• 2009-01-30

    (1 )ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تارىخى - [مائارىپ تارىخى]

    ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنىڭ ئىككى مىڭ يىللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قوللىنىلغان يېزىقلار ۋە يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە پارچە - پارچە ماقالىلەر (1) ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر يېزىق تارىخى ھەققىدە ھېچبولمىغاندا مەلۇم بىر يېزىق دەۋرى ھەققىدە مۇكەممەل بىرەر ئەمگەك مەيدانغا كەلمىدى. ((1) بۇ يەردە قۇربان ۋەلى قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەمگەكلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.)

    ۋېي سۈييى خانىم بىلەن ئابدۇرېشىت سابىت ئەپەندى بۇ جەھەتتە تېخىچە قولغا ئېلىنمىغان تېمىلار ئىچىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدەندى. ۋېي سۈييى خانىم "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" ناملىق بۇ ئەمگىكىنى ئىتالىيىدە چىقىدىغان "مەركىزىي ئاسىيا جۇرنىلى" (كەنترال ئاسىئاتىك جوئۇرنال) (ئىنگلىزچە) نىڭ 1993 - يىللىق 3 -، 4 - سانى (ئومۇمىي 37 - سان) دا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىكى ئىسلاھاتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجابىي، سەلبىي تەسىرلەر بايان قىلىنغان.

    ئابدۇرېشىت سابىت ئەپەندى "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى" ناملىق بۇ ماقالىسىنى "شىنجاڭ تەزكىرىسى" جۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 3 - سانىدا ئېلان قىلدى. ماقالىدە 1949 - يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئۈنۈملۈك پىكىرلەر بايان قىلىنغان. لېكىن يۇقىرىقى ماقالىلەردە ئازادلىقتىن بۇيانقى يېزىق ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلمىغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە سۆز قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭچە چوقۇم گەپنى ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.


    بىز بۇ ماقالىمىزدە 20 - ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆتۈش جەريانىدىن 1984 - يىلىدىكى ئىملا قا'ئىدىسى بېكىتىلگەنگە قەدەر بولغان بىر پۈتۈن تارىخىي دەۋردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، شۇنداقلا يېقىنقى ئوي يىل (1984 - يىلدىن 1994 - يىلىغىچە) ئىچىدە يېزىق ئىسلاھاتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز. (2) 20 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار ھەرخىل ئىجتىما'ئىي، تارىخىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك قوللانغانلىرىدىن سوغدى يېزىقى، ئورخون - يېنسەي يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا 1947 - يىلىدىن تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا 1956 - 1958 - يىلىغىچە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى (ئاپتونوم رايونىمىزدا 1960 - يىلدىن 1964 - يىلىغىچە سىناق قىلىنىپ 1965 - يىلى 4 - ئايدىن 1982 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقلار ئىچىدىكى ئۈچ ئاساسلىق يېزىق ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:

    8 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار فونېتىكا، بوغۇم بىرلىشىپ كەتكەن ئورخۇن - يېنسەي (تۈرك - رونىك) يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يېزىق ئاستا - ئاستا ئىشلىتىشتىن قېپقالغان. تۇرپان قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تاكى 15 -، 16 - ئەسىرلەرگىچە، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كۆچكەن ۋاقىتقىچە ئىشلىتىلگەن. شىنجاڭنىڭ غەربىي - جەنۇبىي قىسمىدا باشقىچە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئۇ جايلاردىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئوتتۇرا شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە سۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. قەشقەر شەرقتىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇنىڭ تەسىرىدە بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىما'ئىي مۇناسىۋەت، قانۇن، سەنئەت ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولدى. جۈملىدىن ئەرەب ئېلىپبەسى بۇ رايوندا ئومۇملاشتى. ئىسلام جىھاد ھەرىكىتى بىلەن يەرلىك سىياسىي كۈچلەر تەرەققىياتىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېزىقى قەشقەردىن تەدرىجىي شەرققە سۈرۈلدى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 14 - ئەسىردىن باشلاپ مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرقى يېزىق ئىسلاھاتىغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.

    20 - ئەسىر تىل - يېزىق ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان دەۋر بولدى. نۇرغۇنلىغان يېڭى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن تىللار ما'ئارىپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن رەسمىي تىلغا ئايلاندى. مەركىزىي ئاسىيادىلا يېقىنقى دەۋردە تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللار كۆپىيىپ 30 غا يەتتى. (1) مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە خەلقلەرنىڭ تىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېتنىك ئايرىما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل يېزىقىغا ئىگە بولدى. ((1) ئې. تېنشۆ: "تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە" جۇڭگو ئىجتىما'ئىي پەنلەر نەشىرىياتى 1981 - يىلى (بېيجىڭ) خەنزۇچە نەشرى 16 - بەت) (3) 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ تارىم ۋادىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بولدى. 1921 - يىلى تارىخىي، ئىجتىما'ئىي ئەھۋال ۋە تېررىتورىيە سەۋەبىدىن ئولتۇراقلاشقان جايىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنى "قەشقەرلىك"، "خوتەنلىك"، "قۇمۇللۇق"، "غۇلجىلىق" (ياكى "تارانچى") دەپ ئاتىۋالغان، لېكىن ماھىيەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان "ئۇيغۇر" دېگەن نامى تولۇق ئاساس بىلەن ئىشلىتىش تامامەن قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، مۇنازىرە نۇقتىسى سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا قايسى دى'ئالېكت (قەشقەر دى'ئالېكتى ياكى غۇلجا دى'ئالېكتى) نى ئاساس قىلىش كېرەك، دېگەن باشقا بىر مەسىلىگە بۇرالدى. بۇ مۇنازىرە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى "كەمبەغەللەر ئاۋازى"، "ئازادلىق گېزىتى"، "شەرق ھەقىقىتى گېزىتى"، "قىزىل شەپەق گېزىتى"، "ئىنقىلابىي شەرق"، "لېنىن يولىدا ماڭايلى" قاتارلىق گېزىت - جۇرناللاردا تاكى 1930 - يىللارغىچە داۋاملاشتى. (1) (ئا. ت. ھەيدەروپ: "سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش جەريانى"، "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى" 1993 - يىل 4 - سان) بۇ مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. س. شاكىر جانوپ ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملاسى ھەققىدە ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (2) بۇ جەرياندا ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقنى تۈزىتىش، تولۇقلاش، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1925 - يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئالماتادا ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1 - قېتىملىق تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر قوللىنىپ كەلگەن ئەرەپ ئېلىپبەسى قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە دەسلەپكى قەدەمدە لايىقلاشقان 27 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان ئېلىپبە قوللىنىلدى. (1) (ئابدۇرېشىت سابىت: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى"، "شىنجاڭ تەزكىرىسى" 1994 - يىل 3 - سان) بۇ يېزىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1920 - يىللاردىن 1936 - يىلى لاتىن يېزىقى ئىشلتىلگەنگە قەدەر قوللىنىلدى. (2) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزى ئاسىيا ژورنىلى 993 1- يىلى 3 -، 4 - سان، ئېنگلىزچە نەشىرى لاتىن ئېلىپبەسى ئەڭ دەسلەپ سوۋېت ئەزەربەيجاندا (1925 - يىلى) رەسمىي قوللىنىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە بۇ يېزىق تەدرىجىي ھالدا باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ئومۇملاشتى. (3) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا ژورنىلى 1993 - يىلى 3 -، 4 - سان. ئېڭلىزچە نەشرى) 1926 - يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ - پىكىرلەرنى ۋە ھەرخىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرقانچە قېتىم مۇزاكىرە قىلىشتى. 1928 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاندا سەمەرقەند شەھرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئاتالغۇلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. (1) (ئابدۇرېشىت سابىت: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى"، "شىنجاڭ تەزكىرىسى" 1994 - يىل 3 - سان) بۇ قېتىمقى يىغىندا سوۋېت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، لاتىنلاشتۇرۇلغان بۇ ئېلىپبەنىڭ 32 ھەرپتىن تەركىب تېپىشى تەۋسىيە قىلىندى. لېكىن، لاتىنلاشتۇرۇلغان بۇ يېزىق تاكى 1930 - يىلى 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى ئالماتادا ئېچىلغانغا قەدەر ئىشلىتىلمىدى. (2) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا ژورنىلى 1993 - يىل 3 - 4 - سان ئېنگلىزچە نەشرى.) 1930 - يىلى 5 - ئايدا ئالماتا شەھرىدە "2 - قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى" چاقىرىلىپ، 1 - قېتىملىق يىغىننىڭ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى. بۇ ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە: (3) (ۋېي سۈييى: "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 1950 - يىلىدىن بۇيانقى تەرەققىياتى" مەركىزىي ئاسىيا ژورنىلى 1993 - يىلى 3 -، 4 - سان. ئېڭلىزچە نەشرى) (رەسىم 1)

    سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە سىلاۋيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى 30 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، 1938 - يىلى قازاقلار ئۇنى قوبۇل قىلدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۇنى تاكى 1946 - يىلىغىچە ئىشلەتمىدى. شۇ يىلى بۇ ئېلىپبە يەنە موڭغۇلىيىدە قوللىنىلدى. لاتىنلاشتۇرۇلغان ئېلىپبەگە قارىغاندا، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ھەربىر تىل ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە تۈزۈلدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر باشقا تىللاردىمۇ رۇس تىلى ئىملا قا'ئىدىسى بويىچە يېزىلغاچقا، باشقا تىللاردىكى سىلاۋيان ھەرپلىرى كۆپەيدى. مەسىلەن، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 41 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن توققۇز ھەرپ ئېشىپ كەتكەنىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى جۇمھۇرىيەتلىرىدە تىل - يېزىق ھەققىدىكى بەس - مۇنازىرىلەر شۇنداق قىزىق داۋاملاشقان بىر پەيتتە، جاھالەتلىك شىنجاڭ رايونىدا تىل - يېزىق مۇھاكىمىلىرىگە نۆۋەن يوق ئىدى. 1933 - يىلى شېڭ شىسەي ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۆزىنى سوۋېتتىكى مىللىي ئىشلار پروگراممىلىرى بىلەن پىششىق تونۇش دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، سوۋېتتتا قوللىنىلغان مىللىي تەركىبنى ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەممە كاتېگورىيىلەرنى شىنجاڭدا قوللاندى. 1935 - يىلىدىكى 2 - قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدىكى خەلقلەرنى 14 ئېتنىك گۇرۇپپىغا (مىللەتكە) ئايرىدى. ھەمدە ھەربىر مىللەت ئۈچۈن يارىم - ئايرىم خەنزۇچە نام بەردى. (1) (بورھان شەھىدى: "شىنجاڭنىڭ 50 - يىلى" مىللەتلەر نەشىرىياتى 1986 - يىل. بېيجىڭ. 528 - 529 - بەت.) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى شېڭ شىسەينىڭ ئاتالمىش "مىللەتلەر باراۋەرلىكى" سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن شىنجاڭدا كەڭ دا'ئىرىدە ئىشلىتىلدى. لېكىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1930 - 1940 - يىللاردىكى دەسلەپتە لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشتىن تەدرىجىي سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئەگەشمىدى. 1936 - يىلى ھاشىم گۆھەر باقى دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، غۇلجىدا ھۈسىيىن يۇنۇس مەتبە'ئەسىدە بېسىلغان ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان "ئېلىپبە" دەرسلىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا بېسىلغانىدى. ئۇنىڭدا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر كىرگۈزۈلمىگەن. 1935 - يىلىدىن باشلاپ "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز ئاتالغۇلارنى يېزىشتا قوللىنىلىدىغان (رەسىم 9)

    ھەرپلىرى پەقەت ئەرەپچە سۆز ئاتالغۇلارنى يېزىشتىلا قوللىنىلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردە قوللىنىلمىدى. شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ۋە ئەگىشىشى بىلەن شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى بولدى. 1937 - يىلى شىنجاڭدىكى زىياليلارنىڭ ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى سان ۋە تەرتىپ جەھەتتىن سوۋېت ئۇيغۇرلىرى قوللىنىۋاتقان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن ئوخشاش قىلىشقا قوشۇلدى. جەدۋەل 2 شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى 1937 - يىلىدىن ئىلگىرى قوللانغان ئېلىپبە (رەسىم 0) جەدۋەل 3 شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى 1937 - يىلى تۈزگەن ئېلىپبە (رەسىم 

    1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا "11 ماددىلىق بىتىم" ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن خەلق ۋەكىللىرىدىن ئېلىنغان پىكىرلەردە ۋەكىللەر "دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۈججەت - ماتېرىياللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان يېزىقى (ئۇيغۇر يېزىقى -- ئا) دا يېزىلسۇن؛ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلسۇن، دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە، "11 ماددىلىق بىتىم " نىڭ 3 -، 4 - تارماقلىرىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى پىكىرلەرگە دىققەت قىلىنىپ " دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ خەت - ئالاقىلىرىدە دۆلەت تىلى ۋە مۇسۇلمانلار تىللىرى تەڭ قوللىنىلىدۇ. خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئەرز - ئىلتىماسلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا يېزىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى مەجبۇرىي دەرس بولۇپ كىرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىيىتىگە قاراپ دەرس ئۆتۈشتە دۆلەت تىلى بىلەن مۇسۇلمانلار تىلى تەڭ قوللىنىلىدۇ " دەپ بەلگىلەندى. 1946 - يىلى 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان " شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پروگراممىسى " ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ "گ. ما'ئارىپ " قىسمىنىڭ 9 - تارمىقىدا " باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شۇ مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا مەكتەپتە دۆلەت تىلى ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە بولسا، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا قاراپ دۆلەت تىلى بىلەن مۇسۇلمان تىلى تەڭ قوللىنىلىدۇ " دەپ بەلگىلەندى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىقى قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ما'ئارىپ ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى. 1946 - يىلى ئۆلكىلىك ما'ئارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېڭى ئېلىپبە تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىپبە 27 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. جەدۋەل 4 1946 - يىلى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى: (رەسىم 7)

    شىنجاڭ رايونىدا ئەرەپ ئېلىپبەسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىغا ماسلاشقان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلىنىۋاتقان چاغدا، 1947 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ قارارى بويىچە لاتىن ئىئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئېلىپبەگە كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدا رۇس ئېلىپبەسىدىكى 33 ھەرپ تولۇق قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونىمىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سەككىز ھەرپ ياسالغان. شۇنداق قىلىپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 41 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. جەدۋەل 5 1947 - يىلىدىكى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى (رەسىم 6)

    مانا بۇلار 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قانچە قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتلىرى. جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 40 نەچچە يىللىق تارىخىي جەرياندا ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە يەنە نۇرغۇن ئىسلاھاتلار، ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ خىل ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تارىخىي جەھەتتىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ: (4) ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تارقاقلىقى ۋە ئۆزى خالىغان ئىملا قا'ئىدىسى بويىچە نەشىر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىقى ھەقىقەتەن قالايمىقان ئىدى. 1937 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات پەقەت زىيالىيلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، پەقەت رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك بەزى گېزىتلەردىلا ئىشلىتىلدى. " شىنجاڭ گېزىتى " 1935 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ گېزىت 1937 - يىلىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىشكە مايىل ئىدى. بۇ گېزىت گەرچە شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىتىلغان بولسىمۇ لېكىن، قاتناش قولايسىزلىقى تۈپەيلىدىن چەت، يىراق جايلارغا يېتىپ بارالمىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاپەتلىك يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر ئىملا قا'ئىدىسىنىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، تاشكەنت ۋە ئالماتادىكى ئىككى نەشىرىيات ئورنى ئۆز ئالدىغا ئىملا قا'ئىدىسى تۇرغۇزۇپ، نەشىر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى. 1940 - يىللاردا ۋە 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقىدا چىقىدىغان ماتېرىياللار شىنجاڭغا كىرگۈزۈلدى (ئاساسلىق ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە). 1950 - يىللارغا كەلگەندە، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پەرقلەر ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. 1949 - 1956 - يىللار 1949 - يىلى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ئىبراھىم مۇتىي ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، تولۇقلاپ بېكىتىلگەن ئىملا قا'ئىدىسى 1948 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋە 1949 - يىل 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى " شىنجاڭ گېزىتى " دە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر تىلىدىكى قوشۇمچىلار، باشقا تىللاردىن كىرەئەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، تىنىش بەلگىلىرى قاتارلىقلار مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىنى ئەرەپ، پارىس تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ھەر كىشى ئۆزى بىلگەنچە يازىدىغان باشباشتاقلىق تۈگىتىلىپ، ئىملا دەسلەپكى بىر نورمىغا سېلىنغان. لېكىن ئەرەب ئېلىپبەسى يەنىلا ئۆز تەرتىپى بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ئايرىم بەلگە بەلگىلەنمىگەن، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى، ئاھاڭداشلىقى، ئاجىزلىشىشى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدە قا'ئىدىلەر تۈزۈلمىگەن. 1951 - يىلى 5 -، 6 - ئايلاردا ئالماتادا " مەسلىھەت يىغىنى " چاقىرىلىپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى، ئىملا قا'ئىدىسىنى ۋە ئېلىپبەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا " شەرق ھەقىقىتى " ۋە " قازاق ئېلى " ژورنىلىدىن جېلىلوۋا ئىمساخان بىلەن ئەخمەتوپ ئىمىنجان " ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى توغرىسىدا " ۋە قادىر ھەسەنوپ بىلەن م. روزىيوپنىڭ " ئىككى جۇرنالدا ئىشلىتىلگەن ئەدەبىي ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا " ناملىق ئىككى قارارى ماقۇللاندى. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەنىڭ 1937 - يىلىدىكى ئېلىپبە بىلەن بولغان پەرقى تۆۋەندىكىچە: 1) ئېلىپبە تەرتىپى جەھەتتە 1951 - يىلى تۈزۈلگەن ئېلىپبەدە تاشكەنت ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن ئېلىپبە تەرتىپى قوللىنىلدى. 2) سوزۇق تاۋۇشلار جەھەتتە " ئە " ۋە " ئى " تاۋۇشى پەرقلەندۈرۈلدى. 3) يېڭى ئىملا قا'ئىدىسى مەيدانغا كەلدى. شۇنداق قىلىپ 1951 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېلىپبە بولۇپ، تاشكەنت ۋە ئالماتادا كەڭ قوللىنىلدى. جەدۋەل 6 1951 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

    ئا، ب، پ، ت، ج، چ، خ، ھ، د، ر، ز، ج، س، ش، غ، ق، ف، ك، گ، ڭ، ئى، ي، ي، ل، م، ن، ۋ، ئو، ئۇ، ئە -------------------------------------


    بۇ ئېلىپبە ۋە ئىملا قا'ئىدىسى شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدا ھەرقانداق دەرىجىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 1951 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا قارىتىلغان مەدەنىيەت سىياسىتى، تۈرلۈك تىل - يېزىقتا نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللار ۋاسىتىسى بىلەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە سىڭىپ كىردى. مۇشۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى 1949 - يىلىدىن بۇيان تەتقىقاتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى. ئېلىمىزدىمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس خادىملارنى تەربىيلەش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە كىرىشتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى جۇڭگو ئىجتىما'ئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى) 1951 - يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەيدىغان كۇرسلارنى ئېچىشقا باشلىدى. 1950 - يىلىنىڭ كۈز پەسلىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا " قېرىنداشلار سالىمىنى يەتكۈزۈش " ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قارمىقىدا بىردىن تىلشۇناس بار ئىدى. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ۋاڭ جۈن غەربىي شىمالغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى توغرىسىدا دوكلات يازدى. بۇ مۇشۇ رايونىدىكى تىل ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات دوكلاتى ئىدى. 1950 - يىلى 10 - ئايدا " شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى " تىل - يېزىق يىغىنى چاقىرىپ، " شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتېتى " قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەئوۋۇيۈئەن 1951 - يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ماقۇللىغان قارارىغا ئاساسەن، 1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا " شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش ھەيئىتى " تەشكىل قىلىندى. 1952 - ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 10 - قېتىملىق ھەيئەتلەر مەجلىسىدە " شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى " قۇرۇش قارار قىلىندى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، ئالماتادا ئىشلەنگەن " ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قا'ئىدىلىرى " نى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. لېكىن، " ھەيئەت " نىڭ خىزمىتى 1954 - يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا'ئىدىسى تۈزۈلگەندىن كېيىن باشلاندى. بۇ چاغدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 30 ھەرپتىن تەشكىل تاپتى. جەدۋەل 7 1954 - يىلى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى (رەسىم 5)

    1954 - يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەخمۇت زەيدى تۈزگەن " ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قا'ئىدىسى " ئېلان قىلىندى ۋە بۇ ئىملا قا'ئىدىسىنىڭ ئالماتادا تۈزۈلگەن ئىملا قا'ئىدىسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئىزاھلاندى. بۇ ئىملا قا'ئىدىسى 1954 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرغان تىل - يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ماقۇللاندى. بۇ لايىھە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن 1954 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۈميۈزلۈك قوللىنىش قارار قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى، سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى، لەۋلەشكەن بوغۇملارنىڭ تەسىرى، بەزى تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى، قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى، بوغۇم كۆچۈرۈش قا'ئىدىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش قا'ئىدىلەر بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇۋاپىقلاشقان ئىلمىي قا'ئىدىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ تىل ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر يۈرۈش پرىنسىپلىرى، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى توغرا يېزىشنىڭ دەسلەپكى قا'ئىدىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قېتىمقى ئېلىپبەدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونىما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان پەقەت ئەرەپ - پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان " ت "، ""، ""، ""، ""، ""، ""، " غ " دىن ئىبارەت سەككىز ھەرپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە كام بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن " ئا "، " ئە "، "ئې"، " ئى "، " ئو "، " ئۇ " دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسى ھەققىدىكى قارار 1951 - يىلىدىكى قارار (ئالماتا يىغىنىدا ماقۇللانغان) دىن ھېچقانچە پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى قا'ئىدە - پەرمانلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولدى.

    1954 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت تەسىرى يۇقىرى باسقۇچقا كىردى. دەرسلىك ماتېرىياللار، ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرى، سىياسىي تەشۋىقاتلار، شۇنىڭدەك تاشكەنت ۋە ئالماتا نەشرىياتلىرى نەشىر قىلغان ھېكايە، رومانلار ھەممە جايدا، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا شەخسىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ تېپىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1950 - يىللاردا پۈتۈن جۇڭگودا تىل، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە سوۋېتقا ئەگىشىش ئەۋج ئالغانىدى. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا مەخمۇت زەيدى ۋە شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئىملا قا'ئىدىسىنى ئىشلەشتە سوۋېت ئالماتا نۇسخسىسىنى ئاساس قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.

    1950 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل تىللىرىنى سىلاۋيانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىسلاھاتلار باشلاندى.

    1955 - يىلى 12 - ئايدا بېيجىڭدا تۇنجى قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېزىقى مۇۋاپىق بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىنى قوللاش، يېزىقى بولمىغان مىللەتلەر ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشنى ئىلھاملاندۇرۇش ئىدى. يىغىندا 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنى لايىھىلەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ 1956 - يىلى 700 كىشىدىن تەركىب تاپقان يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 42 ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا ئەۋەتىلدى. 6 - گۇرۇپپا شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    مۇشۇنداق شارا'ئىتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت جىددىي ۋەزىپىگە مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن 1956 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ ئورگان قۇرۇلغاندىن كېيىن، مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى ساھەسىدە نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئىلمىي خادىملار ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى سىلاۋيانلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ، لايىھە، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ تەكلىپ، لايىھىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، 1956 - يىل 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 1 - قېتىملىق مىللەتلەر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى، مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈئەنى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىر قىسىم ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

    يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىي ما'ئارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ مۇ'ئاۋىن باشلىقى يىڭ يۈرېن " مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتە بىرنەچچە پىكىر "، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ مۇ'ئاۋىن باشلىقى پروفېسسور فۇ ماۋجى " يېزىق لايىھىسى ۋە ئۇيغۇر يېزىئىنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىش توغرىسىدا بىرنەچچە پىكىر "، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى، سوۋېت مۇتەخەسسىسى گ. سېرديوچىنكو " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر تىل ۋە يېزىقلىرى ھەققىدە "، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇ'ئاۋىن مۇدىرى ئەلقەم ئەختەم " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى " قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەردى.

    يىغىن جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە مىللەتلىرىنىڭ كونا يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتىپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئىشلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا تىل ساھەسىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلەئەن نەتىجىلەر، ئىشلەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

    يىغىن ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىق ئىلمىي يىغىنىنىڭ قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ماقۇللاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە مىللەتلىرىنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزىقى يوق مىللەتلەرنىڭ يېزىق تارىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا تۆت ماددىلىق قارار (1956 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 13 - سانلىق مەجلىسىدە ماقۇللانغان) نى ئېلان قىلدى. بۇ قارار شۇ يىلى 31 - دېكابر كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ خەۋەر " شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ 1957 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سانلىرىغا بېسىلدى. لېكىن بۇ قارار شىنجاڭدا 1957 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە ۋە ھوقۇقدارلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە بىر ياققا تاشلىنىپ قالدى. شۇنىڭدەك، 1958 - يىلى خەنزۇ تىلىنىڭ لاتىنلاشتۇرۇلغان فونىتېكىلىق ئېلىپبەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىش دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئايرىلغانلىق، دەپ قارالدى.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەرلىك تىل - يېزىق يىغىنى لاتىن يېزىقىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ تۇرغان شارا'ئىتتا، سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تاللىشى تارىخىي، ئىجتىما'ئىي، سىياسىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي ئاساس مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بۇ يەردىكى سىياسىي ئاساس دېگىنىمىزدە، مەركەزنىڭ سىياسىي يوليورۇقلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ۋە موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈپ بولغان بولۇپ، ئېلىمىز ئۆزىنىڭ سوتسىيالىستىك قوشنىلىرى بىلەن بولغان " ئالتۇن دەۋر " نى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى. شۇنىڭدەك جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ سىلاۋيان يېزىقىنى تاللىشىغا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن يوليورۇق بېرىلگەنىدى.

    شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت رايونىدا 1940 - يىللاردا كۆپ قىسىم زىيالىيلار سىلاۋيان يېزىقى بىلەن تونۇش ئىدى. 1949 - يىلىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مەمۇرىيىتىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلار شۇ زىيالىيلار بىلەن تولدۇرۇلغانىدى. ئەينى دەۋردە ئۈچ ۋىلايەت ئۆلكە ئورنىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇنى شۇ يەردىكى زىيالىيلارنىڭ كۆپ بولۇشى بەلگىلەنگەن. ئەگەر بۇ يېزىق ئېلىمىزدە خەنزۇ تىلى ئېلىپبەسى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق قوللىنىلغان بولسا، " سوتسىيالىستىك ئا'ئىلە " نىڭ " دوستلۇقى " نىڭ مۇھىم بەلگىسى، سىمۋولى بولغان بولاتتى. مەشھۇر سوۋېت تىلشۇناسى، ئاكادېمىك سېرديوچىنكو ئېلىمىز تەرىپىدىن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركلوگىيە ۋە تاجىك تىل مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللاندى. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، سېديوچىنكو زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سوۋېتنىڭ سىلاۋيانلاشتۇرۇش تەجرىبىسى خەنزۇ تىلى فونېتىكا ئېلىپبەسى تۈزۈشكە مەسئۇل زىيالىيلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. ئۇلار يەنىلا لاتىن ئېلىپبەسىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئېلىمىزدىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن موڭغۇل خەلقىنىڭ تىلى ئۈچۈن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى قوللىنىش سوۋېت مىللىي سىياسىتىنىڭ زور غەلىبىسى ئىدى.

    ئۇزاق ئۆتمەي " بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش " فاڭجېنى يولغا قويۇلدى. مۇشۇنداق شارا'ئىتتا، جۇڭگو موڭغۇل تىلى مۇھاكىمە يىغىنى (يىغىنغا بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىن ۋەكىل قاتناشقان) ئېچىلىپ 33 ھەرپ ۋە ئىككى قوشۇمچە بەلگىدىن تەركىب تاپقان يېڭى سىلاۋيانچە موڭغۇل ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. شۇ يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىغا سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قارار ماقۇللىنىپ، تىل - يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، ئۆزبېك، تاتار تىللىرى ئۈچۈن سىلاۋيانچە ئېلىپبە تۈزۈلدى. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن يىغىن بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت پرىنسىپنى ئاساس قىلغانىدى: 1) بىر يېزىق سىستېمىسى چوقۇم تىلنىڭ فونېتىكا بىلەن گرامماتىكا ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ۋە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك. 2) مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن " قېرىنداش مىللەتلەر " نىڭ ھەرپ شەكلى ئىمكان قەدەر ئوخشاش بولۇشى كېرەك. 3) ھەربىر ھەرپ چوقۇم ئېنىق، ئاسان ئوقۇغىلى بولىدىغان ۋە باشقا ھەرپتىن ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. 4) ئىلىم - پەن، تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەش ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشى كېرەك.

    شۇنىڭدەك ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نۇقسانلىرى مۇنداق كۆرسىتىلدى:

    1) ئەرەپ يېزىقى ئەرەپ تىلىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى يەنى تاۋۇش سىستېمىسىنى، گرامماتىك قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. لېكىن ئەرەپ تىلى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار تىللىرى باشقا - باشقا ئىچكى قانۇنىيەتلەرەئە ۋە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىككى سىستېمىدىكى تىللاردۇر. ئەرەپ ۋە تۈركىي تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى پۈتۈنلەي بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوشقان ھەرپلىرىمىزمۇ ئۆزىگە خاس ئايرىم ھەرپلەرنى يارىتىش بىلەن ئەمەس، ئەرەپ يېزىقىدا ئېشىپ - تېشىپ ياتقان چېكىت ۋە پەشلەرنى كۆپەيتىش يولى بىلەن بولدى. نەتىجىدە، چېكىت، پەشتىن زېرىكىپ كەتكەن خەلقىمىز مەتبۇ'ئاتتا كۆپ قىيىنچىلىق بىلەن تەرغىپ قىلىشىمىز ۋە ئىشلىتىپ ئاۋارە بولۇشىمىزغا قارىماي، ئۇ ھەرپلەرنى ئەمەلدە قوبۇل قىلمىدى. ئاز سانلىق كىشىلەردىن باشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلاردىن پايدىلىنالمىدى. 2) يېزىق ساۋات چىقىرىشقا، ئوقۇش، يېزىشتا ئاسان ۋە ئەپلىك بولۇشى لازىم ئىدى. ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ بۇ جەھەتتىمۇ بىرمۇنچە نۇقسانلىرى بار. ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە خاس 32 ھەرپ ئۈچۈن ئەرەپ يېزىقى ئاران 30 ھەرپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر ھەرپ باشتىن، ئوتتۇرىدىن، ئاخىرىدىن قوشۇلىدىغان، ئايرىم كېلىدىغان دەپ بىر نەچچىگە بۆلۈنىدۇ. شۇنداق قىلىپ 30 ھەرپ 111 خىل شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ 111 خىل بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر 111 شەكىلنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان 120 چېكىت، ئالتە ھەمزە، ئۈچ پەشنى ئايرىپ تاشلىساق، ئاساسىي شەكىل 16 دىن ئاشمايدۇ. مەسىلەن، ئا، ب، ئو، ك، ب، د، ر، ئى، ل، م، س، ، ھ، ، ئو، ئە ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى، ساۋات چىقىرىشنى ۋە ئوقۇش، يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ئىملادىكى تۇراقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولماقتا. 3) يېزىق شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرق قىلىشى، پەن - تېخنىكىدا پايدىلىنىشقا ئەپلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ يېزىق بۇ تەلەپكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ھازىر قوللىنىۋاتقان يېزىقنىڭ مۇرەككەپلىك ۋە قالايمىقانچىلىقى مەتبۇ'ئاتتا خاتالىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا. بىر چىش ياكى چېكىتنىڭ ئارتۇق ياكى كام بولۇشى سۆزلەرنى بىر مەنىدىن يەنە بىر مەنىگە ئايلاندۇرۇۋېتىپ، جۈملە مەزمۇنىنى بۇزۇپ قويىدۇ. چېكىت ۋە چىشلارنىڭ سۇنۇپ كېتىشى سىياسىي جەھەتتىن بەزى خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ دۆلەتكە نۇرغۇن زىيان كەلتۈرمەكتە. 4) ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىزنىڭ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا چىقىۋاتقان ئەدەبىياتتىن پايدىلىنىشقىمۇ دەخلى قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خەنزۇ خەلقىنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنىشىگىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇنداق كۆرسىتىلدى:

    1) ئەرەپ ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا ئاران ئۈچ ھەرپ بېرىلگەن بولسا، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشقا سەككىز ھەرپ بېرەلەيدۇ (بۇنىڭ ئالتىسى سىلاۋيان ئېلىپبەسىدە بار ھەرپلەر، ئىككىسى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدا يېزىق يارىتىش جەريانىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن ھەرپلەردۇر). ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارغىمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىدىن (ئەسلى سىلاۋيان يېزىقىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ۋە ئەسلى سىلاۋيانچىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تەرىپىدىن قوشۇلغان ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ) يېتەرلىك مىقداردا ھەرپ ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلۇشى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەردە ئوقۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېقىن كېلىدۇ. 2) سىلاۋيان يېزىقىدا ھەربىر تاۋۇش شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن كەسكىن پەرق قىلىدىغان مۇستەقىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. 3) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن، زامانىۋىلاشقان پەن - تېخنىكىسىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىلمىي ۋە بەدى'ئىي ئەدەبىياتىدىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 4) سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز خەلقلىرى ۋە باشقا خەلقلەر ھەم ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن يات يېزىق ئەمەس. 1954 - يىلىدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 5 - يىللىقىدا سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلدى.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.