-
2009-01-30
خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى - [تاللانما ماقالىلار]
خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى
خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى
خۇرشىدەم سۇلايمان
ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بولغانلىقىدىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتىدۇ.
ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر خەنزۇ تىلى ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشتە دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى ھۇدۇقماي، ئەركىن ئازادە، ئۆلچەملىك، راۋان سۆزلىيەلمەسلىكتەك كونكېرت قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ بىر نەچچە يىللىق خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىكى تەجرىبەمنى ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە قىلماقچىمەن:
1. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئىزچىل تۈردە خەنزۇچە خام سۆز ۋە تېكىستلەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ، يېزىش مەشىقىنى ئىزچىللاشتۇرىش بىلەن بىللە، خام سۆز ۋە تېكىستلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇشنى مەشىق قىلىشى كېرەك.
2. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن چوقۇم خەنزۇ تىلىنى ئۇگىنىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇگىنىش پىلانى ۋە نىشانىنى تۇرغۇزۇپ، شۇ پىلان ۋە نىشان بويىچە ئۈگىنىشكە كىرشىشى كېرەك.
3. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىشتە جۈرئەتلىك بولۇپ، خەنزۇ يولداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىخىمى ياخشىلاپ، بىلمىگەن، توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغان گەپ – سۆزلەرنى تارتىنماي سوراپ ئۈگىنشتەك پىسخىكنى يېتىلدۇرۇشى كېرەك.
4. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجى، بىلىم ئىگىلەشتىكى كۆۋرۈك دەپ قاراپ، خەنزۇ تىلىنى مۇستەھكەم ئىگىلەشكە بەل باغلىشى كېرەك.
5. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشى كېرەك.
6. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر خەنزۇ تىلىنى كۆپ ئاڭلىشى، كۆپ سۆزلىششى، ئۇگەنگەنلىرىنى كۆپ مەشىق قىلىشى كېرەك.
7. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۇگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىشى، توغرا تەپپۇز قىلالمىدىم دەپ گۇمانى قاراشتا بولماي، تارتىنماي سۆز مەشقى قىلىشى، ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى دەرسلىك كىتابتىن ئەمەلىي تۇرمۇشقا يۆتكەپ، دەرس مەزمۇنىدىكى مەلۇم شەيئى، نەرسە، ئادەم ۋە ھادىسىلەرنى ئۆگەنگەن مەزمۇنىغا تەتبىقلاپ بايان قىلىشى، دەرس مەزمۇنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىشى، ھەر خىل كۇرۇس ۋە پائالىيەتلەر، خەنزۇ تىلىدا دېكلاماتسىيە مۇسابىقىلىرى، خەنزۇ تىلى زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك.
خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر يەنە ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۈنئالغۇ، VCD،DVD پلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، سۆز قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بۇ، خەنزۇ تىلى نۇتۇق قابىليىتىنى يۇقىرى ئۆتۈرۇشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، خەنزۇ تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشقا، گرامماتىكىلق ئۇقۇملارنى بىلىۋىلىشقىمۇ ياردىمى بولىدۇ.
<< يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە | باش بەت | ئوقۇغۇچىلاردا رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك >>