• 2009-01-30

    ئوقۇغۇچىلاردا رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك - [تاللانما ماقالىلار]

    سېتىۋالدى قادىر

       مائارىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، سان – سۈپەت ئۈنۈمىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇۋاتقان، تاللىنىش ۋە شاللىنىش كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە تەربىيىلەش ئوبيېكتىمىز بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق ۋە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىپ، ياراملىق ئىز باسارلاردىن، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىم – تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىشى زۆرۈر. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:

       1. تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى رىقابەت ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش لازىم. بۇنىڭدا رىقابەت دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن رىقابەت بولىدۇ؟ رىقابەتنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ رىقابەت ئارقىلىق قانداق بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ھازىرقى دەۋرنى نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر، رىقابەت دەۋرى ۋە بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى دەيمىز؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەنچە بېرىپ، ئۇلارنى رىقابەت ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلىش كېرەك.

      2. شان  – شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى ياخشى ئوقۇش شەرەپ، ناچار ئوقۇش نومۇس، ياخشى ئىش قىلىش شەرەپ، يامان ئىش قىلىش نومۇس، ياخشى يولدا مېڭىش شەرەپ، يامان يولدا مېڭىش نومۇس، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش شەرەپ، چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش نومۇس، ئەمگەكنى سۆيۈش شەرەپ، ھۇرۇنلۇق نومۇس دېگەن كۆز – قاراشلارنى چۆرىدەپ كونكرېت تەربىيە بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

       3. ئوقۇغۇچىلاردا پايدا – زىيان ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردا پايدا – زىيان ئېڭىنى يېتىلدۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىش، ئادىل، پاك – دىيانەتلىك بولۇش، باشقىلارغا پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى شەرەپ دەپ بىلىش، كەمتەر سەمىمىي بولۇش، زىيانلىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا داۋاملىق ئىنتىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

       4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە ساغلام بولغان رىقابەت ئېڭىنى  تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا تۇرمۇشتا ئاددىي – ساددا، كەمتەر، ئەستايىدىل، سەمىمىي بولغان، ئۆگىنىشتە تىرىشىدىغان، ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرىدىغان، ئۆگىنىش، كېلىپ – كېتىش، ئىنتىزام، ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتلەردە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈش ئۈچۈن تىرىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.