-
2009-02-18
ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىق ۋە بېسىم - [ئىككى ئاساسەن ماتىرىياللىرى]
تۇردى توختى
ئىنسانىيەت دۇنياسى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەرەققى قىلىدىغان دۇنيا،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ تەرەققى قىلىپ بۇەۇنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىگە يىتىپ كەلدى.بۇ دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرىدىغىنى تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ئىنسانلارنىڭ ئۈزى.تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان ئىنسانلاردا چۇقۇمكى بەلگۈلۈك بىلىم ئىختىدار بۇلۇشى كېرەك.بۇنداق بولمىسا ئىنسانلار ئادىمىلىكىنى يۇقۇتۇپ دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسئۇليىتىنى ئادا قىلالمايدۇ.
دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ھازىرقىدە بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدە مىللەتلەرنىڭ ئوينىغان رۇلى ئوخشاش بولمىدى.تەرەققى قىلغان مىللەت ۋە رايۇنلار دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپىلەرنى قۇشۇپ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلدى.تەرەققى قىلالمىغان مىللەت رايۇنلار بولسا تەرەققى قڭلدۇرۇش مەسئۇليىتىنى ئادا قىلالمايلا قالماي بىر ھىساپتا ئۇلار دۇنيانىڭ يۈكىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ نوختا شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ئەمدى كىشىلەرنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە چەك قۇيۇلمىسا،ياكى ھۈكىمەت ئۆز پۇقرالىرىدىن بەلگۈلۈك مەدىنىيەت سەۋىيەسىنى تەلەپ قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى.چۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كىشىلەرنى شاللاپ تاشلىشى ئىنتايىن تىز بۇلىۋاتتى.
بۇ نوختىنى تىزلىك بىلەن تۈنۇپ يەتكەن ئېلىمىز ھۈكىمىتى 1990-يىللارنىڭ ئوترىلىرىدا <،ئىككى ئاساسەن>>دىن ئىبارەت بۇ ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن مەمىلىكەت مىقياسىدا ئوترىغا قۇيۇپ ،مەمىلىكىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە بەلگۈلۈك تەلەپلەرنى قويدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 1980-يىللاردا باشلانغۇچ مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان ئىدى.ئىككى ئاساسەن قۇرۇلۇشى بولسا ئېلىمىز ھۈكىمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە يەنە بىر بالداق يۇقىرى تەلەپ قويغانلىغىنىڭ بەلگىسى ئىدى.
ئىككى ئاساسەن>>دىگىنىمىز <<ئاساسەن ياش ،ئوتتۇرا ياشلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، ئاساسەن 9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇش >>دىن ئىبارەت بۇلۇپ بۇ ئۇمۇمى يۈلۈكلۈككە،مەجبۇرىلىققا،ۋە ھەقسىزلىككە ئىگە بولغان بىر خىل ئەل رايى قۇرلۇشى بۇلۇپ ،ئۇ يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان كەڭ مائارىپ ساھىسىگە ئۇنتۇلغۇسىز ياخشى شارايىتلارنى ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ئۇنتۇلغۇسىز بېسىملارنىمۇ ئېلىپ كەلدى.
ئىككى ئاساسەن ئاتا قىلغان خۇشاللىقلار
ئىككى ئاساسەندىن ئىبارەت ئەل رايى قۇرۇلىشى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكەڭ ئۇقۇتقۇچىلارغا مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە زور ىۇشاللىقلارنى ئاتا قىلدى.بۇ خۇشاللىقلار بولسا ئاساسلىغى تۇۋەندىكىلەردىن ئىبارەت
1)مەكتەپ ئۆي-ئىمارەتلىرىدىكى ئۆزگۇرۇشلەر:-ئىككى ئاساسەننىڭ 3-چوڭ كۆرسەتكۈچى بولغان مەكتەپ شاراتىتى قىسىمىدا ھەر خىل،ھەر دەرجىلىك(9يىللىق مە مەجبۇريەت مائارىپى باقۇچىدىكى مەكتەپلەر)مەكتەپلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىگە نىسپىتەن قاتتىق تەلەپلەر قۇيۇلغان بۇلۇپ ،مەكتەپ ئۆي-ئىمارەتلىرى ئۆلچەم بۇيۇچە تەلەپكە يەتمىسە ئىككى ئاساسەن خىزمىتى ئۆتكىزىپ ئېلىنمايدۇ.بۇنداق قاتتىق كۆرسەتكۈچنىڭ بۇلۇشى تۇرۇتكىسىدە ھەر دەرىجىلىك ھۇكۈمەتلەر مەيلى خالىسۇن مەيلى خالىمىسۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ مەكتەپلەرنى ئاساسى جەھەتتىن يېڭىلاپ سېلىپ كەڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا ئازادە سىنىپ ئىشخىنىلارنى ئاتا قىلىپ ئۈلارنىڭ كۆڭلىگە ىۇشاللىق ئۇرۇقىنى چاچتى
يۇقارقىدەك تەبىرنىڭ تۇرۇتكىسىدە ھازىر مەيلى يېزا-قىشلاقلاردا بولسۇن،مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەكتەپلەر بولۇش ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.
2)ئەسلىھە-ئۈسكىنىلەرنىڭ سەپلىنىشى:-يەنە ئىككى ئاساسەننىڭ مەكتەپ شارايىتى قىسىمىدا مەكتەپتىكى ئەسلىھە ئۈسكىنىلەرنىڭ سەپلىنىشىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئەسلىھە ئۈسكىنىلەرنىڭ سەپلىنىشى ئۆلچەمگە يەتمىسە ئوخشاشلا بۇ خىزمەت ئوتكىزىپ ئېلىنمايدىغان بولغاچقا ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەر زور دەرىجىدىكى مەبلەغ چىقىرىپ ئەسلىھە ئۈسكىنىلەرنىڭ سەلىنىش نىپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۆلچەمگە يەتكۈزدى.بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ تەجىربىخانىلىرى جانلىنىپ تەلەپ قىلغان كورسەتمىلىك تەجىربە ۋە ياكى ئۇقۇغۇچىلار تەجىربىسىنى تۇلۇقى بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى.
3)مەكتەپلەر قىرائاتخانىسى ۋە ;ئىككى كۈچۈرۈم بىر تۇلۇقلىما;:-مەكتەپ شارايىتى كۆرسەتكۈچىدە يەنە مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا توغرا كېلىدىغان كىتاپنىڭ سانى ئېنىق ئوتترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ،بۇ ئتكەلدىن ئوتەلمىسىمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئاساسەن خىزمىتى لاياقەتسىز ھىساپلانغاچقا مەكتەپ قىرائەتخانىسىگە زور تۈركىمدىكى كىتاپلارنى سەپلەشكە توغرا كەلدى .بۇنىڭ بىلەن ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەتلەر مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ئۆلچەم بۇيۇچە قۇرۇپ،رەتلەپ چىقىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسۇزلىغىنى قاندۇردى.
يە بۇ خىزمەت يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن مەجبۇرى مائارىپنىڭ ھەقسىز بۇلۇش خارەكتىرى دۆلىتىمىز ئىقدىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەەىشىپ ئاستا-ئاستا نامايەن بۇلۇشقا باشلىدى.بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەيلى شەھەرلەردە مەيلى يېزىلاردا بولسۇن 9يىللىق مەجبۇريەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ پۇلى،پارچا راسخۇت پۇلى پۇتۇنلەي كۈتۈرۋېتىلىپ بۇ چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى ھۈكىمىتىمىز ئۈستىگە ئالدى.ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوسۈپ يىتىلىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئۇلارنىڭ تاماق يەردەم پۇلىغا تۇلۇقلىما قۇشۇپ بىرىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش جەھەتتىكى ئېتىياجى ئاساسى جەھەتتىن قاندۇرۇلدى.بۇ ئەل رايى قۇرۇلۇشى مائارىپ سېسىتمىسىدىك خادىملارنىلا خۇشال قىلىپ قالماي يەنە مىليۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىمۇ خۇشال قىلدى
4)مەكتەپ ھويلا-ئارىملىرى:-يۇقارقى كورسەتكۈچتە يەنە مەكتەپلەرنىڭ كۈكەرتىش نىسپىتىغا شۇنداقلا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پالىيەت مەيدانلىرىغا نىسپەتەن ئېنىق تەلەپ ئوترىغا قۇيۇلغان بولغانلىغى ئۈچۈن ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەر مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىش ئارقىسىدا مەكتەپلەرنىپ پالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ياخشىلىنى ۋە كۈكەرتىش نىسپىتىنىو ئولچەمگە يىتىشى بىلەن مەكتەپلىرىمىز باغچىلاشقان مەكتەپلەرگە ئايلىنىپ ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك ئىسىمى-جىسىمىغا ماس كەلگۈدەك تەربىيە سورۇنىغا ئايلاندى.
5)زامانىۋى ئۇقۇتۇش ئۈسكىنلىرنىڭ قاپلىنىشى:-ئىككى ئاساسەن خىزمەتلىرىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى تەبىئى ھالدا مەكتەپلەرنى دۆلەت قوللاشنى تەلەپ قىلىپ ،ئىككى ئاساسەندىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ئوتكۈزۈپ بىرىشتە زۈرۈر بولغان مەغلەغنى دۆلەت چىقىرىشىنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئوترىغا قۇيدى.ئەمىليەتتىمۇ بۇنداق زور سوممىلىق مەبلەغنى دۆلەت ئۈستىگە ئالمىسا باشقا ھەرقانداق ئىجدىما كۈچ ئۈستىگە ئېلىپ ھۆدىسىدىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن پارتىيە-ھۈكىمىتىمىز تۇر قۇرلۇشدىن ئىبارەت ئەل رايى قۇرلۇشى يۇلغا قۇيۇپ مەكتەپ شارايىتىنى ياخشىلىدى.گەۋدىلىك بولغانى مەكتەپلەردە يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى ۋە ئۇقۇتۇش سىنىپلىرى،كومپىيۇتېر ئۇقۇتۇش سىنىپلىرى،مۇزىكا ئۇقۇتۇش سىنىپلىرى....قاتارلىق زامانىۋى ئۇقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى كەڭ كۈلەمدە سەپلىنىپ ،مائارىپ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنىمى زور دېرىجىدە يۇقىرى كۈتۈرۈلدى.كەڭ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار يېڭى ئۇچۇر-تېخنىكىلاردىن،بىلىمنىڭ ھازىرقى يېڭىلىنىش ئەھۋاللىردىن ۋاختىدا خەۋەردار بۇلالايدىغان بولدى.بۇلۇپمۇ ئىتىرنىتنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشى مەكتەپ بىلەن دۇنيانى بىر ئايلىگە ئايلاندۇردى.
6)ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تارىخى،سالايىتى ۋە تەربىلىنىش پۇرسىتى:-ئىككى ئاساسەننىڭ 2-كۆرسەتكۈچى بولغان قۇشۇن قۇرۇلىشى قىسىمۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تارىخىغا قاتتىق تەلەپلەرنى قويغان بۇلۇپ ئۇقۇش تارىخىدا ئۆلچەمگە يەتمىسە ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى مەقسىدىگە يەتمىدى دەپ قاراپ بۇ خىزمەتلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەيدىغان بولغاچقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تارى بۇيۇچە ئۆلچەمگە يىتىشىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنى بىلىم سەۋىيىسىگە قاتتىق تەلەپ قويدى.بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تارىخى يۇقىر بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقىقى تەربىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سالايىتىگە چەك قۇيۇپ ماس سالايەتنى ھازىرلاش قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن ئۇقۇتقۇچىلاردا تىرىشىپ ئۈگىنىپ ،سالايەت ھازىرلايدىغان ياخشى ئادەت يىتىلدۇرۇلدى.بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ماس دېرىجىلىك ئۇقۇتقۇچىلىق سالايىتىنى ھازىرلىيالمىغانلار ئۇقۇتقۇچىلىق سىپىدىن ئايرىلىشتەك رىياللىق ئۇقۇتقۇچىلار توغرا بولغان رىقابەت قارىشىنى يىتىلدۇرۇپ ساپاسىنى ئوستۈرۈشكە تۈرۈتكە بولدى.
ئىككى ئاساسەن يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم يېڭىلاپ تۇرۇشىغا بەلگۈلۈك شەرت قۇيغاچقا ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەت ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجدقمائى بىلىمى ۋە بىلىمنى يېڭىلىشىدا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى .بۇنداق تەربىلىنىشكە كەتكەن خىراجەتنى ھۈكۈمەت ئۈستىگە ئېلىپ ،شەخسىلەنىڭ خاتىرجەم ئۇقۇشىغا شارايىتلارنى ھازىرلاپ بەردى
يۇقارقى ئەھۋاللار ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى يىتىلدۈرۈشكە تۈرۈتكە بولدى
ئىككى ئاساسەن ئېلىپ كەلگەن بېسىم
ئىككى ئاساسەن يۇقارقىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنە ئۇقۇتقۇچ-ئۇقۇغۇچىلارغا بەلگۈلۈك بېسىملارنىمۇ ئېلىپ كەلدى.بۇنى يىغىنچاقلىساق تۈۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
مەن بۇ نوختىدا تەسىلى توختالمايمەن ،تىما خاراكتىرلىك ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن ،چۈنكى ئىككى ئاساسەننى بېشىدىن ئۆتكەزمىگەن 9يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرمۇ ئۇقۇتقۇچىسى بولمىسا كېرەك.
1)ئىككى ئاساسەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارنى ھەدىدىن ئارتۇق ئاشۇرۋېتڭپ ئۇقۇتقۇچىلاردا ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن زىرىكىدىغان رىياللىقنى شەكىللەندۇردى.
2)ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرنىڭ ئارام ئېلىش ۋاختى ئاساسەن كاپالەتكە ئەگە بولمىدى.
3)قۇشۇمچە خىزمەتنىڭ كۆپ بۇلۇشى ئۇقۇتۇش سۈپىتىن تىزدىن تۈۋەنلىتىۋەتتى.مەنبە: شەبنەم تورى历史上的今天:
3 مىليون 300 مىڭ ئوقۇغۇچى سۇغۇرتىغا ئېرىشىدۇ 2009-02-18(2) قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا 2009-02-18ياغلىق چەگسىڭىز مەكتەپكە كەلمەڭ 2009-02-18«ئىككى ئاساسەن» تەشۋىقات ماتېريالى 2009-02-18