• 2009-01-30

    بالىلار تەربىيىسىگىمۇ مەبلەغ سېلىش كېرەك - [تاللانما ماقالىلار]

     

    بالىلار تەربىيىسىگىمۇ مەبلەغ سېلىش كېرەك

    تۇرسۇنئاي قۇناخۇن

       يېقىندا ئىقتىسادىي ئەھۋالى خېلى ياخشى بىر دوستۇم بىلەن بالىلار تەربىيىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىلەن ھېلىقى دوستۇمنىڭ بالىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن بالىدىن: ‹‹ئائىلەڭلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممە شارائىتىڭ تولۇق تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايسەن؟›› دەپ سورىدىم. بالا: ‹‹ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، دادام يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ تىجارەت قىلىدۇ، بانكىدا خېلى پۇلىمىز بار، لېكىن دادام تەربىيىلىنىشىمگە پەقەت پۇل سەرپ قىلمايدۇ، ئاددىيسى، يىلبويى بىرەر كىتاب ئېلىپ بەرمەيدۇ، گېزىت – ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا ئۇنىمايدۇ، ھەتتا مەۋسۇمدە بىر قېتىم تاپشۇرىدىغان كىتاب پۇلىنىمۇ ۋاقتىدا بەرمەيدۇ، ئۆيدە قولىمىزغا كىتاب ئالغىنىمىزنى كۆرگەن ھامان ئاچچىقلاپ كېتىدۇ، دائىم مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداق جاپا تارتقان، مۇنداق ئىشلىگەن، سەنلەر بولساڭ ياخشى ئوقۇشمىدىڭ، نەتىجەڭ تۆۋەن، مېنىڭ تىكلىگەن ئىگىلىكىم سەنلەرنىڭ قولىدا ۋەيران يولىدىغان بولدى، دەپ قاقشايدۇ، ئەمما ئۆزى بىزنىڭ تەربىيىلىنىشىمىزگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ... ›› دېدى. ئويلاپ باقسام، دوستۇمنىڭ قاقشىشىدىن بالىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ۋەزىنى ئېغىردەك قىلىدۇ. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار دائىم بالىلارغا بولغان تەربىيىنى  ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى پۇلغا كۆندۈرۈپ قويمايلى دېگەنگە ئوخشاش تەشەببۇسلارنى قوللىنىدۇ – يۇ، لېكىن بالىلار تەربىيىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشمايدۇ، ھازىرقى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، بالىلارغا ئاغزاكى نەزەرىيە تەربىيىسى ئىشلەشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ھازىرقى بازار ئىگىلىكى، رىقابەت دەۋرىدە، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئىش پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتىدۇ. بالىلارغا كىتاب، ماتېرىيال ئېلىپ بەرمىسەك، كىنو، تېلېۋىزور كۆرۈشكە يول قويمىساق، تەنتەربىيە، چېنىقىش مەيدانلىرىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلمىساق، كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئىلغار تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرمىساق، ئۇ ھالدا بالىلاردا مەنىۋى جەھەتتە قۇرغاقلىشىش، ماددىي جەھەتتە يېتىمسىرەش، ئۈمىدسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە مەبلەغ سېلىش بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەندە بالىلارنىڭ ھەرخىل، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە مەلۇم ھۈنەر – سەنئەت ئۆگىنىشكە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش لازىم. ھازىر پۇلى بار بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ بەدەل تۆلەش ھېسابىغا بالىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. چەت ئەللەرگە چىقىرىپ تەربىيىلەۋاتىدۇ، بۇ ياخشى ئەھۋال. بۇنى قوللاش، تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پۇلى بولسىمۇ بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بەزى ئاتا – ئانىلار بالا تەربىيىسىگە ئەقلىي كۈچ سەرپ قىلساقلا بولىدۇ، مەخسۇس ئىقتىساد ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، بەزى ئاتا – ئانىلار بولسا بالىلارنى مۇستەقىل ھالدا ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلساق بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تۇرمۇشتا ئازراق جاپا تارتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە پۇلنى بالىلارنىڭ قولىغىلا بېرىپ، بالىلىرىنى بەدخەج قىلىپ قويۇۋاتىدۇ، مېنىڭچە، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېسىل كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرىغا، توي، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىغا، سەيلە – ساياھەتكە، ئويۇن – تاماشىغا سالغان ئىقتىسادىي مەبلەغنى بالىلار تەربىيىسىگە سالغىنى تۈزۈك.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.