-
2009-01-28
ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىلىرى - [مائارىپ تارىخى]
كەنجە قۇم (كەنجە باي ئوبۇلشاھ ئوبۇل بەشىر ) 1844-يىلى ئاتۇش ئېھساقتا تۇغۇلغان. 1862-يىلى ئىلىغا چىققان. كېيىنچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ روناق تاپقان . جامائەت ئىچىدىكى دەۋا ئىشلىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا بەلگىلىك ئىقتىدارى بولغاچقا، خەلق ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ چاغلاردا غۇلجا شەھىرىدىكى ساينىڭ غەرب تەرىپى شىۋاقلىق بوز يەر بولۇپ، ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشمىغان. كەنجە قۇم ئادەم تەشكىللەپ، ئۆستەڭ چېپىپ، ساي سۈيىنى ھازىرقى ئۈچ دەرۋازىغا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر تەدرىجىي كۆچۈپ كېلىپ مەھەللىلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان. 1895-يىلى مەھەللە جامائىتى كەنجە قۇمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا بىر مەسچىت سالغان. 1903-يىلى مەسچىت يېنىغا 2 سىنىپ سېلىپ، بالا ئوقۇتقان. بۇ سىنىپ ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. كەنجە قۇم 1919-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
历史上的今天:
پىئونېرلار خىزمەت خۇلاسىسى 2009-01-28پىئونىرلار خىزمەت پىلان 2009-01-28ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئوچمەس يۇلتۇزلار 2009-01-28ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى 2009-01-28