1. ئامانىساخان (1534 - 1567) يەركەن خاندانلىقى دەۋېرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس .
ئۇ 1534 - يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى(ھازىرقى ئاۋات ناھىيسى ) قۇمۇش مەھەللە يىزىسىدا نامىرات ئوتۇنچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئامانىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۇجىزىنىڭ « تارىخى مۇسقىيىن » ناملىق ئەسىردە خاتىرلەنگەن .
ئامانىساخان 13يىشىدا ئابدۇرەشەتخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كىيىن 20 يىللىق ئوردا ھاياتىدا فىئوداللىق نەسەپ قارشىنىڭ چەكلىمىسى ، جاھالەتچى سوپى - ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر «12مۇقام»نىڭ سىستىمىلىشى ، مۇكەممەللىشى ئۆچۈن يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان . ئۇ يەنە خانىم - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمىلىيە»، «شورۇلقۇلۇپ»، «قەلىپلەر كىڭىشى»، «دىۋان نەفسى»قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازغان . (ئىشرەت ئەنگىز )، (خوشالىق قوزغاش)دىگەن كۈينى ئىجاد قىلغان بولۇپ، 1567 - يىلى تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان .
2 . ئاخۇن ئاغچا
19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر . ئۇ 1860 - يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان خەلىق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمانخان غۇجام ( 1833 - 1863 )نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇرارخمانخان غۇجام قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدىھىلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان .
3. ئەسىرى
تەخمىنەن 18 - 19 ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تىپىلغان (باياز)غا شائىرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن
4. ئەنبەر ئاتىن (1870 - 1915) شائېرە ئەنبەرئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خىلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇ ئاسىيا يىقىنقى زامان دىمىكىراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋې ئىقىمىغا زىچ ماسلاشقان رىيالىستىك شائىرە ئىدى . ئۇ قوقەن خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان .
5 . باتىسخان ئانا
تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخچىلار ئۇنى غەربى يۇرت قەۋېملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداش دەۋېرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسخان ئانا »قەدىمقى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا .خەنزۇچە ھۇجقەتلەردە ئۇنى «شى ۋاڭ مۇ» دەپ ئاتىغان ئۇنىڭ «ئاق بولۇت قۇشىقى »، «باتىسخان ئانا كۇيى»ناملىق ئىككى پارچە شىئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن .
6. بۈۋې زەينەپ
1660 - يىللاردا ياركەنت شەھرىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئىسمايىلخاننىڭ قىزى بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋېرىدە يەركەندىكى يىشىل مەدىرىستە ئۇقۇغان، 1678 - يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خاندانلىقى مۇنقەرىز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمايىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا ياللاپ ئىلىپ كەتكەن . ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن .