• 2009-01-31

    2-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى - [پىلان، خۇلاسىلەر]

    مەكتەپنىڭ 2008-2009-ئۇقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى

    پارتىيە ۋە دۆلەتنڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەستايدىل چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مائارىپ ئسلاھاتىغا يېقىندىن ئۇيغۇنلىشىش ، ساپامائارىپغا يۈرۈش قلىش قەدىمىىنى تىزلىتىپ ، ئۇقۇتۇش تەلىم – تەربيە سۈپتىنى ئۇمۇيۈزلۈك ئۆستۈرۈش ، ئۇقۇتۇش بىلەن ئادەم تەبىيلەشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىلىمىزنىڭ سۇتسىيالستىك زامنىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشى ئۈچۈن ياراملىق قۇرغۇچىلار ۋە ئىز باسارلارنى تەربيلەپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن مەكتىپىمىزدە بۇ مەۋسۇمدە تۈۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.
    1. ئىددىيۋى سيىاسى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىندۇ.
    مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى سىياسى تەلىم – تەربيە بۆلۈمى ، ئىتتىپاق كومتىتى  قاتارلىق تەشكىلات بۈلۈم ئىشخانلارنىڭ يىتەكچىلىكدە مەكتىپىمىزنىڭ سىياسى ئىددىيۋە خىزمىتى ھەقىقىى تۈردە چىڭ تۇتۇپ ئىشلىندۇ.
    1) ماركىسىزىم ، لېنىنىزىم ، ماۋزودىڭ ئىددىيسى ، پارتىينىڭ لۇشەن ، فڭجىن سىياسەتلىرى  ھۆججەت ، يوليۇرۇقلىرى ، 16-قۇرۇلتاي رۇھىنى مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا كەڭ تۈرىدە تەشۋىق قلىنىدۇ.  ھەم چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىلدۇ.
    2)سىياسى ئۆگىنشى كۈچەيتىلىدۇ. 16- قۇرۇلتاي رۇھى ۋە ئاساسى قانۇن تۈزتىلىمىسى داۋملىق تۈرىدە چۇڭقۇر ئۆگىنىلىدۇ. دىننى قانۇن بۇيچە باشقۇرۇش ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ 23 خىل ئىپادىسىگە ئالاقىدار بىلىملەردىن ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئائىت نەزىرىىيۋە بلىملەردىن ‹‹ مارالبېشى ناھيسىدىكى كادىر ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بلىشكە تىگىشلىك سىياسى نەزىرىيۋى بلىملەردىن ›› مارالبېشى ناھيلىك مائارىپ سىستىمىسنىڭ قائىدە – تۈزۈملەر توپلىمىدن ›› ئۆگىنش قلش داۋاملىق تۈرىدە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ 2- ۋە 5- كۈنلرى مەخسۇسى سىياسى ئۆگىنىش كۈنى قلىنپ ۋاقىت ئاجىرتىلىپ ئۇقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى نەزىرىۋىى سەۋۋىيسى يۇقىرى كۈتىرلىدۇ.
    ئۇقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ، قانۇن تۈزۈم تەربيسى ، ئاتىزىم تەربىيسى ، ماركىسىزىملىق بەش قاراش تەربىيسى ، كومىنىتىك غايە ، ئەخلاق تەربىيسى ، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيسى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيسى كۈچەيتلىپ ئۇقۇغۇچىلارنڭ سىياسى ئىددىۋى ئېڭىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۈتىرىپ ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ياخشىلىنىدۇ. شۇ ئارقلىق مەدىنى مەكتەپ ھويلىسى كەيپىياتى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.
    3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە – ئەخلاق تەربيسى قۇرلۇشى تىرىشىپ ياخشىلنىدۇ. مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىئيەتتىن ئىبارەت 3 تەرەپ زىچ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇقۇش يېشىدىكى باللارغا بولغان ئىددىيە – ئەخلاق تەربيسى كۈچەيتلىدۇ. مەكتەپتە تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش ، ئائىلىدە مەسئۇل بۇلۇش ، جەمىئەتتە قوغداش ھەقىقى تۈرىدە ئىشقا ئاشۇرلىدۇ. مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىئەتتكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە ئەخلاقىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك مەسىللەر تىرىشپ تۈزتىلىدۇ. ئۇقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەش ، تەن جازاسى بىرىش ، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىشتەك يامان ئىللەتلەر ۋەمەسىللەر مەكتىپىمىزدە تىرىشىپ تۈگىتلىدۇ. بۇ رئارقلىق ئۇقۇغۇچلارغا ئىددىيە ۋە پىسخىڭ پەزىلەت جەھەتتە ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشگە ياخشى سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىلىدۇ.
    4) ئۆز – ئار ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. بۇ بىر تۈرلۈك خىزمەت پۈتكۈل ئۇقۇتۇش ، تەلىم –تەربىيە خىزمەتلىرىدە بىر تۈرلۈك مەزمۇن سۈپتىدە چىڭ تۇتۇپ ئشلىندۇ. دىننىڭ مائارىپقاسىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنپ دىنىدىن مۇستەسنا تەلىم – تەربىيە بازىسى قۇرۇپ چىقلىدۇ. دىننى قانۇنى بۇيچە باشقۇرۇش ۋە قانۇنسىز دىن ھەركەتلەرنڭ 23 خىل ئىپادىسىنى ئۆگىنىش كۈچەيتلىىپ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرگە مەيدانى مۇستەھكەم ، بايرىىقى رۇشەن ھالدا قەتئى قارشى تۇرۇش . مەكتەپنىڭ جەمىئىيەتنىڭ ئجتىمائى مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەقىقى كۈچەيتىلدۇ.
    5) ئۇقۇتقۇچىلار كەسىپە ئەخلاق ئۆلچىمىگە رۇئايەقلىشقا بولغان تەلەپ كۈچەيتىلدۇ. يۈرۈش – تۇرۇش قىياپىتى ، ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى خەلىق ئۇقۇتقۇچىسىغا ماس بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىگە يات بولغان قلىمىش ، سۆز ھەركەتلەر قەتئى تۈزىتىلىدۇ.
    6) قانۇن تۈزۈم تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىدۇ. مەخسۇس يىغىن ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، مەكتىپىمىزدە بار ئاكتىپ ئامىللاردىن پايدىلىنىش بىلەن ساقچىخانا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردىن ئادەم تەكلىپ قلىپ لىكسىيە بىرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقلىق ئاساسى قانۇن ، جىنايى ئىشلا ر قانۇنى ، مائارىپقا ئالاقىدا ر قانۇن – نىزاملار ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھۇقۇق مەنپەتنى قوغداش قانۇنى ، يول – قاتناش قانۇنى ، خەتەرلىك ھادسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ، قاتارلىق قائىدە – نىزاملار ، مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرى كەڭ تۈرىدە تەشۋىق قلىنىپ مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئېڭى ، ئۈزىنى قوغداش ئېڭى يۇقىرى كۈتىرىلدۇ. قانۇن تۈزۈمگە خىلاپلىق قلىمىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
    7)ئۇقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىۋى – سىياسى ئەھۋاللىرى قەرەللىك ئىگەللىنىپ ، كۈرۈلگەن مەسىللەر ۋاختىدا تۈزتىلىپ ئولارنىڭ ئىددىيسى ، توغرا سىياسى يۈنلىشى ۋە ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراش يۈنلىشىگە قاراپ يىتەڭلىنىدۇ. بۇ  ئارقلىق ئۇمۇميۈزلۈك ھالدا توغرا بىر ئىددىيۋى كەيپىىيات ۋە ئىددىيۋى سىستىما بەرپا قلىنىدۇ.
    2.ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
    1) ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مەكتپىمىزگە بۇ يىل قۇبۇل قلىندىغان ۋە مەكتىپىمىزدە دائىم ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيىەت ئارخىپى ئەتراپلىق ، ئىنچىكە ، ئەستايدىل ئىشلىنىدۇ. بۇنىڭغا تۈرلەر بۇيچە مەخسۇس ئادەم ئاجىرىتىلىدۇ ھەمدە خۇلاسە قلىنپ مائارىپ ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىش بىلەن بىرگە مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسى قلىندۇ.
    ئۇقۇش باشلانغاندىن كىيىن مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەر قايسى دائىرلەرگە تەقسىم قلىنىپ ، ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ.  باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇقسىزغا قۇبۇل قلىنىش نىسبىتى %100 گە ، تۇراقلىشش نىسىبىتى %98گە يەتكۈزىلىدۇ. دائىرىلەرگە تەقسىم قىلىنغان ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇشتىن توختىۋالغان ئۇقۇغۇچىلارنى تۇلۇقلاپ قۇبۇل قلىش ، ھەيداكچىلىك قلىشىقا سەپەرۋەر قلىنىپ مەكتىىپىمىزگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق قۇبۇل قىلىنىشى ۋە دەرىسكە تۇلۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قلىنىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ داۋام نىسىبىتى %98گە يەتكۈزىلىدۇ.
    يېزا كەنىت رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، ئائىلە سۆھبىتى كۈچەيتىلىپ ، ئاتا – ئانلارنىڭ ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسى ھەل قلىنىپ ، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان ئۇمۇميۈزلۈك ھەيدەكچىلىك بارلىققا كەلتۈرۈلدى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن توختىۋېلىشى ۋە داۋامسىزلىق قلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
    2) ئاساسى مەۋقە ئۇقۇتۇش خىزمىتىگەمەركەزلەشتۈرىلىدۇ. بۇ يىل ئۇقۇش باشلىنىش بىلەنلا كىرەكلىك ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرى كەلتۈرۈلۈپ ، ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئۇقۇتقۇچىلارغا تارقىتىپ بىرلىدۇ. ھەم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۇملۇق ، يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ،شۇنىڭدەك ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۇقۇتۇش كالىندار پىلانىلىرنى تۈزۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرىلدۇ. دەرىس تەييارلاش جەھەتتە ، ساپا مائارىپىغا ئۇيغۇنلاشقان ، يېڭى دەرسىلىك ئىساھاتى بۇيچە دەرىس تەييارلاش ۋە دەرىس ئۈتۈش ئۇرۇنلاشتۇرىلدۇ. دەرىس تەييارلىقىنى ھەپتە بۇرن تەييارلاپ تەسستىقلىتىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ تاپشۇرۇق سىناق ئەھۋاللىرى ئۆلچەم بۇيچە بىرىش ئەھۋاللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ. شۇ ئارقلىق ئۇقۇتۇش ۋە تەدىرىجى ساپامائارىپغا يۈزلەندۈرىلدۇ.
    ئۇچۇق دەرىس ئۆلگىلىك دوكلات دەرىسىلىرنى ئۈتۈش مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ ئلغار ئۇقۇتۇش تەجىربىللىرىنى كىڭەيتىپ بىر تۈركۈم ساپامائارىپى ئۇقۇتۇش تاينچىللىرى تەرىيلەپ يىتىشتۈرىلدۇ.  ئىلىمى لىكسىيەت سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كەڭ سورۇن ھازىرلاپ بىرىلىدۇ.
    ئۇقۇتقۇچىلارنڭ كەسىپ ئۆگىنىشى كۈچەيتىلىپ ئۇلارنىڭ كەسپى بلىم سەۋۋىيسى ئۆزلكىسىز ئۆستۈرلۈش بىلەن بىللە يەنە خەنزۇتىلى ئۆگنىش كۈۋچەيتىلىپ ، قوش تىل ئۆزگىتىشىكەئەھمىيەت بىرىلدۇ. بۇ ئارقلىق ئۆزلكىسىزبىلىم تۇلۇقلاش ، بىلىم يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بىرىلىپ يۇقىرى ساپالىق ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
    ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى كۈچەيتىەلىدۇ. . بۇ مەۋسۇمدە ئۇقۇتقۇچىلار بىر پارچىدىن ئىلىمى تەتقىقات ماقالىسى يېزىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 12- ئاينىىڭ 3- ھەپتىسى ئىلىمى ماقالە باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ مۇنەۋۋەر ماقالە مەتبۇئاتلارغا يوللىنىدۇ.
    ھەر قايسى پەنلەرگە كونكىرىت نىشان كۆرسەتكۈچ بىكىتىلىپ ، ئۇقۇتۇش پىلانلىق ، مەقسەتلىك قانات يايدۇرۇلۇپ ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپتى كۈرنەرلىك كۈتىرلىدۇ.
    ئىككىنىچى دەرىسخانا پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلانىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسىنڭ ئۆستۈرلىشىگە كەڭ سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىلدۇ. ئىككىنچى دەرىسخانا پائالىيەتلىرىگە بولغان تەشكىللەش ۋە يىتەكچلىك كۈچەيتىلدۇ.
    3.تۈرلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەر كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ مەنىۋى – مەدىنىيلىك قۇرۇلۇش خزىمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
    1)ھەرقايسى پەن ئاساسى بلىم ماھارەتلىرىنى ئاساس قلىغان زىھىن سىناش ،ماھارەت كۆرسىتىش ، پائالىيەتلىرى تۈرلۈك سىياسى نەزىىرىيە بلىملىرى ، دىنىىنى قانۇن بۇيچە باشقۇرۇش ۋە قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنىڭ 23 خىل ئىپادىسىگە ئالاقىدار بلىملەرنى ، مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرى ۋە قۇرمىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە – ئەخلاق قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئائىت نەزىرىيۋى بلىملەرىنى ئاساس قلىغان تۈرلۈك شەكىلىدىكى زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىىنش قىزغىنلىقى، بلىم سەۋۋىيسى ، نەزىرىىيەسەۋۋىيسى يۇقىرى كۈتىرلىدۇ.
    2) تۈرلۈك بايرام ، خاتىرە كۈنلەردىن پايدىلنىپ ئۇقۇغۇچىلار تۈرلۈ ك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىلدۇ. ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيەتلىرىدە كەڭ قانات يايدۇرىلدۇ. ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، كوللىىكتىۋىزىملىق تەربىيسى ، سەنئەت تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    3) ھەر خىلى شەكىلدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلرىى ئۆزلىكىسز ئېلى بېرىلىپ ئۇقۇغۇچلارنىڭ جىسمانى ئقتىدارى ۋە جىسىمانى ساپاسى يۇقىرى كۈتىرىلىدۇ.
    4) تۈرلۈك مەزمۇندىكى لىكسيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ ، ئۇقۇغۇچىلارنڭ سۆ ز، نۇتۇق ئىقتدارى ئۆستۈرۈلگەندىن باشقا ،ئىلىم – پەننى سۈيۈش ، سۇتسيالىزىمىنى ھىمايە قلىىش ، مۇقىم بولغان ئىجتىمائى ۋەزىيەتنىڭ قەدىرىگە يىتىش ، خۇراپاتلىققا دىنى ئەقىدىلەرگە ئىشەنمەسىلىك ھەققىدىكى .ئىلىمى تەربىيە بىرلىدۇ.
    5) ساغلاملىق تەربيسى كۈچەيتىلىپ يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالىدنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۈرۈش  ھەققىدىكى تەربىيە خىزمىتى كۈچەيتلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتى ، بىخەتەرلىك تەربىيسى كەڭ قانات يايدۇرلۇپ تۈرلۈك ھادىسلەرنڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىسىمانى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    6) قارا تاختاي گېزىتى ئىشلەش ، لۇزۇنكا ئېسىش ، شۇئار يۇپۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىپ ، مەكتەپ ھويلىسىنىڭ مەدنىيلىكى يەنى مەكتەپ ھويلىسى مەدەنىيەت پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    دىمەك يۇقرىقىدەك بىرقاتار خىزمەتلەر ئەتراپلىق ياخشى ئىشلىنىشى ئارقلىق مەنىۋى – مەدىنيلىك قۇرۇلۇشى كۈچەيتلىپ ، ناھيە دەرجلىك مەدىنى ئۇرۇن بەرپا قلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتلىدۇ.
    4.پارتىيە ئىستلى پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.
    مەكتىپىمىزدە مەخسۇس رەھبىەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، رەھبەرلىك كۈچەيتلىپ پارتىيە ئسىتىلى پاكلىق قۇرۇلشى خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئشلىنىدۇ. كەسىپتىكى ناتوغرا ئستىللار قەتئى تۈزتىلىدۇ. نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ، نامۇۋاپىق سېلىق سېلىش قلىمىشلىرى قاتتىق چەكلىندۇ. ئىش ھەققى تارقىتىش ھەققىدىكى تۈرلۈك ناچار خاھىشلار ، بىنۇرمال ئەھۋاللار قتئى تۈزتىلىپ چىرىكلىششنىڭ ئالدىن ئېلىنىدۇ.
    5. تىرىشچانلىق بلەن ئشلەپ ئقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ. ئەستايدىل پىلانلاش ، ئەتراپلىق تەشكىللەش ئاساسىدا ، بۇ يىل كۈز پەسىلدىكى كۈزلۈك يىغىمىنڭ جىددى پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۇقۇغۇچىلار ھەقلىق مۇلازىمەت ئەمگىكى بۇيچە تەشكىللىنىپ ،بۇ يىللىق تىرىشىچانلىق بىلەن ئىشلەپ  ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش مەبلىغى يىغىۋېلىندۇ. مەكتەپنىڭ قىزىل رەقىمى تۈگىتىلىىپ ، مالىيە كىرىمى ئاكتىپ بالانىسىقا ئۆزگەرتىلىپ ،كىىنكى بىر يىللىق ئۇقۇش ئۈچۈن پۇختا ئىقتسادى ئاساس ھارىىرلىنىدۇ.  چىقىم قلىشىتا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە مۇزاكىر ە قلىش ، يۇقىرى دەرجىلىك ئۇرۇنلارغا مەلۇمات يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چىقىم زور دەرجىدە تىجىلىدۇ، ئۇرۇنسىز چىقىمىنڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. مىھمان چاقىرىشى ، سوۋغا تەقدىم قلىش ، ئۆز كۈمچىگەچوغ تارتىش ، يۇشۇرۇن مەلۇم قلىشتەك مالىيە قائىدىسگە خىلاپ قلىمىشلارنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىدۇ.
    6. مەكتەپ باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرىلىدۇ. ھەر قايسى بۈلۈم ئىشخانىلارنىڭ فونكىسيىلىك رۇلى كۈچىيتىلدۇ. مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرىلىدۇ. تۈرلۈك باشقۇرۇش قائىدە – تۈزملىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ، مەكەممەللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئۇمۇميۈزلۈك مەسئۇل بۇلۇش ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى كونكىرىت مەسئۇل بۇلۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ ، مەكتەپنى قائىدە – تۈزۈم ئارقلىق باشقۇرۇش ، قانۇن بۇيچە ئۇقۇتۇش ھەقىقى ئشقا ئاشۇرىلدۇ.
    7.بىخەتەرلىك خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ . مەكتەپتىكى توك يوللىرى ، سۇ ، ئوت ئشلىتىش ئۇرۇنلرى بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ. خەتەر يۈز بىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئۇقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر كىچە – كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىككە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ ، 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. قورۇ تام ۋە باشقا قۇرۇلۇش ئەسلىھەلرىنىڭ خەتەرلىك كۈرۈلۈش ئىھتىمالى بولغان جايلىرى تۈزەپ تەرتىپكە سېلىنىدۇ. شۇ  ئارقلىق بىخەتەرلىك ، مەكتەپ ئىجتىمائى ئىدىئولۇگىيە بىخەتەرلىكى ، ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلىدۇ.
    8.قىشلىق تۇرمۇش ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرىلدۇ. بۇ مەۋسۇمدە قىش كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇقۇغۇچىلارنڭ ياتاق تاماق ، ئىسسىنىش ، تۇرمۇىشى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يېزىلىق پارتىكوم خەلىق ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ۋە قوللشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقلىق ئاشلىق ۋە يىتەرلىك ئىقتىساد ھەل قلىنىپ ئاشخانىدا ئۈچ ۋاق تاماق ياخشى ئۇرنلاشتۇرىلدۇ. كۈمۈر ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى ھەل قلىنىش ، سىنپلارنىڭ قشتا ئوت قالاش ، ئىشلىرىمۇ ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ.
    دىمەك : بۇ مەۋسۇمدا يۇقىرىقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەر ئەستايدىل ئىشلىنىپ ، مەكتىپىمىزنىڭ ئۇقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ۋەزىپىسى پىلان بۇيچە ياخشى ئۇرۇنلىندۇ.

     





    评论

  • 老师我要各种课外活动,教研活动计划,我很需要
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.