• 2009-01-30

    قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلغى - [تاللانما ماقالىلار]

    ھەلىمە قايىت

       بىر قانچە يىللىق سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن، ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى، مېنىڭچە، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك:

      1. سىنىپ مۇدىرى ئالدى بىلەن ئالىيجاناب كەسپىي ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك پەزىلەتتۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىكەسىپ ئەخلاق تونۇشى ۋە ئەخلاق ھېسسىياتى، كەسىپ ئەخلاق غايىسى ۋە ئىرادىسى، كەسىپ ئەخلاق قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلىشتا سىنىپ مۇدىرى جەزمەن ئۆزىدە ئالىيجاناب كەسىپ ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

       2. سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ساپاسى، خىزمەت ئىقتىدارى، باشقۇرۇش سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

       3. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈشى، كەسپىگە سادىق بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە، ئۇلار بىلەن سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراشقا، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە، خەلقنى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈشكە، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشتەك ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلغان بولۇشى كېرەك.

       4. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى توغرىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى، ئۆگىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋە ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، شۇ ئاساستا يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.

       5. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. بىلىم ئىگىلەش ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەدرىجىي يېتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، دەم ئېلىش ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك.

       6.  سىنىپ مۇدىرى شۇ سىنىپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مۇكەممەل بىر سىنىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ياخشى بىر سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى شۇ سىنىپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مۇكەممەل بىر سىنىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك تۈزۈملەرنى سىنىپ يىغىنى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىنىپ يىغىنىنى پىلانلىق، مەقسەتلىك، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېچىشى، ھەپتىلىك خۇلاسىنى ياخشى چىقىرىشى، ياخشىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىشى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلىپ، كېيىنكى ھەپتىلىك پىلاننى تۈزۈپ، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىق تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.