• 2009-01-30

    ساپا مائارىپى ۋة ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى - [تاللانما ماقالىلار]

    ساپا مائارىپى ۋة ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش -پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ،مائارىپ ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ ۋةزىپىسى سۈپىتىدة كةڭ مائارىپ خىزمةتچىلىرى ۋة پۈتۈن جةمىيةتنىڭ ئالدىغا قۇيۇلدى .جۈملىدىن ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش ۋة ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇمۇمىلاشتۇرۇش كةڭ ئۇيغۇر خةلىقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ھةم مۈشكۈل ھةم شةرةپلىك ۋةزىپة سۈپىتىدة بىر سۇئال بةلگىسىگة ئايلىنىپ ئۇيغۇر مةدىنىيةت ئاڭ  قاتلىمىدا بىر يېڭى سةيىپة ئاچتى.
       دۇنيادا تةرةققى قىلالمىغان مىللةت تةرةققى قىلغان ۋة دۇنياغا زور ئىقدىسادى،ئىژدىمائى بايلىق ئاتا قىلغان سةركة مىللةتلةرنىڭ يول باشلىشى بىلةن مةيلى ئۇ قاياققا ماڭغانلىغىنى ھىس قىلسۇن ياكى ھىس قىلمىسۇن ،ئىختىيارسىز ھالدا شۇ مىللةتنىڭ باشلىشى بىلةن يېڭى ئةسىر،يېڭى ئىسلىھات ،يېڭى مةدىنىيةت ئاڭ قاتلىمى قاتارلىق دۇنيا خارةكتىرلىك چوڭ ئۆزگىرىش ئىچىگة كىرىپ قېلىپ، قاياققا سىلجىشنى ھىس قىلالماي گاڭگىرىغان ھالدا روھى چۈشكۈن ،خۇنۈكلةشكةن قىياپةت بىلةن ئاشۇ ئۆزگۈرۈش ئىچىدة لةيلةپ يۈرۈيدىغان گةپ ئىكةن.
       ساپا مائارىپى يېڭى مةدىنىيةت ئاڭ قاتلىمى سۈپىتىدة ،ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تۈرۈتكىسىدة، دۆۋلىتىمىز چةتئةللةرنىڭ ئىلغار مائارىپ تېخنىكىسى ،ئۇقۇتۇش ئةندىزىلىرىنى ۋة ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئىجادى قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپىنىڭ تۈرۈتكىسىدة ئېلىمىزگة كىرىپ ،ئېلىمىز مائارىپ سېسىتمىسىدا ئىنىقىلاپ خارةكتىرلىك ئۆزگىرىشنى پةيدا قىلدى .بۇ ئۆزگىرىش تةبئى ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ سېسىتمىسىدىمۇ كۈچلۈك دولقۇن پةيدا قىلىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كىردى.بۇنىڭ بىلةن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ بۇ كۈچلۈك قاينام ئىچىدة جان تالىشىپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش،ئۇمۇملاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ ماڭدى ھةم ئاز بولمىغان ئىسلاھات،سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپ تىڭرىقاش ئىچىدة ئالغا ئىلگىرلىدى .
       ئۇنداق بولسا ساپا مائارىپى دىگةن نىمة؟
    بۇ مةسىلىگة جاۋاپ بىرىش ئانچة ئاسانغا چۈشمىدى.نۇرغۇنلىغان مائارىپ خىزمةتچىلىرى،مائارىپ تةتقىقاتچىلىرى ۋة ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ساپا مائارىپى››دىگةن بۇ ئۇقۇمغا بةرگةن جاۋابى ئوخشاش بولمىدى.بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى،نةزىريىچىلىرى،مائارىپشۇناسلىرى ۋة كةڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ساپا مائارىپى››دىگةن بۇ ئۇقۇمغا بةرگةن جاۋابى تېخىمۇ ھةر خىل بولدى.
    ياش نةزىريىچى،تةتقىقاتچى ئابدىقادىر جالالىدىن ئۇقۇتقۇچىلارغا سۆزلىگةن لىكسىيىلىردة ،ئىلمىي نةزىريىۋى ماقالىلىرىدا ،گېزىت-ژورناللاردا سۆھبةت بايان قىلغاندا كۆپ قېتىم مۇنداق دةپ كۆرسةتتى‹‹ (ساپا)سۆزى مائارىپ ئۇقىمىنىڭ ئۈ زىدة ئةزةلدىنلا بار شۇڭا (ساپا مائارىپى)دةپ مائارىپنىڭ ئالدىغا ساپانى قۇشۇپ قۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق ››دةپ مائارىپنىڭ ئةزةلدىنلا كىشىلةرنى مةلۇم ساپاغا ئىگة قىلىپ چىقىدىغانلىغىنى ،شۇڭا نةزىرية جةھةتتىن مائارىپنى سىرلىقلاشتۇرىۋېتىشنىڭ ھاجةتسىز ئىكةنلىگىدىن ئىبارةت بۇ كۆزقاراشنى ئوترىغا قويسا يةنة بةزى تةتقىقاتچىلار ‹‹ساپا مائارىپى››دىگةن بۇ ئۇقۇمنى ئېلىمىز مائارىپ تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىسلىھات دةپ قاراپ ،مائارىپ ئۇقۇمىنى ‹‹ساپا مائارىپى››،‹‹ئةنئةنىۋى مائارىپ ››،‹‹ئىنتىھان مائارىپى››دةپ نةزىرية جةھةتتة بىرنةچچة خىلغا بۈلۈپ چۈشةندۈردى.
    يۇقارقىدةك چۈشةنچىلةر ئۇيغۇر دىېقانلىرىنىلا ئةمةس ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئاساسى قاتلام زىيالىلىرى ،مةدىنىيةت ،سىياسى،ئىقدىسادى، ئىژدىمائى ساھىلةردىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.مانا مۇشۇنداق گاڭگىراش بىلةن مائارىپ مةمۇرى تارماقلىرى ،ئاساسى قاتلام مائارىپ تةتقىقاتچىلىرى ‹‹ساپا مائارىپ بۇيۇنچة ئۇقۇتۇش قېلىپنى ››تةييارلاپ كةڭ ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاشۇ قېلىپ ئىچىگة كىرىشكة مةژبۇرلىدى. ‹‹يېڭى قېلىپ››قا كىرگنلةر ‹‹ساپا مائارىپى››،‹‹نىشانلىق ئقۇتۇش››بىلةن شۇغۇللانغان، ‹‹يېڭى قېلىپ››قا كىرمىگةنلةر ‹‹ئةنئةنىۋى مائارىپ››يۆلىنىشى بۇيۇچة دةرس ئۆتكۈچىلةر بۇلۇپ ھىساپلىنىپ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلةر پةيدا بولدى.
    كىيىنكى بىر قىسىم ماتىرياللارساپا مائارىپىغا  تۈۋةندىكىدةك ئېنىقلىما بىرىپ ،ساپا مائارىپىنىڭ نىمة ئىكةنلىگىنى غۇۋا بولسىمۇ كىشىلةرگة كۆرسۈتۈپ بةردى.ساپا مائارىپى:-‹‹شةخسىنىڭ، جةمىيةتنىڭ تةرةققىيادىنىڭ ئةمىلى ئېتىياجىغا ئاساسةن ،تةربىلةنگۈچىلةرنىڭ ئاساسى ساپاسىنى ۋة شةخسىلةرنىڭ ئىندىۋىدال تةرةققىيات سةۋىيةسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۈپكى مةقسةت قىلغان ،تةربىلةنگۈچىلةرنىڭ ئاساسى گةۋدىلىك ۋة ئاكتىپ روھىغا ئةھمىيةت بىرىش ،ھۆرمةت قىلىش ،شةخسىلةرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى(ئىختىدارىنى)ئېچىش ،ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدال خارةكتىرىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تۈپكى ئالاھىدىلىك قىلغان مائارىپتۇر››(ئةخمةتقان ئامۇتنىڭ توردىن چۈشۈرگةن تىزىسىدىن ئېلىنىدى) بۇ ئېنىقلىمىدىن قارىغاندا بىر جۈملة سۆز بىلةن ئېتقاندا ساپا مائارىپى- ئادةمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تۈپكى  مةقسةت قىلغان تةلىم- تةربىية پالىيىتىدۇر.
    قانداقلا بولمىسۇن ساپا مائارىپى  ھازىرقى زامان دۇنيا مائارىپىدىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ئاشۇ يۈزلىنىشنى بويلاپ تةرةققى قىلىپ شۇ ئاساستا دۇنيا مائارىپىغا يىتىشۋېلىشى ۋة دۇنيادىكى ئةڭ ئىلغار مةدىنىيةت ھادىسىلىردىن ئۆرنةك ئېلىپ ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،كةلگۈسىدة ئۇيغۇر مىللىتىنىمۇ دۇنيادىكى باشلامچى مىللةت قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم .بۇنداق ئېغىر ۋةزىپىنى بىر مىللةتنىڭ مائارىپى ئۈستىگة ئالالىغان بىلةن ،شۇ مىللةتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگة ئېلىپ بۇلالماسلىغى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېغىر ۋةزىپىنى ئۇرۇنلاشتا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بۇ ئېغىر مةسئۇليةتنى ئورتاق ئۈستىمىزگة ئېلىشىمىز ھةم ھةر ساھىدىكى مائارىپ خىزمةتچىلىرنى باشلامچى قىلىشىمىز لازىم .
    ئۇنداق بولسا ،ئۇيغۇرلاردىكى ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر دىھقانلىردىكى مائارىپ ئېڭى زادى قانداق؟
    تۈۋةندة مةن ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى توغرىسىدا توختىلىپ ،كةڭ كةسىپداشلار بىلةن ئورتاقلاشماقچىمةن.
    مائارىپ ئېڭى- كىشىلةرنىڭ تةربىيلىنىش بۇلۇپمۇ بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئةقلى ئامىللىرى،غةيرى ئةقلى ئامىللىرنى ئېچىپ كةڭ خةلق ئاممىسىنىڭ ئىقدىسادى،ئژدىمائى ئورنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگة تۆھپة قۇشۇش ئېڭى، ياش ئۆسمۈرلةرنى تةربىلةپ جةمىيةتنىڭ ئىزباسارلىرنى يىتشتۈرۈش ئېڭى،مائارىپ ئارقىلىق تةكةممۇللۇشۇش ئېڭى قاتارلىقلارنىڭ كىشىلةرنىڭ ئاڭ قاتلاملىرىدا ھازىرلىنىش جةريانىدىن ئىبارةت .بۇ خىل ئاڭ كىشىلةرنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيةسىدة ئىپادىلىنىدۇ.
    يىغىنچاقلاپ ئېتقاندا بۇ بىر خىل مائارىپقا بولغان تۇنۇش مةسىلىسى بۇلۇپ ،قايسى مىللةتنىڭ تۇنۇش مةسىلىسى ئايدىڭ بولسا شۇ مىللةت يىڭىلمةس مىللةتلةر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .
    ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى تۈۋةندىكىدةك بىرقانچة نوختىغا يىغانچاقلىنىپ ،مائارىپنىڭ مةڭگۈلۈكلىگى بىلةن بولغان ئارىلىغى بارغانچة ئۇزىراپ ،خةتةرلىك ھالةتكة بېرىپ ،كىشىنى چۆچۈتكىدةك مةسىلىگة ئايلىنىپ ،مائارىپ ئېڭى نامراتچىلىغىنى كةلتۈرۈپ چىقارماقتا. مةن ئۈزةم ئاددى يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلةن ،جةنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئاساسى قاتلام كادىرلىرى،خةلق ئۇقۇتقۇچىلىرى، دېھقان ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئېڭى ۋة مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيةسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمةن.
                                               1.         بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ، يىراققا نةزةر سالماسلىق
    مائارىپ ئۇ ھازىر تېرىپ ھېلى ھۇسۇل ئالغىلى بولىدىغان دىھقانچىلىق پالىيىتى ئةمةس. ئۇ بىر خىل تةلىم-تةربىيةپالىيىتى بۇلۇش سۈپىتى بىلةن ئۇ يىتىشتۈرگةن مةھسۇلاتنىڭ .ئۈنىمنىى 10-15يىلدا،ھةتتا 15-20يىلددا كۆرگىلى بۇلىدىغان مۇرةككةپ تةلىم-تةربىية جةريانى.
    ھازىر يېزىلاردا،بۇلۇپمۇ جةنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر دىخانلىرى ئۆز پةرزةنتىلىرنى ‹‹9يىللىق مةژبۇريةت مائارىپ قانۇن››نىنىڭ ھۈكىمىدىن قورقۇپ ،تۇلۇقسىز ئوتۇرا مةتةپلةردة ئىلاجىسىز ئۇقۇتىۋاتىدۇ.ئىمكانىيىتى يار بةرسة مۇتلةق كۆپ ساندىكى دىھقانلار باشلانغۇچ مةكتةپلةردىمۇ پةرزةنتىلىرىنى تۈزۈكراق ئۇقۇتۇشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلةن ئۈزىدىنمۇ نامرات يةنة بىر ئةۋلات ئۇيغۇر دىھقانلىرىنى قاتارغا قۇشۇدۇ .بۇھال ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكة ئېغىر توسقۇنلۇق قىلماقتا.چۈنكى بۇلاردا مائارىپ ئېڭى كةمچىل .مائارىپنىڭ ئقدىسادى قىممةت يارىتىشتةك مۇھىم رۇ لىنىمۇ چۈشةنمةيدۇ.بۇ مةسىلىدة مىنى قاتتىق ئويغا سالغان ئىككى خىل تۇنۇش ،ئىككى خىل پۇزۇتسىية يةنى ئىككى خىل مائارىپ ئېڭى بولدى.
    ھىكايةت:مةن مةلۇم سةۋةپلةر تۈپةيلىدىن جةنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ناھيىنىڭ مةلۇم يېزىسىغا بېرىپ ،بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئۈيىگة كىرىپ قالدىم ئۆيدة باشلانغۇچ مةكتةپ يېشىدىكى بىر بالا ،ئوتۇرا مةكتةپ يېشىدىكى يةنة بىر بالا كۆزۈمگة چېلىقتى .مةن تۇنۇشۇم بىلةن تىنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇپ بولغاندىن كىيىن،بۇ ئىككى بالىنىڭ نىمىشقا مةكتةپكة بارمىغانلىغىنى ئۇنىڭدىن سورۇدۇم .(بۇ بىر كةسپىي كىسةل بولسا كېرةك)تۇنۇشۇم دىدى:‹‹مةن تۇغۇلسام دادام مۇشۇ يةردة دىھقانچىلىق قىلىدىكةن،دادامدىن ئاڭلىسام دادامنىڭ دادىسىمۇ مۇشۇ يةرلىك دىھقان ئىكةن ،مةنمۇ مۇشۇيةردة دىھقانچىلىق قىلىپ جېنىمنى ساقلاپ 5بالامنى بېقىپ كىلىۋاتىمةن ،بالىلار چوڭ بولسىمۇ مۇشۇ يةرلىك دېھقان بۇلۇدۇ ،شۇڭا بۇلارنىڭ مةكتةپكة بارماسلىغى ئةجةپلىنةرلىك ئىش ئةمةس، بولمىسا ئۇلارنىڭ ماڭا قىلىپ بېرىدىغان ئىشىمۇ يوق››دةپ جاۋاپ بةردى.مىنىڭ يۈرۈگۈم ئېچىشقاندةك بۇلۇپ ‹‹بالىلارنىڭ كةلگۈسىگة مۇشۇنداق قارامسىلةر ››سورىسام ئۇ ‹‹قانداقلا قارىسام ئۇ كةلگۈسىدىكى دىھقان››دىدى يۇمۇرلۇق قىلىپ .
    بۇ كۆرۈنۇشكة ئادةتتىكىدةك مةسىلىدةك كۆرۈنسىمۇ ماھىيةتتة بىر مىللةتنىڭ مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداقلىغىنى قىسمةن بولسىمۇ ئىپادىلةپ بېرىدىغان ئېچىنىشلىق ئىڭراش.بۇنداق خۇنۇكلىكنى جةنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا قةدةمدة بىر ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز .
    ھىكايةت: مةن تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلةن يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيةسىنىڭ 3-پولىكىگة بېرىپ يۇقارقىگة ئوخشىمايدىغان يةنة بىر مةنزىرىنى كۆردۈم (بۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىمۇ -خةنزۇ ئىشچىلارمۇ كۆتىرة ئالغان يىرىدىن پايدا ئالسا قۇلى پۇل كۆرۈدۇ زىيان تارتىسا قةرزىگة بوغۇلۇدۇ)مةن تۇرغان يةر بىلةن باشلانغۇچ مةكتةپنىڭ ئارىلىغى 5-6كىلومىتىر كېلىدۇ خةنزۇ يولداشلار كۈندة بالىلىرىنى مةكتةپكة ئېلىپ بېرىپ قۇيۇپ ،كةچتة مةكتةپتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ .ھىچ بولمىسا كىچىك بالىلارنى چوڭ بالىلارغا قوشۇپ،ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىشنى ھاۋالة قىلىپ بةدةل تۈلةيدۇ.بۇ مةنزىرىلةر مىنى قاتتىق جةلىپ قىلىۋالدى .شۇنىڭ بىلةن مةن ئۇلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پۇزۇتسىيةسىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى بىلةن تۇنۇش بىرىسىدىن سورىدىم‹‹سىز ھةر كۈنى ئىككى بالىڭىزنى ۋىلىسىپىت بىلةن مةكتةپكة ئېلىپ بېرىپ ،قايتۇرۇپ كىلىپ چارچاش ھىس قىلمامسىز؟››ئۇ ‹‹ياق جاپا ھىس قىلمايمةن ،پةرزةنتىلىرىمنى ئۇقۇتۇپ ئۈزةمدىن ياخشىراق كۈن كۆرىدىغان ،بىلىملىك ئادةم قىلىپ تةربىلةپ چىقىمةن ،ھةرگىزمۇ ئۈزةمگة ئوخشاش قارا قورساق دىھقان قىلمايمةن،بالىلىرىمنى ئۇقۇتۇش جةريانىدا قانچىلىك جاپا تارتىساممۇ ۋايسىمايمةن.››دىدى.
    مانا بۇ بىر مىللةتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىگة ۋةكىللىك قىلىدىغان ساددا پىكىر.بۇ ساددا پىكىر ئىچىدىن سىز بىر مىللةتنىڭ كةلگۈسىنى كۈرىۋالالايسىز.
    بۇ رۇشةن سېلىشتۇرما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مائارىپقا نىسپةتةن ئېغىر ئىللةتلةرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېىدۇ .بۇنداق ئىللةتنى تۈگةتمةيدىكةنمىز مىللةت گۇمران بۇلۇدۇ.
    بۇرۇنىنىڭ ئۇچىنى كۆرگةن مىللةت-گۇمران مىللةتتۇر،يىراقنى كۆرگةن مىللةت-غالىپ مىللةتتۇر.
    2.    پۇلنى بىلىمدىن ئةلا كۈرۈپ، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش
       پۇل ھازىرقى ئىقدىسادى قۇرۇلۇشنى مةرگةز قىلىش يولغا قۇيۇلىۋاتقان تارىخىي شارائىتتا كام بولسا بولمايدىغان ئىدىسادى ۋاستة بۇلۇپ قالدى .بۇ ھال ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئارىسىدا ئۆز ماھىيىتى بىلةن ئىپادىسىنى تاپماي ،بةلكى باشقىچة يۇسۇندا ئوترىغا چىقتى.
      دۇنيادا ئامرىكا ھةممىدىن قابىل دۆۋلةت ،بۇنى ھةممة ئادةم بۈلىدۇ.بىراق ئامرىكىلىق بىلىم ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىرقىدةك بايلىققا مائارىپنى تةرةققى قىلدۇرۇش يۇلى بىلةن ئىرىشكةن .‹‹سىز ئامرىكىدا يېزا ئىگىلىك ئىشچىسى بۇلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ،بىرقانچة يېزا ئىگىلىك ئالى مةكتةپلىرىنى پۈتتۈرۈشىڭىز كېرةك››دىگةن ئېقىپ يۈرگةن بۇ سۆز مىنىڭچة مۇبالىغة بولمىسا كېرةك.
       ئۇيغۇرلاردا سودا ئېڭى نۇرغۇن يىللار مۇقةددةم يىتىلگةن بولسىمۇ لىكىن قىزىلكۆزلۈك ،پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇش ...قاتارلىق ئىللةتلةرنىڭ پةيدا بولغىنىغا ئانچة ئۇزۇن بولمىدى.قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدة پةيدا بولغان بۇ ئىللةتلةر ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ تةرةققىيادىغا بةلگۈلۈك تةسةرلةرنى كۆرسةتتى.
       ھازىر جةنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا تۇلۇقسىز ئوتۇرا مةكتةپلىرىدة مةكتةپتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچى 15-20پىرسةنتكة يېتىدۇ .توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلةق كۆپلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ زۇرىدىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلاردۇر.مةن يېزا ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلةن توخىتىۋالغان ئۇقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلةشكة داۋاملىق دىھقانلار ئارىسىغا بېرىپ تۇرىمةن ،ئۇلارنىڭ بالىسىنى مةكتةپكة بارغۇزماسلىغىدىكى سةۋةپلىرى ئاساسةن ئوخشاش .بةزى بايلار بايلىقلىرىنى باشقۇرۇپ بوللالماي پةرزةنتىلىرىنى مةكتةپتىن توختىتىۋالسا ،بةزى نامراتلار پةرزةنتىلىرىنى ئاشۇ بايلارغا ئىشلىگىلى بىرىپ ئائىلة قىيىنچىلىغىنى يةڭگۈللةتمةكچى بولغان .مةقسةت بىر- ئۇ بولسىمۇ پۇل.
       ھىكايةت:مةن ئۇقۇغۇچى يىغىش جةريانىدا ،ئۈزةمنىڭ تۇلۇقسىز ئوتۇرا مةكتةپتىكى ساۋاقدىشىم،يېزىمىزدىكى كۆزگة كۆرۈنگةن باي بىلةن سۆھبةتلىشىپ قالدىم.چۈنكى ئۇمۇ بىر بالىسىنى مةكتةپتىن توختىتىۋالغان .‹‹ساۋاقداش››دةپ سورىدىم مةن‹‹ئۈزةڭنىڭ قول ئىلكىدة شۇنچة ئوقةت(پۇل-بايلىق)تۇرۇپ ئوغلۇڭنى نىمىشقا مةكتةپتة ئۇقۇتمايسةن››.‹‹تاغدا مال-چارۋىلىرىم بةك ئايىپ كةتتى 2-3بالىنى ياللىغان بولساممۇ يېنىلا يىتىشةلمةي قالدىم .شۇنىڭ بىلةن بۇ بالىنى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغدا مال- چارۋا باقتۇرۇشقا توغرا كةلدى .بۇنىڭ بىلةن بالا ساۋاتسىز قالدى.ساۋاتسىز تۇرۇپ ئوتتۇرا مةكتةپتة ئۇقۇسا قانداق بۇلۇدۇ،ئۇقۇيالمايدىكةن.ھازىر ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى خېلىلا سۇۋۇتتى .بۇ بالىنى ئىزدىمىسةڭ››دةپ جاۋاپ بةردى ئۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ يېنة بىر خىل رةۋىشتة ئىپادىلىنىشى .پۇلنىلا دةپ مىللةتنىڭ تةقدىرى بىلةن ئويناشقانلىق،بۈلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ ،قانداق چىرىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلماسلىق ،ھازىرقى ئۇچۇر دةۋرىدة بىخارامان ئۇخلىغانلىق
       بىلىمسىز مىللةت- قۇل مىللةتتۇر،روھى گادايلىق- بىر مىللةتنىڭ ئۆلىمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىغىدىن دېرةك بېرىدۇ.
    3.چۈشكۈنلىشىپ پۇرسةتنى تۇتماسلىق
    چۈشكۈنلۈك-بىر مىللةتنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ يۇقۇلىۋاتقانلىغىدىن دېرةك بېرىدىغان مۇھۇم بةلگىلةرنىڭ بىرسى.مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇيۇپ ئالغا ئىلگىرلىۋاتقان سةركةردىلةر بار. بۇ نوختىغا ھىچكىم كۆز يۇمىۋالالمايدۇ.جۇملىدىن مةنمۇ بۇ نوختىنى ئېتىراپ قىلىمةن.باشقىلارمۇ ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن.بىراق مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى زادى قانچىلىك؟ئاشۇ ئوننةچچة،بىرنةچة يۈز ئادةمگة تايىنىپ ئولتۇرساق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى قانچىلىك دېرىجىدة بۇلار؟بۇ نوقتىنى مېڭىسى سةگةك ھةرقانداق ئادةم تۇنۇپ يېتةلةيدۇ .بۇ يةردة مةن ئۇيغۇرلارنىڭ ھةممىسى ئالىم،يازغۇچى ،تةتقىقاتچى ،پةيلاسۇپ بۇلۇپ يىتىشىپ چىقسا بۇلاتتى دىمةكچى ئةمةسمةن-.ئةلۋةتتة.
       بىزنىڭ ئاساسى گةۋدىمىز يېزىلاردا .بىز تةربىلةپ چىققان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاز دىگةندىمۇ 85پۇرسةنتى دىھقان بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئةمدىكى بىزدىكى مۇھۇم مةسئۇليةت ئاشۇ بىر تۈركۈم دىھقانلارنى قانداق تةربىلةپ چىقىشىمىزدا .بىز بۇ مةسئۇليةتنى ئادا قىلىشتا ئۇلاردا مائارىپقا بولغان توغرا قاراشنى تۇرغۇزۇپ ،ئادةم بولۇشنىڭ يۇلىنى ئۈگۈتۈشىمىز كېرةك.بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزمۇ ئايرىپىلانغا ئولتۇرسا،ماشىنا سېتىۋالسا،ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئىلمىلىگىگة دىققةت قىلىپ تةن ساپاسىنى ئۆستۈرسة ۋة باشقا زامانىۋى ئائىلة ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرسة قىسقىسى دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكةن ياشاشنىڭ ئةھمىيىتىنى چۈشىنىپ ياشىسا ھةرگىز ئۇشۇقچىلىق قىلمايدۇ.چۈنكى بىز خةق تۇغۇلغاندىلا ئىشةك ھارىۋىسىنى قۇچاقلاپ تۇغۇلمىغاندىكىن.
    دۆۋلىتىمىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يوغا قويغاندىن بۇيان بۇ شةرىق شامىلىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىقدىسادى،ئىژدىمائى تۈزۈلمىلةرنى ئىسلا قىلدى .شۇنىڭ بىلةن بىرتۇتاش ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارةت بۇ داشقازاننىمۇ چېقىۋاتتى .بۇ ئىسلاھاتقا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلةرمۇ ھةيرانلىق بىلةن ئازاپ ئارىلىشىپ كةتكةن بىر خىل پۇزۇتسىيةدة بولدى ھةم بۇ ئىسلاھاتنى زادىلا قۇبۇل قىلالمىدى.بۇنىڭ دۆۋلىتىمىزنىڭ بىر مۇھۇم ئىسلاھاتى ئىكةنلىگىنى ئاڭلىغان بولسىمۇبۇنىڭ زادى قانداق ئۆزگىرىش ئىكةنلىگىنى چۈشىنةلمىگةن ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ مةدىنىيةت ئاڭ قاتلىمى جۈملىدىن مائارىپ ئېڭى تېخىمۇ خۇنۇكلىشىپ ،ھىچنىمىسى قالمايۋاتقان داشقازانغا چۈشكۈنلۈك بىلةن تةلمۈرۈپ قاراپ تۇرىدىغان يۆلۈنۋېلىش تىپىدىكى ئاڭ نامايةن بۇلۇشقا باشلىدى.
    ئةمىليةتتة دۆۋلىتىمىز ئىسلاھاتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۈزى ئىش تېپىش ،ھۈكۈمةت يول كۆرسۈتۈش تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىسلاھاتى پۈتۈن مةمىلىكةت خةلقنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر جىددى سىناق بۇلۇپ ،ياخشىلىرنى تاللاش،ھةر كىم ئۆز قابۇليىتىنى جارى قىلدۇرۇش جةھةتتىكى بىر قېتىملىق پۇرسةت ئىدى.بۇ نوختىنى تۇنۇپ يةتكةن مةدىنىيةتلىك -ساپاسى يۇقىرى مىللةتلةر بۇ پۇرسةتنى چىڭ تۇتۇپ ،دةۋرى بىلةن تةڭ ئلگىرلةپ ،رىقابةت ئىچىدىن ئۈزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ.بىزدةك مةدىنىيىتى بىر قةدةر ئارقىدا قالغان مىللةتلةر پۇرسةتنى تۇتۇشنى بىلةلمةي ،ھۈكۈمةتنىڭ بۇنداق ئىسلاھاتىغا گۇمان بىلةن قاراپ ،ھۈكۈمةتنىڭ بۇ سىياسىتى بةك بالدۇر بۇلۇپ كةتتى دةپ قةراپ ،رىقابةت ئالدىدا نىمة قىلىشىمىزنى بىلةلمةي قالدۇق. مةن بۇ نوختىدا كةڭ دىھقانلىرىمىزنى قۇيۇپ تۇرۇپ ،ئوتۇرا قاتلام زىيالىلىرنىڭ بۇ خىل رىقابةتكة تۇتقان پۇزۇتسىيةسىنى ئوترىغا قويماقچى.
    ھىكايةت:مةن 2002-يىلى 9-ئايلاردائۇقۇتقۇچىلار ۋة باشقا سۆھبةتداشلىرىم بىلةن بىر سورۇندا جةم بۇلۇپ قالدىم .ئۇلار ھازىرقى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش ۋة ئورۇنلىشىش جةھةتلةردة بةس مۇنازىرة قىلىشقا باشلىدى.مةن كۆڭلۈمدة ‹‹ئۇيغۇر زىيالىلىرى چۇقۇم ھازىرقى رىقابةت ۋة خىرىسقا قانداق بةرداشلىق بىرىش مةسىلىسىدة مۇنازىرة قىلىدۇ  ،ھةنىمة دىگةن بىلةن زىيالىلار بىر مىللةتنىڭ غىمىنى يةپ ،شۇ مىللةتكة باشلامچى بۇلۇدۇ ۋة ئۇنى يىتةكلةپ ئىلغار مىللةتلةرنىڭ قاتارىغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشدۇ››دةپ ئويلىغان ئىدىم لىكىن بۇ سورۇندا ئاشۇ زىيالىلارنىڭ قىلىشقان گةپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمگة جاھان ئوڭدا دۈم بۇلۇپ كىتىۋاتقاندةك بىر مةنزىرة كۆرۈندى .سورۇندا بىر ئۇقۇتقۇچى‹‹باللىرىمىزنى ئالى مةكتةپتة نةچچة ئون مىڭ يۈئةن تۆلةپ ئۇقۇتساق ،ئۇنىڭغا ئىش ئورنى بولمىسا ئۇقۇتقاننىڭ نىمة پايدىسى بار››دىسة ،يةنة بىر ئىدارىنى باشقۇرۋاتقان ھۈكۈمةتنىڭ مةمۇرى‹‹بالىنى ئۇقۇتۇپ ئاۋارة بولغۇچة،دةسماية سېلىپ بىرىپ سودىگةر قىلىپ قويغان تۈزۈك ئوخشايدۇ››دىدى...بۇنداق چۈشكۈنلۈك،روھى گادايلىق ،مىللةتكة مةسئۇل بولماسلىق پىكىرلىرى سورۇننى بىر ئالدى.مۇشۇنداق مةنزىرة ئىچىدة بېيجىڭ ۋة ئۈرۈمچىدة ئۆز كۈزۇم بىلةن كۆرگةن مۇنداق ئىككى قېتىملىق ئىش يادىمغا كةلدى.بىرى2001-يىلى6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بېيجىڭدا كۆرگةن ئىش:مةن بېيجىڭ تىئةنئةنمىننىڭ ئالدى تةرىپتىكى 前门(ئالدى قۇۋۇق)دا بازار ئايلىنىپ يۈرسةم بىر قېرى ئايال مةندىن ئازراق پۇل بىرىشنى ئۆتۈندى مةن مةرگىزى شةھةردىكى بۇ مةنزىرىگة قىزىقىپ ‹‹پۇلنى نىمة قىلىسىز،ئۆزىڭىزمۇ ياشىنىپ قېلىپسىز››دةپ سورۇدۇم.ئۇ ‹‹مةن مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلةن پۇل تېپىپ ،نةۋرةمنى ئۇقۇتۇمةن ››دةپ جاۋاپ بةردى.مةن جاۋاۋىدىن(مةيلى ئۇ بىر خىل ئالدامچىلىق ياكى ئةمىليةت بولسۇن)قاتتىق تةسىرلىنىپ ئازراق پۇل ئېلىپ ئۇنىڭغا بةردىم.
       يةنة بىرى2001-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئةتراپىدا ئۈرۈمچىدة: مةن بىر ئاغاينةم بىلةن مةلۇم بىر كةچلىك بازاردا تۈۋةندىكىدةك مةنزىرىنى كۆردۈم .ئالدىغا خةنزۇچة يېزىق بىلةن 我想上大学(مىنىڭمۇ ئالى مةكتةپتة ئۇقۇغۇم بار)دىگةن خةت يېزىلغان داستىخان سېلىنغان،17-18ياشلار چاممىسىدىكى خةنزۇ قىزغا كۆزۈم چۈشتى ھام ئاتىغىنىمنى ئۇنىڭغا بةردىم.
    .
      مةن ئۆز كۈزةم بىلةن كۆرگةن بۇ ئىككى ئىشتىن(بۇ ئىشلار ئالدامچىلىق ياكى ئةمىليةت بولسۇن)ئۇلاردىكى مائارىپ قارىشىنى چۈشةنگةندةك بولدۇم .بۇ خۇنۈك تۇرمۇشتىن مائارىپ ئېڭى پاقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.مىنىڭچة بىزنىڭ ئوتۇرا قاتلام زىياللىرىمىزنىڭ كةلگۈسىگة  قارىغاندا ،ئاشۇلارنىڭ كةلگۈسى تېخىمۇ ئۈمۈتكة تولغان.چۈنكى ئۇلارنىڭ پالىيىتى مائارىپقا باغلانغان ،بىزنىڭ بولسا مائارىپ بىلةن ياتلىشىش تةرةپكة قاراپ ماڭغان.
       مةن يۇقارقى ئىككى خىل قاراشنى سېلىشتۇرۇپ مىللىتىمىزنىڭ كةلگۈسىدىكى ساپاسىدىن،ئورۇنىدىن گۇمانلىنىش بىلةن بىرگة باشقىلار تېرىپىنىدىن شاللىنىپ قېلىشىمىزنىڭ مۇمكىنلىگىنى ئۆكۈنۈش بىلةن ھىس قىلدىم.
       چۈشكۈن مىللةت-ئىنتىلىشىنى يوقاتقان مىللةتتۇر،مائارىپتىن ئايرىلىپ قالغان مىللةت-كور مىللةتتۇر.
    4.دۇنيا بىلىم ئىگىلىگىدة تۇرسا،تةرةققىيات ئېڭى تۈۋةن بۇلۇش
    1998-يىلى ئامرىكىنىڭ شۇ ۋاختىدىكى زۇڭتۇڭى كىلىنتۇن ۋاشىنگۇتۇندا قىلغان بىر نۇتىقىدا ‹‹بىلىم ئىگىلىگى›› دىگةن ئاتالغۇنى ئىشلةتتى ئۇنىڭ بۇسۆزنى ئىشلىتىشى دۇنيانىڭ بۈلۈم ئىگىلىگى دةۋرىگة كىرگةنلىگىدىن دةرةك بېرىدىغان مۇھۇم بىشارةتلةرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى .دۇنيا مىقياسىدا شۇندىن ئىتىۋارةن ‹‹بىلىم ئىگىلىگى ››دىگةن بۇ سۆز كةڭ كۈلةمدة ئىشلىتىلىشكة باشلىدى.كىشىلةر 21-ئةسىر كىرىش بىلةن دۇنيانىڭ رةسمى ‹‹بىلىم ئىگىلىگى››گة كىرگةنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى.
      بىلىم ئىگىلىگى-ھازىرقى زامان يۇقىرى يېڭى پةن تېخنىكىسىنى يادۇرۇ قىلغان،بىلىم ۋة ئۇچۇر ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىگىلىك .ئۇنىڭ تىزلىكتة باش كۈتۈرۈپ چىقىشى ،جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى دۇنيانىڭ ئىقدىساتى باشقۇرۇش سېسىتمىسىغا ئىنتايىن چوڭ تةسىر كۆرسةتتى يةنى كىشىلةر تىرىشىپ پةن تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگةنلىمىسة ھازىرقى ئقدىساتى،ئىژدىمائى ئورۇنىدىن رةھمىزلارچة شاللىنىپ كةتىدىغانلىغى ئىسپاتلاندى.بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلةن چۈشةنگةن نۇرغۇنلىغان مىللةتلةر مائارىپ ئارقىلىق يۇقىرى يېڭى پةن تېخنىكا بىلىملىرنى ئىگةنلةپ سةگةكلىك بىلةن باشقا مىللةتلةرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.دۇنيا تةرةققىيادىغا زور تۆھپىلةرنى قوشتى . بۇ نوقتا بىلىم ئىگىلىگى دةۋرىگةتةرةققىيات بىلةن كىرگةن مىللةتلةرنىڭ تىزدىنلا بىلىم ئىگىلىگىگة ماسلىشىپ ،دۇنيادىكى سةركةردة مىللةت بۇلۇپ مىسلىسىز تةرةققىياتلارغا ئىرىشىدىغانلىغى،بىخوتلۇق قىلىپ دۇنيانىڭ تةرةققىيادىنىڭ قايسى سةۋىيىگة يةتكةنلىگىنى بۈلةلمةي يۈرگةن مىللةتلةرنىڭ دۇنيا سةھنىسىدىن شىللىنىپ قۇل بولدىغانلىغىدىن ئىبارةت ھةقىقةتنى ئىسپاتلاپ بةردى.
    بىلىم ئىگىلىگى دةۋرىنىڭ ھور ماشىنىسى دةۋرىگة ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى-ئۇچۇرلاشقان دةۋرىدىكى دۇنيا ئىقدىسادى بارغانسىرى يةر شارىلاشقانلىقدىن كۆپلىگةن تةرةققى قىلىۋاتقان دۆۋلةتلةر بىلةن تةرةققى قىلغان دۆۋلةتلةر ئوترىسىدىكى پةرىق بىلىم ئۆزلةشتۇرۈش ۋة بىلىم ئىگةنلةش جةھةتتىكى پةرىق بۇلۇۋاتىدۇ .بىلىم ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلاندى.
    يۇقارقى ھۈكۈمدىن تۈۋةندىكىدةك خۇلاسسىگة كېلىمىز يۇقىرى پةن مةدىنىيةتكة،يۇقىرى تةرةققىياتقا ئىگة مىللةت باشقا تةرةققى قىلالمىغان مىللةت ۋة دۆۋلةتنى يىتةكلةيدۇ. بۇنداق يىتةكلةش ماھىيةتتة باشقۇرۇش دىگةنلىكتۇر .بۇ نوختىنى ماھىيىتى بىلةن تۇنۇپ يةتكةن دۆلىتىمىز رةپپةرلىرى ‹‹يېڭى تىپتىكى سانائةتلىشىش يۇلىغا مېڭىش ››،‹‹دۆۋلةتنى پةن-تېخنىكا ۋة مائارىپ ئارقىلىق گۈللةندۈرۈش سىتىرادىگىيىسىنى ››ئوترىغا قويدى .بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوترىغا قويۇلدىكى-بىلىم ئىگىلىگى بىر مةيدان باشقۇرۇش ئىنقىلاۋىدۇر .بۇنداق ئىنقىلاپ رةھمىسىز بۇلۇدۇ، غالىپ مىللةتلةر (پةن-تېخنىكىدا)ئاجىز ،قالاق مىللةتلةرنى پةن-تېخنىكا رىقابةت سورۇنىدىن رةھمىسىلارچة شاللاپ چىقىرىپ ،ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنى قۇل قىلىدۇ.جاڭ زىمېن شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئۈگۈنۈش تىپىدىكى جةمىيةت قۇرايلى ››دةپ جۇڭگۇ خةلقىگة قاتتىق سىگىنال بةردى. بۇ بىلىم ئىگىلىگى ئىنقىلاۋىنىڭ ئادةمنى-ئىقدىساسلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئورۇندىلىدىغانلىغىدىن دېرةك بېرىدۇ .
    دۇنيادا بىلىم ئىگىلىگىنىڭ مةيدانغا كىلىشىگة،دۇنيانى پةن-تېخنىكا ئارقىلىق تةرةققى قىلدۇرۇش ۋة بىلىمنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىشىغا زور تۆپىلةرنى قوشقان مىللةتلةر تةبىكى مائارىپ ئېڭى زامانىۋىلاشقان مىللةتلةردۇر.
    ئةمدى بىز ئۆزىمىزگة نةزةر سېلىپ باقايلى دۇنيا بىلىم ئىگىلىگى دةۋرىگة كىرگةن بىلةن بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىز زادى قانچىلىك؟
    يېڭىلىق يارىتىش- بىر مىللةتنىڭ  ئىنسةنىيةت جةمىيىتىنىڭ ماددى ،مةنىۋى تۇرمىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللىشىشىغا ،تېخىمۇ تةكةممۇللىلىشىغا ۋة تةرةققىيادىغا تةسىر كۆرسۈتۈپ، دةۋرى بىلةن تةڭ ئىلگىرلةپ ،ئىنسانىيةت جةمىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۆھپة قۇشۇش روھىنىڭ يةنة بىر خىل رةۋىشتة ئىپادىلىنىشىدۇر.
    ئۇيغۇرلار قةدىمدىن تارتىپلا بۇ خىل روھقا باي مىللةتلةرنىڭ بىرىسى بولۇش سۈپىتى بىلةن ئىنسانىيةت مةدىنىيىتىگة ئاجايىپ زور تۆھپىلةرنى قوشقان.مةسىلةن كۇمارا جۇۋارانىڭ تةرجىمانلىق،ناتۇقلىقتىكى ئاجايىپ تۆھپىسى.دۇنيادا ‹‹ئىككىنچى ئۇستاز››دةپ ئۇلۇغلىنپ كةلگةن فارابىنىڭ پةلةسةپة،ماتىماتىكا، فىزىكا،خةمىيةلةرگة قوشقان تۆھپىسى،مةخمۇت قةشقىرىنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقتىكى ئالةمشۇمۇل مۇۋاپىقىيةتلىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا ئةدىبىياتىغا قوشقان ئاجايىپ كۆز قاراشلىرى،ئةخمةت يۈكنةكىنىڭ دۆۋلةت باشقۇرۇش ئىلمىگة قوشقان ،ھةممة ئىتىراپ قىلىدىغان نةزىريىۋى سېسىتمىلىرى .........‹‹ئون ئىككى مۇقام ››،‹‹خوتةن قةغىزى››،‹‹كىروران گۈزىلى››نىڭ ئۇچىسىدىكى سىپتا تۇقۇلغان يۇڭ رةختلةر،‹‹ئۇيغۇر بىناكارچىلىغى››...........قاتارلىقلار ئةژداتلىرىمىزنىڭ ئةقىل پاراسىتىنىڭ جةۋھةرلىرى بۇلۇپ ،بۇ -ئۇيغۇر خةلقنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر خةلقلةردىن ئىكةنلىگىنى كۈچلۈك دةلىللةر بىلةن تةمىن ئةتىدۇ.مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىش روھى مىللىتىمىزنى ئةۋلاتمۇ-ئةۋلات دۇنيا مىللةتلىرى ئىچىدة ياشاش پۇرسىتىگة ئىگة قىلىپ كةلگةن .بۇنداق روھ بولمىغان بولسا مىللىتىمىز تارىخىنىڭ ھازىرغىچة داۋاملىشىپ كىلىشى مۇمكىن ئةمةس ئىدى.
    ھازىرقىدةك دۇنيا خىرىسقا ،رىقابةتكة دۇچ كةلگةن بىلىم ئىگىلى دةۋرىدة ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ،ھارماي-تالماي،ئۈن-تۈنسىز تۆھپة قوشىۋاتقان ئالىم ،پاراپپۇسۇر،دوكتۇر، ماگىستىر...لىرىمىز دۇنيا مةدىنىيىتىگة تةسىر كۆرسۇتۇپ تارىخىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ .بىز مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىغىدىن،ياراتقان يېڭىلىقلىرىدىن پةخىرلةنمةي تۇرالمايمىز .بىز بۇنىڭ بىلةن قانائةتلىنىپ قالساق زور بةخىتسىزلىككة يول قويغان بولىمىز .بىز ھازىرقى تةرةققىياتقا ،ئىسلاھاتقا ماسلىشالمايۋاتقان ئاۋام خةلقمىزنىڭ تةرةققىيات ئېڭىنى، مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇشىمىز كېرةك چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 85%دىن ئارتۇقراقى كةتمةننىڭ دةستىسىگة يۈلۈنۈپ ئۇخلىماقتا بۇلاردا دةۋرىگة ئۇيغۇنلىشىش،يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يوق دىيةرلىك .بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گةۋدىسىنىڭ ھازىرقى ئةھۋالى .بۇنداق ئةھۋالنى كةلتۈرۈپ چىقارغان مةسىلىلةرنى تۈۋةندىكى تةرةپلةرگة يىغىنچاقلاش مۇمكىن .
    (1)    مةغرۇرلىنىش-ئةژداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كةتكةن دۇنياۋى مىراسلارغا يۆگۈنۇپ ئۇخلاش .(2)جىمانى سۈپىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ ،جىسمانى ۋة روھى جةھةتتىن تةرةققى قىلالماسلىق.(3)نامراتلىق.(4)قانائةتچانلىق.(5)ئۈزى ئۇستىدة ئويلانماسلىق.(6)ئۈزىنى ئۈزى بىلمةسلىك.(7)خۇراپاتلىق .(8)باشقىلاردىن ئاغرىنىش-يۆلىنىۋېلىش ئېڭى. بۇلار مىللىتىمزدة ساقلىنىۋاتقةن ،مىللةتنىڭ تةرةققىيات ئېڭىنى بۇغۇپ قويىۋاتقان ئىللةتلةردۇر.
    يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللةت-ئۈزىنى ئۈزى يوق قىلىدىغان مىللةتتۇر،ئۆزى ئۈستىدة ئويلۇنىدىغان مىللةت-يىڭىلمةس مىللةتتۇر.
                             **                                              **                                                            **                                    **
    يۇقارقىلار يۈزةكى بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنىڭ قانداق ھالةتتة تۇرۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرةلةيدۇ .بۇ ھال ھةرقانداق كىشىنى ئويلاندۇرۇدۇ ھةم چۈچۈتىدۇ.مۇشۇنداق ئةھۋال ۋة رىيانلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا چۈشمةيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .بىز ساپا مائارىپى،شامىلى چىقىشقا باشلىغان‹‹دةرس ئىسلاھاتى(مائارىپقا مۇناسىۋةتلىك تةرةپلةرنىڭ ھةممىسىنى ئىسلا قىلىش)››قاتارلىق ئۆزگىرىشلةرنى يولغا قويىمىز دةيدىكةنمىز بىر قولىمىزدا مائارىپ ئىسلاتىنى يةنة بىر قولىمىزدا ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭىنى ئويغۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلةپ ،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللىنىش ئىدىيةسىنى تۇرغۇزمايدىكةنمىز ،ھةرقانداق ئىسلىھات ،ھةرقانداق سىناقلىرىمىز مةغلۇپ بۇلۇدۇ.بىز مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى تةرةققى قىلغان مىللةتلةر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدۇرىمىز دةيدىكةنمىز ئاۋام خةلققة مائارىپنىڭ ئورنى ،رۇلى،ئىختىساسلىقلدارنى يارىتىش بۇلىقى ،ماددى بايلىق يارىتىشنىڭ مةنبةسى ئىكةنلىگىنى ھىس قىلدۇرۇشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇقۇتۇشنى ئةمىلىلةشتۈرۈش،تۇرمۇشلاشتۇرۇش يۇلىغا قاراپ مېڭىپ ،مائارىپنىڭ پايدىسىنى خةلقىمىزگة ھةقىقى رةۋىشتة بۈلدۈرۈشىمىز كېرةك.خةلقىمىزدة مائارىپقا بولغان تۇنۇش يۇقىرى كۆتۈرۈلسة ھةرقانداق ئىسلىھاتنى(مائارىپقا مۇناسىۋةتلىك)ئوڭۇشلۇق يولغا قويغىلى بۇلۇدۇ.
    يۇقارقى قاراشلىرىمدىن ئارتۇق كةتكةن يةرلىرى بولسا ،كةسىپداشلارنىڭ سةمىمى تةنقىت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمةن.



                                                    كةلپىن ناھية يۈرچى ئوتۇرا مةكتىۋىدىن: تۇردى توختى 
                                                                                                                              





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.