ئىبارەتە. ئۇنىڭ تەكتىدە ھەلقنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى، ئىجتىما'ئىي تۇرمۇش رە'ئاللىقى، تارىھى ۋە مەدەنىي - ما'ئارىپى يەنىلا كۇچلۇك ئەكس ئەتىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەشھۇر " ئوغۇزنامە " قىسسىسى تەھىمۇ تولۇق ئىسپات بولالايدۇ. " ئوغۇزنامە " ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ قەدىمقى ھايات تارىھى، دۇنيا قارىشى، ئىجتىما'ئىي ئورپ - ئادەتلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە جەڭگىۋارلىق ھىسلەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان قىسقا ۋە ئۇنىۋەرسال دەرسلىك قوللانمىدۇر.
    ئىزاھاتلار:
    (1) ئاكا - ئۇكا كىرىل(528 -- 968 كىرىل) ۋە مىفودىي (728 -- 588 مىفودىي) مىلادىنىڭ 855 - يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۇنى بۇلغارىيىدە تۇنجى رۇس - سلاۋيان يەزىقىنى كەشىپ قىلىپ بەرگەن. سلاۋيانلار بۇ كۇننى ھەر يىلى ھاتىرىلەپ تۇرىدۇ.
    (2) نىستۇرى (401 - 451 - يىللار) - ھرىستى'ئان دىنىنىڭ بىر مەزھىبى بولغان نىستۇرى ئەقىدىسىنى تەسىس قىلغۇچى. راھىب ئارابان 635 - يىلى ئىدىقۇتقا كەلىپ بۇ دىننى تەرغىب قىلغان.
    (3) زارا ئوستىر - (مىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن ئوتكەن) ئۇستا دوھتۇر ۋە شا'ئىر، زەردەشىت دىنىنىڭ ئەۋلىياسى.
    (4) پىرتانراكشىت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ دراما 9 -، 10 - ئەسىرلەردە باشبالىق قاتارلىق قوچۇ شەھەرلىرىدە سەھنىدە ئوينالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەدىمقى كۇسەن (كۇچا) نىڭ "ئەجدىھا ئويۇنى"، "سۇمۇچ ئويۇنى" قاتارلىق ئوچۇق سەھنە ئويۇنلىرىمۇ دراما ۋە كومەدىيە شەكلىنى ئالغان ئويۇنلار ئىدى.
    (5) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيىلىك ئولدىنبۇرگ تۇرپانغا كەلىپ، ياغاچ مەتبە'ئەگە (كەلاگەروفى) ھەرپلىرىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇقراقىنى ئەلىپ كەتىپ، موسكۋا مۇزىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەتبە'ئە تەھنىكىسى تاكى گەرمانىيە ئالىمى ئىنوگىن كودىنبورگ كەشىپ قىلغان مەتال ھەرپلىك ئىلغار مەتبە'ئە تېخنىكىسى ئىشلىتىگۇچىلىك (15 - ئەسىرگىچە) دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئىدىقۇت ما'ئارىپى، نەشىرىياتچىلىقىنىڭ خېلى زور كولەمدە راۋاجلانغانلىقىنى كورۇۋالالايمىز.

    تۈگىدى.

    .





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.