• 2009-01-31

    شىنجاڭدىكى داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت - [مەشھۇر شەخىسلەر]

    غازى ئەمەت

     



    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەمەت  شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، "چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى" بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان "غېرىپ _ سەنەم" ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
    مەھمۇت قەشقىرى
    رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتاپلار  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق "ئاماننىساخان"، "مەھمۇد قەشقىرى"، رابىيە _ سەئىدىن" ۋە "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.