• 2009-01-30

    ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن - [تاللانما ماقالىلار]

    ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يېتەكلەش كېرەك

    رەيھانگۈل تۇرسۇن

       ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، شەيئىلەرگە نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدۇ، سىرتنىڭ خىلمۇ خىل تەسىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىۋالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ:

      1. ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا يېتەكلەش كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئېڭى كۈچىيىپ، پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىگە ئانچە ئىتائەت قىلماستىن ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىشقا تىرىشىدۇ.  بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى يەنىلا بالا، دەپ قارىماستىن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش تەلىپىگە سەل قارىماسلىقى ۋە ئۇنى چەكلىمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىنى ھۆرمەتلىشى، مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، توغرا پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئورۇنلۇق ھەرىكىتى ۋە تەلەپلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلىش ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەنلىك ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەمما تاللاش قابىلىيىتى كەمچىل بولۇشتەك پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئىجابىي تەربىيە بېرىشى، ئىلھام بېرىشى كېرەك.

       2. ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،  ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش كېرەك. ياشلار – ئۆسمۈرلەر جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، زېھنى قۇۋۋىتى تولۇپ – تاشقان كېلىدۇ. ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىشى كۈچلۈك، بىلىم تەشنالىقى ئۈستۈن بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل پسىخىكىلىق ئالاھىدىكىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئىلىم – پەن بىلىملىرى دېڭىزىغا باشلاپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ دائىرىلىك بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك.

       3. ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىگە ئارتۇقچە چەك قويماسلىق، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى شۇنداقلا ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئادەم تەربىيىلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتىنى ئەستىن چىقارماي، قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىدەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى، پىكىر يۈرگۈزۈشى ھەم بۇ ھەقتە كونكرېت پىلان تۈزۈشى كېرەك. مۇمكىن بولسا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئىجابىي ئوسۇلنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.