-
كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان<<ئىز>>نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر<<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئىز>>، <<ئۆمۈر مەنزىللىرى>>، <<ئويغانغان زېمىن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە <<شېئىر ۋە شائىر>>،<<تۇرپان تەسىراتلىرى>> ،<<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ <<شېئىرىيەت>>، <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>، <<غەربىي دىيار ئەدەبىياتى>>قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
1982-يىلى1-ئايدا <<خەلق گېزىتى>> دە ۋە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ2- سانىدا<<قەشقەر كېچىسى>>ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر<<ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل>>دەپ مەدھىيىلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان<<جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى>>نىڭ 2-توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلغان ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى.
ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن.دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە<<سوپى ئاللا يار>>دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.
1934 - يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.ۋە1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋپت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.
ئۇ بۇ مەزگىلدە<<گاڭ قانات لاچىن>>،<<دولقۇنلۇق ھايات>>، <<يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>>،<<تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر>>، <<چىن مودەن>> (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى <<شىنجاڭ گېزىتى>>، <<يېڭى نۇر>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.
1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي<<تەرەققىيپەرۋەر>> لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى .ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <<يۈرەك مۇڭلىرى>> تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ <<سول>> لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.
پەقەت پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە <<ياخشى >>، <<كېرەك بولسا>>، <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>>، <<بوغدا ئانام>>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>،<<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>، <<گۈل ۋە ئازغان>> قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى10-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرلەشتى. ئابدۇرۇېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (ئۆتكۈر - ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى) 1923 - يىل 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قېلىپ، دادىسىنىڭ دوستى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تەپەيلىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇپتۇرپان ناھىيسىگە كۆچۈپ بارغان، ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئۆتكەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئازادلىقتىن كېيىن، خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 - يىل 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىرىيەت ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە ناھايتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <تاڭ شاماللىرى>، < ياخشى>، <مەن ئاق بايراق ئەمەس> قاتارلىق شېئىرلىرى؛ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>، <قەشقەر كېچىسى> قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ناھايىتى چوڭقۇر، قوللىنىلغان بەدىئىي تىل ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر پاساھەتلىك، ھېسايات بىلەن ئوبراز ناھايتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىيەتتە كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يازغان غەزەللىرى ھازىرقى زامان غەزەلچىلىكىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <دېڭىزدىن سادا>، <باش ئەگىم>، <شېئىر ۋە شائىر>، <قاشتېشىغا مەدھىيە> قاتارلىق ئېسىل نەسرلەرنى يازغان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە رومانچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يۈكسەڭ تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20 -، 30 -، 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى، ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان <ئىز> ۋە <ئويغانغان زېمىن> رومانلىرىنى يازدى. بۇ رومانلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ياخشى تارىخىي رومانلار ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە داڭلىق، نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ <ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرى - يۈسۈپ خاس ھاجىپ>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيۋى سىستېمىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1986 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا <>قۇتادغۇبىلىك< تەتقىقاتى جۇڭگودا> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن قارشى ئېلىنغان ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىيچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن تاتار ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى توغرىسىدا>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلىرىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك> قاتارلىق مۇھىم كلاسسىك ئەسەرلەرنى تۆھپە قوشقان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۈرەك مۇڭلىرى> (1946 - يىل، لەنجۇ)، <تارىم بويلىرى> (1948 - يىل، تىيانشان نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى، <قەشقەر كېچىسى> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، <ئۆمۈر مەنزىللىرى> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - نەسرلەر توپلىمى، <ئىز> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئويغانغان زېمىن> (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى بار.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا تەتقىقاتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىدى. |

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.