-
ھەيكەل تېپىلغان جاي
بۇ ھەيكەل 1997-يىلى 4-ئايدا ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئازاق يېزا بويامەت كەنتى سەككىزىنچى مەھەللە جەنۇبىدىكى ئاتۇش بىلەن كاشغار ئارلىقىدىكى قۇمال تاغنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تەسكەي تەرەپ، <<ئىت يولىغا>>تۇتاش يارلىقتىكى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن ئۈچ مېتىر تۆۋەن توپا قاتلىمىدىن تېپىلغان. تېپىۋالغۇچى، ئازاق يېزىدىن پىنسىيىگە چىققان دىھقانچىلىق كادىرى روزى مۇھەممەد. ھەيكەل ئىككى ئاي بازارغا سېلىنىپ، قەشقەر مەدىنى يادىكارلىقلار سودا بازىرىدا چەتئەللىككە جۇڭگۇ پۇلى 70000(يەتمىش مىڭ يۈەن)گە سېتىلمىغان. مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەيكەل توغرىسىدىكى ئەسىرى قىزىلسۇ گېزىتىگە بېسىلغاندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ،1997-يىلى6-ئايدا ئازراقلا ھەق بىرىلىپ ئوبلاستلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىشخانىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
ھەيكەلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
ھەيكەلنىڭ باش كىيىمىدىن باشقا ئەزالىرى يالىڭاچ ، ئاجايىپ تاتلىق كۈلكە مەغرۇرلىقى بىلەن يىپيېڭى بىر ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلىۋاتقان قىياپەتتە ۋە بۇ قىياپەتكە ماسلاشقان، باش قىسمى، مەيدە قىسمى ۋە قوساقنىڭ يېرىلغان قىسمى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىلگەن... يېرىلغان قوساقتىن چۈشىۋاتقىنى مۈڭگۈزلىك كالىغا ئوخشايدىغان بوۋاق... ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى تەخمىنەن 18سانتىمېتىر . بەل دىيامېتىرى تەخمىنەن 8سانتىمېتىر، بېلى تەرەپ ئىنچىكە، يەلكىسى كەڭرەك بولۇپ ئايال ئىلاھ ھەيۋىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھەيكەلنىڭ <<ئوغۇزنامە>>داستانى بىلەن قىسمەن ماس كېلىش ئەھۋالى
<< ئوغۇزنامە>>دىن پارچە: .... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق:( بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ) شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز-چىرايى كۆك ئىدى، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر-پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى... ئانا ھەيكەلنىڭ قۇرسىقىنى يېرىپ چۈشىۋاتقىنى بۇقا(كالا) قىياپىتىدىكى بوۋاق بولۇپ، << ئوغۇزنامە>>دىكى: ... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق:( بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ) بىلەن تامامەن ئوخشاش. مىنىڭچە ئانىمىزىم (ئانىلىق ئۇرۇق)ئاساسى ئورۇندا تۇرغان تۇتۇم ئىتىقادىدا كالىنى ئۇلۇقلاش، جەمىيەت ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا شەكسىز بوي سۇنۇش رايىشلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكۈن. |
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.