• 2009-02-18

    ھازىرقى زامان «قوش تىل» مائارىپى توغرسىدا ئويلىغانلىرىم - [تاللانما ماقالىلار]

       مەن خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان بولۇپمۇ شۇ يىراق يىزىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا ماڭغاچ ئۆزۈم ۋە ئۆزۈممۇ كۆرۈپمۇ باقمىغان ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان شىرىن خىياللار نى سۈرگەن ئىدىم،ئەمما مەكتەپ نىڭ ئوقو-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزۈم خىيالىدىكىدىن خېلىلا يىراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتم،بولۇپمۇ ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەپ سۆزلىرى بولدى ،ئۇلار ماڭا خۇددى مەكتەپكە كۈن ئۆتكۈزۈپ مائاش ئىلىش ئۈچۈنلا كەلگەندەك تۇيۇلاتتى،ئۇلار دائىم «ۋاي بۇماڭقىلارغا ئۆزۈڭنى ئۇپىرىتىپ نىمە قىلىسەن؟بىر سائەت دەرس سۆزلەپ ئاخىرىدا ئەڭ ئاددى سۇئالنى سورىساڭ گۆشىيىپ قاراپ تۇرىدۇ،بەرىبىر كۈچىگەننىڭ پايدىسى يوق!»دەيدۇ. 
    قوش تىل ئوقۇتۇشىدا بولسا ئوتتۇرا مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىغا باشلانغۇچتىن دەرس ئۇقمايدىغان،مەكتەپ بويىچە ئەڭ ناچار بالىلارنى تاللاپ بىرىدۇ،سىز ئۇبالىلارغا بىرھەپتىدە 18سائەت خەنزۇتىلى بىرىسىز،قالغان18سائىتى بولسا باشقا 4پەن دەرس بولىدۇ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتە 5يىل ئوقۇپمۇ ئىسمىنى يىزىشنى بىلمەيدىغان بالىلار بار،ئارىسىدا نەچچىسىنىڭ ئائىلىسىدىكەر بالامنى ئوقۇتمايمەن دەپ كۈندە كىلىپ بىشىڭىزنى ئاغىرىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇبالىلار نىڭ نەچچە بىرسى ئىنتىزام بۇزۇشتا ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ،دەرس ئۈگۈنۈش نىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۈگۈنىشىگە «ئاكتىپ ياردەم»بىرىدۇ. 
        مەكتەپتە بولسا ھەربىر ئىشىڭىز پۇلغا تاقىلىپ بارىدۇ،چۈنكى مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە«پۇلغا ئىشلىگى»كەلگەن،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىمىزدەپ كۈندە شۇئار توۋلايمىز،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئالدىنقى شەرتى:ئوقۇتۇشنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش،مۇھىم شەرتى: ئوقۇتۇشنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش، ئاساسى:ئوقۇتۇشنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش»بولىدۇ.شۇئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئوقو-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى «يۇقىرى كۆتۈرىمىز» دەپ يۈرىمىز.كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئىش ھەققىڭىزنى تۇتىدۇ،شۇسەۋەبتىن سىز ئىش ھەققىڭىزنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دەرسمۇ سۆزلىمەي دەرس تەييارلىقى قىلىشقا،بالىلاردىن ئىلىنمىغان سىناققا ئۆزىڭىز نۇمۇر قويۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولىسىز.مەكتەپتە بىركۈن ئۆتسە مائاش ئالىدىغان ۋاقىتتىن يەنەبىر كۈن ئازايدى دەپ كۈن ساناپ ئۆتىسىز،قوشتىل سىنىپلارغا بولسا كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دىگەندەك باشقا بالىلارنى قويۇپ بىرىپ يەنە بىر سائەتكىچە تىلىۋىزور بويۇپ بىرىسىز،وقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيى يىراقلىرى 20نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىن كىدىغانلىرىمۇبار،مەكتەپ مەخسۇس تىلۋىزور كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالىدىغانلار بار بولۇپ ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى كەم بولۇپلا قالسا 50كوي جەرىمانە تۆلەيسىز ،سەۋەپ سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ،بىرسىنىپتا ئوقۇچى سانى 45تىن كەم بولسا بولمايدۇ،سانغا كاپالەتلىك قىلالايسىزئەمما ئاخىرىدا شۇ45نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ كەم دىگەندە 30نىڭ يىشى توغرا كەلمەيدۇ ،قالغان 15تىن بىرنەچچىسىنىڭ ئىمتىھانغا قاتناشقۇسى يوق بولۇپ چىقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاران 5-6سى ياكى7-8ى ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ،ئەمما ئۇلار «مەكتەپتە كىتاپنى ئىنتايىن كۆپ كۆرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ»چۈنكى ئۇلار تەييارلىق سىنىپتا بىرىچى ئوقۇش مەۋسۈمىدىلاباشلانغۇچ مەكتەپتە 4يىل ئوقۇغان خەنزۇ تىلى دەرسنى ئوقۇپ تۈگـىتىپ بولالايدۇ،ئىككىنچى مەۋسۈمدە بولسا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3يىللىق دەرسىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولالايدۇ،ئۆزىنىڭ ئىسمىنى جايلاپ يازالمايدىغان بالىلار بولسا خۇددى كىنو كۆرگەندەك ئولتۇرۇپ ھىچنىمە ئۈگىنەلمەيدۇ،دەرسنى ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگىدەك ئالدىرىماي ئۆتۈپ قالسىڭىز پىلاندىن كىيىن قالىدۇدە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كىيىن قالغان بىر سائىتىگە 50كويدىن بىرىشكە مەجبۇر بولىسىز،شۇندىن كىيىن سىزمۇ ئوقۇھۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارىماي بەلكى قولىڭىزدىكى مۇقەددەس پىلانغا قاراپلا دەرس سۆزلەيدىغان بولىسىز،شۇسەۋەپلەر تۈپەيلى قوشتىل ئوقۇتىشىنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەمما سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئاساستا« ئوقو-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»مەقسىتىگە يىتىسىز.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈش كۆرسەتكۈچى ئورۇنلانماي يەنىلا شۇسىنىپلارغا دەرس بەرگەن گۇناھىڭىزغا جەرىمانە تۆلەيسىز ،بۇقىتىملىق جەرىمانە بىلەن سىز مەكتەپتە كام دىگەن 3ئاي مائاش ئالماي ئىشلەيسىز.
    سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى ھەممە ئىشتا مەن بۇيەرگە پۇلغا ئىشلىگى كەلگەن دىگەن نىيەت بىلەنلا .ئشلىسە ئۇنى ئوقۇتقۇچى دەمدۇق ياكى مەدىكارچى دەمدۇق، شۇنداقلا بولىۋەرسە شۇ مەكتەپتىكى 597 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنما؟؟؟
    ...
    مەنبە  :ئەلقۇچار مۇنبىرى




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.