• ئۇ كۈنى سىنىپ ئىچى ناھايىتى جىمجىت ئىدى.مەكتەپ ھويلىسىدىكى دەرەخلەر تۇنجى ياغقان قار بىلەن ئاپئاق ساقاللىق قار بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇ كۈنى سىنىپتىكى 25 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان تارىخ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي،ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىۋاتاتتى.