• 2009-01-28

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى - [مائارىپ تارىخى]

    ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ( ئابدۇللا تالىپ)
    1 - باب


    مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى
    "ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۇلۇك كاتەگرىيە" (ۋ. ئى. لەنىن) بولغىنى ئۇچۇن، تەلىم - تەربىيە تارىھى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىلا باشلانغان. بۇ "ئىپتىدائىي مائارىپ" باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئوز پەرزەنتلىرىگە، تەجرىبىلىك ئۇستىلار شاگىرتلىرىغا پەشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئوگىتىلىدىغان دەرس تۇرلىرى بولسا قۇرال - سايمانلارنى ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يىغىش، ئوي قۇشلىرىنى ئوگىتىش ئۇسۇلى، يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىش ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۇرگۇزۇلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالىلار دەرشانا ئىدى.
    كەيىنرەك، ئىشلەپچىقىرىش پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئەشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى، كەسىپ تۇرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇلدارلىق تۇزۇم، دولەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى.
    مۇشۇ ئوبيەكتىپ مەۋجۇدىيەت يەزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۇرتكە بولدى.
    يەزىق (ھەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمقى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) ھەتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالەندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كەيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىھى باشلاندى.
    مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يەزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. "مەكتەپ" دەگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دەرەك بەرىدۇ.
    دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس (تھەبەس) دەگەن يەرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - "ئوقۇتۇش ئورگىنى" دەپ ئاتىلاتتى.
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئەسسىنىڭ ۋەزىرى پىتاھ ھۇتىپ تەرىپىدىن يەزىلغان "سەبۇيەت" ۋە "ئەھلاقنامە" ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بەكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بابىلۇندا پادىشاھ ئاشۇربانپالنىڭ ئوردا كۇتۇپھانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ جىلد كىتاب ساقلانغان.
    لەكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كوپلەپ يەزىلىشى ھەرپلىك ھەت ئىجاد قىلىنغاندىن كەيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمقى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئەلىپبە" (1) كىتابىنى تۇزۇپ چىقتى.
    قەدىمقى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۇرتكىسىدە، قەدىمقى يۇناندا تۇنجى پەداگوگ ئورگىنى ئەپىب (ئەپىب) قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يەتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى.
    بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، "ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كەيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پەداگوگ" دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يەتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يەتەكلەش" دەگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يەتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دەداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرەك تىلىدا بۇ سوز دەداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دەگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۇزۇمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پەداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئەنىق ئايرىلدى.
    ئۇزۇن ئوتمەي، قەدىمقى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يەتىشىپ چىقىپ، مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كوتۇرۇلدى. ئۇلارنى كىشىلەر سوپىست ("ئىلىم گۇرۇھى") دەپ ئاتاپ، بەك ھورمەت بىلەن تىلغا ئەلىشىدىغان بولدى.
    ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىق (ئاراتۇر) لاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۇرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىمىقى يۇناندا ئارقا ئارقىدىن ئاكادەمىيە (2) ۋە ئىنىستىتۇتلار (3) قۇرۇلدى. مائارىپ تارىھىدا بۇ دەۋر "كلاسسىك مائارىپ دەۋرى" دەپ ئاتىلىدۇ.
    كلاسسىك مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا يەتتە ھىل دەرس: گرەك - لاتىن تىلى، ناتىقلىق نەزەرىيىسى، دەئالەكتىكا، ماتەماتىكا، گەئومەترىيە، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكا كىرگۇزۇلگەن. بۇ "يەتتە سەنئەت" دەپ ئاتالغان.
    يۇقىرىدىكى يەتتە سەنئەت پروگراممىسى قاتارىغا كەيىنرەك يەنە تەنتەربىيە ماھارەت دەرسىمۇ قوشۇلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 - يىلى قەدىمقى يۇناننىڭ ئولۇمپىيە دەگەن يەرىدە تەسىس قىلىنغان ئولىمپىك (4) تەنتەربىيە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا زور تۇرتكە بولدى.
    كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پەداگوگلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك ۋەكىللىرى سوقرات (5)، پرۇتاگراس (6)، دەموكرىت (7) قاتارلىقلار تەلىم - تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۇرۇش سىستەمىلىق پەداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شوھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپەراتور ئىسكەندە زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان.
    ف. ئەنگەلس ئارىستوتەلنى قەدىمقى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن ھەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى" دەگەن. دەرۋەقە ئۇ، ئىلىم - پەننىڭ ھەممىلا ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە ئىنتايىن نۇرغۇن ئەسەر يازغان. ئارىستوتەل سىياسىي تۇزۇم ئۇستىدە 158 ھىل تەتقىقات ئەلىپ بارغان.
    ئارىستوتەل ئىلم - پەننى تۇنجى قەتىم ئۇچ چوڭ كاتەگورىيە (نەزەرىيىۋى بىلىم كاتەگورىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسى، ئىجادىيەت پەنى كاتەگورىيىسى) گە ئايرىپ چىققان. ئۇ ماتەماتىكا، لوگىكا، دىئالەكتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەرنى نەزەرىيىۋى بىلىم كاتەگورىيىسىگە؛ ئەھلاقشۇناسلىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىستراتەگىيەشۇناسلىق ئىلىملىرىنى ئەمەلىي ئىشلىنىدىغان پەنلەر كاتەگورىيىسىگە؛ شەئىر، مۇزىكا ۋە باشقا ھەممە سەنئەتنى ئىجادىيەت پەنلىرى كاتەگورىيىسىگە ئايرىغان.
    ئارىستوتەل - يەنە لوگىكا ئىلمىنى كەشىپ قىلغۇچى، دىئالەكتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى مائارىپ قامۇسى - ئەنسىكلوپەدىيىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئارىستوتەل ئەنسىكلوپەدىيىگە ئومۇمىي (ئىنسكلو) مائارىپ (پىدىيا) دەگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئەڭ مۇكەممەل تەرىپ بەرگەن.
    ئارىستوتەل ئوز قولى بىلەن تەسىس قىلغان "روكيان" ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ (پەداگوگىكا) نىشانىسى قىلىپ توۋەندىكى مەشھۇر تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    "... گراژدانلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپتىن ئەركىن بەھرىمەن قىلىش زورۇر، مائارىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ئەھلاقىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلالىشىغا ئۇيغۇن بولۇشى كەرەك...".
    بىراق، ئارىستوتەل ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە يەنىلا ئەينى زاماندىكى قۇلدارلىق تۇزۇمىنىڭ مۇتەپپەككۇرى ئىدى. ئۇ بۇ تارىھىي چەكلىمىدىن نەرىغا بوسۇپ ئوتۇپ كەتەلمىدى. ئۇ ئوزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دەگەن: "قۇللار پەقەت سوز قىلىشنىلا بىلىدىغان قورالدۇر...".
    ئەلىمىزنىڭ ھۇئاڭھە ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن ھەلىلا بۇرۇن ئەلىمىزدە مەشھۇر "جياگۇ" يەزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يەزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىغان يەزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ.
    "جياگۇ" يەزىقى ئەڭ قەدىمكى باسقۇچتا سوڭەك ۋە تاشپاقا قەپىغىلا يەزىلاتتى. ئۇنىڭغا پال تەبىرلىرى ھەم ياھشى - يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۇتۇلەتتى، بۇ يەزىق تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىنىشى ئارقىسىدا ھازىرقى جۇڭگو يەزىقى ۋۇجۇدتقا كەلگەن.
    قۇلدارلىق تۇزۇمىدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كۇڭفۇزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - 479 - يىللار) بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پەداگوگلىرىدىن بولۇپ يەتىشىپ چىققان.
    كۇڭفۇزىنىڭ زاماندىشى پەيلاسوپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئەلىمىزدە "مىن فۇ" ناملىق تۇنجى كۇتۇپھانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئوزى كۇتۇپھانا باشلىقى بولغان.
    كۇڭفۇزىنىڭ "مۇھاكىمە ۋە بايان" ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ھەلى كەڭ شەرھىلەنگەن. ئۇ "ھەم ئوگىنىش، ھەم ئويلىنىش كەرەك"، "ئوگىنىپ زەرىكمەسلىك، ئوگىتىپ ھارماسلىق" دەپ تەكىتلىگەن.
    كۇڭفۇزىنىڭ ئەھلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى "ۋاپادارلىق" بولۇپ، ئۇ "ۋاپانىڭ شەرتى مەھرىبانلىق" دەپ تەشەببۇس قىلاتتى، يەنە "ئوزۇڭ ھالىمىغاننى ئوزگىگە تاڭما" دەپ تەكىتلەيتتى.
    كۇڭفۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئەلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن "مەرىپەتنامە" ناملىق پەداگوگ رىسالىسى يەزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىھىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۇزۇمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مەتودىكا مەسىلىلىرى شەرھىلەنگەن.
    ئەلىمىزدە كەيىنرەك بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان، مەسىلەن: مىلادىنىڭ 1 - ئەسىردە (غەربىي ھەن سۇلالىسى دەۋرىدە) شوتاڭ (__) مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى "گوزىشو" (ھانلىق مەكتەپ) تەسىس قىلىنىپ، مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئەلىپ بەرىلغان.
    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كوپ دەرىجىدە گۇللەندى. دولەتلىك كۇتۇپھانىلار قۇرۇلدى. تەرە ۋە لاتا - پۇرۇشلاردىن يەڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۇكسەلدۇرۇشتە زور تۇرتكە بولۇش بىلەن بىللە غەربنىڭ مەتبەئە ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تۇرتكىلىك رول ئوينىدى.
    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مائارىپىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىنى ئۇچۇن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇركۇم - تۇركۇملەپ ئەلىمىزگە كەلىپ بىلىم ئەلىپ تۇردى.
    ئىزاھاتلار:
    (1) بۇ ئاتالغۇ فىنىكىلىقلارنىڭ "ئالپابەيت" سوزىدىن كەلىپ چىققان ئالپا ئوكۇز، بەئىت ئوي يەنى ئوكۇز قوتىنى دەگەن سوز. قەدىمقى فىنىكىلىقلار ئوكۇزنى "مۇقەددەس ھايۋان" دەپ ھەسابلايتتى. چۇنكى، ئوكۇز تىرىكچىلىكنىڭ تايانچىسى ئىدى.
    (2) ئاكادەمىيە يۇنانلىقلارنىڭ بىر مىللىي قەھرىماننىڭ نامى.
    (3) ئىنىستىتۇت گرەك تىلىدا "يەرىم كۇن ئىشلەپ، يەرىم كۇن بىلىم ئەلىش" دەگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا بىلىم ئەلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشتۇرۇلگەنىدى. ئىنىستىتۇتلار ھاۋالىق باغچىلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ستودەنتلار يەرىم كۇن ئوقۇپ، يەرىم كۇن ئەمگەك قىلاتتى.
    (4) ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى - يۇگۇرۇش، دەسكا ئەتىش، ئات بەيگىسى، چەلىشىش، رەسساملىق، شەئىر، دراما، ئوپەرا، مۇزىكا قاتارلىق مۇسابىقە تۇرلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى.
    (5) سوقرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 469 - 399 - يىللار) "بىلىم ۋە ئىھتىساس - ئىنساننىڭ ئەڭ يۇكسەك گۇزەل پەزىلىتى" دەگەن.
    (6) پىلاتۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 427 - 347 - يىللار) ئومۇر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 387 - يىلى ئافىنادا ئاكادەمىيە تەسىس قىلغان، "غايىۋى دولەت"، "بىلىم توغرىسىدا" قاتارلىق كوپ ئەسەرلەرنى يازغان.
    (7) پرۇتاگراس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 481 -411 - يىللار) ئاتاقلىق پەداگوگ، بىرىنچى قەتىم پەداگوگىكا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. "تالانت بىلەن ئوگىنىش ئوھشاش مۇھىم" دەپ تەكىتلىگەن.
    (8) دەموكرىت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460 - 370 - يىللار) ئەنسىكلوپەدىست ئالىم. 52 ھىل ئەسەر يازغان، "مائارىپ ئادەمنى ئوزگەرتەلەيدۇ" دەگەن.
    (9) تاران - ئەينى زاماندىكى ئالتۇن بىرلىكى.

    http://tarixtintamche.blogs.com/





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.