-
2009-02-28
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا قىزىپ كەتمەسلىك كېرەك - [تاللانما ماقالىلار]
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا قىزىپ كەتمەسلىك كېرەك
1990-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىمۇ باشقا ساھەلەرگە ئوخشاشلا مائارىپ ئىسلاھاتلارنى، باشقا ھەرقانداق ۋاقىتلارغا قارىغاندا ھەم تىز ھەم شىددەتلىك ئېلىپ باردى. بۇ مەكتەپلەر ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بوران-چاپقۇنلۇق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ،كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. بۇ ئىسلاھاتلار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلۇنۇپلا يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېڭىدا تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ساقىندىلىرى ئارىلىشىپ ،غەلىتە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن: ماتېماتىكا دەرسى ئۆتىۋېتىپ تۇرۇپلا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن ئارىيە ئورۇنلاش ... قا ئوخشاش ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى. ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلار چارچىغاندا چوقۇم دىققەتنى يۆتكەپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. ماتېماتىكا ئۆتكەندە دىققەتنى يۆتكەشكە توغرا كەلسە چوقۇم قىزىقارلىق ماتېماتىكىلىق ئويۇنلارغا تەشكىنلەپ دىققەتنى يۆتكەش لازىم. شۇ ئارقىلىق ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىگە ھەم ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەممىدىن قىزىق يېرى شۇكى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئولىشىپ كېلىۋاتقان دۆلىتىمىز مائارىپىدىكى بۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئاساسەن ئىنكار قىلىپ كەلدى. ساپا مائارىپنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن «ئەنئەنىۋى مائارىپ» ئىنكار قىلىندى.
يۇقىرىقىدەك ئىنكار قىلىشنى تۆۋەندىكى پاكىتلاردىن كۆرۈپ ئالالايمىز. 1999-يىلى 13-ئىيۇن «ج ك پ مەركىزى كومىتېتى ، ىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى. بۇ ئاساسى مائارىپ ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىنقىلاب، مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تەدبىرى دەپ قارىلىپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق. تەشۋىق قىلىشقىلا بولىدىغان تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىپ كۆككە كۆتۈردۇق. يەنە بىر تەرەپتىن «ئىمتىھان مائارىپى» نى ئىنكار قىلىشقا باشلىدۇق. مەسىلەن: دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ئاساسى مائارىپ مەھكىمىسىدىكى دوكتۇر ۋاڭ دېڭخۇا قاتارلىق تۆت نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ «ساپا مائارىپىغا دائىر سۇئال-جاۋاپلار» دېگەن كىتابىدا« ‹ئىمتىھان مائارىپى›نى سەلبىي مەنىدىكى سۆز دېيىشكە بولىدۇ» دەپ «ئىمتىھان مائارىپى» نىڭ قوش تىرناققا ئېلىنىپ ئىستېمال قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنى- سەلبىي مەنىگە ئىگە دەپ چۈشەندۈرگەن. يەنە بەزىلەر «ئىمتىھان مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىدىكى سەۋەب دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، يىللىق شەخسىنى تەربىيىلەشتىكى رولىنى يوققا چىقاردى. قىسقىسى ساپا مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەلۋىلەرچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ مائارىپ ساھەسىدىكى «مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنقىلاب» نىڭ بورىنى قىسقىغىنا 6-7يىلدا ئاستا-ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە تەتقىقاتچىلىرىمىز، ئالىملىرىمىز، مائارىپ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق، تەجرىبىلىك كىشىلىرىمىز ساپا مائارىپىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگىلا ئېسىلىۋالماي، كەمچىلىك، يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە، ئۇنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىدىكى شەرت-شارائىتلار ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانغان بولسا ئۇ «ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپ، تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق» بولۇپ قالماس بۇلار ئىدى. تەلئەت قادىرىنىڭ «بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق» دېگەن بۇ سۆزىدىن يەنە ئىنكارچىلىق پۇراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىنكارچىلىق تەبئى ھالدا «يېڭى دەرس ئىسلاھاتى» نىڭ يولغا قۇيۇلۇشى، تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ئەمىلى قوللىنىلىشىدا بىر مەيدان قىزغىنلىق(قىزىپ كېتىش دولقۇنى)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى بەزىلەر چۈشەندۈرۈپ «ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى ئىسلا قىلىش» دەپ قاراپ، بەش قولنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئېغىزىغا سالدى. ئۇلار بۇنداق چوڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى بىراقلا ئورۇندىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالمۇ قىزىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسى. بۇ خىلدىكى ئىسلاھاتنىڭ چېتىلىش دائىرىسى چوڭ بولۇپ، ئېغىزدىكى گەپ بىلەن ئورۇنداش ئىنتايىن قىيىن مەسىلە.
يېڭى دەرس ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە يەنى دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، سىنىپتىكى دەرسنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئورىنى، مەكتەپ باشقۇرۇش ... قاتارلىقلارنى شەكىل جەھەتتىن ئىسلاھ قىلالىسىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن (كىشىلەرنىڭ مائارىپ ئېڭى) ئىسلاھ قىلىش بىز ئالدىرىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت قول تىقمىسا ھەل بولمايدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇد، رايونىمىز ئىقتىسادى جەھەتتىن قالاق. بىز بىر خىل ئىسلاھاتنى يولغا قۇيغاندا چوقۇم «بىرنىڭ ئىككىگە بولىنىش» نوقتىنەزىرى بويىچە ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قانداق ئەگەشمە مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىغىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز لازىم. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بىر يېڭى شەيئى بۇنداق ئۈستقۇرۇلمىدىكى ئۆزگىرىش ئىقتىسادى بازىسنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى يېڭى شەيئى يېڭىلمەستۇر. يېڭى شەيئى يېڭىلمەستۇر دېگەنلىك ئۇنىڭدا ئازراقمۇ نۇقسان كەمچىلىك يوق دېگەنلىك ئەمەس. يېڭى شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە قارايدىغان بولساق يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ زېمىنىدا مەيدانغا كېلىدۇ، كونا شەيئىنىڭ ئىلغار، مۇۋاپىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئاساس سالىدۇ. يۇقىرىقى يېڭى شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشىمىزكى يېڭى شەيئى ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كونا شەيئىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تەنقىدى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە ئاندىن ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس ئورۇننى ساقلاپ قالالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىن ئۇرۇن ئېلىپ يىلتىز تارتىشى مۇمكىن ئەمەس.
مەن تۆۋەندە ساپا مائارىپى ئېلىپ كەلگەن ئەگەشمە «كېسەللىك» لەر ئۈستىدە توختىلىپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى پۇختا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دەرس ئوقۇتۇشىدا ھەدىدىن ئارتۇق قىزىپ كىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ساپا مائارىپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشتا قوللىنىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئامىللىرى ۋە غەيرىي ئەقلى ئامىللىرىنى ئېچىشتا، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ (مەن بۇ يەردە ساپا مائارىپىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۈستىدە توختالمايمەن چۈنكى بۇ نوختىدا كەسىپداشلار خېلى ئېدىتلىق توختىلىپ، كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان) ئارقىدىن ئۇلۇنۇپلا ساپا مائارىپىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
1. ساپا مائارىپى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنىڭ تۇتقان ئورىنى مەسىلىسىدە ھەدەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئورۇننى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇرۇنىغا سەل قارىغانلىقتىن مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، تىرىشىپ ئۆگەنمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ساپا مائارىپى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە تۇتقان ئورىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇنداق ئورۇن جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلاردا ئاستا-ئاستا خاراكتېر جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك شەكىللىنىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى ئاڭلىمايدىغان ئاڭلىسىمۇ رىئايە قىلماي، ئۆزىنىڭ قىلىقلىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىدىغان مەسىلىلەر داۋاملىق سادىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇرۇن جەھەتتىن ئوقۇغۇچلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى بۇ، ئادەم خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش. بۇنىڭدىن كاللىسى سەزگۈر ھەرقانداق ئادەم پەخىرلىنىدۇ. مائارىپ ھادىسىسى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە. شۇنداق بولغان ئىكەن چوقۇم ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنى باراۋەر بۇلىشى كېرەككى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەھەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورىنى تۆۋەن بولۇپ قالىدىكەن بۇنداق جەرياننى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانى دېگىلى بولمايدۇ. بۇنداق مائارىپ ھادىسىسىنى مائارىپ ھادىسىسى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە تۇتقان ئورنى كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ ئورۇن جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشقا يۈزلەندى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا قورقماي تەنقىد-تەربىيە بېرەلمەيدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىمۇ ھەدەپ ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىقى ئۈستىدە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەقىقىي تايانچى كۈچكە ئايلاندى. ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئەھۋاللىرىغا قانداق چارە كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەرمۇ بەلگىلىمە يوق. مەسىلەن: ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەت قىلسا ،ئۇرسا،سىنىپتىكى دەرسنىڭ ئۆتۈلۈشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلسا ... قانداق چارە كۆرۈلىدۇ دېگەنگە ئوخشاش. مەن بۇ يەردە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، ھۇقۇق-مەنپەتىنى قوغدايدىغان قانۇن بەلگىلىمىلەر باركەنۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۇقۇقۇق-مەنپەتى، ئىززەت-ھۆرمىتى يوقمىكەن؟
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلۇشى بىلەنلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۇتىدىغان ئورنى ساپا مائارىپىدىكىدىنمۇ بەكرەك تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتتى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئورۇن جەھەتتىكى غايەت زور سەكرەش، ئازادە ئۆگىنىشنىڭ، تەپەككۇر قىلىشنىڭ، پىكىر يۈرگۈزۈشىنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسىتى ئىدى بىراق ئوقۇغۇچىلار بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەش ئورنىغا خىلمۇ-خىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ئورۇن جەھەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ماتېرىيال ئېلىپ كەلمەسلىكىدەك ئەھۋاللار يامراپ كەتتى، مەكتەپكە كېلىپ دەرسكە كىرمەي لاغايلاپ يۇرۈيدىغان ئوقۇغۇچلارنىڭ كۆپىيىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ زېھنىنى خورىتىۋەتتى، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى دەرسخانىدىن (بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى) قوغلاپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە ....
يۇقىرىقىلار بىر ئوبيېكتىپ رىياللىق بۇ رىياللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مائارىپ سىياسىتى تۈزىدىغان مۇتەخەسسىسلەر،تەتقىقاتچىلار نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلالمىغان يېزا-قىشلاقلارنىمۇ تەكشۈرۈپ سىياسەت تۈزمەيسىلەر؟ قۇلۇڭلاردا قانۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدىن بېسىپ تۇرغان مائارىپ مەمۇرلىرى سىلەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى ئورنى، ئىززەت ئابرۇيىنى قاچان ئويلىشىسىلەر!؟ ئوقۇتقۇچى گۇناھكار، ئوقۇغۇچى زالىم بولغان مائارىپنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلار؟
2. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنىلىگى كۆپ تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردا يامان سۈپەتلىك خاراكتېر ئۈستۈنلۈكى كۆرۈلۈشكە باشلىدى
ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن مەيلى دەرسخانىنىڭ ئىچىدە بولسۇن مەيلى دەرسخانىنىڭ سىرتىدا بولسۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى ھەر تەرەپلىمە تەكىتلەنگنلىگى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئىي ئەركىنلىككە ئىنتىلىش، ئىنتىزامنى كېرەك قىلماسلىقتەك يامان سۈپەتلىك خاراكتېر شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇنداق يامان سۈپەتلىك خاراكتېر ئۈستۈنلۈكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بۇلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بولۇپمۇ تۇغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى گەۋدىلىك بولدى. ئەركىنلىك ئىنتىزام بىلەن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە بۇلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ چەكتىن ئېشىپ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن. ھازىر مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تۈزۈپ يولغا قۇيۇۋاتقان مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مىزانلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنتىزام جەھەتتىكى قىلىقسىز قىلمىشلىرىغا بېرىلىدىغان جازانىڭ تۈرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقىنى قانداق ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يالغۇز «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»، «ھەرىكەت ئۆلچىمى» گە تايىنىپ ھەل قىلىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭچە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قۇيىدىغان ئەمىلى تەدبىر بولۇشى لازىم .مەسىلەن:كۇرىيەدە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى ئورنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا بەلگىلىك ھوقۇقلارنى بېرىشتىن سىرت تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇزۇنلۇقى60 سانتىمېتىر دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىر ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى1.5سانتىمېتىر كېلىدىغان قېتىشما تاياق تەييارلاپ بەرگەن (بۇ مەسىلە دۇنيا مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئىچىدە زور تالاش-تارتىش قوزغاپ دۇنيانى زىل-زىلگە كەلتۈرۈۋەتتى)بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقان ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
بىزنىڭ قانۇن نىزاملىرىمىزدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەركىلىكى كۆپ تەكىتلىنىپ، ئوقۇتقۇچىغا بېرىلىدىغان جازا (مەمۇرى جەھەتتىن) ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن ساغلام تەربىيىلىشىگە تەسىر يىتىپ ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولمىغان خاراكتېر ئۈستۈلىگى باش كۆتۈرۈپ مەكتەپلىرىمىزدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان غەلىتە ئەھۋاللار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن: ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان، بەزى ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان، ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەت قىلىدىغان، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە «ئۆگەنمىسەم سىنىڭ نېمە كارىڭ» دەيدىغان ئەھۋاللار مەيدانغا كېلىپ، «قاپ يۈرەك» ئوقۇغۇچىلار ئاستا-ئاستا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ «قاپ يۈرەكلەر» ئوقۇتۇش سورۇنلىرىدا كۆپىيىشكە باشلىدى ھەم بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىدى. ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇنداق غەيرىي نورمال خاراكتېر ئۈستۈنلۈكى (بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىكى) تەبىي ھالدا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەتىجىنىڭ بۇنداق تۆۋەن بولۇشى ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپتىن بىزار بولۇش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىنىڭ توختىۋېلىش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ « ئەركىنلىكى» شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى مەكتەپكە ياكى ھۆكۈمەت ھەقسىز بەرگەن كىتاب ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ، ياكى ئۆزى سېتىۋالىدىغان ئىككى موچەنلىك دەپتەردىن بىرنى بوغچىسىغا سېلىۋالمايدۇ ھەم ئۇنى سېلىۋالىدىغان بوغچىسىمۇ يوق. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى ھە دېسە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان چۈنكى بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن تەربىيىسىنى ئاڭلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، مۇشۇ قىلىقلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرگىنلىگى دەپ چۈشەنگەن. ھەي بىچارە ئوقۇتقۇچىلار...!
3. دەرسنى قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتۈش زىيادە تەكىتلەنگەنلىكتىن شەكىل (ئۇسۇل) جەھەتتىن غەلىتە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كېلىپ قىزىقارلىق ھەجۋىيلىككە ئايلىنىپ دەرسخانا سۈنئىيلىشىپ كەتتى.
ساپا مائارىپى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەكتەپلەر بەس-بەس بىلەن ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەريانىدىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى كۈرەك دەرسلەر كۆپلەپ ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ دەرسلەرنىڭ ياخشى ئۆتۈلگەنلىرىمۇ، نەتىجىسىز چىققانلىرىمۇ ھەتتا خاتا ئۆتۈلگەنلىرىمۇ قارا قويۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، چۈنكى بۇ دەرسلەرنىڭ ئىچىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يۆتكەيدىغان قىزىقارلىق ئويۇن، ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى قىستۇرۇلغان. بۇ قىستۇرمىلارنىڭ شۇ دەرس مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ-يوقمۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ھۇزۇر ئاتا قىلالىدىمۇ-قىلالمىدىمۇ بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ چاتىقى يوق.
(1) دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىكى سۈنئىيلىك: مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، تەتقىتچىلىرى، مەكتەپلەر ساپا مائارىپ جەريانىدا سىنىپتىكى ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم خاراكتېرلىك بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈپ تۇرغاچقا سىنىپتىكى ئوقۇتۇش مەجبۇرى ساپا مائارىپى «قېلىپى» غا كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇش سورۇنلىرىدا بولۇپمۇ سىنىپتىكى ئوقۇتۇشتا ئوقۇتۇش سۈنئىيلىشىپ دەرسخانا ھەجۋىيلىشىپ كەتتى. مەسىلەن: مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىقىدىكى بىر سائەتلىك خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنى ئالساق دەرس مەزمۇنى خاتا يەتكۈزۈلگەندىن سىرت، دىققەتنى يۆتكەش مەزمۇن قىلىنغان مۇزىكا ئاڭلىتىشىدا ئەمدىلا 3-يىللىققا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان خەنزۇ ياشلىرىمۇ چۈشىنىپ ھۇزۇر ئالالمايدىغان خەنزۇلارنىڭ ئەڭ قەدىمى مۇزىكىسىنى قۇيۇپ بېرىش. مېنىڭچە بۇ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان ئادەم مۇدىرلىرىنىڭ جان يېرىگە قەغەز چاپلاپ قويۇپ سىنىپقا ئېلىپ كىرگىنىدىنىمۇ ھەجۋى بولسا كېرەك .... بۇنداق كۈلكىلىك ئىشلار يېزا قىشلاقلاردىكى ھەتتا چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش پائالىيىتىنى تەكشۈرسىڭىز سىزگىمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
مېنىڭچە ئاشۇ دەرسنى باھالىغۇچىلار دەرسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىدىن «سىزگە ‹ساۋاقداشلار باغقا بارايلى› دېگەنگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر بالىلار ناخشىلىرى تېپىلمىدىمۇ» دەپ سوراپ باققان بولسا قانداق بۇلار ئىدى؟ مانا مۇشۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بەزى ئوقۇتقۇچىلاردا دەرسخانا نىمىلا ئىش قىلسا بولىدىغان ئورۇن ئوخشايدۇ دېگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ھەجۋى قىلىقلار دەرسخانىگە سىڭىپ كېرىپ، دەرسخانىنى سۈنئىلەشتۈرىۋەتتى.
(2) دەرسنى غەلىتە باھالاش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كەلدى: نىشانلىق ئوقۇتۇش ساپا مائارىپىنى ئومۇمى يۈزلۈك يولغا قۇيۇشنىڭ ۋە دەرسخانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى دەپ قارىلىپ كەلگەچكە دەرس باھالىغۇچىلار دەرس ئۆتكۈچىگە باھا بەرگەندە شۇ دەرستە دەرسنىڭ نىشانى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدىمۇ يوق؟ دوسكىغا ئالدىن نىشان قاتلاملىرى يېزىلدىمۇ-يوق؟ ئوقۇتقۇچى نىشاننى چۈشەندۈردىمۇ-يوق؟ .... دېگەندەك شەرتلەرنى تېپىپ چىقىپ ئوقۇتقۇچىغا باھا بەردى. ئاشۇ نىشانلىق ئوقۇتۇشنىڭ بويۇنتۇرۇقى دەرسخانىنى دىمۇگىراتتىيەلەشتۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بوينىغا سېلىنغانلىقىدىن مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھى چۈشكۈنلۈككە قاراپ يۈزلەندى. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل دەرس مەزمۇنى قايرىلىپ قېلىپ، دەرسنى شەكىل جەھەتتىن باھالايدىغان غەلىتە باھالاش ئۇسۇللىرى دەپ قارايمەن. مەسىلەن: دەرس ئاڭلاپ مەكتەپلەرنى ياخشى-يامان دەپ باھا بېرىدىغان مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى دەرس تىڭشاپ ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە «دەرسنىڭ نىشانى دوسكىغا يېزىلمىدى، ئۇنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، دەرس تەييارلايدىغان دەپتەرنىڭ كاتەكلىرى توشمىغان ... » دېگەندەك تەرەپلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ باھا بەردى. «دەرسنى مانا مۇشۇنداق ئۆتسەڭ، دەرسخانىنى ئەلالاشتۇرغان بۇلىسەن... » دېگەندەك تەتقىقات خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق يانداپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنداق شەكىل جەھەتتىن باھالاش مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرەلمەيلا قالماستىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە بوغۇپ قويدى.
(3) دەرسخانىدا غەلىتە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كېلىپ، دەرسخانىنى تېخىمۇ سۈنئىلەشتۈرىۋەتتى : ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە مەدەت بېرىدىغان ،ئۆزىگە ئىشىنىش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشكە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ياشاش، باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق ئېڭىغا ئىگە قىلىدىغان بىر خىل زۆرۈر تەربىيە ئۇسۇلى. بۇ خىل تەربىيىنى ئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرگەندە چوقۇم ئۇنىڭ تەبىئىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ ھەم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ھازىرقى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يىتەلىدىمۇ؟ ئۆزىنىڭ رولىنى قانچىلىك نامايەندە قىلالىدى؟ بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق دەرسخانىدىكى بۇ خىل نەق مەيداندا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ئانچە چوڭ بولالمىدى. ئەكسىچە بۇ خىل نامۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇش ئوقۇغۇچىلاردا مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، ئۆزىنى بىلەلمەسلىك، ئىچى تارلىققا ئوخشاش خاراكتېرنى يېتىلدۈرسە، يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلاردا (ئىچ مىجەز ئوقۇغۇچىلاردا) خىجىلچىلىق، قايتا پىكىر قىلماسلىقتەك خاراكتېر ئاجىزلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن: ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلار بىرەر مەسىلىگە توغرا، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەندە پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا «يارايسىز، يارايسىز» دەپ چاۋاك (بۇ چاۋاك بىرەر ئىشنى ئالقىشلىغاندەك ئەمەس بەلكى پاق،پاق، پاق پاق پاق، شەكىلدە چېلىنىپ خۇددى ئەسكەرلەر دۇمباق ئارقىلىق مەشىق قىلىۋاتقانغا ئوخشايدۇ )بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغان ئىلھاملاندۇرۇش. بۇ خىلدىكى ئىلھاملاندۇرۇش بولسا خاراكتېرى ئۈستۈن ئوقۇغۇچىلارنى مەنمەنچىلىك پاتقىقىغا پاتۇرۇپ ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولسا، خاراكتېرى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار (تارتىنچاق) ئوقۇغۇچىلارنى خىجىلچىلىق دۇنياسىغا ئىتتىرىپ قويغان. يەنە دەرس ئىچىدە بىر، ئىككى موچەنلىك دەپتەر بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇش، بىر، ئىككى تال كەمپۈت بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بەزى خاراكتېرى ئۈستۈن ئوقۇغۇچىلاردا خورلۇق ھېس قىلىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان...ساپا مائارىپى باسقۇچىدىكى بۇ خىلدىكى ئىلھاملاندۇرۇش دەرسخانىدا يامراپ بەزى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھەرقانداق ئىشنىڭ جايىدا بولغىنى ياخشى، چەكتىن ئېشىپ كەتسە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق بۇلىشى لازىم. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى دەرسخانىدا قوللانغان ۋاقتىمىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە بولۇپمۇ ئىندىۋىدال پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قايسى خىل ئۇسۇل قايسى مىجەزدىكى ئوقۇغۇچىغا باب كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قولۇنۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇغۇچىنى تەييارلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشمىز كېرەك.
*** *** *** *** ***
نىشانلىق ئوقۇتۇش ۋە ساپا مائارىپى يولغا قۇيۇلۇپ قىسقىغىنا ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدا غايەت زور، دەبدەبىلىك ئىسلاھاتلار بولۇپ ئۆتتى ھەمدە بىرقاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۇقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا يېپ-يېڭى قىياپەتنى شەكىللەندۈردى. شۇنداقلا يەنە بىر قاتار كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بەلگىلىك كەڭلىكتىكى ھاڭ پەيدا قىلىپ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.
ھازىر مىللىي مائارىپىمىزدا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساپا مائارىپىنىڭ تەركىبى قىسمى. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بۇ ئىسلاھاتتا ئىلغارلىقمۇ، مەسىلىمۇ ساقلانغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا قىزىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم چۈنكى قىزىپ كېتىش سولچىللىقنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشقا بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. يولغا قويمىغانلىق بولسا ئوڭچىللىقنىڭ ئىپادىسى. بىز ماركسىزمچىلار ئوڭچىللىققىمۇ،سولچىللىققىمۇ قارشى تۇرىمىز. ئۇنداق بولغاندا بۇ ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارىمىزمۇ-يوق؟ ئەلۋەتتە ئېلىپ بارىمىز. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش جەريانىدا چوقۇم تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ، يېڭى دەرسنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلۇشىنى ھەم پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يېڭى ئىسلاھاتتا چوقۇم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
(1) يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ يەنى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش مۇناسىۋىتىدە تۇتقان ئورنى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىپ چوقۇم ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى ئورنىنى باراۋەرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ خىل مۇناسىۋەتتە مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقان ئورنى تۆۋەن بولۇپ قالسا بۇ ئىسلاھاتتىمۇ رەھمىسزلەرچە مەغلۇپ بۇلىمىز.
(2) دەرسلىكنىڭ ئىگىلىگەن ۋاقتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھازىرقى يولغا قۇيۇلۇۋاتقان دەرسلىكلەر ئىژدىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كۆپ تەلەپ قىلسىمۇ لېكىن دەرس تۈرىنىڭ ھەتتىدىن ئارتۇق كۆپ بۇلىشى ئىژدىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ۋاقتىنى كۆپ ئېگىلىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەپ تۇرماقتا.
(3) ئوقۇغۇچىنىڭ «ئەركىنىلىگى» بىلەن مەكتەپ ئىنتىزامىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەل كوممۇنىستىك ئەخلاق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
(4) دەرسلىك بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ، دەرسلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دەرسلىك بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىدە چوقۇم دەرسلىكتىكى ئۆلۈك، ئەمىليەتچانلىغى يوق، تۇرمۇشقا يېقىن ئەمەس مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئارىلىغىنى قىسقارتىش كېرەك. دەرسلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئوقۇتقۇچىنى كۆپرەك تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلار ئەمىلى تۇرمۇش بىلىملىرىنى كۆپلەپ ئۆگىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ،ئابستراكتنى ئۇقۇملارنى تۇرمۇشلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(5) دەرسخانىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن شەكىلۋازلىق، سۈنئىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش لازىم. ئوقۇتقۇچىلار تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەم تەجرىبە توپلاپ ئوقۇتۇش بولۇپمۇ سىنىپتىكى ئوقۇتۇشنى تۇرمۇشلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ،يۇمۇرلۇق تۈس بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ھەرگىزمۇ سىنىپ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، سۈنئىيلىك قاملاشمىغان ماختاشلارنى قوللانماسلىق لازىم.
(6) ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۈزۈمگە ئوخشاش ئادام دەپ قارىيالايدىغان بولۇش لازىم. بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ.
قىسقىسى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا يۇقۇرقى قاراشلىرىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ قىممىتى بۇلار دەپ قارايمەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا چوقۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مائارىپىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلەشتۈرۈشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
«ساپا مائارىپىغا دائىر سۇئال-جاۋاپلار» ئۇيغۇرچە نەشرى (ئىچكى ماتېرىيال)كىرىش سۆز 1-،2-بەتلەر. 6-سوئال.
«ماركسىزملىق پەلسەپە»نىڭ يېڭى شەيئىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «مائارىپ گۈلزارى» پروگراممىسى 2004-يىللىق ئاڭلىتىشلىرى.
تەلئەت قادىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى دەرسلىك بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىلىرىدا سۆزلىگەن لېكسىيىلىرى.
كەلپىن ناھىيە يۈرچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:
تۇردى توختى
2005-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تاماملاندى.
历史上的今天:
مۇدىر، سىزمۇ ئوبدانراق تەييارلىق قىلىڭ 2009-02-28ئوقۇتقۇچى، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟ 2009-02-28