• 2009-01-30

    قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم( 1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى] - [تاللانما ماقالىلار]

    قوش تىللىق مائارىپ 2-قىسىم( 1) - [ئەركىن سىدىق يازمىلىرى]

    قوش تىللىق مائارىپ (2):

    «قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولۇشى كېرەك؟

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

    (بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)

    مەن ئالدىنقى «قوش تىللىق مائارىپ: باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى» دېگەن يازمامدا «Tove Skutnabb-Kangas» خانىمنىڭ 800 بەتلىك كىتابىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدا مۇۋاپىق ماتېرىيال تاپالىسام، ئۇنى قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ئىككىنچى يازمام قىلىپ تەييارلايدىغانلىقىمنى تىلغا ئالغان ئىدىم. مەن ئۇ كىتابنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ كىتاب قولۇمغا تېخىچە تەگمىدى. مەن يېڭىدىن بۇيان كۆرگەن ماتېرىياللاردا ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمامدىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار خېلى كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دىيارىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئانچە ئايدىڭ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەن ئۇ كىتابنى ساقلىمايلا، ئۇشبۇ يازمىنى يوللاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

    مەن ئالدىنقى يازمامدا چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى ۋە قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۆپرەك ئېلىپ بارغان دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، كانادا ۋە شۋېتسىيە قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن مىللەتلەرنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىدۇ. بۇ دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن بىر ئورتاق مەسىلە كۆچمەن خەلقنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، بۇ يېڭى دۆلەتلەرگە كېلىپ نەچچە ئەۋلاد ياشاپ بولغان بولسىمۇ، بۇ كۆچمەن خەلقنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى يەنىلا ئوي تازىلاش، كوچا سۈپۈرۈش، ئوت ئۇرۇش، زاۋۇتلاردا ئىشچى بولۇشتەك تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرىدىن قۇتۇلالمىغان (ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى مائارىپ سىياسىتى ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇيغۇرلار قانداق بىر ئاقىۋەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ). شۇڭلاشقا يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، باشقا دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا بىر ئىلمىي ئاساسقا ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يەرلىك خەلقنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. مەن بۇ يازمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش - تەتقىقاتلار ھازىرغىچە بايقىغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ئەھۋالىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قىسىم پەننىي بىلىملەرنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ ئۆتىمەن.


    1. چەت ئەلدىكى قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە

    [1] بالىلارنىڭ يات تىل (ياكى ئىككىنچى تىل) ئىقتىدارى ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. يەنە بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى. بۇ ئىككىنچى ئىقتىدار كۆپىنچە ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا «ئاكادېمىك تىل ئىقتىدارى» (ئىنگلىزچە «ئاكادېمىك language skills») دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالىلارنىڭ سۆزلىشىشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، بالىلار سۆزلىشىش جەھەتتە يەرلىك بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئىنتايىن تېزلا يېتىشۋالالايدۇ. لېكىن، ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىدە يەرلىك بالىلارغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

    [2] بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىلدىن باشقا كەسپىي دەرسلەردىكى بىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئوخشاش.

    [3] بالىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كېيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بالىلارغا بىر يات تىل ئۆگەتكەندە، ئۇنى بىر ئايرىم چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگەتمەي، ئۇ يات تىلنىڭ ئانا تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئۆگىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكىلى بولىدۇ.

    [4] ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىل ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارادا «يېرىم ساۋاتلىق قوش تىللىق» («ئىنگلىزچىدا «semibilingualism») دەپ ئاتىلىدۇ.

    [5] پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپنى ئىككىنچى تىلدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى مەكتەپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ناچار بولغان. «بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، يۇقىرىقىدەك بالىلارنىڭ ئانا تىلى كۆپىنچە ئەھۋالدا يا مەكتەپتە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، يا پەقەت بىر ئانچە مۇھىم ئەمەس تىل دەرسى سۈپىتىدىلا ئۆتۈلگەن.» («Skutnabb-Kngas» خانىم 1979-ئېلان قىلغان، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان بىر 22 بەتلىك دوكلاتتىن ئېلىندى. بۇ دوكلاتنى مەن meripet. com غا كىرگۈزۈپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى: http://www.meripet.com/Söhbet1/kangas/ ) باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ بىر يات تىلدا ئوقۇغان بالىلار مۇنداق ئىككى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ. بىرسى ئوقۇشتىكى يات تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنە بىرسى تىلدىن باشقا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش. بۇنداق بالىلارنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارى ئاساسەن يوق ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەسپىي مەزمۇننى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالىشى ئىنتايىن تەس. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل ئۆگىتىلمەي، بالىلارنىڭ ئانا تىلى ئىزچىل تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇلمايدىكەن، ھەمدە بالىلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن كەسپىي دەرسلەر بىر يات تىلدا ئۆتىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلدىكى تىل ئىقتىدارى بىلەن چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (ياكى سەۋەبىنى تېپىش) ئىقتىدارلىرى (ئىنگلىزچە «cognitive ability») نىڭ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدۇر. گرېتسىيىدە مۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: گرېتسىيىدە تۇغۇلۇپ ياكى گرېتسىيىگە كىچىكىدىنلا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ گرېتسىيىدە ئوقۇغان چەت ئەللىك بالىلارنىڭ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆز دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ۋە ئۆز دۆلىتىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ، گرېتسىيىگە كېيىنراق كۆچمەن بولۇپ كەلگەن چەت ئەللىك بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشىراق بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال گېرمانىيىدىمۇ بايقالغان.

    [6] ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلدىكى تىل سەۋىيىسى تۆۋەن بالىلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.

    [7] بالىلارغا ئىككىنچى تىل باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن 6-سىنىپقىچە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى ئۇلار 10 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن باشلىسا، ئۇلار ئاشۇ يات تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاتلىق بولالايدۇ. بالىلارنىڭ بىر يات تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولۇشى ئۈچۈن 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

    [8] بالىلارغا بىلىمنى ئۈنۈملۈك بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇنداق بىر مۇناسىۋەت بۆلىشى كېرەك: ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تولۇق يول قويۇش، بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆزلۈكنىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئەگەر بالىلار ئۆزلىرى بىلىم ئېلىۋاتقان جەمئىيەتكە تەۋەدەك ھېس قىلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.


    2. «قوش تىللىق مائارىپ» قانداق بولىدۇ؟

    مەن ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە بىر ئېنىق ئېنىقلىما بەرمەپتىمەن. ئالدىنقى يازمامغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىمۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلار ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مۇشۇ قىسىمدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئوتىمەن. مەن بۇ قىسىمدىكى مەزمۇننى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى (ئىنگلىزچە «U. S. Department of Education») نىڭ تارمىقىدىكى «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇننىڭ تور بېتىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلىدىم. ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرېسى: http://www.eric.ed.gov

    مەكتەپ بالىلارنى ئانا تىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇلار بالىلارغا مۇنداق ئىككى نەرسىنى بېرىدۇ: بىلىم ۋە تىل ساۋاتى. بالىلار ئانا تىلى ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم ئۇلار ئاڭلىغان ۋە كىتابتا ئوقۇغان يات تىلنى يەنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىدۇ. ئانا تىلدىكى تەرەققىيات ئىككىنچى تىلغا يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىز كىتاب ئوقۇشنى پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆگىنىمىز. شۇڭلاشقا بىز ئۆزىمىز چۈشىنىدىغان تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئاسانراق ئۆگىنەلەيمىز. بىر تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالساق، بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىككىنچى تىلغا ئاسانلا يۆتكىيەلەيمىز.

    ئەڭ ياخشى قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى مۇنداق ئۈچ خىل خاراكتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلدا ئۆتىلىدۇ، بىر يات تىل چەت ئەل تىلى دەرسى قىلىپ سىنىپتا ئۆتىلىدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدا بىر ئوتتۇراھال سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە باشقا بەزى تەبىئىي پەن دەرسلىرى بىۋاسىتە ئىككىنچى تىلدا، ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە ئۆتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە» دېگەننىڭ مەنىسى، ئەگەر بۇ ئىككىنچى تىل ئۇيغۇرلارغا ئۆتىلىدىغان خەنزۇ تىلى بولۇپ قالسا، يۇقىرىقى كەسپىي دەرسلەر پەقەت ئۇيغۇر بالىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقىلا ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈلمەيدۇ، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تەرىقىدە تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىنىپلىرىغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلگەن رىقابەتسىز كەسپىي دەرسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىلەن ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسلەر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ. ئوقۇش بالدىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا بولسا، پەقەت ئانا تىلنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى قاتارلىق تىلنى ئابستراكت شەكىلدە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرسلەرلا ئانا تىلدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا تولۇق كۆچۈپ بولغاندىمۇ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئانا تىل دەرسى «مەجبۇرى دەرسلەر» قاتارىدا ئەمەس، «ئىختىيارىي دەرسلەر» قاتارىدا ئۆتىلىدىغان بولۇپ، خالىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسنى تاللاپ ئوقۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا بولۇۋېرىدۇ. مۇشۇنداق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىلار ئانا تىلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا ئۇلارنى ئانا تىلدا ئوقۇغىلى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن بەك بالدۇر، ئىككىنچى تىلدا دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىگە يەتمەي تۇرۇپلا ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ پروگرامما بالىلارنى ئۆز ئانا تىلدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مانا بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسى» غا بەرگەن ئېنىقلىما بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق شەخسىي كۆز-قاراشلىرىمنى ئارىلاشتۇرمىدىم. روشەنكى، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسى، بىر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تىل ۋە تەبىئىي پەن بىلەن سانائەت پەنلىرى ساھەسىدە يەنە بىر يات تىلنى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگىچە ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئۇسۇلىدۇر.

    ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟ مەن ھازىرغىچە تاپالىغان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي چۈشەندۈرۈشىدىن پەقەت بەرسىلا بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان، «شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا 8 سوئال» (http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20694 ) دېگەن يازمىدىكى «شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى» بەرگەن چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن بۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمىنى يىغىنچاقلاپ «8 سوئال»، دەپ ئالىمەن. ئاشۇ يازمىدىكى «قوش تىلدا ئوقۇتۇش دېگەن نېمە؟» دېگەن 1-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇشى – ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى تەشكىللەشتىكى بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ ئاساسىي ۋە مۇھىت جەھەتتىكى پەرقلەر شىنجاڭنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى بەلگىلىدى. ئۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تىپقا ئايرىلىدۇ: بىرىنچى، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئىككىنچى، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈش، ئۇنىڭغا ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قوشۇپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى؛ ئۈچىنچى، بىر قىسىم دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈش، بىر قىسىم دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، جۈملىدىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش، باشقا دەرسلەرنى ئانا تىلىدا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئەندىزىسى كۆپرەك.» لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا 3- ياكى 4-سىنىپقا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئۆگەتمەسلىك ئەندىزىسى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن 3 خىل ئەندىزىنىڭ ھېچ قايسىسىغا چۈشمەيدىغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنى «يەككە يات تىللىق مائارىپ» دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بۆلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئەندىزە نەدىن كەلگەن؟ ئۇنى تۆۋەندىكىلەر ئۆزلىرى قانۇنسىز ھالدا يولغا قۇيۇۋالغانمۇ؟

    ئامېرىكىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدىكى يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىدا بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەرسە شۇكى، ئۇنىڭدا بالىلار ئانا تىلدىكى ئوقۇشتىن ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇشقا قانچىنچى يىللىقتا كۆچۈشى كېرەكلىكى زادىلا كۆرسىتىلىپ بېرىلمىگەن. مېنىڭچە بۇ ئەقىلگە ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىكى يات تىل ئىقتىدارىنىڭ قاچان تولۇق يېتىلىپ بولىدىغانلىقى مىللەتكە، ياشاۋاتقان رايونغا، ياشاۋاتقان مۇھىتقا، ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇش سۈپىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىنى ياخشى. ئەگەر ئۇنى مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار بەلگىلەپ بېرىشكە توغرا كەلگەندىمۇ، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىمۇ ئامېرىكىنىڭكى بىلەن ئوخشاش «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمىنى يولغا قويدى، دەپ پەرەز قىلساق، ئانا تىل ئوقۇشىدىن خەنزۇ تىلى ئوقۇشىغا كۆچۈش ۋاقتى ئۈرۈمچى، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك.


    3. ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ «نەزەرىيىۋى ئاساسى» توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

    يۇقىرىقى «8 سوئال» ھەققىدىكى يازمىنىڭ «كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش» نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 7-سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلگەن: «قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش – بىر سىستېما قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەم قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى، مۇشەققەتلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، "باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش" روھىنى تىكلەش؛ ھەم مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا ئىزدىنىش لازىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جايلارنىڭ قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، بىز بارغانسېرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چوقۇم "كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش"، تىل ئۆگىنىدىغان ئالتۇن دەۋرىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. كۆپلىگەن جايلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش - "توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش" سەۋىيىسىنى مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈش، ھەر خىل مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئاساسىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 60 - يىللاردىن بۇيان، مېڭە پېنى، پسىخولوگىيە، مائارىپ ئىلمى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە تەربىيىلەشنىڭ ئادەم ھاياتىدىكى مۇھىم رولى شۇنداقلا ئۇ زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىلمىي بولغان دەسلەپكى مەزگىللىك تەربىيىلەش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سەرگە توشمىغان بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىنكى ئوقۇشقا بىر قەدەر ياخشى ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا، جەمئىيەتتە نامراتلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.»

    مەن يۇقىرىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپلا ھەممە دەرسلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشى، ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەقەتلا ئۆتۈلمەسلىكى، «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بىر پروگرامما ئوخشايدۇ، دېگەن تونۇشقا كەلدىم. ھەمدە يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالدىم. «ئۇيغۇر دىيارىدىكى "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار مۇشۇنداق كىشىلەرمىدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورۇدۇم. كۆڭلۈمدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپالماي، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەي، قالايمىقان سۆزلەيدىغان ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان گەپلىرىنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم. پەرىشان بولدۇم. ھەسرەتلەندىم. نەپرەتلەندىم. بالىلارنىڭ مېڭىسى كومپيۇتېرىنىڭ ئۇچۇر قاچىلايدىغان قاتتىق دېتالغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭغا نېمە ئۇچۇر قاچىلىسا بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى قانداق قاچىلىسا بولۇۋەرمەيدۇ. بالىلارغا بىلىم بېرىشتە ئىنسان مېڭىسىنىڭ بىئولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك ۋە باشقا بىر قىسىم قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بالىلار ئۆگەتكەن بىلىمنى قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىرىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» نى قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار بار. «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» نى قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. لېكىن، مېنىڭچە ئۇ ئىشلار ئەمدى مەكتەپ يېشىغا توشقان كىچىك بالىلارغا بىلىم بېرىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. روشەنكى، جۇڭگودا ئېرىشكەن «مېڭە پېنى، پسىخولوگىيە، مائارىپ ئىلمى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى» بىلەن دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئېرىشكەن ئوخشاش ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقلەر بار ئىكەن. بەزى جەھەتلەردە ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن بىچارە، تەلەيسىز ئۇيغۇر بالىلىرى جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەمەس، بىلىم ئېلىپ، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىشلاردىمۇ «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش» روھى بىلەن «يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش» تەجرىبىسىنىڭ، مۇشۇنداق بىر ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەسلىدە جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان ئاشۇ تەتقىقاتلار توغرىسىدا بىر قەدەر مۇكەممەل مەلۇماتقا ئېرىشەلىگەن بولساق ياخشى بولاتتى. لېكىن، كەم دېگەندە ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىمكانىيىتىم يوق.

    بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا باشلانغۇچ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇچە ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر نەرسە، 60-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 60-يىللاردىن 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار بولغان:
    داۋامى بار
     




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.