• 2009-01-30

    قوش تىللىق مائارىپ (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى] - [تاللانما ماقالىلار]

    قوش تىللىق مائارىپ (2) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    جۇڭگو، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ھازىر دۇنيا تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە موھتاج. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولۇپ، بۇ تىل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئەسلىدە ئامېرىكىلىقلار باشقا بىر تىلنى ئۆگەنمىسىمۇ بولار ئىدى. لېكىن، يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپانچە، فرانسۇزچە، ئىتاليانچە، گېرمانچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق تىللارنى دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىن كەم دېگەندە ئاشۇ تىلدىن بىرنى تاللاپ ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ ھەر ئىككىسى مەكتەپتە ئىسپانىيە تىلىنى ئۆگەنگەن.

    [2] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئانا تىلى بىلەن مەكتەپ تىلى ئوخشىمايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئانا تىلدا كۈچلۈك ئاساس ياراتقان بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىنى پۇختا ئىگىلەش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن بۇرۇن ئۇلاردا ئانا تىل سۆز ئىبارىلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوبدان يېتىلدۈرسە، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىنى ئاسانراق ئۆگىنىپ، باشقا ئوقۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ. بالىلار ئۆيدە ئانا تىل ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تىلىدىكى بىلىم بىلەن ئىقتىدارغا ئۆزگىرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇقۇم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا تىل بىلەن مەكتەپ تىلى ئۆز-ئارا بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئۇقۇم بىلەن تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا كۆچۈشى قوش-يۆنىلىشلىك بولىدۇ. يەنى، مەكتەپتە بىرەر قوش تىللىق پروگراممىسى ئارقىلىق ئانا تىل تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، بالىلار مەكتەپ تىلى توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇقۇم بىلەن تىل-ساۋات ئىقتىدارى ئانا تىلغا يۆتكىلىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر مائارىپ مۇھىتى ھەر ئىككى تىلنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويسا، بۇ ئىككى تىل ئوقۇشتا بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ.

    [3] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. يۇقىرىدىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىپ ئەتكەندەك، قوش تىللىق بولۇش بالىلارنى تىل جەھەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئىككى خىل تىلدىكى ئىقتىدارلار بىر-بىرىگە ناھايىتى بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.

    نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ كۆپ مىقداردىكى دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلى زادىلا ئۆتۈلمىگەندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدا ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئابزاستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي بايقاشلار ئاشۇنداق بولۇشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

    [4] مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىغان بىر كۈچلۈك ھۆكۈم شۇ بولدىكى، بىر ياخشى ئىجرا قىلىنغان قوش تىل پروگراممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى تەرەققىياتىغا ھېچ قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتى بىلەن ئانا تىلىدىكى كەسپىي بىلىملىرىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بېلگىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان ئانا تىل، گوللاندىيە تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش پروگراممىسى بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق. بالىلار ئانا تىلدا بىلىم ئالغاندا، ئۇلار بىر تار سېزىم دائىرىسىدىكى ئاشۇ بىر تىلنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلى مۇھىتىدىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋە ئەقلىي ماھارەتلەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدۇ. ئانا تىلىدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بالىلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا بىر يېڭى بەلگە تاپسىلا كۇپايە. بۇ خىل ئەھۋال بىلىم ئېلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام ئېتىدۇ. يەنى، بىر مەزمۇن ياكى ھېكايىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بىلەن قوشۇمچە ئىدىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئايرىش، پاكىت بىلەن پىكىرنى پەرق ئېتىش، بىر ھېكايە ياكى تارىختىكى ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى توغرا تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش ئاكادېمىك ۋە تىل ساۋاتى ئىقتىدارى جەھەتتە ئوخشىمىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئالمىشىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

    [5] بالىلارنىڭ ئانا تىلى نازۇك بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار مەكتەپ تىلى بىلەن ئانا تىلى ئوخشاش بالىلارغا قارىغاندا مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىشنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار ئانا تىلىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ. يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس، ئويىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئانا تىل مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايوندا توپلىشىپ ياشىمىغان بولسا، بالىلار ئۆز ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى مەكتەپكە كىرىپ 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئانا تىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالمىسىمۇ، ساۋاقداش ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپ تىلىدا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق بىر ھېسسىي ئازگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر كۈچلۈك ئائىلە تىل پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش، ئانا تىلدا ماقالە يېزىش، ۋە ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق بولۇش تىل ۋە ئەقىل جەھەتتىكى بىر چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلسا بولىدۇ.

    [6] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا «ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە» دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكىنى ئەتراپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىغا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرىنى چاپلاش، ئۇلارنى بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئانا تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سىنىپ مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار.

    قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئوي ئىچىدە توپلىغان ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىلىم ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىز ئۇ ئاساسلارنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۆز تالانتىنى تونۇتۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ھوقۇق چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.


    4. بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىن باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟


    مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى پەننىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغا قايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش، ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.

    مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:

    كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدىكەن. ئىككىنچى تىل ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتا باشلىغان مەكتەپلەرمۇ بار ئىكەن. بەزى مەكتەپلەر چەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغان بولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئىكەن. ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيىدىكى نوپۇس نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.
    مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا كىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئۆگىنىدىكەن.
    ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئاشۇ تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت ئادەملىرىدەك سەۋىيىگە يېتەلەيدىكەن.
    ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دېمەك، ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدىكەن.
    دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىز تىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.


    5. ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا

    ئامېرىكىغا 1953-يىلىدىن 61-يىلىغىچە پرېزىدېنت بولغان Dwight Eisenhower ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەركىن ئادەملەرنىڭ تارىخى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي يېزىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان يول ئارقىلىق ئاشۇنداق يېزىلغان.»

    «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان ستەۋەن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۇ كىتابتىن كېيىن «سەككىزىنچى ئادەت: ئۈنۈملىكتىن ئۇلۇغلۇققىچە» دېگەن ماۋزۇدا يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابنىڭ 4-بابىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە، مەن پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇچراتتىم. ئەگەر سىز مەندىن كىشىلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاساسىي ئىدىيە، بىر ئاساسىي تېما، بىر ئاساسىي نۇقتا نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ياڭرايدىغان بىر ئۇلۇغ ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن ئەڭ ئەمىلى، ئەڭ قىممىتى بار، دەۋرگە ئەڭ مۇۋاپىق، شارائىت بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي، كۆڭلۈم بىلەن قەلبىمدە چوڭقۇر قايىل بولغان ھالدا، ۋە ناھايىتى تېزلا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەن: بىزنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار. سىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىڭىز سىزنىڭ پەقەت جېنىڭىزدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ تۇغما تالانتىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قابىلىيەت بىلەن ئەركىنلىك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باشقىلارنىڭ قۇربانى بولۇش تۇيغۇسى بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەش مەدەنىيىتىگە روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز تاللاشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، تەبىئىي كۈچ (گېن) ياكى تەربىيىلەش (بېقىپ چوڭ قىلىش، مۇھىت) نىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. ئەلۋەتتە، گېن بىلەن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز ھاياتىنى قايسى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمما ھايۋانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدىلا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قىممەت كۆز-قارىشى ئاساسىدا ئۆز يولىنى ئۆزى تاللىيالايدۇ. سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى تاللاش قابىلىيىتىڭىز ئارقىلىق باشقىدىن بىر يېڭى ئادەم بولۇپ چىقالايسىز، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ھەمدە باشقا ئادەملەرگە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق باشقا بارلىق تالانتلىرىڭىزدىن پايدىلىنالايسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزنى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەلەيسىز.»

    ئانا تىلنى قوغداش ئىشىدا ھەر بىر ئادەم ئۆينىڭ سىرتىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالدىم. شۇڭا بۇ يەردە مەن ھەر بىر ئادەم ئۆز ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھەر رايونىدىكى دىئامېتىرى 250 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە جەمئىي 18 ئائىلە ئۇيغۇر بار. بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بالىلىرى بار تۆت ئائىلە بىرلىشىپ، 7-8 ئوقۇغۇچىسى بار بىر ئۇيغۇر تىلى سىنىپى تەشكىللىدى. بۇ تۆت ئائىلە ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇلار ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 12 گىچە نۆۋەتلىشىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتىدۇ. بۇ دەرسنىڭ ئىشقا ئېشىش نىسبىتى مېنىڭ پەرىزىمچە 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بالىلارغا پات-پات ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تىلىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆيىگە سىملىق تېلېۋىزور ئورناتماي، بالىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەكەلدۈرگەن ئۇيغۇرچە VCD لارنىلا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ياخشى چىقتى. بۇ سىنىپ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بالىسىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرالىغان يەردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق يولنى تاللىشىدا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ رولى بىلەن نىشانى ئۈستىدە ئازراق توختالدىم. مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي: سىزنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش ۋە ئۇيغۇر بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم رولىڭىز ۋە نىشانىڭىز نېمە؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان يېزا دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى ئىدارە دائىرىسى ئىچىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يۈزلىنىشىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تاللىغان يول بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئانا تىلىمىز ساقلىنىپ قالسۇن دېسىڭىز، سىز ھازىردىن باشلاپ باشقىلارغا دۆڭگەش ياكى مىللەتنى ئەيىبلەش ئادىتىڭىزنى تاشلاپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشاڭ. بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ. بەزى ئىشلارنى بولسا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەمەل ئەھلىلىرىگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالىنى ھازىر دەرھال بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالاپ چىقىش كېرەك. ھەمدە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا بىر قارار ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيالىيلار ۋە ئەمەل ئەھلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى شۋېتسىيە بىلەن ئامېرىكىغا ماڭدۇرۇپ، ئاشۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى، ھەمدە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ كېلىشى كېرەك. قارارلارنى شۇنىڭدىن كېيىن چىقىرىش، سىياسەتلەرنى شۇنىڭدىن كېيىن تىزىش كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر تۇتىدىغان يوللارنىڭ بىرى. ئىلمىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى.


    6. ئاخىرقى سۆز


    مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئەڭ بەشىدە تەسۋىرلىگەن، بىر ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 3- ياكى 4-يىللىققا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆتۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ھازىر بولۇۋاتقان راست ئىش، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، ئۇ ھازىر قانچىلىك ئومۇملاشتى، ئۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. بۇنى بىلىدىغانلار بولسا Bilik.cn دىكى ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار. ئومۇملىشىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق مائارىپ پروگراممىسى پۈتۈنلەي خاتا. پروفېسسور «Jim Cummins» بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسى بۇيىچە قارىغاندا، بۇنداق پروگرام پۈتۈنلەي خاتا. مېنىڭ پەرىزىمچە، مۇشۇنداق سىياسەتنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەل ئىگىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مۇقەررەر. بۇ ئىشلارنى ئېنىقراق بىلىدىغان تورداشلارنىڭمۇ بىلىدىغىنىنى بىزگە دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى قەرزى بىلەن تارىخىي بۇرچىنى ئەتراپ قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئۆز-ئۆزىدىن، ئۆز باشلىقلىرىدىن، ھەمدە باشلىقىنىڭ باشلىقىدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىشى كېرەك:
    بۇ سىياسەت قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
    ئۇنىڭ مەقسىتى نېمە؟
    ئەگەر مەقسەت تەرەققىيات بولسا، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرۈش كېرەكتىغۇ؟
    ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ سىياسەتنىڭ ئىلمىي ئاساسى نېمە؟ ئۇ ئىلمىي ئاساسلارنى كىم تەمىنلىگەن؟
    ئۇيغۇرلار ئىچىدە مائارىپشۇناسلار ۋە بالىلار پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن قانچىسى بار؟ (ھەكىمە ئەرشىدىن ھەدىمىز ئەنگلىيىدە مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسى بېرىلىپتىكەن.) ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا تونۇلغان ۋە دۇنيادا تونۇلغانلىرىدىن قانچىسى بار؟
    سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھېچ كىم سىز كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مىللىتىڭىزنىڭ تەقدىرىگە باشقا مىللەتلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمىسىدا دۇنيادا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىراقنى توغرا كۆرەلەيدىغان، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يىراقنى توغرا كۆرەلىگەنلەر ياخشى نەتىجە يارىتىدىغانلىقىنى، يىراقنى خاتا كۆرگەنلەر يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. يىراقنى توغرا كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئېگىز پەللىگە چىقىش كېرەك. بۇ قانداق ئېگىز پەللە بىلەمسىز؟ ئۇ ئىلىم-پەننىڭ ئېگىز پەللىسىدىن ئىبارەتتۇر. جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەل ئەھلى بولۇش بىلىم ئەھلى بولۇشتىن جىق ئاسان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىلىم ئەھلىنىڭ ئەمەل ئەھلى بولالىشى، ھەمدە شۇنداق بولالىغاندىمۇ ئۆز ئەمىلىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىشى ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسەت تۈزۈشكە ئوخشاش چوڭ ئىشلارغا ھەممە ئۇيغۇر كۆڭۈل بولۇشى كېرەك. بۇنداق سىياسەتكە ئىلمىي ئاساس بولىدىغان نەرسىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگودا تېپىلمىسا، ئۇلارنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇنداق ئىلمىي ئاساسلاردىن بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەگەر سىز شۇنداق قىلمىسىڭىز، ئاشۇنداق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرمىسىڭىز، سىز چوقۇم زاۋاللىققا يول تۇتىسىز. چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز. بۇ ئىنسان تارىخى تەكرار-تەكرارلاپ ئىسپاتلاپ چىققان بىر ھەقىقەت. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە بىرەر چوڭ بەدەل تۆلەش كەتمەيدۇ. دۆلەتلىك ۋە يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا. سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر يولنى تاللاش-تاللىماسلىقىڭىزدا. ياۋاش ئادەمنى تاپقاندا ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش. مەن كىچىك ۋاقتىمدا داۋاملىق تۈردە ماۋ زېدۇڭنىڭ «قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلايتتىم. ئۇيغۇرلاردا «ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆز ئالىقىنىڭغا ئال» دېگەنگە ئوخشاش بىر گەپمۇ بار. بۇ سۆزلەر نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلارغا نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان، ھېچ بولمىغاندا قانۇن سىزىقىنىڭ سىرتىغا چىقماي تۇرۇپ نورمال ئىنساندەك ياشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئەتكەندەك، ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىسىڭىز، ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىماللىقى نۆل بولىدۇ. بۇ گەپنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاشۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئەكسىچە باشقىلارغا ياخشى-يامان ئادەم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىپ ياشايدىغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، توغرا يولنى تۇتقانلار، قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار يالغۇز قېلىپ، ئاسانلا زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خاتا يولنى تۇتقانلار بولسا قانات ئاستىغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىر پۈتۈنلەي خاتا يۈزلىنىش بولۇپ، بۇنداق يۈزلىنىشنى پۈتۈنلەي توسۇش كېرەك. يامان ئىللەتلەرنى يوقاتمىغۇچە، ياخشى ئىللەتلەر باش كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە توغرا ئىش قىلغانلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەخسىكەشلىك قىلىپ جان باقىدىغانلارغا زەربە ۋە جازا بېرىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئوتكەن ئايدا، يەنى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەھۇدىي تونۇشۇم ئالېكس ئۆزى ھازىر تۇرۇۋاتقان فلورىدا شتاتىدىن لوس ئانژېلىسقا كەلگەندە، بىر دوستىنى باشلاپ بىزنىڭ ئوينى يوقلاپ كەلدى. شۇ چاغدا مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئال سورۇدۇم: «سىلەر يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان بىر قانچە مىڭ يىل جەريانىدا ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىدىڭلار. بۈگۈنكى كۈندە بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ چىقتىڭلار. ئەگەر ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلارنى ئۆگەنمەكچى بولسا، سېنىڭچە قانداق تەجرىبەڭلارنى ئۆگىنىشى كېرەك؟» ئالېكس ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى (ئۇنىڭ سۆزىنى ئەينەن خاتىرىلىۋالمىغان بولغاچقا، پەقەت ئاساسى مەزمۇنىلا يازىمەن): «يەھۇدىينىڭ ئەرلىرى يۈزدە-يۈز پىرسەنت ساۋاتلىق بولغىلى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشتى. بۇ ئىش بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى. مائارىپنى چىڭ تۇتقانلىقى، ھەمدە قاتتىق تىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە بېرىلگەن بارلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەھۇدىيلار ئالدى. بىر بالىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى 60 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسىغا باغلىق. يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ تۇرالىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلالىشىدا يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار بىزدىن دورايمىز دەيدىكەن، ئىشنى چوقۇم مائارىپتىن باشلىشى، مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.» دېمەك، ئالېكس نىڭ جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مائارىپ بىلەن تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە تايىنىش كېرەك ئىكەن. مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، بىر مىللەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئاشۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلى ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۆگىنىدىغان ئىككى ئورۇن بار. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپ، يەنە بىرسى ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ماكان. بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ قانداق يول تۇتسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يۇقىرىدا جىق توختالدىم. بالىغا ئۆيدە ئانا تىلنى ئۆگىتىش جەھەتتە ئانا ئوينايدىغان رول ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن قالسا دادا، قېرىنداشلار، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خولۇم-خوشنىلار قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ ئىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بۇرچى بار. شۇڭا ئۇ بۇرچىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. ئەگەر سىز بىر بالىنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بولسىڭىز، سىزنىڭ بالىڭىزغا ئاجراتقان ۋاقتىڭىز سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن سالغان مەبلىغىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەبلەغنى كۆپرەك سالسىڭىز، مول-ھۇسۇلنىمۇ كۆپرەك ئالىسىز. ئەگەر ھېچ قانداق مەبلەغ سالمىسىڭىز، ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز بالىڭىزغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ ئىچىدە بەزىبىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۆي ئىچىدە ئۇنداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز. ئوي ئىچىدە بالىڭىزنى قانداق تەربىيىلىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان، باشلانغۇچتا بالىلارغا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆتۈش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، بالىڭىزنىڭ ئوي ئىچىدىكى ۋە ئوي ئەتراپىدىكى ئانا تىل تەربىيىسىنىمۇ چىڭ تۇتۇڭ. بۇنى سىز ھەم بالىڭىز ئۈچۈن قىلىسىز، ھەم مىللەت ئۈچۈن قىلىسىز.


    مەن بۇ يازمامنى دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «بىزنىڭچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەنمەيدۇ، بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سىز-بىز ئۆزىمىزنى "مەن ئۇيغۇرمەن" دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلاپ يۈرگەنىكەنمىز، تىرىكلا بولساق ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەندۈرمەيمىز: بىزچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دېمەك ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداش دېمەكتۇر، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەۋجۇتلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەققىمىزدۇركى، بۇ ھەققىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، گېزى كەلسە ھېچ ئىككىلەنمەي جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز!»


    تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى (
    http://www.orkhun.com ) دىن ياۋۇز.

    ئەسكەرتىش:
    [1] بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
    [2] ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى
    www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ لاتىن يېزىقى نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.


    مۇشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابلارنىڭ ئىنگلىزچە تىزىملىكى:

      Baker, C. (2000). A parents' and teachers' guide to bilingualism. 2nd Edition. Clevedon, England: Multilingual Matters.
      Cummins, J. (2000). Language, power, and pedagogy. Bilingual children in the crossfire. Clevedon, England: Multilingual Matters.
      Skutnabb-Kangas, T. (2000). Linguistic genocide in education-or worldwide diversity and human rights? Mahwah, NJ: Lawrence Erlbaum Associates.
      Tove Skutnabb-Kangas (1979), Language in the process of cultural assimilation and structural incorporation of linguistic minorities. Rosslyn, VA. National Clearinghouse for Bilingual Education.

    ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىنگىلىزچە تور بەتلىرى:
    http://filebox.vt.edu/c/cmarshal/exploring_bilingual_education.htm http://www.umich.edu/~ac213/student_projects05/be/alternatives.html

    Ughur amerecan

    لوس ئانژېلىستىكى ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش

    His friends

    2-رەسىم: 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۇنى مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەھۇدى تونۇشۇم ئالېكس
    (ئوتتۇرىدىكى كىشى) بىزنىڭ ئويگە دوستى ئاندرېۋنى باشلاپ كەلگەندە چۇشكەن بىر پارچە سۇرەت


     




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.