-
2009-01-30
يېڭى دەرسلىكتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى - [تاللانما ماقالىلار]
يېڭى دەرسلىكتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى
ھۆرنىساگۈل ئابدۇل
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرمۇنچىسى ‹‹ماتېماتىكا دەرسى قىيىن، قانچە ئۆگەنسىمۇ يەنىلا ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالغىلى بولمايدىكەن›› دېگەندەك ئۈمىدسىز ئوي – خىياللاردا بولىدۇ، بۇنداق قاراشلارنىڭ مەلۇم ‹‹ئوبيېكتىپ›› سەۋەبلىرى بار، يەنى ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى بولسۇن، تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بولسۇن ۋە ياكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلار بولسۇن، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ياخشىراق نومۇر ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق ئوبيېكتىپ رېئاللىق يېڭى دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدىكى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىغا تەخىرسىز تەلەپلەرنى ئېلىپ كەلدى، مېنىڭچە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرسنىڭ تەلەپ – ئېھتىياجلىرى بويىچە تۆۋەندىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك:
1. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا ماتېماتىكا دەرسىگە نىسبەتەن قىزىقىش ھاسىل بولسا، تەبىئىي ھالدا ماتېماتىكا دەرسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىدۇ، ئوقۇتقۇچى سەۋرچان بولۇپ ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئېرىنمەي – تېرىكمەي ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىشى، قىزىقارلىق ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى ۋە ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ماتېماتىكىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىنى ھەم ئەھمىيىتىنى تونۇتۇشى كېرەك.
2. ئوقۇتقۇچى دەرسنى قىزىقارلىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پرىنىسپى بويىچە، قىيىنلىق ئۆتكىلىگە پېداگوگىكىلىق پاراسەت ۋە ماھارەت بىلەن يۈرۈش قىلىپ، كىچىك سوئال تاشلاش بىلەن نۇقتىغا شاخلاپ كىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىش كېرەك. كۆپىنچە ھاللاردا ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر قانچە خىل يېشىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر روھىغا مەدەتكار بولالىسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى زور بولىدۇ، نۆۋىتىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگەندە، يۇمۇرلۇق تىللارنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرەلىسە، ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنى يىغىلىدۇ، خۇشاللىق، ئازادىلىك ئىچىدە ماتېماتىكىلىق ساۋاتنى قوبۇل قىلالايدۇ.
3. ئوقۇتقۇچى ھەر خىل كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ماتېماتىكىلىق مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ماتېماتىكىلىق ئىپادىنى پرويېكسىيە ئاپپاراتى ياكى كومپيۇتېر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتسە، ئوقۇغۇچىلار شۇ مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىگىلەيدۇ – دە، مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە يېشىلىش يولى، يېشىمگە نىسبەتەن توغرا چۈشەنچىدە بولالايدۇ، بۇ بىر تەرەپتىن، ۋاقىتنى ئۇتۇپ، دەرسخانىدا تېخىمۇ كۆپرەك كۆرسەتمىلىك ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىشقا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ماتېماتىكا مەشىقلىرىنى كۆپلەپ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق، بۇ شۇ سائەتلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدۇ.
4. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. تاپشۇرۇق ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى مۇستەھكەملەش كۆزنىكى، بىراق، ئۇ قانداقتۇر ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاش بولماستىن، بەلكى دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن بىلىملەرگە ماس كېلىدىغان قىزىقارلىق ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى، ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلارنى تاپىدىغان مەشغۇلات. تاپشۇرۇقتا ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا ساھەسىدە شۆھرەت ۋە نەتىجە قازانغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قىزىقارلىق ئۆگىنىش ئادەتلىرى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەرنى ئوقۇش، تەسىرات ماقالىسى يېزىپ كېلىشكە تەشكىللەش كېرەك، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھەم ئىرادىلىك بولۇشىغا پايدىلىق.